بىن تاغىنىڭ ھېكايىسى

يوللىغۇچى : yaz يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-30 00:27:00

بىن تاغىنىڭ ھېكايىسى چىنۇئا ئاچىبى (ئالجىرىيە) مىلادى 1919 يىلى مەن ئۇرۇمىدىكى نىل شېركىتىدە ئىشلەۋاتقان ياش خىزمەتچى ئىدى، ئەينى يىللاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى ھازىرقى چوڭ باشلىقلاردەك بول...

    بىن تاغىنىڭ ھېكايىسى

     چىنۇئا ئاچىبى (ئالجىرىيە)

              مىلادى 1919 يىلى مەن ئۇرۇمىدىكى نىل شېركىتىدە ئىشلەۋاتقان ياش خىزمەتچى ئىدى، ئەينى يىللاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى ھازىرقى چوڭ باشلىقلاردەك بولۇپ، مائاشىم 2 فونىت سىتىرلىڭ، 10 شىللىڭ ئىدى. سىلەر بۇ پۇلنى ئاز كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، لېكىن ئۇ پۇل ھازىرقى 50 فۇنىد سىتىرلىڭغا تەڭ، شۇ چاغلاردا، بىر چوڭ تاغ ئۆچكىسىنى تۆت شىللىڭغا ئالغىلى بولاتتى. ئىسىمدە قېلىشىچە شېركەتتىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن خىزمەتچى سالودىن كەلگەن، مائاشى 10 فونىد سىتىرلىڭ، 13 شىللىڭ 4 پېنىس ئىدى. ئۇنى باش نازارەتچىدەك كۆرەتتۇق. بارلىق ئالغا ئىنتىلىدىغان ياشلارغا ئوخشاش، مەنمۇ ئافىرىقا كۇلۇبىغا كىرىپ، تور توپ، سۇقما توپ ئويناپ، ياۋرۇپا كۇلۇبىدىكىلەر بىلەن مۇسابىقىلىشەتتۇق. لېكىن مەن بۇ ئۇيۇنلارغا ئانچە قىزىقمايتتىم،قىزىقىدىغىنىم بولسا، شەنبە كۈنى كەچتىكى تانسا كىچىلىكى بولۇپ، قىزلار ناھايىتى كۆپ كىلەتتى. مېنىڭ يىڭى، داڭلىق ماركىلىق ۋىلىسپىتىم بار بولۇپ، كىشىلەر مېنى شادىمان بىن دىيىشەتتى. مەن خۇددى تۇنۇردىن ھېلىلا قۇمۇرغان ناندەك قىزغىن ۋە شاد خورام ئىدىم. بىز ئۇ چاغدا ھاراق ئىچسەڭمۇ، قاقاقلاپ كۈلسەكمۇ، نىمىلا قىلساق بولىۋىرەتتى ئەمما كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مەسىت بولۇپ قالمىساقلا بولاتتى، دادام ماڭا، ھەققىي ئەركەك بىر كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇپ ئۇخلايدۇ دەپ ئۆگەتكەن. مەن بۇنى ئىسىمدە مەھكەم ساقلىدىم. شۇڭا سورۇنلاردا، باشقىلار مېنى ، شادىمان بىن شادىمان بىن دەپ توۋلىسىمۇ، مەن نىمىلا قىلسام كاللامدا سان بار ئىدى. ئۇرۇمىدىكى قىزلار بەك گۈزەل، ئەقىللىق ئىدى، شۇڭا بەكمۇ ئېھتىيات قىلمىسا بولمايتتى، شۇڭا مەن بىرەرسىگىمۇ ئۆيىمنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېيتىمىدىم ھەم ئۇلارنىڭ تامىقىمغا بىر نەرسە سېلىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، تامىقىنىمۇ يىمىدىم، شۇ يىللاردا مەن نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ قىزلار ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا مەن دادامنىڭ ئۈگۈتلىرىنى ئىسىمدە چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشمىدىم. لېكىن مارگارىت ئىسىملىق، ئىگىز، سېرىق تەنلىك، بېلىقچى قىز بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى. بىر شەنبە كۈنى ئەتتىگەندە، مەن سېغىز چاينىغاچ دېرىزىنىڭ تۈۋىدە فاتىفۇن ئاڭلاپ ئولتۇردۇم، كىشىلەر يېقىن ئەتراپتىكى چىركاۋغا كىرىپ كىتىۋاتاتتى. ئارىسىدا مارگارىتمۇ بار ئىدى، ئۇ مېنى كۆرگەندە مەن مۆكىۋىلىشقا ئامالسىز قالدىم.ئۇ چىركاۋدىن چىقىپ ماڭا دىن تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ماڭا خىلى جىق گەپ قىلىپ، كەتتى، شۇ كۈنى مەن كۇلۇبقا باردىم، ھازىر سىلەر ياشلارنىڭ مەن ھاراق كۆتۈرۈشلۈك دىگىنىڭلارنى ئاڭلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ، سىلەر ھاراق ئىچىشنى، قانداق ئىچىشنى ئەسلا بىلمەيسىلەر، بىرەر بۇتۇلكا پىۋا ياكى ۋىسكى ئىچىۋالساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئاسماندا كۆرىسىلەر. مەن ئەزەلدىن ئارلاشما ھاراق ئىچمەيمەن، ۋىسكى ئىچسەم بىر كۈن ۋىسكىلا ئىچىمەن، پىۋا ئىچسەم پۈتۈن كۈن پىۋا ئىچىمەن، ئۇ كۈنى مەن چەتئىۇ ھارىقى بىلەن بىر غاز كاۋىپى بۇيرۇتتۇم، ئۇ يىللاردا مەن ھاراق ئىچەتتىم، گىرمانىيەلىك بىر دوختۇر مېنى تەكشۈرۈپ ئۆپكىڭىز قازاننىڭ تىگىدەك قارىداپ كىتىپتۇ دىگەچكە تاماكا تاشلىدىم. مەن تاماكا چەككەچ، ھاراق بىلەن غاز كاۋىپىنى يىدىم، مەس بولمىدىم، ئاخىرى كىچە سائەت ئۈچلەردە ۋېلىسپىت بىلەن ئۆيگە قايتتىم.مېنىڭ لۇغىتىمدە مەست بولۇش دىگەن گەپ قەتئىي يوق ئىدى. ئۇ چاغدا بىزنىڭ شېركەتتىكى ھېلىقى ياشانغان خىزمەتچى رەخىت ئوغىرلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قېلىپ، تۇرمىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتاتتىم. شۇڭا شېركەتتىكى بىر كىچىك ئۆيدە تۇرىۋاتقان ئىدىم. بىر تۇتاش ئۆينىڭ ئىككى ئېغىزىدا مەن، ئىككى ئېغىزىدا دۇكاندار تۇراتتى. شۇ كۈنى ئۇلار دەم ئالغان بولغاچقا، ئۆيلەر قۇرۇق، مەندىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. مەن چوڭ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇنى ئەتتىم، ۋىلىسپىتىمنى بىر ياققا قويۇپ، ياتاق ئۆيگە كىردىم، ھېرىپ كەتكەنلىكىمدىن، چىراغنى ئۆچۈرۈشكىمۇ ھورۇنلۇق قىلدىم. كىيىملىرىمنى سېلىپ، ئۇرۇندۇققا ئارتتىمدە، ئۆزۈمنى كارۋاتقا ئاتتىم، توۋۋە قىلدىم، كارۋىتىمدا بىر قىز ياتاتتى، مەن مارگارىت بولغمىدى دەپ ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىپ، ئۇنى غىدىقلاشقا باشىدىم، ئۇ يالىڭاچ ياتاتتى، مەن يەنە ئۇنى غىدىقلاپ، قاچان كەلگەنلىكىنى سورىدىم، لېكىن ئۇ ئۈنچىقمىدى، مەن ئۇنى كۈلۈبقا ئاپارمىغانلىقىمدىن خاپا بوپ قالدى دەپ ئويلاپ،ئەپو سورىساممۇ گەپ قىلمىدى، مەن ئۇنىڭ سەل غەلىتىلىكىنى، قارىماققا 16-17 ياشلارغا كىرگەن قىز ئىكەنلىكىنى سىزىپ، كارۋاتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىدىم ، ئۇ جاۋاب بەرمىدى، مەن قۇرققىنىمدىن تىتىرەشكە باشلىدىم. ئۇ قىز ئۇرنىدىن تۇرۇپ، ئىككى قولىنى سوزۇپ، مېنى چاقىردى، مەن قاچساممۇ پۇتلىرىم يەنە كارۋات تەرەپكە كىتىۋاتاتتى، مەن بۇيسۇنمىغان پۇتلىرىمنى يۆتكىگەچ، ئۇنى تىللاشقا باشلىدىم، ئىچىمدە بولسا، ‹‹ كىم بولسا بولمامدۇ، جاجىسى 10 شىللىڭ، ئون پىنىس ›› دەپ ئويلىدىمدە ئۇنىڭغا : -بوپتۇ، مەن سېنى ئېغىز ئاچقۇزىمەن-دەپ ئۈستەلدىن سەرەڭگىنى ئىزدەشكە باشلىدىم، ئۇ مېنىڭ نىمە ئىزدەۋاتقانلىقىمنى بىلىپ : بىك، ئاپاكى، ئوكى-دىيىشكە باشلىدى. -ھەي، سىز ئاق تەنلىك ئەمەسما ؟ ئەمىسە سىز كىم؟ دىمىسىڭىز مەيلى، مەن سەرەڭگىنى ياقساملا بىلىۋالىمەن. –دە- قولۇمدىكى سەرەڭگىنى سىلكىپ، چاخچاق قىلمايۋاتقانلىقىمنى بىلدۈردۈم، دەل شۇ چاغدا مېنىڭ قۇسىقىم كۆپۈشكە باشلىدىم، بۇ چاغدا مەن ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنىڭ ناھايىتى تونۇشلىقىنى ھېس قىلدىم. -كارۋاتقا كېلىڭ، مەن سىزگە دەپ بىرەي. بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ ئىككىنچى قىتىم ئاۋازىنى ئاڭلىشىم ئىدى، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئاۋاز ئىنتايىن تونۇش ھەم سۇزۇك، تاتلىق بىر ئاۋاز ئىدى، ئېنىقكى ئۇ ئادەم ئالداۋاتاتتى، مەن سەرەڭگىنى ياقتىم. -ئۆتەنەي، ياقماڭ، - گېپىنى تۈگەتمەيلا مەن ساراڭدەك سىرتقا قاراپ ئېتىلىپ چىقىپ ئۇدۇلدىكى ماشۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى گۈمبۈرلىتىپ ئۇرغىلى باشلىدىم. -كىمۇ، -دەپ ۋاقىرىدى ئۇ، -ئىشىكنى ئاچ، تەڭرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىشىكنى ئاچقىن، تېز مەن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى ۋاقىراپ تۇرۇپ، دىدىم، لېكىن ئاۋازىم شامالدا ئۇچىۋاتقاندەك ئاڭلانمايتتى، ئىشىك قىيا ئېچىلىپ، بىرىنىڭ پىچاق تۇتقان قولى كۆرۈندى، مەن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتتىم. ئۇ : -تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي –دىدى. ئۇ كۈنى كەچ مەن ھەر يان دۇقۇرۇپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپتىمەن، ماشۇ بېشىمغا سۇغۇق سۇدىن بىر چۆمۈچ سەپكەنتى، سەگىپ ئاندىن ئۇنىڭغا نىمە ئىش بولغانلىقىنى دەپ بەردىم، لېكىن مەن ئۇ قىزنىڭ قانداقراق قىز ئىكەنلىكىنى دەپ بىرەلمىدىم. -مەن ئۇنىڭ قانداقراقلىقىنى كۆرەلمىدىم. -ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ -ھەئە، ئاڭلىدىم ھەتتا مەن ئۇنى غىدىقلىدىم ، -سېنىڭ ئۇنى قانداق قاچۇرۋەتكەنلىكىڭنى بىلمىدىم،-دىدى ماشۇ، مەنمۇ جاۋاب بىرەلمىدىم، لېكىن ماشۇنىڭ بۇ گېپى مېنى سەگىتىۋەتتى، مەن شۇئان نىل دەرياسى يېنىدىكى پىرىخۇن ئۇتانى ئىزلەپ بىرىش لازىملىقىنى بىلدىم، پىرىخۇن ئايال مېنىڭ سەرگۈزەشتەمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى چۆچۈپ كەتتى. -سىزگە بىر جىن ھەمراھ بولىۋىتىپتۇ، ھازىرچە مەن ئۇنىڭ قانداق جىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، سىز ئەڭ ياخشىسى كۆپ ئېھتىيات قىلىڭ. مەن ئۇ يەردىن ناھايىتى ئۈمىدسىز ھەم ۋەھىمىگە چۆمۈپ قايتتىم.  (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق