يەر شارى نېمىشقا يۇمىلاق

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-16 18:29:11

بۇنىڭدىكى ھېكمەت شۇكى، پەرۋەردىگار بىز مەيلى قەيەردە بولايلى، مەيلى بىز نەگە بارايلى، بۇلارنىڭ ھالاكەت گىردابى ئەمەسلىكىنى، چىقىش يولىنىڭ، ماڭىدىغان يولنىڭ ھامان چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر.


    يەر شارى نېمىشقا يۇمىلاق
     
    ئۇستاز شاگىرتىدىن سورىدى:
    -يەر شارى نېمىشقا يۇمىلاق؟
    -بەلكىم پەرۋەردىگار يەر شارىنى ياراتقاندا، ئۇنى يۇمىلاق قىلىپ ياراتقان بولسا كېرەك،-دەپ جاۋاب بەردى شاگىرت.
    -پەرۋەردىگار نېمە سەۋەبتىن يەر شارىنى يۇمىلاق قىلىپ ياراتتى؟-دەپ سورىدى ئۇستاز يەنە.
    -ئېھتىمال پەرۋەردىگار شۇنى خالاپ قالغاندۇ.
    -ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ يەر شارىنى يۇمىلاق قىلىپ يارىتىشىدا چوڭقۇر ھېكمەت بار،-دېدى ئۇستاز مەنىلىك قىلىپ،-بۇنىڭدىكى ھېكمەت شۇكى، پەرۋەردىگار بىز مەيلى قەيەردە بولايلى، مەيلى بىز نەگە بارايلى، بۇلارنىڭ ھالاكەت گىردابى ئەمەسلىكىنى، چىقىش يولىنىڭ، ماڭىدىغان يولنىڭ ھامان چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.