دېققىتىڭنى بىر يەرگە يىغ

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-06 09:09:30

دېققىتىڭنى بىر يەرگە يىغھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا دىققىڭىتنى بىر يەرگە يىغ. ــــ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن دىققىتىنى بىر نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش ــ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ خاسىيەتلىك ئاچقۇچى. دۇن...



     دېققىتىڭنى بىر يەرگە يىغ 
    ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا دىققىڭىتنى بىر يەرگە يىغ.  ــــ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن
      دىققىتىنى بىر نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش ــ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ خاسىيەتلىك ئاچقۇچى. دۇنيادىكى نۇرغۇن كاتتا كەشپىياتلارنىڭ سىرلىق ئىشىكىنى ئاچقان ئۇلۇغ تالانت ئىگىلىرى مانا بۇ خاسىيەتلىك ئاچقۇچنىڭ كۈچى بىلەن كامالەتكە يەتكەن.
      ئاقىللار بىرەر ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىچە پۈتۈن دىققىتىنى شۇ ئىشقا مۇجەسسەملىيەلەيدۇ. لوۋى ئەنە ئاشۇنداق ئاقىللاردىن.
       لوۋى ئامېرىكىلىق داڭلىق دوختۇر ۋە مارفاكولوگ بولۇپ، 1936 ـ يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.
       لوۋى 1873 ـ يىلى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىك چېغىدىن باشلاپلا سەنئەتكە ھېرىسمەنىدى، ھەمدە رەسساملىق ۋە مۇزىكىدىمۇ بەلگىلىك ئاساسى بار ئىدى. بىراق، يەھۇدىيلارنىڭ خىلمۇ ئاتا ـ ئانىسى ئۇنى ئېدېئولوگىيىگە ياتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەنمەي، بىرەر ئىلمىي پەن ـ تېخنىكىنى ئۆگىنىشكىلا زورلايتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە ئىېمىيە ئۆگەنگەن ئادەم دۇنيانىڭ  نەرىگىلا بارمىسۇن خاتىرجەم ياشىيالايتتى.
      لوۋى ئالىي مەكتەپكە كىرىدىغان چاغدا، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ گېپى بىلەن ئۆزىنىڭ قىزىقىشلىرىدىن ۋاز كېچىپ، شتراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا ئىنىستېتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى.
      ئۇنىۋېرسىتېتتا لوۋى ئىنتايىن تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ ھەرقانداق نەرسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشتىن ھەرگىز باش تارتمايتتى. يەنە كلېىپ بىرەر ئىشقا زېھنىنى بەرگەن ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانماي قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
       بۇ خىل ئۆگىنىش روھىنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان لوۋى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز كەسپى ـ مېدىتسىنا پەملىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى. لوۋىنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ ئۇنىڭ مېدىتسىنا ئىنىستېتۇدىدا ئوقۇۋاتقان چاغدىكى بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتۈك بىلىمى ۋە تەتقىقاتتىكى ئىجتىھاتچانلىقى سەۋەپ بولغانىدى. لوۋى بۇ پېروفېرسورنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھايىتى تېزلا ئالغا بېسىپ، مېدىتسىنا كەسپىدىمۇ ئۆز ئىستېداتىنى تولۇق نامايان قىلالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.
       لوۋى ئالىي مكەتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مارفاكولوگىيە ئىلمىدە خېلى زور نەتىجىلەرنى قازاندى. ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكى ئۈچن، 1921 ـ يىلى ئاۋستىرىيە گراز ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى مارفاكولوگىيە ئىلمىي بويىچە مەخسۇس ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن لوۋى نېرۋوگرافىيە ئىلمىنى تەتقىق قىلدى ۋە پاقىنىڭ ئاداشما نېرۋىسى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، نېرۋا ئامىللىرى سىنتېزلىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا پەيدا قىلغان غىدىقلاش سىزىمىنىڭ، بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن يەنە بىر نېۋرا ھۈجەيرىسىگە ئۆتۈدىغانلىقىنى ، بۇ خىل غىدىقلاش سېزىمىنىڭ يەنە نېرۋا ئېلېمېنتلىرى ئارقىلىق جانلىقنىڭ ئىنكاس ئەزالىرىغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى دۇنيادا بىرنچى بولۇپ ئىسپاتلىدى. لوۋى بۇ خىل خېمىيىلىك ماددىنى ئېفىر خولىن دەپ ئاتىدى. 1929 ـ يىلى ئۇ يەنە بۇر خىل ماددىنى ھايۋانات توقۇلمىلىرىدىن ئايرىپ ئالالىدى. قىسقىسى، لوۋىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۆجىزە خاراكتېرلىك ھالقىش بولغاچقا، مارفاكولوگىيە ۋە مېدىتسىنا ئىلمى تەرەققىياتىغا ئاجايىپ كاتتا تۆھپە قوشتى. شۇڭا ئۇ، 1936 ـ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
       لوۋى گەرچە ئاتاقلىق پروفېسسور ۋە مېدىتسىنا ئالىمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىي بولغىنى ئۈچۈن، گېرمانىيىدە باشقا يەھۇدىيلارغا ئوخشاشلا ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ناتسىستلار ئۇنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى ۋە ئۇنىڭ گرمانىيە گېراژدانىلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىدى. كېيىن ئۇ ناتسىستلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتتى. ھەمدە نيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنىستېتوتىنىڭ تەكلىپى بىلەن دىئابىت تەتقىقات تۈرىگە كىرىشكەن ھامان ئۇنىڭغا پۈتۈن زېھنىنى بېرەلەيدىغان لوۋى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۇقىرىقى تەتقىات تۈرىدىمۇ ئۆزگىچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بولۇپمۇ ئۇ ياراتقان ئاشقازان ئاستى بېزى كېسىللىكلىرىنى كۆزىتىدىغان «لوۋى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى»، ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەتچىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
       يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ: مەيلى تائەت ـ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللان، ياكى ئىش ئوقەت قىل، ھەممىدە پۈتۈن دىققىتىڭنى بىر يەرگە يىغ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يەھۇدىي لوۋى _