ئەركىنلىكنىڭ ئىككى خىل ئۇقۇمى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-26 17:12:47

شەخسىي ئەركىنلىك قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان ئەڭ كىچىك دائىرىدە بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ دائىرە بۇزۇۋېتىلسە، شەخس ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۇ دائىرىنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئىي ئىقتىىدارنى جارى قىلدۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە كىچىكلەپ كەتكە


    ئەركىنلىكنىڭ ئىككى خىل ئۇقۇمى
    بولىن
    شەخسىي ئەركىنلىك قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان ئەڭ كىچىك دائىرىدە بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ دائىرە بۇزۇۋېتىلسە، شەخس ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۇ دائىرىنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئىي ئىقتىىدارنى جارى قىلدۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە كىچىكلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىدۇ. ئەقەللىيسى، مۇشۇ تۇغما تالانتلار جارى قىلدۇرۇشقا ئېرىشەلىسە، شۇندىلا ئۇنىڭدا ئىنتىلىش بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئىنسانلار ياخشى، توغرا، شۇنداقلا مۇقەددەس دەپ قارىغان نەرسىلەرنى «تەسەۋۋۇر قىلىش» مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
    بۇ خىل ئەقەلىي خۇلاسىگە ئاساسەن بىز چوقۇم كىشىلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى بىلەن جامەئەتنىڭ نوپۇزى ئارىسىدا چىگرا سىزىقى سىزىۋېلىشىمىز لازىم. ئۇنداقتا بۇ چىگرا سىزىقى قەيەرگە سىزىلىشى كېرەك؟ بۇمۇ تالاش-تارتىشتا قالغان مەسىلە. ئومۇمىيلىقتىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار نېمىلا دېگەنبىلەن بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، ھېچقانداق بىر شەخىسنىڭ پائالىيىتى تېخى پۈتۈنلەي «خۇسۇس» لىشىپ، باشقىلارنىڭ پائالىيىتىگە مەڭگۈ تەسىر كۆرسەتمىگۈدەك بولۇپ كەتكىنى يوق.
    شۇڭا، «پورتۇن بېلىقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كىت ئۈچۈن ماتەم» دېگىنىدەك، مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان چاغدىلا، باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.