ھاياتلىقتىكى قىممەتلىك سۆزلەر

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-05 02:12:53

ھاياتلىقتىكى قىممەتلىك سۆزلەر ئادەم، « ئادەم»گە ئوخشاش بولۇشى، خۇددى ئىككى پۇتى يەرگە دەسسەپ تۇرغاندەك مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. كىشىكلەر بىلە ن قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندە، كۆپرەك تۇتۇپ تۇرۇڭ، چۈنك...

    ھاياتلىقتىكى  قىممەتلىك سۆزلەر

     

    ئادەم،  « ئادەم»گە ئوخشاش بولۇشى،  خۇددى  ئىككى پۇتى يەرگە دەسسەپ تۇرغاندەك مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك.

    كىشىكلەر بىلە ن قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندە،  كۆپرەك تۇتۇپ تۇرۇڭ،  چۈنكى سەمىمىيلىك ئەسلىدىمۇ بىر گۆھەر.

    باشقىلارنى تاللىغان ۋاقىتتا، سىزمۇ باشقىلارنىڭ تاللىشىغا  يول قويۇڭ، باشقىلارنى سىنىغان ۋاقتىڭىزدا، سىزمۇ باشقىلارغا سىزنى سېنىشىغا يول قويۇڭ. 

    كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرغانلىكى نەرسىنى ھەقىقىي رىئاللىق دېيىشكە بولمايدۇ.

    سەھنىدە  نومۇر ئۇرۇنلىغان  ھەر بىر ئارتىسلارغا  ئالقىش ياڭرىتىشمىز كېرەك.

    سەن ئۆزۈك پىكاپ ھەيدەپ تۇرۇپ،  ئالاھىتەن ۋېلسىپىت مېنىپ كېتىۋاتقان خىزمەتدىشىڭگە سالام قىلىپ يۈرمە،  باشقىلار چۈنكى سىزنى ئۆزنى كۆز-كۆز قىلدى دەپ قالىدۇ.

    بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق بولغان دوستىنى تاشلىۋەتكىنى،  ئۆزىنىڭ  قىممەتلىك ھاياتىنى تاشلىۋەتكەنلىكى بىلەن باراۋەر.

    تۈنۆگۈننى ئېنىق كۆرۈش،  بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش، خۇشال-ىۇشال ئەتىگە بېقىش كېرەك، تۈنۆگۈندىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىش،  بۈگۈندىن نەتىجە كۆرۈش، ئەتىگە ھەرىكەتلىنىش كېرەك.

    ياخشى ئادەم بىلەن غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈڭكى،  ئەسكى ئادەملەر بىلەن زىياپەتتە بولماڭ

    ئۆزۈڭنىڭ سەمىمىيلىكىگە شۇنچىلىك ئىشەنسەڭمۇ،  باشقىلارنىڭ ئالىيجاناپلىقىغا ئۇنىڭدىن بەكىرەك ئىشىنىشىڭ  كېرەك.

    ئادەتتە ئۆزىڭىزنى ئاقلايمەن دەپ يۈرمەڭ،  لېكىن بەزىبىر ئىدىيە،  بەزىبىر تاللاش،  بەزىبىر ھەق-ناھەقلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىڭىز كېرەك.

    ئۆتۈپ كەتكەن ئۆتمۈشىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كىشىگە بىلدۈرۈپ يۈرمەڭ.

    كۆپ سۆزلەش ئىناۋىتىڭىزنى تۆكۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئادەم كۆپ بولغان ئاممىي سورۇنلاردا ئاز سۆزلەڭ.

    بىر كىملەر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا باشقىلارنى يامان ەىپىنى قىلىپ قالسا، سىز پەقەت كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى.

    ياش ۋاقتىدا ئۆز بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئادەم، كېيىن چوقۇم شۇنداق بىخىل بولۇپ كېتىدۇ،  قېرىغان ۋاقىتلىرىدا  قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان دۇنياخور بولۇپ كېتىدۇ.

    ئەگەر بىز بىراۋ بىلەن دوست بولماقچى بولساق،  ئۇنداقتا ئاۋۋال باشقىلار ئۈچۈن ئازىراق ئىش قىلىشمىز كېرەك، ئۇنىڭغا ئازىراق ۋاقىت،  كۈچ- غەمخورلۇق، تەقدىم قېلىش  دېگەنلەر بولغاندا  بولىدىغان ئىش.

    يوشۇن يەردە  دوستۇڭغا نەسىھەت ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىن،  لېكىن  چوڭ ئاممىي سورۇنلاردا  چوقۇم ئۇنى ماختىغىن، تەرىپلىگىن.

    مەڭگۈ سەرقانداق بىر  ئادەمگە ھەم سېنىڭ بىلەن  ئەڭ ياخشى ئۆتمەيدىغان ئادىمىڭگىمۇ چېتىلىپ قالمىغىن.  سەن ئۆزۈڭنىڭ جىدىلىنى ئويناۋەرگىن، مەن ئۆزۈمنىڭ خىزمىتى بىلەن ھەلەك بولاي.

    ئۆزۈڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەمنى ھۆرمەت قىلىش، پەلەكتە دەۋازچىلىقتا ماڭغانغا ئوخشاش بەرداشلىق بېرىش كېرەك.

    ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ھەر بىر كۆرسەتكۈچ بەلگىسى بۇ «باشلىنىش نۇقتىسى» دېگەن سۆز يېزىلغان بولىدۇ.

    ئۆزنى تەنقىدلەش كىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، ئۆزنى ماختاش لېكىن ئۇنداق ئەمەس.

    باشقىلارنىڭ دوستكۇقىغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەنسەن، ئاۋۋال باشقىلارغا ئۆزۈڭنىڭ دوستلۇقىنى ئىپادىلىشىڭ كېرەك.

    تەقدىر بىلەن ۋەزىيە ناھايتى زىچ باغلىنىشلىق، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئۆزۈڭنى ئېچىشقا ماھىر بولساڭ، ئاندىن ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرىنىڭ خوجىسى بولالايسەن.

    ساڭا كەڭ- كۇشادە، ئوچۇق-يورۇق سۆز قىلالايدىغان ئادەم، سىزنىڭ يېقكىن دوستىڭىزمۇ بولالايدۇ.

    تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى كۆرۈنمەس بىر ئويما پىچىقىدۇر، ھەممە ئادەمگە شەكىل چىقىرىدۇ.

    باشقىلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇق قىلغنالىقىنى كۆرۈش ئەمەلىيەتتە ئۆزنى كەمسىتىش بىلەن ئوخشاش

    ئەركەك بىلەن ئەركەك ھەققىقەت يولىدا دوست بولۇر، پەسكەش بىلەن پەسكەش  نەپ پايدا يولىدا دوست بۇلۇر.

    ئۆزىنىڭ كۆزىنى ئېتىۋېلىش، دۇنيانىڭ  قاراڭغۇز زۇلمەتكە تولغانلىقى بولمايدۇ،  باشقىلارنىڭ كۆزىنى ئېتىۋېلىش، يورۇقلۇق  ئۆزڭىزىگىلا تەۋە بولۇپ كەتكەنلىك بولمايدۇ.

    ئەڭ ئاسان يېقىلىپ كېتىدىغان جاي ئىگىز چوققا ئەمەس بەلكى تۈپتۈز يولدۇر،  ئورەككە چۈشۈپ كەتكەن ئادەم پەقەت يۇقىرىغا ئۆرلىگەندىلا ئاندىن چىقىش ئېغىزى تاپالايدۇ.

    ئاكا-ئىنىلار دوست بولالمايدۇ،  لېكىن دوستلار دائىم ئاكا-ئىنى بولىشىدۇ.

    باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى قىلىشقا تىگشلىك دەپ بىلسەك بولمايدۇ،  چوقۇم مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىشمىز كېرەك.

    نەپ-پايدىسى سەۋەبىلىك  سىز بىلەن دوست بولغان كىشى،  پايدىسىز بولغانلىق سەۋبى بىلەن سىزدىن دوستلۇقىنىمۇ ئۈزۈشىمۇ مۇمكىن. 

    باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزى ئۈچۈنمۇ  پەقەت سىزنىڭ ئىچكى قەلىب دۇنيايىڭىز سىزغان رەسىمدۇر.

    سەن غەزەپلەنگەن ۋاقتىىڭدا، ئاغزىڭنى چىڭ يۇمىۋالغىن،  ئاچچىقىڭنى تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. -------سۇكرات

    ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا ئۆزىنى جازالىغانلىق.

    تۇرمۇشتا ئەگەر دوستىڭىز بولمىسا،  خۇددى تۇرمۇشتا  قۇياش نۇرى بولمىغانلىق بىلەن باراۋەر .

    ئەتىكى ئۈمىد بىزنىڭ بۈگۈنكى ئازابىمىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

    ھاياتلىقتا ئەگەر ئارزۇ ، ئۈمىد، تىلەك دېگەنلەر يوقاپ كەتسە،  ئۇنداق ھاياتلىق پەقەت بىر دۆۋە قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

    نۇر چېچىش پەقەت قۇياشنىڭلا خاسلىقى ئەمەس، سىزمۇ نۇر  چاچالايسىز، بۇ راست.

    ئەقىلسىز كىشى جىسمانىي جەھەتتىن قەلبىنى كۆزىتىدۇ،  ئەقىللىق كىشى قەلبى ئارقىلىق جىسمانىي جەھەتنى كۆزىتىدۇ.

    بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۆزڭىزدىكى بار بولغان ھەممە نەرسىنى قەدىرلەش، يوق بولغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇش كېرەك.

    ئاچكۆزلۈك ئەڭ سەمىمىي بولغان كەمبەغەللىك. قانائەت ئەڭ سەمىمىي بولغان بايلىقتۇر.

    سىز مۇھەببىتىڭىز بىلەن پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكىلى بولىدۇ،  سىز ھەم  نەپرىتىڭىز بىلەن پۈتۈن دنيادىن مەھرۇممۇ قالىسىز.

    ئادەمنىڭ قىممىتى،  ئېزىقتۇرۇشقا  دۈچ كەلگەن ۋاقىتتىكى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا بېكىتىلىدۇ.

    ياشلىق بىزنىڭ بىردىنبىر كەلگۈسىمىز تۈزدىغان ھوقۇقلۇق دەۋىر.

    مۇھەببەتتىن سۆز قالمىغاندا، بارلىق نەرسە مەنىسىز بىلىنىدۇ

    ھەقىقىي مۇھەببەت ھاياتلىق مۇساپىسىدىن، كەڭ قۇرساقلىقتىن، ھېسىياتنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك.

    ئادەم بىردىنلا ئويغانغاندا، ئۆزدىن تاشقى نەرسىلەرنى ئىزدەشتىن ۋاز كېچىدۇ. يەنە ئۆزىنىڭ قەلبى دۇنياسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

    پەقەت ئىشەنچ بولسىلا، ئادەم مەڭگۈ مەغلۇب بولمايدۇ.

    مەيلى قاچاندىنبېرى باشلاڭ، مۇھىمى باشلىغان ئىكەنسىز توختىتىپ قويماسلىقىڭىز لازىم.

    مەيلى سىز قاچانلا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،  مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغان ۋاقتىڭىزدا پۇشايمان قىلماڭ.

    ئادەمنىڭ ئاجىزلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىزدۇر.

    ئادەمنىڭ باتۇرلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى.

    «مۇمكىن بولمايدۇ» پەقەت ئەخمەقلەرنىڭ لۇغىتىدىلا مەۋجۇت.

    بىكار تەلەت ئادەمنىڭ ئەقلنى داتلاشتۇرۋېتىدۇ.

    ھەر بىر ئىشنى  كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويلاش كېرەك.

    بارلىق مەغلۇبىيەتلەر،  ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن  قولدىن كەتكەندىن قارىغاندا، تېخى ئېچقانچە ئىش ئەمەس.

    پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن  ئاغرىنغان ئەمەس، كىشىلەر تېخى پەرۋەردىگەرنىڭ  ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن.

    گۈزەل ھايات ئارزۇ ئۈمىدكە، خۇشاللىققا، مىننەتدارلىققا تولغان بولۇشى كېرەك،

    دۇنيادا كىشىنى ئەڭ ھاردۇردىغان ئىش، ئالدىغا باسمىغان ساختلىق بىلەن كۈن كەچۈرۈشتۇر.

    يارىتىش مەندىن يارىلىش ئۆزۈڭدىن

    سىز ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ.

    ھاياتلىق بەكمۇ قىسقا،  بۈگۈن ۋاز كەچكەن نەرسىڭىزنى ئەتە قولغا كەلتۈرەلىشىڭىز ناتايىن.

    تالانت بىر پىرسەنت ھېسسىياتتىن، توسان توققۇز پىرسەنت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ.

    48、人总是珍惜未得到的,而遗忘了所拥有的。

    ئادەم دائىم ئۆزىدە يوق نەرسىنى قەدىرلەيدۇ، ھەمدە ئۆزىدىكى بار بولغان نەرسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.

    50、自己要先看得起自己,别人才会看得起你。

    ئۆزۈڭگە ئاۋۋال ئۆزۈڭ ئېتىبار بېرىشىڭ كېرەك، ئاندىن باشقىلار ساڭا ئېتىبار بېرىدىغان بولىدۇ.

    51、一个今天胜过两个明天。

    بۈگۈنكى بىر كۈن ئەتىكى ئىككى كۈندىن غالىپ كىلىدۇ.

    52、要铭记在心:每天都是一年中最美好的日子。

    ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى، ھەر كۈن شۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل بىر كۈن.

    53、乐观者在灾祸中看到机会,悲观者在机会中看到灾祸。

    ئۈمىدۋار كىشى مەغلۇبىيەتتىن پۇرسەت تاپالايدۇ،  ئۈمىدسىز كىشى پۇرسەت ئىچىدىنمۇ مەغلۇبىيەتنىلا كۆرىدۇ.

    54、有勇气并不表示恐惧不存在,而是敢面对恐惧、克服恐惧。

    قەيسەرلىكنىڭ بولغىنى قورقۇنچنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى،  قۇرقۇنچقا تاقابىل تۇرالايدۇ، ھەم قۇرقۇنچنى يېڭەلەيدۇ.

    خاتالىقنى تونىغانلىقى ،خاتالىقنىڭ يېرىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولىدۇ.

    ئارزۇنىڭ يولى دائىم ئىشەنچىسى بار كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان.

    بارلىق ئالدامچىلىقلارئىچىدە ئۆزنى ئالداش ئەڭ خەتەرلىك.

    ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق دائىم ئۆزنىڭ خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەش.

    تەجرىبە ساۋاق ئازابتىن ئېلىنغان جەۋھەردۇر.

    ئەڭ ئاز بولغان پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈزكە نەزەر سېلىش، ئەڭ ئاز ئىسراپچىلىق بىلەن ھازىرغا قاراش، ئەڭ كۆپ ئارزۇ بىلەن كەلگۈسىگە بېقىش كېرەك.

    خۇشاللىق ھەممىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى  زىغىرلاشنىڭ كەم بولغىنىدىن بولغان.

    سىزنىڭ تاللىغىنىڭىز قىلىش بىلەن قىلماسلىق بولسا،  قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن قىلمىغاندا مەڭگۈ پۇرسەت كەلمەسلىكى ئېنىق.

    كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالغان ۋاقىتلاردا، تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتمەي،  ىۇشال كۈلۈپ يۈرگەن كۈنلەرنىمۇ ئەسلەپ قويغىن.

    باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاۋۋال  ئۆزىڭىزدىن خاتالىق ئۆتكۈزگەنمۇ يوق سوراپ كۆرۈڭ.

    تۇرمۇشنىڭ تەشۋىش ئەندىشلىرى ۋە  غەم قايغۇلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن،  ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ خوجىسىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭ كېرەك.

    ئۆزىڭىزنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،  ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنى قىلىڭ.

    بارچە ئۇلۇغ ھەرىكەت بىلەن ئىدىيە،  ھەممىسى  كىچىك بىر ئىشلاردىن باشلانغان.

    كۈرەڭلەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭدا باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ رايىڭ يوق ۋاقتىدا ئۇلارغا ئېھتىياجىڭ چۈشۈپ قالىدۇ.

    ئەخلاق-تەربىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتەلىشى، ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى تېزگىنلەشنى بىلگەنلىكىمىزدە.  __دارۋىن

    رەزىللىكنى كۆپ قىلىغان كىشى ئۆزىنى چوقۇم ئۆلتۈرۋېلىش كېرەك.

    __كۇڭزى

    باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەم  ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى پىشكەللىككە ئۇچىرايدۇ. __ ئاسوپ

    تىنىچ خاتىرجەملىك كىشىنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ، كەمتەرلىك ئەخلاقنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ__جۇ گېلىياڭ

    ئەڭ قورقۇنچلىق دۈشمەن دەل  مۇستەھكەم ئىقتقاد بولماسلىقتۇر. __ رومەن رولان.

    سەن ئۆزۈڭنى سۆيىدىغان قىممەتكە ئىگە بولماقچى بولساڭ،  ئۇنداقتا سەن دۇنياغا قىممەت يارىتىشىڭ كېرەك.

    ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن كىشى چوقۇم ئۇ ياخشىلىقىنى  قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلىشى كېرەك،  لېكىن ئىلتىپات قىلغان كىشى ئۇنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.__ سېتسېرونېئان

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھېكمەتلىك سۆزلەر