ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-01 18:34:48

بىر قېتىم كۇڭزىنىڭ يەن خۈي ئىسىملىك شاگىرتى بازارغا چىقىپ، بىر رەخت دۇكىنى ئالدىغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ

    ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ
     
    بىر قېتىم كۇڭزىنىڭ يەن خۈي ئىسىملىك شاگىرتى بازارغا چىقىپ، بىر رەخت دۇكىنى ئالدىغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئەسلىدە خېرىدار بىلەن سودىگەر ئۇرۇشۇپ قالغان ئىكەن. يەن خۇي قاراپ تۇرسا، خېرىدار سودىگەرگە دەپتۇ:
     — ئۈچ يەردە سەككىز 23 تۇرسا، نېمىشقا مەندىن 24 تەڭگە ئالىسىز؟
     — خاتالاشتىڭىز، ئۈچ يەردە سەككىز 24 بولىدۇ، – دەپتۇ يەن خۈي ئالدىغا ئۆتۈپ. ئەمما خېرىدار قايىل بولماي:
     — ئەگەر باھا بېرىشكە توغرا كەلسە، دانا، ئاقىل كۇڭزىنى تاپايلى، – دەپتۇ.
     — بولىدۇ، ئەگەر سىز ئۇتتۇرسىڭىز قانداق جاۋاب قىلىسىز؟–دەپتىكەن، خېرىدارمۇ بوش كەلمەي دەپتۇ:
     — كاللام بىلەن جاۋاب قىلىمەن، ناۋادا سىز يېڭىلىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
     — قالپىقىم سىزنىڭ بولسۇن،– دەپتۇ يەن خۈي. خېرىدارمۇ ئارتۇقچە تالاش–تارتىش قىلماپتۇ.
       باشقىلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۇڭزىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. كۇڭزى ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
     — يەن خۈي، سەن يېڭىلىشىپسەن. ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ، قېنى قالپىقىڭنى ئۇنىڭغا بەرگىن، – دەپتۇ. كۇڭزىنىڭ «ئادالەتسىز باھاسى» غا يەن خۈي ئالدىراپ بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئىچىدە زادىلا قايىل بولماپتۇ.
     — مېنى «قېرىپ ئالجىپتۇ» دەپ قالغانسەن–ھە؟ لېكىن «ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ» دېسەم، سەن پەقەت قالپىقىڭنىلا ئۇتتۇرىسەن؛ «ئۈچ يەردە سەككىز 24 بولىدۇ» دېسەم، ئۇ كاللىسى بىلەن جاۋاب قىلىدۇ. ئويلاپ باققىن، شەپكە مۇھىممۇ، كاللىمۇ؟ – دەپتىكەن، يەن خۈي:
      — ئۇستازىم ھەقىقەتەن دانا كىشىكەن، مەن تېخى نادان ئىكەنمەن، – دەپ ئويلاپ، بەك خىجىل بوپتۇ.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.