ۋىجدان

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-06 19:19:00

ئىنساننىڭ ئىنسانلىق قىممىتى ئۇنىڭ قۇرۇق گەۋدىسى ، گەپدانلىقى ۋە رەڭگى - قىياپىتىدە بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ روھىيەت دۇنياسىغا - يەنى ئەقىدە ئېتىقادى، ئەمەلىيىتى ۋە ساخاۋىتى، تەپەككۇر ئىقتىد...

         ئىنساننىڭ ئىنسانلىق قىممىتى ئۇنىڭ قۇرۇق گەۋدىسى ، گەپدانلىقى ۋە رەڭگى - قىياپىتىدە بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ روھىيەت دۇنياسىغا - يەنى ئەقىدە ئېتىقادى، ئەمەلىيىتى ۋە ساخاۋىتى، تەپەككۇر ئىقتىدارى ، ئەقىل – ھوشى ۋە مەنىۋىيتىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق ئىنسانلىق قىممىتمىزنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، چوقۇم ۋىجدانىمىز كۆتۈرگۈدەك ئىش قىلىشمىز كېرەك .
        ۋىجدان – ئۇ پەزىلەت مەدەنىيتىدىن يورۇغان چىراغ . ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەقىل دانىشمىنى ۋە ئەخلاق قازىسى .
    ھازىر جەمئىيتىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى پۇلغا يۈزلەندى . پۇل تېپىش ئىنسانلارنىڭ شۇئارىغا ئايلاندى. بىراق ، ھەر كىشىنىڭ ئىديسى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ، بەزى كىشلەر ئۆز ۋىجدانى ئارقىلىق پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىۋاتىدۇ. بىراق يەنە بىر قىسىم كىشلىرىمىزچۇ ؟ ئۇلار ھارام نيەت بىلەن كەيىپ – ساپاغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ، جىنايەت يوللىرىغا، چىرىكلىككە ، ھەم ئەڭ پاجئەلىك ئاقىۋەتلەرگە قېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋالغا قالدى؟
     چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ، ئىنسانىي پەزىلىتى ، غورۇرىغا يات ھالدا ئىش كۆردى .
            ۋىجدان _ پاك، ئالىيجاناپ ، مۇقەددەس ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچتۇر. ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق سالاھىيتىنى يوقاتقان ، ئار – نومۇس ، شۆھرەت – ئىپتىخار ھېسياتى قالمىغان كىشلەر ۋىجدانىنى يوقاتقان كىشلەردۇر . بۇلار ھەر قانچە ئالتۇندىن تاج كىيىۋالسىمۇ ، ھالاكەت ھاڭىغا دومىلاسشتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۋالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئىنسانىي پەزىلىتى ، ۋىجىدانى بويىچە ياشىشى كېرەك . ۋىجدان – ئىنسان ھاياتىنىڭ ئادىل يىتەكچىسى .
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق