30-40 ياشلاردىلا مالىيە باشقۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-14 13:40:18

ئادەم ياش ۋاقتىدا ئۆزىدە ئېنىق مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە بايلىق توپلاش ئىقتىدارىنى تۇرغۇزۇشى لازىم.


    30-40 ياشلاردىلا مالىيە باشقۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

    ئەنۋەر خالىق تەرجىمىسى

     
    ۋاقىت بايلىق توپلاشنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى، شۇنداقلا ئەڭ زور دۈشمىنى! (تەكرار پايدا ئۈنۈمى بايلىق پەرقىنى تېزلىتىپ زورايتىۋېتىدۇ.)
    بىلىم ئازغىنا پۇلنى ھاياتى كۆچكە ئىگە پۇلغا ئايلاندۇرالايدۇ، بىلىمىڭىز بولمىسا ھېچنەرسىڭىز بولمايدۇ!
    ئۆزىڭىزدىكى پاسىپ كىرىم مەنبەسىنى چوقۇم كۆپەيتىشىڭىز لازىم (ئۆي ئىجارىسى، مەبلەغ سالغان پۇلنىڭ پايدىسى، سالغان مەبلەغنىڭ كۆپەيگەن پايدىسى ياكى نەشر ھوقۇقى ۋە ۋەزىپە سوممىسى كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)
    ئادەم ياش ۋاقتىدا ئۆزىدە ئېنىق مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە بايلىق توپلاش ئىقتىدارىنى تۇرغۇزۇشى لازىم.
    ياش ۋاقتىڭىزدا پۇل تېپىش ئىقتىدارىڭىز كۈچلۈك چاغدا دەرھال قىممىتى كۆپىيىدىغان مال-مۈلۈك (ئالايلۇق، پاي چېكى، ئۆي-زېمىن) لەرنى سېتىۋېلىڭ، قىممىتى ئۆسمەيدىغان مۈلۈكلەرنى ئىمكانقەدەر كېيىنرەك سېتىۋېلىڭ!
    مالىيە باشقۇرۇش ھەمرايىڭىزنى تاللاشتا ئېھتىياتچان بولۇڭ، ئائىلىڭىزنىڭ مالىيە ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بار كىشىگە تاپشۇرۇڭ (پۇلغا ئەڭ ئامراق ئادەم پۇلنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەمدۇر.)
    «ۋاقىت+بىلىم+پۇرسەت» بۇ بايلىق توپلاشتىكى بىردىنبىر يول.
    پۇلنى تەرتىپلىك تۈردە ئاز-ئازدىن يىغىپ، ياش ۋاقتىڭىزدىلا پۇللۇق بولۇشقا تىرىشىڭ.
    تېجەشلىك بولۇڭ، تارقاق جۇغلاڭ، مەبلەغنى چوقۇم ئوبدان جايلاشتۇرۇڭ (پاي چېكى، قەرەللىك ئامانەت، سۇغۇرتا، مۇقىم مۈلۈك، تاشقى پېرېۋوت، زايۇم قاتارلىق.)
    سالغان مەبلەغنى چوقۇم سەۋرىچانلىق بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك باھاغا چىققاندا ئاندىن سېتىڭ، ھالقىلىق پەيىتتە كۈچەشنى بىلگەن ئادەملا ئەڭ ئاخىر ئۇتۇپ چىققان ھېسابلىنىدۇ!
    بازار ئەھۋالىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە دەسمايىڭىزنى تېخىمۇ تولۇقلىسىڭىز، پۇل ئۈچۈن نەچچە يىلغىچە ئازراق كۈرەش قىلىسىز!
    تەجرىبە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا پايدىنىڭ يېرىمىنى ئامانەت قويۇڭ (پۇلنىڭ ھەممىسىگە پاي چېكى سېتىۋالماي، نەق پۇلنىڭ يېرىمىنى ساقلاپ قويۇش لازىم؛ ھەر قېتىم پايدا ئالغاندا ئەڭ ئاز بولغاندا پايدىنىڭ يېرىمىنى ساقلاپ قويۇش ياكى ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش كېرەك.)
    بايلىق ئەركىنلىكى بولغاندىلا، باياشات، شۈكۈر-قانائەتلىك ياشىغىلى بولىدۇ.
    ھەرگىز بايلىقنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماڭ، بەلكى بايلىقنىڭ غوجايىنى بولۇڭ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋاقىت بايلىق بىلىم