يۇقۇش

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-05 19:13:20

بىر دىۋانە قاتتىق سوغۇقتا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى مېۋە-چىۋە دۇكىنىنىڭ ئالدىنى توسۇپلا ئۇخلىماقچى بولۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن دۇكان خوجايىنى دىۋانىنىڭ باشقا يەرگە بېرىپ ئۇخلىشىنى ئېيتىپتۇ. دىۋانە ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك، داۋاملىق ئۇخلىماقچى بولۇپتۇ.

     
    يۇقۇش
     
    جون لورىك (ئامېرىكا)
     
    بىر دىۋانە قاتتىق سوغۇقتا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى مېۋە-چىۋە دۇكىنىنىڭ ئالدىنى توسۇپلا ئۇخلىماقچى بولۇپتۇ.
    بۇنى كۆرگەن دۇكان خوجايىنى دىۋانىنىڭ باشقا يەرگە بېرىپ ئۇخلىشىنى ئېيتىپتۇ. دىۋانە ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك، داۋاملىق ئۇخلىماقچى بولۇپتۇ. دۇكان خوجايىنى ناھايىتى خاپا بولۇپ: «پۇت-قولۇڭ بولغاندىن كېيىن، ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆزىنى بوياپ ساختىپەزلىك قىلىپ تىلەمچىلىك قىلغىچە، ئۆز كۈچىڭگە تايىنىپ ياشىساڭ بولمامدۇ؟» دەپتۇ.
    بۇ دەل ئەتىگەنلىك كۆكتات بازىرىنىڭ باس-باس ۋاقتى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر دۇكان خوجايىنىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، دىۋانىنى ئەيىبلەپتۇ. دىۋانە سەل قورقۇپ، بىر ئەسكى ئەدىيالغا يۆگىنىپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يەرگە قاراپ تۇرۇۋاپتۇ. دىۋانە بۇ چاغدا قاتتىق خىجالەتچىلىككە قاپتۇ.
    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، قاتتىق يامغۇر يېغىپتۇ. كۆكتات بازىرىغا بالدۇر كەلگەن بىر ياشانغان ئادەم ھېلىقى دىۋانىنىڭ يەردىلا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «توڭلىدىڭمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. دىۋانە گەپ قىلماپتۇ. ياشانغان ئادەم ئۆيىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر دۆۋە كونا كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئوغلۇمنىڭ ئىدى كىيىۋالغىن، توڭلاپ ئاغرىپ قالساڭ بولمايدۇ»، دەپتۇ.
    شۇ ۋاقىتتا كۆكتات بازىرىغا كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: «بۇ دىۋانە نېمىدىگەن بىچارە» دېيىشىپتۇ ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا پارچە پۇللارنى قويۇپتۇ، بىردەمدىلا ئۇنىڭ ئالدى پۇل بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ.
    بۇ دۇنيادا نۇرغۇن نەرسىلەر يۇقىدۇ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقمۇ شۇنداق.
     
    («چەتئەل تەرمىلىرى» نىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدىن ئارزۇگۈل خوجا تەرجىمىسى)
    مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.