ياشلىق ھەققىدىكى تەپەككۇر دۇردانىلىرى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-08 16:27:00

ياشلىق _ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ رەڭدار ، ئەڭ جۇشقۇن ، ئەڭ خۇش پۇراق ئالتۇن چېغى . ياشلار ياشلىقىڭلارنى ئاسراڭلار . چۈنكى ، دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك ياخشى نەرسە يوق . ياشلىقنى خ...

    ياشلىق _ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ رەڭدار ، ئەڭ جۇشقۇن ، ئەڭ خۇش پۇراق ئالتۇن چېغى .

    ياشلار ياشلىقىڭلارنى ئاسراڭلار . چۈنكى ، دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك ياخشى نەرسە يوق . ياشلىقنى خۇددى ساپ ئالتۇندەك خالىغان ئىشىڭلارغا ، خالىغان جايغا ئىشلىتەلەيسىلەر . لېكىن قېرىغاندا بۇ خىسلەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت سىلەردىن كېتىدۇ . شۇڭا ، ياشلىقنى قەدىرلەڭلار .

    ياشلىقىڭدىن باشلاپ ئىززەت - ئابرويىڭنى ساقلا . ئاتا - ئاناڭغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ ، بالاڭدىنمۇ شۇنى كۆرسىەن ، بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم . ياشلار كۈچىدىن قالغان قېرىغان ئاتا- ئانىلىرىغا رەھىمدىل ، كۆيۈمچان بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، ياشانغانلارنى بېقىش ، ئۇلارنى ئۇلۇغلاش پەزىلەت مەسلىسى .

    ياشلارنىڭ ئۆزى بىر گۈزەل ئۇچار قۇش . شۇڭا ، ياشلار گۈزەللىكىلا مەپتۇن بولۇپ ، ساغلاملىقىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك . چوقۇم ساغلام بولغاندىلا ھەقىقىي گۈزەللىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    ياشلار ئۈچۈن گۈزەل بولۇشتىنمۇ بىلىملىك بولۇش ئەۋزەل . ھۆسىن - جاماللا گۈزەل بولماي ، بلەكى قەلبى ھەقىقىي گۈزەل بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، تاشقى گۈزەللىكتىن باشقىلارغا ياردەم قىلىش ، خەير- ساخاۋەتلىك بولۇش ئەۋزەل .

    مەنبە : بىڭتۈەن گېزىتى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق