لوقمان ھەكىم نەسھەتلىرى(100نەسھەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 17:55:57

لوقمان ھەكىم نەسھەتلىرىخەلق رېۋايەتلىرىگە قارىغاندا لوقمان ھەكىم تېبابەت پىشۋاسى نامى بىلەن مەشھۇردۇر! قۇرئان كەرىمدە بولسا ئىلىم -ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم، پەزىلەتلىك ئىنسان سۈپىتىد...

    لوقمان ھەكىم نەسھەتلىرى

    خەلق رېۋايەتلىرىگە قارىغاندا لوقمان ھەكىم تېبابەت پىشۋاسى نامى بىلەن مەشھۇردۇر! قۇرئان كەرىمدە بولسا ئىلىم -ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم، پەزىلەتلىك ئىنسان سۈپىتىدە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئىلىنىدۇ ھەمدە مەخسۇس بىر سۈرىنىڭ ئىسمى << لوقمان>> نامى بىلەن ئاتالغان. مەزكۇر <<لوقمان>>  سۈرىسىدە لوقمان ھەكىم ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇرلار بىرىلىپ ئۇندىن كىيىن ئوغلىغا قىلغان ئىلىم-ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر قىسىم نەسىھەتلىرى بايان قىلىنغان. ( قۇرئان كەرىم ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، 31-سۈرە لوقمان، 412 - بەتتىن كۆرۈۋىلىڭ!)
    لوقمان ھەكىمنىڭ كىملىكى ھەققىدە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە قەدىمكى يۇناندا سوقرات، ئارستوتىللاردىن كىيىنرەك ياشاپ ئۆتكەن ئەپلاتون -دەل بىز دەۋاتقان لوقمان ھەكىم شۇدۇر. ( لىكىن ئەپلاتوننىڭ لوقمان ھەكىم ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە يىتەرلىك دەلىل - ئىسپات يوق).
    تۆۋەندىكىسى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ، << ئەشيالار خاسىيتى>> نامىلىق رىسالىنىڭ مۇئەللىپى نەجمۇددىن خوجا ھاجىنىڭ مەزكۇر رىسالىسىدە بايان قىلىنغان لوقمان ھەكىمنىڭ 100 نەسھەتلىرىدىن :


    1. ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن.
    2. كىمگە پەند- نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
    3. سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق قىل.
    4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
    5. ھەممىنىڭ ھەققى- ھوقوقىنى چۈشەن.
    6. سىرىڭنى مەخپىي تۇت.
    7. دوستۇڭنى قېيىن كۈندە سىنا.
    8. دوستتىن پايدا- زىياندا ئىمتىھان ئال.
    9. ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.
    10. دانا ۋە زېرەك دوستنى دوست تۇت.
    11. ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش.
    12. ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە.
    13. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.
    14. سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.
    15. ياشلىقنى غەنىيمەت بىل.
    16. ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال.
    17. دوست- يارەنلىرىڭنى ئەزىز بىل.
    18. دوست- دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
    19. ئاتا- ئاناڭنى غەنىيمەت بىل.
    20. ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل.
    21. خەجنى كىرىمگە قاراپ قىل.
    22. ھەممە ئىشتا ئورتاھال يول تۇت.
    23. ئالىيجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل.
    24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل.
    25. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
    26. كىيىم- كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
    27. جامائەت بىلەن بىللە بول.
    28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگەت.
    29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت.
    30. ئۆتۈك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن، سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا.
    31. بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.
    32. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
    33. ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
    34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە زورلىما.
    35. ھەر ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ چارە- تەدبىر بىلەن قىل.
    36. ئۇقماي ئۇستازلىق قىلما.
    37. خوتۇن(خاتۇن) ۋە بالىغا سىر ئېيتما.
    38. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى تەمە قىلما.
    39. پەسكەشتىن ۋاپا كۈتمە.
    40. ھەرقانداق ئىشنى كەم- كوتسىز دېمە.
    41. قىلمىغان ئىشنى ھېسابقا ئالما.
    42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
    43. ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما.
    44. ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە.
    45. كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تېرىش.
    46. ھاجەتمەن كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما.
    47. ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە.
    48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما.
    49. بايلىقىڭنىڭ مىقدارىنى دوست- دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە.
    50. قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما.
    51. ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.
    52. پەقەت ئۆزەڭنىلا ئويلىما.
    53. كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
    54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەگكۈزمە.
    55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما.
    56. تۈكۈرۈك(خەپۈرۈك) ۋە بۇرنۇڭنى يۇقۇرى ئاۋازدا تاشلىما.
    57. ئەسنىسەڭ ئېغىزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس.
    58. ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە.
    59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.
    60. بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خېجىل قىلما.
    61. جىددىي سۆزنى چاخچاققا ئايلاندۇرما.
    62. قاش- كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ، چېقىمچىلىق قىلما.
    63. ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
    64. بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
    65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما.
    66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك پەردازلىما.
    67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە.
    68. تىلنى ئايا.
    69. سۆزلەۋاتقاندا قولۇڭنى سىلكىمە.
    70. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
    71. ئېغىۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما.
    72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ تىلغا ئالما.
    73. ئىلاجنىڭ بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما.
    74. بىراۋنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى سىناپ يۈرمە.
    75. چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمانخور بولما.
    76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
    77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
    78. مال- دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما.
    79. بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە، سەن ئۇنى بىل.
    80. غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.
    81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرتمە.
    82. قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما.
    83. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە- كېرەك يېمە.
    84. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما.
    85. باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزىگە قوشۇق سالما.
    86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
    87. كوچىدا ئوڭ- سولغا قاراۋەرمە، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ.
    88. ئىمكان بار يايتاق ئۇلاغقا مىنمە.
    89. مېھماننىڭ ھوزۇرىدا بىراۋغا غەزىپىڭنى چاچما.
    90. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
    91. دىۋانە ۋە مەس بىلەن سۆزلەشمە.
    92. كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما.
    93. پايدا- زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويۇڭنى تۆكمە.
    94. مەمەدان ۋە تەكەببۇر بولما.
    95. باشقىلارنىڭ ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ.
    96. جېدەل ۋە پىتنىدىن قاچ.
    97. پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
    98. ئۆزۈڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل.
    99. ئاددىي- ساددا، كەمتەر بول.
    100.ئاللاھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىش،     دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت قىلىش، دوست- يارانلەرگە نەسىھەت قىلىش، دۈشمىنىڭگىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىش، جاھىللارغا سۈكۈت قىلىش، ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا. بىراۋنىڭ مېلىغا تەمە كۆزى بىلەن قارىما.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لوقمان ھەكىم