تەپەككۇر جەۋھەرلىرى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-11 19:33:00

ئۇنتۇپ قالمايلى ، ئەڭ مۇۋاپىق نەرسە دەل ئەڭ گۈزەل نەرسىدۇر. نۇرغۇن كىشلەر پۇرسەتنى ۋاقتىدا بايقىيالماي زىيان تارتىپ قالىدۇ. ئاز ساندىكى كىشلەرلا پۇرسەتنى ئۆزى يارىتىپ ، ئۆز ئەقىل - پاراستىنى...

    ئۇنتۇپ قالمايلى ، ئەڭ مۇۋاپىق نەرسە دەل ئەڭ گۈزەل نەرسىدۇر.

    نۇرغۇن كىشلەر پۇرسەتنى ۋاقتىدا بايقىيالماي زىيان تارتىپ قالىدۇ. ئاز ساندىكى كىشلەرلا پۇرسەتنى ئۆزى يارىتىپ ، ئۆز ئەقىل - پاراستىنى نامايەن قىلىدۇ.

    ھەر بىر ئادەم ئۇلۇغ نىسان ، يىراق مەزگىللىك پىلان ، مەقسەتلەر ئارقىلىق ئۆزىگە ئاكتىپ بېسىم پەيدا قىلىشى ، ئۆزىدىكى غايەت زور كۈچ - قۇدىرەتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي ئىشلىتىشى لازىم . شۇندىلا ئۇ جەمئىيەتنىڭ غالىب كۈچىگە ئايلىنالايدۇ .

    بۇ ئالەمدە ھەر قانداق ئادەم ئىشەنچتىن ئىبارەت بۇ ھەقسىز نېمەتكە خالىغانچە ئېرشەلەيدۇ . بارلىق غالىبلار ئىشنى كىچككىنە ئۈمىد ، ئىشەنچ بىلەن باشلىغان ، ئىشەنچ بارلىق مۆجىزىنىڭ ئۇرقى .

    مۇۋەپپىقىيەتلىك ھايات بىر ياخشى نىشان سېستىمىسىدۇر.

    كىشلىك ھايات نىشانى تۇرمۇش بىلەن بىرىكىپ كەتكەندە ، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋاقتقىلا باغلىق بولۇپ قالىدۇ.

    مۇۋەپپىقىيەتلىك نىشان سېستىمىسى بولىدىكەن ، ھەر بىر كىچىك ئىشمۇ ئەھمىيەتلىك ، مەنىلىك ئىشقا ئايلىنىدۇ، خىزمەت ، تۇرمۇش شادلىققا تولىدۇ. چۈنكى ، ئاشۇ كىچىك ئىشلار دەل ھاياتلىق نىشانىمىزغا يېتەكلەيدىغان ھالقىلار .

    ھەممە ئادەم ئوڭۇشسزلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئەمما ، ئۈمىدۋار ئادەم ئۇنى پايدىلىق شارائىتقا ئايلاندۇرالايدۇ .

    بىڭتۈەن گېزىتىدىن ئېلندى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق