شوتلاندىيە قوزغىلىڭى

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-15 15:29:00

شوتلاندىيە قوزغىلىڭى 1637-1640 -يىللىرى شوتلاندلارنىڭ ئەنگىلىيە كورۇلى چارلىسⅠ نىڭ مۇستەبىت ھوكۇمرانىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭى. 1603-يىلى شوتلاندىيە كورۇلى جامىسⅥ قوشۇمچە ئەنگىلىيىنىڭ كو...

    شوتلاندىيە قوزغىلىڭى
    1637-1640 -يىللىرى شوتلاندلارنىڭ ئەنگىلىيە كورۇلى چارلىسⅠ نىڭ مۇستەبىت ھوكۇمرانىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭى. 1603-يىلى شوتلاندىيە كورۇلى جامىسⅥ قوشۇمچە ئەنگىلىيىنىڭ كورۇلى بولغاندىن كېيىن، گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ كورۇلى بىر بولسىمۇ، لېكىن شوتلاندىيە ئىچكى سىياسەت ۋە دىنى جەھەتتە ئۆزىنىڭ مۇئەييەن مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان. 1637-يىلى چارلىسنىڭ مۇددىئاسى بويىچە كېنتىرىنىڭ ئارخېئېپىسكوپى لۇد(laud، 1573-1645) شوتلاندىيە چېركاۋنى (پرۇسۇتېرىئاللىق) ئەنگىلىيە دۆلەت دىنىنىڭ ئىپىسكوپلۇق تۈزۈمى، ئىبادەت رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپ بولغان، چارلىس باستۇرۇشقا قوشۇن ئەۋەتىپ مەغلۇپ بولغان. 1639-يىلى شوتلاندلار ئەنگىلىيىنىڭ شىمالى قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئەنگىلىيە ئارميسىنى تارمار قىلغان. چارلىس ئۇرۇش خىراجىتى توپلاش، يېڭى ئارمىيە تەشكىللەش ئۈچۈن 1640-يىلى 4-ئايدا پارلامىنت چاقىرماقچى بۇلۇپ، مۇددىئاسىغا يېتەلمەي 5- ئايداپارلامىنتنى تارقىتۋەتكەن. شۇ يىلى 8-ئايدا شوتلاندلار يەنە ھۇجۇم قوزغىغان. چارلىس ۋەزىيەتنىڭ تەققەزاسى بىلەن يەنە بىر نۆۋەت پارلامىنت (ئۇزاق مۇددەتلىك پارلامىنت) چاقىرغان. بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەر پارلامىتتىن پايدىلىنىپ، مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۆرەشنى قانات يايدۇرغان،17-ئەسىردىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەرگەن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق