بىر ئانىنىڭ قىزىنى ياتلىق قىلىشتىن ئىلگىر

يوللىغۇچى : ayturk يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-03 12:43:00

بىر ئانىنىڭ قىزىنى ياتلىق قىلىشتىن ئىلگىرى قىلغان نەسىھەتلىرى: ئەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ سەن بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ، باشقا بىر ئادەمگە يارۇ-يولداش بولدۇڭ، سەن ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئا...

     

    بىر ئانىنىڭ قىزىنى ياتلىق قىلىشتىن ئىلگىرى قىلغان نەسىھەتلىرى:

    ئەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ سەن بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ، باشقا بىر ئادەمگە يارۇ-يولداش بولدۇڭ، سەن ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن نۇتۇقلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن ۋە مەھكەم ئېسىڭدە تۇتقىن.

    قىزىم يولدىشىڭ دۇنيا سەپىرىدە ئۆزىگە يولداش، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچ/hى، شاتلىقتا بىللە شاتلانغۇچى يولداش بولۇش ئۈمۈدى بىلەن سېنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن. ئۇ ھەر ۋاقىت«شۈكرىكىم، كۈتكەن يېرىمدىن چىقتى»دېسۇن ۋە سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن.

    قىزىم، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا كېرەك بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭنىڭ يىقىنلىرىنى بولۇپمۇ قېينئاناڭ، قېينئاتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۇلارنى ئۆز ئاتاڭ، ئۆز ئاناڭدەك بىل. ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان. چۈنكى ئۇنىڭ ئېغىرلىقى يولدىشىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنىدۇ، بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن يولدىشىڭ تاماقتىن قالىدۇ... ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنچ بولۇشىغا مۇھتاجدۇر. ئائىلىسىدە ئازراق قايغۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتىدۇ.

    قىزىم، يولدىشىڭدىن ھىچقانداق سىرنى يوشۇرما، يولدىشىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يولدىشىڭغا قارشى گەپلەرنى قىلما، چىرايىڭنى تۈرمە، يولدىشىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما. يولدىشىڭنىڭ نەرسىلىرىنى ئاسراپ تۇت، ئىسراپ قىلما.

    قىزىم، ئۆيۈڭ تەرتىپلىك، ھەر نەرسە جايى-جايىدا بولسۇن، بالىلىرىڭنى يولدىشىڭغا ئامراق، كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش. قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەدبىرلىك ئاياللار ئۈچۈن ئېغىر ئىشلاردىن ئەمەس، ئەقىللىق ئاياللار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ. قىزىم، يولدىشىڭ ئىشقا ماڭغاندا ئۇزىتىپ قوي، قايتىپ كەلگەندە كۈتىۋال. قىزىم، ئائىلە دېگەندە ھەمىشە خۇشال-خۇرام ئۆتىمەن دېگىلى بولمايدۇ، تۇرمۇش دېگەننىڭ ئاچچىق-چۈچۈكى بولىدۇ، ئەگەر يولدىشىڭ بىلەن ئاراڭلارغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالسا، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلە. چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە. ئۇنىڭ مەرتىۋىىسىنى ئۇنۇتما، ئۇنى ھۆرمەت قىل، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ، قارشى سۆز قىلما. ئەڭ ياخشى ئايال ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن ئايالدۇر. 

     

            مەرزىيە تۇرسۇن «پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز»دىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا