ئوغلۇمنىڭ تەتقىقات دوكلاتى

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-07 00:00:00

ئوغلۇمنىڭ تەتقىقات دوكلاتى (ئامېرىكىدىكى) ياتىقىمغا يىقىن جايدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار ، توققۇز ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنى مۇشۇ مەكتەپكە ئاپىرىپ بىرىپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم .بۇ قانداق مەكتەپ ئۆزى...

    ئوغلۇمنىڭ تەتقىقات دوكلاتى

    (ئامېرىكىدىكى) ياتىقىمغا يىقىن جايدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار ، توققۇز ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنى مۇشۇ مەكتەپكە ئاپىرىپ بىرىپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم .

    بۇ قانداق مەكتەپ ئۆزى ! ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ئۆنلۇك ئاۋازدا پاراڭلىشىپ-  كۈلۈشىكەن ، ھەركۈنى كامىدا ئىككى سائەت ئوينىغان ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى بولا - بولمايلا قويۇۋەتكەن ،مىنى ئەڭ ئەنسىرەتكىنى ، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق كىتاب- ماتېرىيال ئوقۇتمايدىكەن .

    سېرىق چاچ ، زەڭگەر كۆز ئايال مۇئەللىم ئوغلۇم ئاپارغان جوڭگۇ باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق ماتىماتىكا دەرىسلىكىنى كۆرۈپ :« 6- يىللىققا چىقىشتىن بورۇن ماتىماتىكا ئۆگىنىشنىڭ زورۇرىيتى يوق »- دەپتۇ .

    ھەش- پەش دېگىچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئوغلۇمنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيسى خېلىلا ئۆسۈپ قالغان ئىدى ، ئۇ مەكتەپتىن قۇيۇپ بەرسە ئودۇل ئۆيگە كەلمەي ، كۆتۈپخانىغا كىرىپ نۇرغۇن كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ كىلىدۇ .

    بىرقېتىم ئۇنىڭغا ، بۇنچە كۆپ كىتابلارنى نىمە قىلىسەن دىدىم ، ئۇ كىتاب كۆرگەچ ، كومپيۇتېر دا بىر نېمىلەرنى ئۇرۇۋېتىپتىكەن ،بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن ؛ تاپشۇرۇق- دىدى . ئۇرۇۋاتقان ماقالىسنىڭ تېمىسىغا قاراپ ، نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم ، <<جوڭگۇنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى>> ، مۇنداق چوڭ تېمىدا ماقالە يېزىشقا ، دوكتۇر بولغانلار جۈرئەت قىلالىشى مۇمكىن ، بۇنى كىم ئورۇنلاشتۇردى؟ - دەپ سورىسام ، ئۇ تۇزلا قىلىپ ؛ مۇئەللىم ،  ھەر بىر ساۋاقداشقا ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخى ، جۇغراپىيەسى ، مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇپ ،بۇ كۆچمەنلەر دۆلىتى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلىپ ، ئۆز كۆز  قارىشىمىز چۈشەندۈرۈپ ماقالە يېزىشقا بۇيرۇدى- دىدى .

    بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ ، ئوغلۇم تاپشۇرۇقىنى تۈگەتتى ، ئويلىماپتىمەن ، ئۇنىڭ بېسىپ چىقارغان ماقالىسى 20 نەچچە بەتلىك بىر قوللانما بولۇپ چىقتى ، خۇاڭخې دەرياسىدىن - تەسۋىرى يېزىققىچە ، يېپەك يولىدىن ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققىچە ...ھەممىسى بار ، مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى كىچىك بىر بالىنىڭ ماقالىنى باب ، پاراگرافلارغا شۇنچە ئىنىق ئايرىپ يېزىشى ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا پايدىلانغان كىتاب ماتىرىياللار نامىنى تىزىپ قويغىنى  .

    ئويلاپ باقسام ، مەن بۇخىل يېزىقچىلىق شەكلىنى ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغاندىن كىيىن قوللىنىپتىمەن .

    ئوزاق ئۆتمەي ئوغلۇم ، يەنە بىر تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ كەلدى ، بۇ قېتىمقىسى ، <<مەن ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە قانداق قارايمەن >> ئىدى ، ئەگەر ئالدىنقى قېتىمقىسىىنىڭ چەك - چىگراسى بار دىيىلسە ، بۇقېتىمقىسىنىڭ چەك -  چىگراسى يوق دىيىلسە بولىدۇ .

    ئوغلۇم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن؛  - جۇۋاۋا مەدەنىيەتمۇ ؟ - دەپ سورىدى ، مەن خاتا يىتەكلەپ قويماسلىق ئۇچۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە نوپۇزلۇق كىتابلاردىن جاۋاب ئىزدىدىم ، بىز خېلىلا كۈچ سەرىپ قىلىپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپتۇق ،ئوغلۇم نەچچە كېچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇ تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىدى .

    ئامېرىكا مائارىپىدا بالىلار ئەركىن - ئىختىيارى پائالىيەت قىلىدىكەن ، ئوغلۇمنىڭ بۇقېتىمقى ماقالىسىمۇ 10 بەت چىقىپتۇ ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا پايدىلانغان كىتاب ماتىرىياللارنى ئىزاھلاپتۇ .

    ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن ، مەدەنىيەت دىگەن نىمە ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا --- ئادەملەر ئىجاد قىلغان ، پايدىلانغان ھەممە نەرسە - دىدى ، ئۆزىگە  ئىشەنگەن قىياپەتتە ، خۇددى باشقىلار بايقىمىغان بىر قانۇنىيەتنى بايقىغاندەك .

