FedEx نىڭ راۋان يولى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-06 20:58:25

شۇڭا بۇ شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمىغا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا بىمالال پىكىر بېرەلەيدۇ.

    \
    FedEx نىڭ راۋان يولى
    ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن
    ئامېرىكىدىكى تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بولغان FedEx شىركىتى باشقۇرۇش قاتلىمى بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ زىچ ئالاقىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇنداق ئۈچ تۈزۈم ئورناتقان: 1.ئەركىن ئالاقىلىشىش سىياسىتى؛ 2.ئادىل مۇئامىلىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ 3.ھەرىكەت پىلانىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىنكاس قىلىش.
    شۇڭا بۇ شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمىغا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا بىمالال پىكىر بېرەلەيدۇ. باشقۇرغۇچىلار خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمىسا ياكى باشقۇرغۇچى بىلەن خىزمەتچى ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلسە، دەرىجە ئاتلاپ ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ. شىركەت يىلدا بىر قېتىم خىزمەتچىلەردىن شىركەت ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە پىكىر ئالىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېروكتورلارغا باھا بېرىدۇ. ئەگەر خىزمەتچىلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلارغا پىكىرى بولسا، ئىككى تەرەپ ياكى پىكىردەك بىرلىككە كەلگۈچە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرى كۆپ باشقۇرغۇچى ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ.
    بۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قويۇش خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپىنى ۋاقتىدا باشقۇرۇش قاتلىمىغا يەتكۈزۈشى، يۇقىرى-تۆۋەننىڭ ئالاقە راۋانلىقى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى زورايتىشقا پايدىلىق بولغاچقا، خىزمەتچىلەرگە «شىركەت ئادىل سەھنە» دەيدىغان تۇيغۇ بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان. دېمەك، كارخانا يۇقىرى-تۆۋەننى باغلاپ تۇرىدىغان سەھنە بەرپا قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ھېسىياسىتىنى چۈشىنىپ ھەم ئۇلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلسا، ياخشى خىزمەت مۇھىتى يارىتالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سۆھبەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، باشقۇرغۇچىلار بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    مەنبە: « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     \
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر FedEx