شاھتىن تۆرەلگەن يارامسىز ئوغۇل

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-19 13:57:00

شاھتىن تۆرەلگەن يارامسىز ئوغۇل بىر ئەقىللىق پادىشاھ ناھايىتى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانىكەن .نۇرغۇن تىۋىپلارمۇ داۋا قىلالماپتۇ . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ شەھەرگە بىر تىۋىپ كېلىپ شاھنى ...

    شاھتىن تۆرەلگەن يارامسىز ئوغۇل

        بىر ئەقىللىق پادىشاھ  ناھايىتى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار  بولغانىكەن .نۇرغۇن تىۋىپلارمۇ داۋا قىلالماپتۇ . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ شەھەرگە بىر تىۋىپ كېلىپ شاھنى دورىسىز داۋالاپ ساقايتىپتۇ .بىر كۈنى شاھ ھېلىقى تېۋىپنى يەنە چاقىرتىپ:   
         -- نۇرغۇن تىۋىپلار تاپالمىغان دەرتلىرىمدىن مېنى سەن قۇتۇلدۇردۇڭ ، ئەمما مېنىڭ قەلبىمدە يەنە بىر دەرت باركى ،ئۇنىڭ دەستىدىن كېچىلىرى ئۇخلىيالمايمەن ،ئوغلۇمنىڭ قىلمىشلىرىدىن يۈرىكىمدىكى داغ ھىچ يوقىمىدى .ناھايەتكى، ماڭا ئوخشاش بىر پادىشاھنىڭ پۇشتىدىن يارىماس ۋە يۈزسىز پەرزەنتنىڭ  تۇغۇلغىنى نېمىسى ؟ 
      -- ئوغۇللىرى پادىشالىق تەختىنى ئىگەللىمەك ئۈچۈن سىلىنى  ئۆلتۈرمەكچى بولدى .سىلى ئۇنى زىندانغا تاشلىدىلا ، ھەقىقىتىنى  ئېيتقاندا، بۇ چوڭ مۇسىبەتنى سەۋەپچىسى ئۆزلىرى.
      -- بۇنداق سۆزنى قىلىشقا قانداڭ جۈرئەت قىلدىڭ ؟ قايسى ئاتا ئوغلىنى يىرگىنىشلىك يولغا باشلايدۇ؟--دەپ كايىپتۇ پادىشاھ .

      --- مەسىلىنىڭ باشقا تەرىپىنى نەزەردە تۇتىۋاتىمەن  شاھىم .گەپنى يىراقتىن باشلايلى ،شۇ چاغدا ھەممنى ئاسان چۈشىنىلا . مەلۇمكى ، كۆكتاتلاردىن ، ھەر تۈرلۈك زىرائەتلەردىن ۋە مىۋىلىك دەرەخلەردىن ياخشى مول –ھوسۇل ئېلىش ئۇرۇقلارنىڭ سۈپىتىگە باغلىق. خۇددى شۇنىڭغا  ئوخشاش ئىنسانلارنىڭمۇ نەسلىنىڭ ياخشى يامان بولىشى  كۆپ جەھەتتە پەرزەنت يۈزى كۆرىۋاتقان كىشىنىڭ  شەھۋەت چىقىرىۋاتقان چاغدىكى روھىي ھالىتىگىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ . ئادەم بىرەر دەرتكە(كېسەل) دۇچار بولغاندا، بۇ ئەھۋال قان ۋە سۈيدۈكتە مەلۇم بولغاندەك، ئادەمنىڭ مىجەزى، مەنىۋى ۋە ماددى ھالىتى شەھۋەتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدۇ . شەھۋەتنىڭ سۈپىتى كەيپىيات ۋە شارائىتقا قاراپ  بىر بىرىگە ئوخشاشمىغان  خۇسۇسيەت بىلەن شەكىللىنىدۇ . شۇڭا بىر ئاتا –ئانىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل ئىدراكى،بوي تۇرقى ۋە مىجەزى جەھەتتە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىغىنى ئۆزلىرى پۇخرالاردىنمۇ كوپرەك  بىلىلا .بىر ۋاقىتتا ۋە بىر خىلدىكى شەھۋەتتىن تۇغۇلغان قوشكېزەك بالىلارلا كۆپ ھاللاردا بىر-بىرىگە بەكرەك ئوخشاش بولىدۇ.
    ---: پاكىتلىرىڭغۇ قايىل قىلارلىق ،بىراق بۇنىڭ ماڭا ۋە ھازىر ساڭا ئېيتقان دەرت –ھەسرىتىمگە نىمە ئالاقىسى بار ؟
     --شاھىم بۇنىڭ چوڭ ئالاقىسى بار . ئېيتقىنىمدەك، ئەر –خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ، غەزەپ –نەپرەت،يۈرەكسىزلىك ، قالاقلىق ، بىلىمسىزلىك نەسىلنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئوغۇللىرىنىڭ قوساققا قارار تاپقان ۋاختىنى ئەسلەپ كۆرسىلە ،شۇ چاغدا سىلى تاغىلىرى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، تەخت ئگەلىدىلا، بۇ قاتىللىق كەيپىيات  خوتۇنلىرى بىلەن بىللە ياتقان پەيتتىكى شەھۋەت ئارقىلىق بولغۇسى پەرزەنتلىرىگە ئۆتكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇللىرىمۇ سىلىگە ئوخشاش قاتىللىق يولى بىلەن تەختنى ئىگەللىمەكچى بولغان .
      ---:  تىۋىپ بۇ قاملاشمىغان گەپ ! مېنى كولدۇرلىتىپ ،مەسخىرە قىلىۋاتقان ئوخشايسەن ؟
     ---ياق .ئالىلىرى ،-- دەپ يەنە مىسال كەلتۈرۈپتۇ تىۋىپ ،---بىر قىمارۋاز چايخانىدا ئۈلپەتلىرى بىلەن چاخچاقلىشىپ ئولتۇرغاندا، قوشنىسى ئالاقزادە بولغان ھالدا يۈگرەپ كېلىپ ،ئۆيىڭىزگە تېزرەك بېرىڭ، ئوغلىڭىز ئككى كىشىگە پىچاق تىقىۋەتتى ، دەپ خەۋەر قىپتۇ . قىمارۋاز پەرۋا قىلمىغان ھالدا : --ئوغلۇمنىڭ بۇنداق قىلىشى تەبىئى، چۈنكى مەن ئۆزۈم ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئۆيۈمگە كەلگەن كۈنۈم خوتۇنۇم ئوغلۇمغا ھامىلدار بولغانىدى ....شۇ چاغدىكى مېنىڭدىكى قاتىللىق ھىسيات شەھۋەت ئارقىلىق بالىمىزغا ئۆتكەن ،-- دەپتۇ .
    --تىۋىپ بىر ئىككى مىسال ئارقىلىق  ھۆكۈم –خۇلاسە  چىقىرىش ئانچە توغرا ئەمەس ،-- دەپتۇ پادىشاھ .
    --مېنىڭ ئالدىمغا يېقىندا بىر ئادەم ئوغلىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ بالا  ئورۇق تارتىنچاق ۋە كۆرۈمسىز ئىدى. ئۇ كىشىدىن  بالىنىڭ قانداق شارائىتتا تۇغۇلغانلىغىنى سورىدىم . مەلۇم بولىشىچە ،ئانىسى بۇ بالىغا ھامىلدار مەزگىلدە زامان تولىمۇ تېنچىسىز ۋە مالىمان ئىكەن .شەھەر بەزىدە بۇ خاننىڭ بەزىدە ئۇ خاننىڭ قولىغا ئۆتۈپ ، ئەر خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ يوقسۇزلىقتا ياشىغان . بۇ ئەھۋاللار نەسلىگە سەلبى تەسىر كۆرسەتكەن . بۇ ئادەمنىڭ بەش پەرزەنتى بولۇپ بىر بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇرسەنجان ئىسىملىك ئوغلى ناھايىتى قابىلىيەتلىك ،ئەدەپلىك ئىكەن . بۇ ئادەمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئوغلى زامان تىنچىغاندا تۇغۇلغان ئىكەن . ئۇ كىشىنىڭ بىر ئامىتى كېلىپ خوتۇنى بىلەن ساياھەتكە چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بوپتۇ. ئۇلار ئاجايىپ گۈزەل جايلارنى  كۆرۈپتۇ، توي –تاماشىلاردا بوپتۇ. ھوزۇر –ھالاۋەت ئېغىر كۈنلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ . ئە ر-خوتۇننىڭ بىر –بىرىگە مېھرى –مۇھەببىتى كۈچىيىپتۇ . مانا شۇنداق ياخشى كەيپىيات ئىچىدە خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ ھېلىقى ئەقىللىق ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ . بۇ ئوغۇل خۇرسەنچىلىك  ئىچىدە تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن  ئۇنىڭغا خۇرسەنجان دەپ ئىسىم قويغانكەن .
    ---ھەي تىۋىپ ،--دەپ ئېتىزار  بىلدۈرۈپتۇ پادىشاھ ،--بىر قېتىملىق ساياھەتتە ياخشى پەرزەنت  دۇنياغا كەلدى .بىز نۇرغۇن ساياھەتلەردە بولدۇق .لېكىن بىزنىڭ پەرزەنتىمىز خۇرسەنجانغا ئوخشىمايدىغۇ؟
    --ئى شاھىم ،نازۇك بىر مەسىلىگە دىققەت –ئېتىبارلىرىنى بۇرىشىمغا ئىجازەت قىلغايلا .گەپ شۇنىڭدىكى ، خۇرسەنجاندەك خوش پېئىل  ياخشى ئوغۇل بىر-بىرىنى ھەقىقى مېھرى بىلەن سۆيىدىغان ئەر –خوتۇندىن دۇنياغا كېلىدۇ . سىلىنىڭ ئوغۇللىرى ھامىلە بولغاندا سىلەردە شۇنداق سەمىمىي مۇھەببەت ۋە كۆيۈمچانلىق بولمىغاندەك قىلىدۇ.
    --بۇنداق دىيىشكە  قانداق تىلىڭ باردى ؟ بىر –بىرىمىزنى سۆيىمىز ،--دەپ ئېتىزار بىلدۈرۈپتۇ شاھ.
    --شاھىم بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە ،توغرا دەسلەپ شۇنداق بولغانتى، كېيىن ئەھۋال ئۆزگەرگەن، سىلى ھەرەملىرىدىكى گۈزەل كېنىزەكلەر بىلەن مەئىشەت قىلغان تورۇقلىىق قانداق قىلىپ خوتۇنىمنى سۆيىمەن دىيەلەيدىلا ؟ خۇتۇنلىرىنىڭمۇ سىلىنى سۆيمەيدىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل ، بولمىسا  خوتۇنلىرىدىن سوراپ باققايلا .
      شاھ خوتۇنىدىن سەمىمى جاۋاپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ سوراپتۇ :  --مېنى سۆيەمسەن ؟ يوشۇرماي راستى بىلەن جاۋاپ بەرگىن .
    - بولىدۇ  دەسلەپتە سىلىگە بولغان مۇھەببەت ئوتۇمدىن ئۆزۈممۇ  قورقاتتىم ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي مۇھەببىتىمنى ھەرەمدىكىلەرگە ئاياق ئاستى قىلىپ بەردىلە،سىلىگە بولغان مۇھەببىتىم ئەمەس ،نەپرىتىم ئۈچۈن سىلى مېنى دارغا ئېسىشقا ھەقلىق .
      بۇ ساۋاقتىن  پادىشاھ شۇنچە قايىل بولۇپ : --مەن مۇشۇ كەمگىچە كوپلىگەن ھايات سىرلىرىدىن خەۋەرسىز بولغىنىمدەك ،خوتۇنۇمنىڭ نەپرىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن ،ئەپسۇس،--دەپتۇ
    --بۇ بىز چۈشەنگەن ۋە چۈشىنىپ بولالمىغان پانىي دۇنيا ،شاھىم . سەۋر تاقەتلىك، قانائەتچان ئاياللار ئاز ئەمەس. ئۇلار ئائىلىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئەرلىرىنىڭ ناتوغرا ھەركەتلىرىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالىدۇ، كۆڭلىدىكى نارازىلىقلىرىنى مەخپىي تۇتىدۇ. ئۇلارغا سادىق بولۇش ، ئىززەت ھۆرمەت بىلدۈرۈش ، كۆڭۈللىرىنى ئېلىش ۋە ئارزۇ –تىلەكلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھەر بىر ئەر كىشىنىڭ بۇرچىدۇر...  شۇ چاغدا ئاندىن خوتۇن كىشىدە ئەرگە بولغان مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت جۇش ئۇرىدۇ .بۇنداق پەيتتە تۇغۇلغان بالىنىڭ تەبىئىتىدە ئاتا –ئانىغا بولغان مېھرىبانلىقمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئاتا –ئانىنى قەدىرلەيدىغان بولىدۇ.

      شاھتىن تۆرەلگەن يارامسىز ئوغۇل

        تۇغما خۇسۇسيەتلەر مەيلى ئىجابى بولۇشتىن ،مەيلى سەلبى بولۇشتىن قەتئينەزەر ،ھەرقانداق شارائىتكە دۇچ كەلسىمۇ ،كوپ ھاللاردا ئەسلى ماھىيىتىدىن ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنداقمۇ كىشىلەر بولغانكى ،ياشلىقىدا قۇل ياكى كەمبەغەل بولۇپ ،كېيىنكى چاغلاردا ،چوڭ ئەمەلدار ياكى دۆلەتمەن بولۇپ داڭ چىقارغان . شارائىتنىڭ يوقلۇغىدىن ساۋاتسىز قالغان ئاددىي كىشىلەر ئارىسىدىمۇ  داڭلىق شەخسلەر چىققان .
        بەزىلەر زىيالى ،ياكى يۇقىرى تەبىقىدىن كېلىپ چىققان  تۇرۇپمۇ  ئۆزىنىڭ قابىليەتسىزلىگى تۈپەيلى  ھىچقانداق ئىشنى  باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ . ئۆز تەبىئىتىگە نىسبەتەن  ئىرادىسى بىرقەدەر كۈچلۈك قىسمەن كىشىلەرلا  تۇغما نۇخسانلىرنى زورىغا سىر تۇتىشى مۈمكىن .بىراق ۋاختى كەلگەندە  ئۇنىڭ بۇ نۇخسانلىرى ئىختىيارسىز ھالدا پارتلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۈستىدىن :«بۇنچىلىك ناچار ،يامان ئادەم ئىكەنلىگىنى  بىلمەي يۈرگەن كەنمىز » دىيىشىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما نۇخسانلىرى  ھەسەتخورلۇق ،جاھىللىق،،كۆرەڭلىك،ئاچ كۆزلۈك ، زىناخورلۇق،  ھاكاۋۇرلۇق ،مەنسەپپەرەسلىك ،شەپقەتسىزلىك ،، خوشامەتچىلىك...ۋە باشقا سەلبى ئامىللار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .
         بۇ خىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا ئادەمدە  بولىشى ناتايىن ، بولغان تەغدىردىمۇ  بىر ئىككى خىل ئالامەت مەلۇم  بولۇپ قالىدۇ . ياخشى خىسلەتلەردىن پاراسەتلىك،جاسارەتلىك،سېخىيلىق،مېھرىبانلىق،ئىنسابلىق ،تەدبىرلىك،مېھماندوستلۇق، ھۇشيارلىق، خۇش مۇئامىلىلىك قاتارلىق پەزىلەتلەرمۇ  ھالقىلىق پەيتلەردە ئىپادىلىنىدۇ ۋە سىنىلىدۇ .پەرزەنتلەردە بۇنداق ئىجابىي خىسلەتلەرنىڭ شەككىللىنىشى ،راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۆرۈش ،پۇراش ،ئاڭلاش ،تەبىئى ۋە مەنىۋى ئوزۇقلىنىش ۋە زوقلىنىشنى بىلىش قاتارلىقلارنىڭ رولىنىڭ چوڭلۇغىنى ئەلۋەتتە بىلىمىز شاھىم ،--دەپ سۆزىنى خۇلاسىلاپتۇ تىۋىپ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:29:13]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق