بايلارنىڭ پۇلى پەقەت سېنىڭكىدىن ئۈچ مىڭ يۈەنلا كۆپ

يوللىغۇچى : nfisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-11 15:25:44

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان زەردار بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك بوپتۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، خەير-ساخاۋەت بىلەن شوغۇللىنىپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىپتۇ.

     
    بايلارنىڭ پۇلى پەقەت سېنىڭكىدىن ئۈچ مىڭ يۈەنلا كۆپ
     
    سىنگاپورلۇق بىر كاتتا زەردار ساتىراچخانىغا چاچ ياساتقىلى كىرىپتۇ. ساتىراچ ئۇستام ئۇنىڭغا:
    -ئەپەندىم، ئاڭلىسام پۇلىڭىز ناھايىتى كۆپ ئىكەن!-دەپتۇ.
    -شۇنداق، پۇلۇم ھەقىقەتەن بەك كۆپ،-دەپتۇ زەردار تەكەببۇرلۇق بىلەن.
    ساتىراچ ئۇستام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
    -مېنىڭچە بارلىق بايلىقىڭىزنى قوشقاندا، مېنىڭكىدىن پەقەت ئۈچ مىڭ يۈەنلا ئارتۇق.
    -بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مېنىڭ يانچۇقۇمدىكى پۇلنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ بارلىق مال-بىساتىڭدىن كۆپ،-دەپتۇ زەردا ئاچچىقىدا.
    -خاپا بولماڭ، ئاۋۋال گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ. سىزدىن سوراپ باقسام، ھازىرقى ئەڭ قىممەت بولغان تاۋۇت قانچە پۇل؟
    -تۆت مىڭ يۈەن.
    -ئۇنداقتا، ئەڭ ئەرزان تاۋۇتچۇ؟
    -مىڭ يۈەن ئەتراپىدا.
    -شۇڭا، تېنىڭىز كاردىن چىققاندا، ئەڭ قىممەت باھالىق تاۋۇتنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىسىز، مەن نامرات، شۇڭا ئەڭ ئەرزىنىنى سېتىۋالىمەن. شۇڭا، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايلىقىڭىز مېنىڭكىدىن پەقەت ئۈچ مىڭ يۈەنلا ئارتۇق، قالغانلىرى بولسا سىزگە تەۋە بولماي قالىدۇ.
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان زەردار بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك بوپتۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، خەير-ساخاۋەت بىلەن شوغۇللىنىپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىپتۇ. ھالبۇكى ھېلىق ساتىراچ ئۇستام گەرچە نامرات بولسىمۇ، زور تۆھپە قوشۇپتۇ. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئويغىتىش تولىمۇ پەزىلەتلىك قىلمىشتۇر.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بايلار پۇل ساتىراچ