كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ پىرىنسىپى...

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-07 00:55:00

كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ پىرىنسىپى... ئاپتورى: ئاممېل بېكېرت(ئامېرىكا) تەرجىمە قىلغۇچى:ئالىمجان ئازات بىر كۈنى، شىركەتتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا، بىر ئەپەندى بىر ئايال خىزمەتدىشىنىڭ يېڭى پاسوندىكى ئىنتا...

       كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ پىرىنسىپى...

          ئاپتورى: ئاممېل بېكېرت(ئامېرىكا)

      تەرجىمە قىلغۇچى:ئالىمجان ئازات

     بىر كۈنى، شىركەتتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا، بىر ئەپەندى بىر ئايال خىزمەتدىشىنىڭ يېڭى پاسوندىكى ئىنتايىن تار كىيىمنى كىيىېۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆنىڭ سېمىز بەدىنىگە تازا ماس كەلمەي قالغانلىقىنى كۆرۈپ:« راست گەپنى ئېيتسام، كىيىمىڭىز ناھايىتى چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ سېمىز ئۇچىڭىزغا چىقىپ، خۇددى تۇڭغا چىرايلىق رەختنى ئوراپ قويغاندەكلا بولۇپ قاپتۇ»دەپتۇ. ئايال خزمەتدىشى ئاچچىقلانغان ھالدا كېتىپ قاپتۇ ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭغا قارىماس بوپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەپەندىنىڭ كۆڭلى «ياخشى»، بىراق ئۇنىڭ بىلەن يەڭ خىزمەتكە كىرگەن بىر نەچچەيلەن مۇھىم ئورۇنلارغا ئۆسكەن ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە باشلىقى بولۇپ قالغان. باشقىلار ئۇنى « ياخشى ئادەم» دەپ ماختىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دوستلىرى كۆپ ئەمەس، شىركەتتە خۇددى قارشى ئېلىنىپ كەتمەيدىغان ئادەمدەك ئۆزى يەككە - يېگانە يۈرگىنى يۈرگەن.... ئۇنىڭ ئىقتىدارىدا مەسلە يوق، كۆزىتىش ھەم تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىمۇ خېلىلا يۇقىرى. شۇغىنىسى، ئۇ گەپنى بەكلا تۈز قىلىۋېتىدۇ، قىلچە ئەگىتمەيدۇ ھەم ياسىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزۈۋالىدۇ. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، تۈز سۆزلۈك بولۇش ـــ ئىنسان خاراكتېرىدىكى كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ھەم قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىك ، چۈنكى مۇشۇنداق ئادەملەر بولغاچقىلا، ھەق بىلەن ناھەق، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك، گۈزەللىك بىلەن سەتلىك، ياخشى بىلەن يامان ئېنىق ئايرىلىدۇ. بىراق، كىشىلىك مۇناسىۋەت مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە، گەپنى تۈزلا قىلىۋېرىش ئادەمنىڭ ئەجەللىك بىر ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. تۇز سۆزلۈك ئادەملەر ھەمىشە ھادىسە ۋە مەسىلىنىلا كۆرىدۇ، ئۆزىگە ياققان ياكى ياقمىغانلىقىنىلا ئويلىشىدۇ، يېنىدىكى ئادەمنىڭ مەيدانى، كۆزقارىشى خاراكتېرى ۋە ھېس - تۇيغۇسىنى بولسا ئويلاشمايدۇ. ئۇنىڭ گەپلىرى قۇرۇق گەپ بولۇشىمۇ، دەل جايىغا تېگىشىمۇ مۇمكىن. تايىنى يوق تۈز گەپ بولسا قارشى تەرەپكە ئانچە زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ؛ دەل جايىغا تېگىدىغان گەپ بولسا، قارشى تەرەپ ئۆزىنى قوغداش تەدبىرىنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ياكى ساڭا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىچىدە ساقلاپ قويىدۇ. دېمەك، تۈز گەپ مەيلى ئادەمگە ياكى ئىشقا قارىتىلغان بولسۇن، ھېچكىمنى خۇشال قىلمايدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە دوقال پەيدا قىلىدۇ، باشقىلارنى سەندىن ئۆزىنى تارتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ؛ ئەگەر قارشى تەرەپ ئۆزى سەندىن يىراقراق تۇرۇشقا ئامالسىز قالسا، سېنى ئۆزىدىن يىراق تۇرغۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ،سېنى كۆرمىسە ھەم ئاۋازىڭنى ئاڭلىمىسا ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، بۇ كىشىلىك جەمئىيەتتە، تۈز گەپ ئۆزگىنى ھەم ئۆزىنى زەخىملەندۈرىدىغان قوش بىسلىق خەنجەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى ھەرگىزمۇ « ھارام شاخلارنى پۇتاپ تاشلايدىغان سېھىرلىك شەمشەر» دېگىلى بولمايدۇ. باشقىلار نىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە تۈز گەپنى ئاز قىل، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. يەنە كېلىپ، سەن قىلغان تۈز گەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم كۆرسىتەلىشى ناتايىن. چۈنكى، ھەرقانداق ئادەمدە بىر روھىي قورغان بولىدۇ، ئۆزىنى ئاشۇ قورغاننىڭ ئىچىدە ساقلايدۇ، سېنىڭ تۈز گەپلىرىڭ دەل ئاشۇ قورغاننى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنى سىرتقا قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، بۇ ئۇنى تەبىئىي ھالدا غەزەپلەندۈرمەي قالمايدۇ! شۇڭا، دېمىسىمۇ بولىدىغان گەپنى دېمە، چوقۇم دېمەكچى بولساڭ ئايلاندۇرۇپ دېگىن، گېپىڭ نەق جايىغا بارسۇن، ئەگەر ئۇ ئاڭلىمىسا، بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى! كۈچۈڭ زور، ئورنىڭ يۇقىرى بولسىغۇ مەيلى، ئەگەر بۇنداق بولمىسا، قىلغان ھەربىر تۈز گېپىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزۈڭگە ئاۋارىچىلىك ئەكېلىدۇ!ئەگەر شۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلىسەڭ، تارتقان ئاۋارىچىلىكنىڭ قىممىتى بولىدۇ ئەگەر ئۆزگەرتەلمىسەڭ، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى يۇم! «ياشلارئۈچۈن 101ھېكمەت»دىن ئېلىندى.

    ئاپتورى: ئاممېل بېكېرت(ئامېرىكا)

    تەرجىمە قىلغۇچى:ئالىمجان ئازات

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق