10 مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھېكمەتلەر

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-30 21:28:00

10مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھېكمەتلەر بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ ؛ ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار ! ‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .‹2› غەرەزل...

    10 مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھېكمەتلەر

    بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ ؛ ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
    ‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
    ‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
    ‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
    ‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
    ‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .

        دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛ دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
    ‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
    ‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
    ‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
    ‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
    ‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
    ‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
    ‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ . پەرزەنىتلەر دانىشمەننىڭ سۆزلىرىدىكى پاساھەت ۋە چۇڭقۇر مەنالارغا قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشىپتۇ .

    ماتىرىياللاردىن تەييارلىغۇچى ؛ ئۆزھال .مىلادى ؛ 2009 – يىل 6 – ئاي .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق