ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىزامىدىكى 22 تۈرلۈك تەپەككۇر

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-14 18:35:57

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۆۋەندىكى 22 ماددىلىق ئۇرۇش قىلىش نىزامىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، تۇرمۇشقا ئۆزگىچە تەپەككۇر بىلەن قارىسىڭىز، تۇرمىشىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايسىز.


    ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش نىزامىدىكى 22 تۈرلۈك تەپەككۇر
     
    ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۆۋەندىكى 22 ماددىلىق ئۇرۇش قىلىش نىزامىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، تۇرمۇشقا ئۆزگىچە تەپەككۇر بىلەن قارىسىڭىز، تۇرمىشىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايسىز.
    1-ماددا: سىز خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس.
    2-ماددا: ئەگەر ئەخمىقانە ئۇسۇل ئۈنۈم بەرسە، ئۇنى ئەخمىقانە دېيىشكە بولمايدۇ.
    3-ماددا: ئۆزىڭىزنى بەك گەۋدىلەندۈرۈپ كەتمەڭ، بولمىسا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايسىز.
    4-ماددا: ئۆزىڭىزدىن قەيسەر ئادەم بىلەن بىر ئاكوپتا تۇرماڭ.
    5-ماددا: قولىڭىزدىكى قورالنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھا قويغان ھۆددىگەر تەرىپىدىن ياسالغىنىنى ئۇنۇتماڭ.
    6-ماددا: ئەگەر ھۇجۇمىڭىز بەك ئوڭۇشلۇق بولسا، سىز چوقۇم توزاققا چۈشتىڭىز.
    7-ماددا: ھەر قانداق پىلاننى دۈشمەنگە ئۇچرىغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ.
    8-ماددا: بەش سېكۇنتتا پارتلايدىغان ھەرقانداق بىر گىراناتنىڭ پىلتىسى ئۈچ سېكۇنتتىلا كۆيۈپ بولىدۇ.
    9- ماددا: ئەرزىمەس ئادەم سىياقىغا كىرىۋېلىڭ (چۈنكى دۈشمەننىڭ ئوق دورىسى ئاز قالغان بولسا، ئۇلار پەقەت مۇھىم ئادەملەرنىلا ئاتىدۇ.)
    10- ماددا: سىز ئېتىبارسىز قارىغان دۈشمەن ئارمىيەسى ئەمەلىيەتتە دۈشمەننىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم كۈچىدۇر.
    11- ماددا: مۇھىم ئىشلار ئاددىي كېلىدۇ.
    12- ماددا: ئاددىي ئىشلارنى قىلىش ھەمىشە تەسكە توختايدۇ.
    13- ماددا: قولايلىق يوللارغا دائىم مىنا كۆمۈلگەن بولىدۇ.
    14-ماددا: ئەگەر سىزدە دۈشمەندىن باشقا ھەممە نەرسە كەمچىل بولسا، سىز چوقۇم جەڭ قىلىۋاتىسىز.
    15-ماددا: ئۇچۇپ كەلگەن ئوقنىڭ ئالدىن يۈرۈش ھوقۇقى بار (ئۇنى توسۇۋالسىڭىز سىزنى چوقۇم نەس باسىدۇ.)
    16-ماددا: ئەگەر دۈشمەن سىزنىڭ ئوق مۇساپىڭىزنىڭ ئىچىدە بولسا، شۇنى ئۇنتۇماڭكى سىزمۇ دۈشمەننىڭ ئوق مۇساپىسى ئىچىدە.
    17-ماددا: بىللە ئىشلەتكەندىلا پايدىلانغىلى بولىدىغان ئەسلىھەلەر ئادەتتە بىللە يۆتكەپ كېلىنمەيدۇ.
    18-ماددا: رادىيو سىگنالى ھەر دائىم سىز موھتاج بولغاندا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
    19-ماددا: سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىز ئوق يېيىشىڭىزگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن-ھېچنىمە قىلماسلىقىڭىزمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە.
    20-ماددا: سىزگە دۈشمەن زەمبىرىكىدىنمۇ بەكرەك زەربە بېرەلەيدىغىنى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ زەمبىرىكىدۇر.
    21-ماددا: لاياقەتلىك ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن دۇنيادا نائۇستىلار تولىمۇ كۆپ.
    22-ماددا: ھەر ئىككى ئارمىيە ئۆزىنى مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا دەپ ئويلىغاندا، ئىككىلىسىنىڭ پەرىزى توغرا چىقىشى مۇمكىن.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.