بىر قېتىملىق دەرس

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-11 16:33:12

باشقىلارغا قويۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردە كەمتۈك بولغانلىقىدىن قاقشايدىغانلارنى، ھەتتا ئانىسىغا ساتقان بىر كىلوگرام گۆشنىڭ پۇلىنى ئالالماي، ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرنى كۆرگەنمەن. تېخى ماڭا 20 يىل ئىلگىرى ئۈچ بوتۇلكا

     
    بىر قېتىملىق دەرس
     
    ئەسئەت نېجىمىدىن
     
    باشقىلارغا قويۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردە كەمتۈك بولغانلىقىدىن قاقشايدىغانلارنى، ھەتتا ئانىسىغا ساتقان بىر كىلوگرام گۆشنىڭ پۇلىنى ئالالماي، ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرنى كۆرگەنمەن. تېخى ماڭا 20 يىل ئىلگىرى ئۈچ بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، تۆتىنچى بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىپ بولالماي رىقابەتچىسىگە يېڭىلىپ، يۈزى چۈشكىنىنى سۆزلەپ، كۆزىگە ياش ئالغانلارمۇ؛ بۇنىڭدىن شۇنچە يىللار ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇپ، ۋاقىتنى زايە قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە سۆزلەپ بەرگەنلەرمۇ ئۇچرىغان. ئەمما مەن شۇنداق چاغدا ئەپسۇسلىنىشلارنىڭ ھەممىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئويلاش بىلەن ئۆزەمگە تەسەللىي تاپقانىدىم.
    ياز كۈنلىرى بولۇپمۇ ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاۋغۇسىتنىڭ باشلىرىغىچە كەچكى ھاۋا بەكلا دىمىق بولغاچقا، قوشنىلار كەچلىرى قورۇدا ھەمسۆھبەتتە بولۇشقا ئادەتلىنىپ قالغانىدۇق، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە كۆڭۈلسىز كەچمىشلىرى سۆھبىتىمىزنىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالدى، بەزىلەر ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلىرىنى خىزمىتىنى قانداق ياخشى قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلىسە، بەزىلەر ئارىلاپ سورۇنداق يوق كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى مىسال قىلىپ: «پالانى ئاتا-ئانىسىنى گۈلدەك بېقىپ ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ»، «پالانى ئەبلەخ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىرمىگىلى ئۈچ يىل بوپتۇ...» دەپ ئۈلگۈرۈشتى.
    سۆھبەت قىزىۋاتقان چاغدا، ھەر قاچان سورىنىمىزنى چاقچاق بىلەن ئەۋجىگە چىقىرىدىغان مىجەزى ئوڭلۇق بىر قوشنىمىز مىچىلداشقا باشلىدى، ئۇنىڭ يۈرىكىدىن چىقىۋاتقان ئۆكسۈشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزەتتى...بىز بۇ قورۇغا كۆچۈپ كىرىپ ئىككىنچى يىلى قىشتا، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشقان ئىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن سۆھبىتىمىز ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھايات چېغىدا يوقسۇزلۇق تۈپەيلى تارتقان ئازابلىرى تېمىسىغا يۆتكەلگەندە، ئۇ يا سورۇندىن كېتەتتى، يا پات-پات كۆزلىرىدىن سىرغىغان ياشلىرىنى بىزدىن يوشۇرۇن سۈرتەتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىدىغان تەسەللى مەزمونى بىزگە مەۋھۇم ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭدىن يىغلىماسلىقنىلا ئۆتۈندۇق، ئەمما ئۇ قولى بىلەن ئىشارە قىلىپ، بىزدىن تەسەللىي بەرمەسلەكنى ئۆتۈندى. بىر چاغدا ئۇ يىغىدىن توختاپ، ئېسەدەپ تۇرۇپ ئاھ ئۇردى ۋە بىزگە قاراپ:
    -ئىچىم بىر ئاز بوشىدى. بەزى چاغلاردا كۈلكىلا ئەمەس، يىغىمۇ راھەتكەن ئاغىنىلەر. ئانام ھەققىدىكى بەزى ئەسلىمىلەرنى ئويلىسام، پىنھان جايلاردا قانغۇچە يىغلىۋېلىش مەن ئۈچۈن ئادەت. ئۆز ئانىلىرىنىڭ خىزمىتىنى يەتكۈچە قىلىپ، بارلىق تەلەپ-ئارمانلىرىنى ئورۇنلاپ، ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىپ قويغانلار ئەسلىمىلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن كۈلەمدىغاندۇ؟ مەن سىلەرگە مېنى ئازابلايدىغان ئانامغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلاردىن پەقەت بىرنىلا سۆزلەپ بېرەي: بىز بەش بالا، مەن بالىلارنىڭ چوڭى. ئاتام مەن 12 ياشقا كىرگەن يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئانام مېنى مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە بېقىپ قاتارغا قوشتى. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئەتىرەتتىن بەرگەن ئاشلىقىمىز زادى يەتمەيتتى،ئانامنىڭ ئورما مەزگىلىدە بۇغداي باغلىرىنى توشۇپ بولۇنغان ئېتىزلىقتا باشاق تېرىش ئۈچۈن تاڭنىڭ يورۇشلىرىنى كۈتۈشلىرىگە بىر، ئىككى قېتىم ھەمرا بولغانمەن. ئەمدى ئويلىسام ئانام شۇ مەزگىلدە بىرلا خىل رەڭلىك كۆينەك كىيەتتىكەن، شۇڭا ھەرقانداق ئاممىۋىي سورۇندا ئانامنىڭ ئاشۇ كۆك رەڭلىك كۆڭلىكى بىلەن ئۇنى يىراقتىنلا تونىۋالاتتىم. كېيىن بىلدىمكى، ئانامنىڭ پقەت ئاشۇ بىرلا كۆڭلىكى بار ئىكەنتۇق...
    مەن ئەمگەك قىلىش يېشىغا يەتكەندە مەكتەپتىن توختاپ ئانامغا ياردەمدە بولۇش تەلىپىنى قويۇۋېدىم، ئانام قەتئىي رەت قىلىپ: «سەن ئوقۇشۇڭ كېرەك، ئوقىغاندىمۇ ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك، بۇ ئاتاڭ ھەم مېنىڭ ئارزۇيۇم، مەن ھەرقانداق جاپاغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار» دېگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن تىرىشىپ ئوقۇپ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملاپ، ھەر ھالدا ئانام ئارزۇ قىلغان ئادەم بولۇپ چىقتىم. مەن خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ئانام ئازراق ئارام ئالغان بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنى مەڭگۈلۈك ئارام ئالغۇزماقچى بولغاندەك ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كەتتى. مەن بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ئانامنىڭ بىزنى بېقىش جەريانىدىكى جاپالىرىنى تېخىمۇ بەك چۈشەندىم. ئانام رەھمىتى مېنىڭ قۇچىقىمدا جان ئۈزدى، مەن بەك ئېچىنىپ، ئۇنىڭ يۈزىنى يۈزۈمگە ياقتىم، شۇ چاغدا يۈزۈمگە بىر نەرسە سانجىلغاندەك بولدى، قارىسام ئانامنىڭ قۇلىقىنىڭ ئاستى تەرىپىگە تېشىلگەن تۆشۈككە ئۆتكۈزۈلگەن چاي شامىسى ئىكەن. ئەمدى ئويلىسام رەھمەتلىك ئانام بىر ئۆمۈر قۇلىقىغا زىننەت بۇيۇمى ئېسىپ باقماپتۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردىغۇ مەيلى، ئەھۋالىمىز خېلى ياخشىلىنىپ قالغاندىمۇ نېمە ئۈچۈن ئالتۇندىن ھېچ بولمىسا كۈمۈشتىن بولسىمۇ بىرەر جۈپ ھالقا ئېلىپ بەرمىگەن بولغىيتتىم؟
    مەرھۇم ئانام باشقا ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا ئېسىلغان ھەرخىل ھالقىلارنى كۆرگەندە قانچىلىك ھەۋەسلەنگەن بولغىيتتى؟ گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىغۇ، ئانام رەھمەتلىك گۆدەك چاغلىرىدا تەشتۈرگەن قۇلاق تۆشىكىنى شاما ؟ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا تەشتۈرمىگەنلىكى ئېنىق. توۋا دەيمەن دوستلىرىم، ئانام رەھمىتى بىر ئۆمۈر قۇلاق تۆشىكىگە ئۆتكۈزۈلگەن ھېلىقى شاما كۆتۈكى مەن ئۈچۈن بىر تۇتىيا، مەن ئۇنى زادى يېنىمدىن ئايرىمايمەن. گەرچە ئۇ يېنىمدا بولغىنى بىلەنمەنىۋىي جەھەتتە يۈرىكىمدىكى ۋىجدانىي ۋە ئەقىل بىگىزى بىلەن تېشىلگەن تۆشۈككە ئۆتكۈزۈكلۈك. شۇڭا مەن ئالدى بىلەن تۇققانلىرىمىز ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلارغا، ئاندىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن، ھازىرغىچە بىر نەچچە تۇققىنىمغا ھالقا ئېلىپ بەردىم، بۇ بەلكىم سىلەرگە كۈلكىلىك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما شۇ كۈلكىلىك ئىشلارلا مېنى روھىيىتىمگە ئاز-تولا ئارام بېرىدۇ... ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا، ئولتۇرغانلاردىن بەزىلىرى يوشۇرۇن، بەزىلىرى ئاشكارا ياش تۆكۈۋاتاتتى. مانا مەن ئاشۇ سورۇندا ئاشكارا ياش تۆككۈچىلەرنىڭ بىرى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىر قېتىملىق «دەرس» نى پات-پات ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا جاپا دەرس