كاللا تۇماق كىيىشكىلا يارالغان ئەمەس

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-06 09:22:18

كاللا تۇماق كىيىشكىلا يارالغان ئەمەسپەرۋەردىگار ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى تۇماق كىيىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پىكىر قىلىشقا ياراتقان. ـــيەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن ۋوئود ئىسىملىك بىرەيلەن 100 دانە غاز ...



     كاللا تۇماق كىيىشكىلا يارالغان ئەمەس
     پەرۋەردىگار ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى تۇماق كىيىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پىكىر قىلىشقا ياراتقان. ـــيەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن
       ۋوئود ئىسىملىك بىرەيلەن 100 دانە غاز باققانىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە غازلىرىدىن 20 سى ئۆلۈپ قاپتۇ. ئۇ يەھۇدىي باستېرنىڭ يېنىغا كېلىپ غازنى زادى قانداق باقسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. يەھۇدىي باستېر ئۇنىڭ گەپلىرىنى زەڭ سېلىپ ئاڭلىغاندىن كېيىن سوراپتۇ:
     ــ غازلىرىڭىزنى قاچان باققىلى ئاچىققانتىڭىز؟
     ــ چۈشتىن ئاۋال.
     ــ ھەي، راستتىنلا بىمەھەل ۋاقىتتا باققىلى ئاچىقىپسىز ـ دە، غاز دېگەننى چۈشتىن كېيىن باققىلى ئاچىقىش كېرەك ئىدى.
      باستېرنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئۇ ئۆيىگە خوشال قايتىپتۇ. بىراق، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە كەپتۇ:
     ــ باستېر ئەپەندى، غازلىرىمدىن يەنە 20 سى ئۆلۈپ قالدى!
     ــ ئۇنداقتا، غازلىرىڭىزنى نەدە باققانتىڭىز؟
     ــ ئۆستەڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدە.
     ــ ھەي چاتاق قىپسىز! غاز دېگەننى ئۆستەڭنىڭ سول تەرىپىدە بېقىش كېرەك ئەمەسمىدى.
     ــ ياردىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت باستېر، پەرۋەردىگار مۇرادىڭىزغا يەتكۈزگەي، ــ دەپتۇ ۋوئود.
     ئۈچ كۈندىن كېين ئۇ يەنە يۈگۈرۈپ كەپتۇ:
     ــ ئاپلا باستېر ئەپەندىم، غازلىرىمدىن يەنە 20سى ئۆلۈپ قالدى دېمەمسىز!
     ــ ئۇنداق ئەمەستۇ ئوغلۇم! غازلىرىڭىزغا نېمە بەرگەنتىڭىز؟
     ــ قوناق.
     ــ باستېر بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن دەپتۇ:
     ــ چاتاق قىپسىز ـ دە، غاز دېگەنگە قوناقنى شۇ پېتى بەرمەي يارما تارتىپ بېرىش كېرەك ئىدى.
     ــ تەشەككۈر سىزگە باستېر ئەپەندىم، ماڭا بەرگەن ئۈگۈت ـ نەسىھەتلىرىڭىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىزگە ھىممەت قىلغاي!
      يەنە ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ. كۆڭلى يېرىم بولغان ۋوئود باستېرنىڭ ئىشىكىنى ئۈمىد بىلەن چېكىپتۇ.
     ــ ۋۇي، يەنە نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ ــ باستېر ۋوئوددىن مەغرۇرانە سوراپتۇ.
     ــ ئاخشام غازلىرىمدىن يەنە 20 سى ئۆلدى.
     ــ ھېچقىسى يوق، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ، ئۆيۈمگە داۋاملىق كېلىپ سوراپ تۇرۇڭ. ئېيتىڭا، غازلىرىڭىز قانداق سۇنى ئىچكەنىدى؟
     ــ ئەلۋەتتە ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ـ دە!
     ــ ھەي، چاتاق بوپتۇ، يامان قىپسىز. غازلارغا ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئەمەس، قۇدۇق سۈيىنى ئىچكۈزۈش كېرەك ئىدى.
     ــ رەھمەت سىزگە باستېر، ئەقىل ـ پاراسىڭىز بىزدەك مۇرتلىرىڭىزغا ھامان شاپائەت ياغدۇرالايدۇ.
      ۋو؟ود باستېرنىڭ ئوچۇق تۇرغان ئىشىكىدىن كىرىپ كەلگەندە، ئۇ ھەم قېلىن، ھەم كونا بىر كىتابنى كۆرۈپ ئولتۇرغانىكەن.
     ــ تىنچ تۇرۇپسىزمۇ، باستېر ئەپەندى؟ ــ ۋوئود باستېرغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىپتۇ.
     ــ پەرۋەردىگارنىڭ يولىڭىزنى مۇشۇ يەرگە سالغىنىغا ھەيرانمەن. قاراڭا، مەن ھېلىھەم دەل غازلىرىڭىز ئۈچۈن غەم يەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
     ــ غازلىرىمدىن يەنە 20 ئۆلدى، شۇنىڭ بىلەن غازلىرىم پۈتۈنلەي ئۆلۈپ تۈگىدى.
     يەھۇدىي باستېر زۇۋان سۈرمەي ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.
     ــ يەنە بىر قانچە نەسىھىتىم بار ئىدى، ــ دەپتۇ ئۇ بىر ھازادىن كېيىن،
     ــ ئىسىت، دېيەلمەيدىغان بولدۇم ـ دە!
    يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ:تۇرمۇش ۋە ئىش ـ ئوقەتتىكى نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەر دەل باشقىلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى تىلتۇمار بىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. تەپەككۈر قىلىشقا ياراتقان. شۇڭا، ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا باشقىلار بىلەن ئەقىللىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرىدا چوقۇم ئۆز ئەقلى بىلەن يەشكۈلۈك!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يەھۇدىي _