گۈزەللىك يارىتىشتىن يارىلىدۇ

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-27 14:32:00

بۇدۇنيادا گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان، گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك! ئۇنداق بولسا گۈزەللىك زادى نەدىن كېلىدۇ ؟ بىر كىشى باشقىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر مومايدىن قانداق...


         بۇدۇنيادا گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان، گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك!

     ئۇنداق بولسا گۈزەللىك زادى نەدىن كېلىدۇ ؟

    بىر كىشى باشقىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر مومايدىن قانداق گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىپ ،ئۆز گۈزەللىكىنى ساقلاپ، ئۆزىنى شۇنداق لاتاپەتلىك كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ.  «مەن رېئاللىقنى لەۋ سۇرۇخ قىلدىم ،ئاۋازىمىنى ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن سىلىقلىدىم، ھېسداشلىقنى قۇلىقىمغا ھالقا قىلدىم ،سەدىقە بىلەن ئىككى قولۇمنى مايلىدىم، دۇرۇسلۇقنى يېپىنچا قىلدىم، قەلبىمنى ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن بېزىدىم، ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان كىشلەر ئۈچۈنمۇ دۇئا تىلاۋەت قىلدىم .» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .

    يوقىرىدن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،گۈزەللىكنى گىرىم بۇيۇمى ئارقىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ .ئۇنى  پەقەت  تىرىشچانلىق ،پاك قەلىب ،كەڭ قورساقلىق، سەمىمىيىلىك، ئېسىل ئەخلاق- پەزىلەت ئارقىلىق يارىتىدۇ، بىر كىشىنىڭ گۈزەللىكى باشقىلارغا مەنسۇپ بولمايدۇ، گۈزەللىك پەقەت گۈزەللىكنى ئاپىرىدە قىلغۇچىلارغا  مەنسۇپ بولىدۇ. شۇڭا سىز گۈزەللىككە ئىنتىلىسڭىز ،ئىككىلەنمەيلا ھالال ئەمگەك  تەرىڭىز ئارقىلىق  گۈزەللىك يارىتىڭ !

     - ياسىنجان توختىنىياز توغراقى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق