ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 05

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-14 17:37:08

ئىنسانلار تېخى يېقىنقى ئەسىرگىچە كۆزلىرىنى ساماغا تېكىپ، پايانسىز ھاۋا بوشلۇقىغا ھەيرانلىق بىلەن نەزەر سالماقتا ئىدى. بىردىنلا قىتئەلەرنى ۋە دېڭىزلارنى ئۇچۇپ ئۆتىدىغان ئايروپىلانلار ئىجاد قىلىنىپ، مانا ئەمدىلىكە ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالەم كېمىلىرى ئالماقتا.

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 05

    فارابلى جەۋھەر ۋە ھەزارفەن ئەھمەد چەلەبىي ھەققىدە

    (فارابلى جەۋھەر ۋە ھەزارفەن ئەھمەد چەلەبىي)

     

    ئىنسانلار تېخى يېقىنقى ئەسىرگىچە كۆزلىرىنى ساماغا تېكىپ، پايانسىز ھاۋا بوشلۇقىغا ھەيرانلىق بىلەن نەزەر سالماقتا ئىدى. بىردىنلا قىتئەلەرنى ۋە دېڭىزلارنى ئۇچۇپ ئۆتىدىغان ئايروپىلانلار ئىجاد قىلىنىپ، مانا ئەمدىلىكە ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالەم كېمىلىرى ئالماقتا. ئىنسانلار ئايغا چىقىپ، ھەتتا مارسقىمۇ ئالەم كېمىسىنى يوللىماقتا. بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە پىلانىتلار ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىش باشلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەسىرىمىزنىڭ بۇ كاتتا تەرەققىياتلىرى دەۋرىمىز ئىنسانلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان دەرىجىدە تېز ئىلگىرىلىمەكتە. ئىنسانلار ئەمدىلىكىتە ئىختىيارسىز ھالدا «ئەجىبا ئىنسانلارنىڭ ئاسماندا ئۇچالايدىغانلىق تەسەۋۋۇرى تۇنجى قېتىم زادى قەيەردىن كەلگەن؟ بۇ ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تارىختا زادى كىم تۇنجى سىناقنى ئېلىپ بارغان؟» دېگەنلەرنى ئويلىماي تۇرالمايدۇ.

    بۈگۈنكى ئانسېكلوپىدىيەلەردە بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش شەرىپىنىڭ ياۋروپالىق ئالىملارغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى يېزىلىدۇ. شۇڭا بەلكىم سىزمۇ ئاسماندا ئۇچالايدىغانلىق تەسەۋۋۇرىنىڭ دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك ئالىمىنىڭ ئىددىيىسىدە شەكىللەنگەنلىكىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

    شۇبھىسىزكى دەۋرىمىزدىكى ئايروپىلانلارنى ۋە ئالەم كېمىلىرىنى ئىشلەپچىقارغانلار غەبلىكلەردۇر. بىراق ئىنسانلارنىڭ ئىددىيىسىگە تۇنجى قېتىم ئۇچالايدىغانلىق تەسەۋۋۇرىنى يەرلەشتۈرۈش شەرىپى بولسا، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزغا مەنسۇپ. مانا بۇ تۆھپە فەرابلى جەۋھەرىنىڭ نامىنى مەڭگۈ ئۆلمەس ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى.

