ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-30 11:57:00

بالام قورامىڭغا يەتتىڭ ،تۇرمۇش .ئىشىنى سوغاققانلىق بىلەن ئويلىشىڭغا توغرا كېلىدۇ.مۇھەببەت دىگەننى ئۈگەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ،نىكاھتىن بۇرۇن كۈزۈڭنى ئوبدان ئېچىپ قارىمىساڭ ،تويدىن كېي...

          بالام قورامىڭغا يەتتىڭ ،تۇرمۇش .ئىشىنى  سوغاققانلىق بىلەن ئويلىشىڭغا توغرا كېلىدۇ.مۇھەببەت دىگەننى ئۈگەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ،نىكاھتىن بۇرۇن كۈزۈڭنى ئوبدان ئېچىپ قارىمىساڭ ،تويدىن كېيىن كوزۈڭنى ئېچىشقىمۇ پېتىنالمايسەن .سەمىڭگەسېلىپ قويايكى ،بىر قىزغا ئۇنىڭ قەددى- قامىتىنىڭ كېلىشكەنلىكىگە قاراپلا ئۆيلىنىش ،خۇددى بازاردىن زۆرۈريەتسىز بولسىمۇ ،كۆزىگە ياخشى كۆرۈنگەنلىگى ئۈچۈنلا سېتىۋالغان نەرسىگە ئوخشايدۇ .  

          بالام، ئەمدى سەن بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولدۇڭ .بالىلىق ساياقلىغىڭ تۈگىدى .ئەمدى سەن ئەرلىك خىسلىتىڭنى جارى قىلدۇرۇپ ،بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە بەل باغلىشىڭ كېرەك .ئايالىڭغا ھەقىقى كۆيۈن ،يوق ئىشلارنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئازار بەرمە .ئايالىڭنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىل ،ئۆزۈڭنى ھەم ئايا ،ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىل . ئەر دىگەن خوتۇن نىمە دىسە ھە دەۋېرىدىغان يۇمشاقباش بولۇپ قالسا بولمايدۇ .توغرا بولسا قوبۇل قىل ،ئەگەر مۇناسىپ بولمىغان گەپ- سۆزلەر بولسا دەرھال نەسىھەت قىل . ئر -خوتۇنچىلىقتا  ئزئارا بىر -بىرىگە ئىگە بولمىسا بولمايدۇ ،مۇھىم ئىشلاردا قاتتىق تەلەپ قوي ،ئادەتتىكى ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي ،كۆرمەسكە سال ؛ئۆي ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالما ، كىيىم -كېچەك ۋە پۇلدىن قىسما .ئايالىڭغا ھەرقانچە ئىشەنسەڭمۇ ، ئۆيدە ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز تاشلاپ قويما ،يالغۇز سەپەرگە چىقارما ،ئۆزۈڭ بىرگە بولمىغان ئولتۇرۇش -قوپۇشقا بارغۇزما .ئائىلەڭدە ئىختىسادىي ئورتاقلىق       بولسۇن ،ئىختىسادىي بىرلىك بولمىغان ئائىلە ئىشەنچىلىك ئائىلە ئەمەس ، سەن ھەرقانچە چوڭقۇر ئىشەنچ ھاسىل قىلغان بولساڭمۇ  دىيىشكە بولمايدىغان سىرلىرىڭنى ئايالىڭغا ئېيىتمىغىن ، بۇ قەدىمكىلەردىن قالغان تەجرىبە -ساۋاق.

            بالام كونىلاردا «كوچا سۆيگۈسى ئۆينى بەربات قىلار ،ئۆيۈڭنى خوتۇن مېھرى ئاۋات قىلار »دىگەن گەپ بار ،ھەرگىز كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىگىن .« كۆڭۈلنىڭ  كەينىگە كىرمەڭ ، كۆڭۈل ھەريانغا باشلايدۇ ،سەمەرقەنت ئالمىسىدەك ،ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ .» خوتۇنىڭغا قانداق تەلەپ قويساڭ  ئۆزۈڭگىمۇ شۇنداق تەلەپ قويغىن ،ھەرگىز ۋىجدانىڭنى قولدىن بېرىپ قويمىغايسەن .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 20:57:57]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.