يىرتىلغىنى كالىندارمۇ ، بىزمۇ ؟

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 03:39:27

يىرتىلغىنى كالىندارمۇ ، بىزمۇ ؟ بىر كىشى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا ، تامغا ئېسىقلىق تۇرغان كالىندارنىڭ تۇنۇگۇنكى چېسىلاسىنى يىرتىۋىتىپتۇ._ توختاپ تۇرۇڭ، - دەپتۇ كالىندار، - مېنى نىمىشقا يىرتى...

    يىرتىلغىنى كالىندارمۇ ، بىزمۇ ؟


      بىر كىشى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا ، تامغا  ئېسىقلىق  تۇرغان  كالىندارنىڭ تۇنۇگۇنكى  چېسىلاسىنى  يىرتىۋىتىپتۇ.
    _ توختاپ تۇرۇڭ،  -  دەپتۇ كالىندار، - مېنى  نىمىشقا  يىرتىۋىتىسىز ؟
    _ نىمىشىقا  يىرتىۋەتمەيمەن، سەن تۈنۈگۈن  ئۇتۇپ  كەتتىڭ ئەمەسمۇ، -دەپتۇ   ئۇ  كىشى.
    _ توغرا دىدىڭ ، مەن  تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتىم،  سەن ھەر كۇنى مۇشۇنداق < تۈنۈگۈنكى چىسىلا> لاردىن  تالاي- تالاينى يىرتىۋەتتىڭ، ئەمما سەن شۇ  تۇنۈگۈندە  نىمە قالدۇرۇپ كەتتىڭ ؟
    ھىلىقى كىشى  بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمەي ، بىشىنى تۆۋەن سىلىپ  چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپتۇ.
    ھىكىمەت:
    بىزنىڭ ھاياتىمىز  چەك -چىگىرسى يوق نەرسە ئەمەس، ئۇ  ھامان ئاخىرلىشىدۇ. ئۇزاق ئۆمۇر كۆرەلىسەك  بىرەر  يۇز  ياشقا  كىرەرمىز .
    تۇغۇلۇپلا  ئۆلۈپ  كېتىدىغانلارمۇ  بار ، قاچان   ئۆلىمىز ، قانداق ئۆلىمىز  بۇ  بىزگە  نامەلۇم......... ئەمما ياشاۋاتقان  ھەربىرىمىز ئۈچۈن ھەربىر  مىنۇت  ۋاقىتنى قانداق  ئۆتكۇزگەنلىكىمىز  ھەر  ھالدا ئاز -تولا بولسىمۇ  مەلۇم بولۇشى كىرەك.
    ۋاقىت  ئۆتىۋىرىدۇ ، كالىندارنىڭ  ۋاراقلىرى  يېرتىلىۋىرىدۇ، بىز قىرىۋىرىمىز  ، ئەمما ھاياتتا بىردىنبىر  يىرتىلمايدىغان ، قېرىمايدىغان  نەرسە  ياخشى  مەنىلىك  ئىش ئەمەلدۇر،  ئۆمۈرىمىزنى  مەنىگە  پۈركەيلى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كالىندار