    كېيىنچە ئوغلۇم مۇئەللىمگە كۆرسەتكەن تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ كەپتۇ ،  مۇئەللىم ئۈستىگە ؛ مەن ئۇرۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇق دەسلەپكى قەدەمدە بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، جانلىق تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەپتۇ ،مەن تاپشۇرۇق نەتىجىسىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۈمىدىمىز بولغان بالىلارنىڭ دۇنياسىغا كىرگەندەك ھىس قىلدىم -دەپ تەستىق سۆزى يېزىپتۇ . بۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىسام ، ئوغلۇم ؛ مۇئەللىم بىزدىن پەخىرلەنمەپتۇ ، ئەمما ھاياجانلىنىپتۇ - دىدى. مەنمۇ سۆز سىز تەستىقلىدىم  .

    بالىلار قانداقسىگە بۇنچە كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىدۇ ؟ ئويلاپ باقسام بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك يىرى يوقكەن ،مەدەنىيەت مەسىلىلىلىرىنى ئىشلەشكە جۈرئەت قىلغان بالىلار بۇنچىلىك ئىشلارغا ھۆكۈم قىلالماسمۇ ؟

    ئوغلۇم 6 - يىللىقنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا مۇئەللىم 2- دۇنيا ئورۇش تارىخى ھەققىدىكى مەسىلىنى تاپشۇرۇق بېرىپتۇ . سىزنىڭچە ؛

    بۇقېتىمقى ئورۇشتا كىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ؟

    گىرمانىينىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب نىمە ؟

    ئەگەر سىز ترومىن زوڭتۇڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولسىڭىز ئاتوم بومبىسى تاشلاشقا قۇشۇلامتىڭىز ؟

    سىزنىڭچە ئاتۇم بومبىسى تاشلىغاندىلا ئورۇشنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولامدۇ ؟

    بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى قانداق قىلىش كېرەك ؟

    ......



    قاراڭ ، 12 ياشلىق بالىنىڭ بۇ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشكە شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ كەتىكىنىنى ...

    ئىختىيارسىز مەكتەپتە 2 -دۇنيا ئورۇش تارىخىنى ئۆگەنگەن ۋاقىت ئېسىمگە كىلىپ قالدى ، مەن كىتابتىكى يىل نامىغا ئاساسەن قارغۇلارچە ، ئۆلۈك يادلىغان ئىدىم ، كىتابتىكى نەزىرىيەۋى بىلىملەر ئىنجىل ئايەتلىرىدەك مەنىسىز تويۇلاتتى ، نىمە ئامال ، مۇنداق قىلمىسام ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيتتىم ....

    ئوغلۇم باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە، مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى كومپيۇتېر سېستىمىسى ۋە مىكرو پليونكا سېستىمىسى بىلەن ئۆزى ئىھتىياجلىق ماتىرىياللارنى ئىزدەپ تېپىشنى پىششىق بىلىۋالدى .

      بىركۈنى ئىككىمىز شىر بىلەن قاپلاننىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ھەققىدە مۇنازىرلىشىپ قالدۇق ، ئىككىنچى كۈنى ئوغلۇم كۈتۈپخانىدىكى مۇشۇخىل ھايۋانلارتونۇشتۇرۇلغان بىر سىنئالغۇ لىنتىسنى ئارىيەت ئېلىپ كەپتۇ ، سىنئالغۇلىنتىسىنى ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىي جەمىئيتى سۆرەتكە ئالغان ئىدى ، ئىككىمىز بۇنى كۆرگەچ مۇنازىرىنى داۋاملاشتۇردۇق ، ئىشقىلىپ ئوغلۇم ھازىر ئۆزى چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرگە نەدىن جاۋاب ئىزدەشنى بىلىۋالغان ئىدى .

    ئوغلۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر مىنىڭ ئامېرىكا باشلانغۇچ مائارىپغا قايتىدىن نەزەر سېلىشىمغا تۈرتكە بولدى ، ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە دەرىسخانا بولمىسىمۇ ،بالىلارغا نۇرغۇن بىلىملەرنى بىرەلەيدىكەن ، ئۇلار بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى چەكسىز بىلىم دېڭىزىغا جەلپ قىلىدىكەن ، تۇرمۇشتىكى بارلىق ۋاقىت-  بوشلۇقلارنىڭ ھەممىسى  ئۈگۈنۈش دەرىسخانىسى ئىكەنلىكىنى بالىلارغا بىلدۈرىدىكەن ، ئۇلاردا ئۆلۈك ھالدا يادلاتقۇزىدىغان قېلىپ ، بەلگىلىمە يوقكەن .

    ئۇلارنىڭ ئەڭ باش قاتۇرىدىغىنى ، قانداق قىلىپ بالىلارغا تەپەككۇر قىلدۇرۇش مەسىلىسى ئىكەن ،قەيەردىن جاۋاب ئىزدەشنى ئۆگىتىشكەن .

    ئۇلار ئىمىتھان ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانماي ، نەتىجىسىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىيدىكەن ، مۇنداقتا بالىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈگىنىشكە تىرىشىدىكەن ، بالىلارنى مۇستەقىل يەكۈن چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ، يىڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىكەن .

    ئوغلۇمنىڭ تەتقىقات دوكلاتى ماڭا بىر يىڭى تېما چىقىرىپ بەردى .

    مىللىتىمىز شانلىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ، لىكىن ھازىرقى جەمىيەتمۇ ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز قابىلىيتىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا مۇھتاج ، پەرزەنىت تەربىيسى مەسىلىسىدە قايتا ئويلانماي بولمايدۇ .



    ------ << قوش تىل ئوقۇتقۇچىللىرىنى تەربىيلەش دەرىسلىكى>> دىن تەرجىمە قىلىندى .


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.