    فارابلى جەۋھەرى خوراسانلىق تۈرك بولۇپ، ئەرەب ۋە غەرب مەنبەلىرىدە ئۇنىڭ ئىسمى ئەبۇ نەسىر ئىسمائىل بىن ھۇمادۇل جەۋھەرى دەپ خاتىرلەنگەن. ئىسمىدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، جەۋھەرى خوساراننىڭ فاراب شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. فارابلى جەۋھەرى ئاتاقلىق پەيلاسوپ فارابىي بىلەن بىر شەھەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋاقىتى 10 ـ ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ، دەل تۈركلەر ئىسلامنى تېخى يېڭى ـ يېڭى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان دەۋر ئىدى. خوراساندا تۈرك مەدەنىيىتى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، جەۋھىرى تۇنجى تەلىم ـ تەربىيەسىنى چوڭ دادىسى ئىبراھىم فارابىيدىن ئالغان ئىدى. جەۋھىرى كېيىنچە فارابتىكى مەدرىسىلەردە ھەر خىل ئىلىملەرنى ئۆگەندى. چوڭ بولغاندىن كېيىن پەلسەپە، دىن، ئەدەبىيات، بولۇپمۇ تىل ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللاندى. دەسلەپتە ئىرانغا بېرىپ ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن تونۇشتى. ئاندىن ئىراققا كەتتى ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئىلغار ئالىملىرىدىن پايدىلاندى. ئۇلار بىلەن تەسەۋۋۇپ ۋە ھەر خىل دىنىي تېمىلار ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى. ئاندىن شامغا ۋە ئۇ يەردىن مىسىرغا باردى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئەرەبىستان چۆللىرىدە ياشايدىغان بارلىق ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ يەرلىك تىل ، شىۋېلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇلار ئىشلىتىدىغان پۈتۈن لۈغەتلەرنى توپلاپ چىقتى.

    ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خۇشخەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئىدى. ئاخىرىدا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ كاتتا خەتتاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەرەب قەبىلىلىرىدىن توپلىغان سۆزلۈكلەر بىلەن «ساھاھۇل جەۋھىرى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقتى. ئەسىرىنىڭ بېشىغا «ئەرەبلەر ئۆز تىلىنى بىر تۈركتىن ئۆگەنسۇن، دەپ بۇ كىتابنى يازدىم» دېگەن سۆزلەرنى يازغان ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ كىتاب ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ لۇغەت كىتابىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. لۇغات ساھەسىدە فىيروز ئابادىينىڭ ئەسىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە تۇرىدىغان بىردىن بىر كىتاب دەل جەۋھەرىنىڭ «ساھاھۇل جەۋھىرى» ناملىق ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر تۈركچە ۋە پارىسچىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. تۈرك تىلىدىكى تەرجىمىسى دەسلەپتە پىر مۇھەممەد تەرىپىدىن، كېيىن ۋانى ئەپەندى تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلدى. لالە دەۋرىدە قۇرۇلغان تۇنجى مەتبەدە بېسىپ چىقىلغان كىتاب دەل «ۋانكۇلۇ لۇغاتى»ناملىق ئەنە شۇ تەرجىمە ئەسەر بولغان ئىدى.

    ********************************************

    فارابلى جەۋھەرى بۇ ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللارغىچە ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا ياشىغاندىن كېيىن نىشاپۇر شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردىكى ئۇلۇ جامىدە دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. قىسقىغىنە ۋاقت ئىچىدە ئۇنىڭ ئەتراپىنى يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇراپ ئولتۇرىدىغان بولدى. ئۇلارغا خۇشخەت، ئەدەبىيات، تىل دەرسى ئۆتەتتى. ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆز قولى بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان خۇشخەتلىك قوليازما قۇرئان كەرىملەرنى سېتىش ئارقىلىق قامدايتتى. بۇ بارلىق خىزمەتلىرى جەريانىدا ئىنساننىڭ ئاسماندا ئۇچالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چارە ئىزدەش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزدى. دەرس بېرىپ بولغاندىن كېيىن ھوجرىسىغا كېرىپ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆزۇن ـ ئۇزۇن ئويلىناتتى. ئاخىرىدا بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر تۈركۈم قاناتلارنى ياساپ چىقتى. دەسلەپتە ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر قانچە قېتىم سىناق ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە سوغا قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن خەۋپلىك بىر ئىشنى قىلماقچى بولدى. ئۆزى تەييارلىغان قاناتلارنى ئېلىپ، نىشاپۇردىكى ئۇلۇ جامەنىڭ گۈمبىزىگە چىقتى. ئۇستازىنى گۈمبەزنىڭ ئۈستىدە كۆرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسى جامەنىڭ ھويلىسىغا توپلاشتى. جەۋھىرىنىڭ يېنىدا بىر قانچە بارچە تاختا، تانا ۋە قاناتلار تۇراتتى. ھەممەيلەن ھەيرانلىق ئىچىدە جامەنىڭ گومبىزىگە تېكىلىپ قارىماقتا ئىدى. ئۇ ئەل ـ جامائەتكە خىتاب قىلىپ، «ئى خالايىق! مەن بۇ دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەسەرنى ئىجاد قىلدىم. مەن ھازىر كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر ئىلمىي قاراشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ سىناق قىلماقچى. مۇنداق بىر قاراشنى ۋە سىناقنى مەندىن ئىلگىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھېچ كىشىگە نىسىپ بولمىغان ئىدى» دېدى ۋە يېنىدىكى قاناتلارنى قولىغا باغلاپ بولغاندىن كېيىن، «مەن ئاسماندا ئۇچىمەن» دېگىنىچە ئۆزىنى تۆۋەنگە ئاتتى. ئۇ جامەنىڭ گۈمبىزىدىن ھاۋاغا ئۆرلەپ ئۇچۇشقا باشلىدى. نىشاپۇر خەلقى چوڭقۇر ھەيرانلىق ئىچىدە كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان جەۋھەرىنى تاماشا قىلماقتا ئىدى.

    دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۆكتە پەرۋاز قىلغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئايروپىلانىنى ئىجاد قىلغان فارابلى جەۋھەرى ھاۋادا خېلى ئۇزۇنغىچە پەرۋاز قىلغاندىن كېيىن يەرگە قونماقچى بولدى. ئەمما نەتىجە قازىنالمىدى. خېلىي ئۇزۇنغىچە ھاۋادا پەرۋاز قىلغاندىن كېيىن بىردىنلا توختاپ تېز سۈرئەت بىلەن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن جەۋھەرى ھاياتىنى تەقدىم قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ، تۇنجى قېتىم ئىنسانىيەتكە كۆكتە پەرۋاز قىلىشنى تەجرىبە قىلدۇرغان كىشىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان بۇ ئۇچۇش 1002 ـ يىلى ئەمەلىيلەشكەن ئىدى.

    *******************************************

    ئاسماندا ئۇچۇشنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق سىنېقىنىمۇ 1159 ـ يىلى ئىستانبۇلدا بىر تۈرك ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئىدى. تۈرك ھۆكۈمدارلىرىدىن قىلىچ ئارسلانخاننى ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئىستانبۇلغا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئىمپېراتور قىلىچ ئارسلانخاننىڭ شەرىپىگە ئىستانبۇل بەيگە مەيدانىدا ئالاھىدە مۇراسىم ئورۇنلاشتۇردى. ۋىزانتىيەلىكلەر مەيداندا قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا قىلىچ ئارسلانخان بىلەن بىرگە كەلگەن بىر تۈرك كىشى بەيگە مەيدانىدىكى تىك تاشنىڭ ئۈستىدىن ھاۋاغا ئۇچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇستىگە ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە كەڭ ئاق رەڭلىك خالات كېيىم كېيىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ كېيىمى خۇددى پاراشوتقا ئوخشاش ھاۋاغا ئېچىلاتتى. ئۇ كىشى راستىنلا بىر دەم ئىچىدە ھاۋاغا ئۆرلىدى. ئەمما ئاسماندا خېلى ئۇزۇنغىچە پەرۋاز قىلغاندىن كېيىن بىردىنلا يەرگە چۈشۈپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. ۋىزانتىيەلىكلەر ئۇنى (Serakino) يەنى، شەرقلىق دەپ تارىخقا يازغان ئىدى. نام ـ ئاتىقى نامەلۇم بۇ تۈرك بەلكىم دۇنيادىكى تۇنجى پاراشوتچى بولسا كېرەك.

    تۈركلەرنىڭ 11 ـ ۋە 12 ـ ئەسىرلەردە ئېلىپ بارغان ئۇچۇش تەجرىبىلىرىدىن توپتوغرا 60 يىل كېيىن ۋېنېدىكتىكى رەقىبلەردىن ئولىۋىيە مالسبورى بەدىنىگە بىر تۈركۈم قاناتلارنى تېڭىپ، ئېگىز مۇناردىن ئۆزىنى ئاتتى. ئەمما ئۇمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمىدى. شۇنىڭدىن بىر مەزگىل كېيىن، «ئالار» ۋە «بېنيە» ئىسىملىك ئىككى فىرانسوزمۇ ئۇچۇشنى سىناق قىلىپ باقتى. ئېندولۇسلۇق ئىبنى فەرخاسمۇ قانات تاقاپ ئۇچۇشنى سىناق قىلدى.

    ئەۋلىيا چەلىبىينىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا كۆرە، ئوسمان ئىمپېرىيەسى پادىشاھى 4 ـ مۇراتنىڭ دەۋرىدە يەنى 17 ـ ئەسىردە ھەزارفەن ئەھمەد چەلەبىي ئىسىملىك بىر كىشى ئوق مەيدانىدىكى بىر مۇناردىن ھاۋاغا ئۆرلىگەن. ئۈستىگە باغلىغان بۈركۈت قاناتلىرى بىلەن 9 قېتىم ھاۋادا ئۇچۇش مەشقى ئېلىپ بارغان. بىر كۈنى سۇلتان مۇرات سارايبۇرنۇدىكى سىنانپاشا سارىيىدا دېڭىز مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ھەزارفەن ئەھمەد چەلەبىي دېگەن كىشى گالا مۇنارى ئۈستىدىن قاناتلىرىنىڭ يارىمى بىلەن ئۇچقانچە ئۇسكۇداردىكى دوغانچىلار مەيدانىغا كېلىپ قوندى. بۇ كاتتا ئۇتۇقنى كۆرگەن سۇلتان مۇرات دەسلەپتە ئۇنىڭغا بىر تاۋاق ئالتۇق ئاقچا مۇكاپات بەردى. ئەمما كېيىنچە بۇ ئادەمدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكىلەر سۇلتان مۇراتقا «بۇ ئادەم ناھايىتى خەتەرلىك، ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. ياخشىسى ئۇنى يىراقلاشتۇرۇش لازىم» دەپ تەكلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان مۇرات ھەزارفەن ئەھمەد چەلەبىينى ئالجىرىيەگە سۈرگۈن قىلدى.

    *************************************************

    يەنە بىر قېتىم سۇلتان مۇراتنىڭ قىزى كايا سۇلتاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى كىچىسى ئىستانبۇلدا ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇ كېچىسى لاغارى ھەسەن چەلەبىي ئىسىملىك بىر كىشى ئۈستىگە تاقىۋالغان قاناتلارنىڭ يارىدىمى بىلەن ئۆزىنى ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى. ئىستانبۇل بۇغۇزۇنىڭ ئۈستىدە خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇچقاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ قوندى ۋە دەرھال يەرنى سۆيۈپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن ھالدا «پادىشاھ ھەزرەتلىرىگە ھەزرەتى ئەيسانىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلدىم» دەپ چاخچاق قىلدى. پادىشاھ ئۇنى بىر قاچا ئاقچا ئالتون بىلەن مۇكاپاتلىدى.

    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ بارلىق تارىخىي مەلۇماتلار بىزگە دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئاسماندا ئۇچۇشتا تۈركلەرنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىلەيدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئۇچقان كىشىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئايرۇپىلاننىڭ ئاتىسى» دېسەكمۇ بولىدىغان فارابلى جەۋرھىرىگە چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.

    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك بۇزرۇكۋارلىرى ئىچىدە شۇ قەدەر كاتا كىشىلەر باركى، گەرچە شەرق ئۇلارنى تازا ياخشى بىلمىسىمۇ، غەربلىكلەر ئۇلارغا تېگىشلىك ھۆرمەتنى كۆرسەتكەن. سەفىيۇددىن رۇمەلىي دەل ئەنە شۇنداق كىشىلەردىن بىرىدۇر. تۈرك مۇزىكا تارىخىدا ئۆچمەس ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان سەفىيۇددىننى غەرب مۇتەخەسسىسلىرى « سەفىيۇددىن ئۇرمەۋى» دەپ ئاتايتتى. ئۇ 13 ـ ئەسىردە يېتىشكەن كاتتا تۈرك مۇزىكا ئۇستازلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كېلەر ھەپتە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاڭلايسىلەر.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.