تۇرمۇشتىكى ياڭاق

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-10 16:29:58

شۇنداق، ئەگەر سىز كۈن بويى ئالدىراشلا يۈرىدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئالدى بىلەن ھاياتتىكى ياڭىقىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت قاچىسىغا قانداق سېلىشنى ئالدى بىلەن ئويلاڭ، بۇ يەردە ياڭاق بىلەن گۈرۈچنى پەرقلەندۈرۈش ھەققىدىكى تەپەككۇرمۇ بولسۇن، چۈنكى ئادەم ئۆز ياڭىق

     
    تۇرمۇشتىكى ياڭاق
     
    كۈن بويى ئايىغى تىنماي ئىشلەيدىغان بىر بالا راھىب بولغانىكەن، بىر كۈنى ئىچى سىقىلغان ھالدا  راھىب كالاندىن سوراپتۇ:
    -شۇنچىلىك ئالدىراش ئىشلەپ ھېرىپ كېتىمەن، يەنى نىمىشقا نەتىجىنى كۆرەلمەيمەن؟
    راھىب كالان جاۋاپ بېرىشكە ئالدىرماي، چوڭ بىر چىنىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئۇنىڭغا ئون نەچچە تال ياڭاق ساپتۇ، چىنە توشۇپتۇ.
    -بۇ چىنىگە يەنە ياڭاق سېلىشقا بولامدۇ؟-سوراپتۇ راھىب كالان بالا راھىبتىن.
    -ئەمدى قاچىلىغىلى بولمايدۇ،-دەپتۇ بالا راھىب، بىراق راھىپ كالان بىر سىقىم گۈرۈچنى ئېلىپ چىنىگە سالغان ئىكەن، گۈرۈچ ياڭاقلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كېتىپتۇ، بۇ ھالنى كۆرگەن بالا راھىب يەنىلا چۈشەنمىگەندەك قاراپ تۇرىۋېرىپتۇ. راھىب كالان بىر ساپلىق سۇنى ئېلىپ چىنىگە ئاستا-ئاستا قۇيغانىكەن، سۇ گۈرۈچلەرنىڭ ئارا-ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ چىنىنى لىپمۇلىق تولدۇرۇپتۇ.
    -ئەمدى چۈشەندىڭمۇ؟-دەپ سوراپتۇ ئۇ بالا راھىبتىن.
    -پەقەت ئازراقلا سىقساق، ھەر قانداق ئىشقا ۋاقىت چىقىدۇ، دېمەكچىمۇ ئۇستاز سىلى؟-دەپتۇ بالا راھىب، راھىب كالان بېشىنى چايقىغان ھالدا يەنە بىر چىنىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئۇنۇڭغا سۇ قۇيۇپتۇ، ئاندىن بىر سىقىم گۈرۈچ سالغانىكەن، سۇ سىرتقا ساقىشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ بالا راھىبقا مۇنداق دەپتۇ:
    -ئەگەر سېنىڭ ھاياتىڭ بىر چىنە بولسا، ئۇ قاچىغا مۇشۇنداق سۇ ۋە گۈرۈچچىلىك ئىشلار تولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ياڭىقىڭنى بۇ قاچىغا قانداقم سالغىلى بولىدۇ؟
    شۇنداق، ئەگەر سىز كۈن بويى ئالدىراشلا يۈرىدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئالدى بىلەن ھاياتتىكى ياڭىقىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت قاچىسىغا قانداق سېلىشنى ئالدى بىلەن ئويلاڭ، بۇ يەردە ياڭاق بىلەن گۈرۈچنى پەرقلەندۈرۈش ھەققىدىكى  تەپەككۇرمۇ بولسۇن، چۈنكى ئادەم ئۆز ياڭىقىنىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلالىسا، ئۇنداقتا تۇرمۇش بەكلا ئاددىيلىشىپ كېتىدۇ.
    ئەخمەتجان تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.