تىلەمچىلەر روھىدىن ئۆگىنەيلى

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 16:16:08

چوڭ شەھەرلەردە تىلەمچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار يامان ئەمەس تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. سېلىنما-ھاسىلات ئەندىزىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىلەمچىلىك خىزمىتى خېلى ياخشى.

    تىلەمچىلەر روھىدىن ئۆگىنەيلى
    يۈەن يۆ
    ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى
    چوڭ شەھەرلەردە تىلەمچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار يامان ئەمەس تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. سېلىنما-ھاسىلات ئەندىزىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىلەمچىلىك خىزمىتى خېلى ياخشى. ئۈنۈم-باشقۇرۇش ئەندىزىسى جەھەتتە تىلەمچىلىك خىزمىتى نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. بىر ئاددىي تىلەمچى بولۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت سەۋىيە كەتمەيدۇ، سەت-چىرايلىق دېمەيدۇ، لېكىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 8000-9000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
    تىلەمچىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچ تۈرلۈك ئۇسۇل ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن.
    بىرىنچى، نىشان ئاددىي ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك. پۇللا تەلەپ قىلىش، تاماق بەرسە ئالماسلىق، ئۆيىگە تەكلىپ قىلسا بارماسلىق، يىغىۋېلىش ئورنىدا تۇرماسلىق، چوقۇم پۇل ئېلىش، يەنە كېلىپ نەق پۇل ئېلىش. چۈنكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ئازدۇر-كۆپتۇر نەق پۇل بارلىقىنى بىلىدۇ، مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئاشۇ پۇلنى ئۆزىگە بېرىشى.
    ئىككىنچى، قايتىلاشقا بولىدىغان ئېنىق سەۋەب بولۇشى كېرەك. ئالايلۇق، ئۆيگە قايتىدىغانغا پۇل يوق، ئوقۇشقا پۇل يوق، يۇرتۇمدا ئاپەت يۈز بەردى، تاماق يەيدىغانغا پۇل يوق ياكى بولمىسا ئۆيدىكىلەر ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولدى...
    ئۈچىنچى، قەتئىي بوشاشماي تىلەش كېرەك. تىلەمچىلەر بىر ئادەمدىن ئۈچ قېتىملا پۇل تىلىسە، ئۇ ئادەم تۇرالماي كېلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر پۇل بېرىش ئارقىلىق بۇ خىل بېسىمنى يوق قىلىدۇ. تىلەمچىلەر شۇ ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتىدۇ.
    مال ساتقۇچىلار مۇنداق بىر تەجرىبىگە ئىگە-باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرغىچە بەرداشلىق بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە ئارقىلىق باشقىلارنى يەڭگىلى ۋە ئۇلاردا بېسىم پەيدا قىلىغى بولىدۇ. لېكىن، ئارىمىزدىكى كۆپ سانلىق ئادەملەرنىڭ ئىرادىسى ئاجىز بولۇپ، يېرىم يولدىلا توختاپ قالىدۇ. شۇڭا، نىشان-غەيرىتى يوق، ئىرادىسى ئاجىز ياشلار گەرچە تولۇق كۇرس دىپلومىغا ئىگە بولسىمۇ، پەقەت قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىنىڭ پۇلىنى تاپىدۇ.
    بىر ياخشى مال ساتقۇچى، بىر ياخشى مەمۇرىي خادىم مەيلى ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىدا بولسۇن، ياكى خەلقئارالىق مۇنبەرنىڭ نەق مەيدانىدا بولسۇن، ياكى ناھايىتى ئازادە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا بولسۇن ۋە ياكى زېرىكىشلىك سەپەر ئۈستىدە بولسۇن، مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك ئۇسۇلنى قوللانغاندىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى، ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىلەمچىلەرنىڭ قانداق قىلغىنىنى ياخشى ئويلاشمىساق بولمايدۇ. (تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىدىن سانىدىن ئېلىندى)

    \
    ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىلەمچىلەر