ئەرلەرنىڭ كۈچى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-10 16:23:53

ئەرلەرنىڭ كۈچى- بىلىكىنىڭ قانچىلىك توم بۇلۇشىدا ئەمەس، بەلكى كۆڭلى-كۆكسىنىڭ قانچىلىك كەڭ بولۇشىدا؛ تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك خوشال-خورام، باياشاد ئۆتكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن قانچىلىك ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتكەنلىكىدە؛

     
    ئەرلەرنىڭ كۈچى

    ئەرلەرنىڭ كۈچى-
    بىلىكىنىڭ قانچىلىك توم بۇلۇشىدا ئەمەس، بەلكى كۆڭلى-كۆكسىنىڭ قانچىلىك كەڭ بولۇشىدا؛
    تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك خوشال-خورام، باياشاد ئۆتكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن قانچىلىك ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتكەنلىكىدە؛
    ئاۋازىنىڭ قانچىلىك توم ۋە جاراڭلىقلىقىدا ئەمەس، بەلكى گەپ-سۆزدە مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك بولۇشىدا؛
    ھوقۇقىنىڭ قانچىلىك چوڭ بۇلۇشىدا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى قانچىلىك ھىمايە قىلىشىدا؛
    قوپاللىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ باشقىلارغا كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدا؛
    قانچىلىك كۈچلۈك بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەرلەر كۈچ تۇرمۇش