قانچىكى«مۇمكىن بولمايدۇ» دېيىلگەن ئىش شۇنچە ئاسانغا توختايدۇ

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-11 22:29:30

قانچىكى«مۇمكىن بولمايدۇ» دېيىلگەن ئىش شۇنچە ئاسانغا توختايدۇجاھاننىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا باشقىلار قانچىكى «مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارىغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماق شۇن...

     


     قانچىكى«مۇمكىن بولمايدۇ» دېيىلگەن ئىش شۇنچە ئاسانغا توختايدۇ
     جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا باشقىلار قانچىكى «مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارىغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماق شۇنچە ئاسانغا توختايدۇ.   ‏ـــــ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن
        بۇ، ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغان يەھۇدىي ئېكسپېدىتسىيىچى كولومبونىڭ سۆزى.
       كولومبو 1485 ـ يىلى 5 ـ ئايدا ئىسپانىيىدە«ناۋادا مەندە مەبلەغ بولسىلا، مۇشۇ يەردىن يولغا چىقىپ جاھاننىڭ غەربىدىن شەرقىغە يېتىپ بارالايمەن» دېگەنىدى. ئەينى چاغدا ئۇنى چېكىم توسمىدى ھە ئۇنىڭغا سوغۇق كۆزدىمۇ قارىمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىسپانىيىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز 500 دېڭىز مىلى ماڭمايلا، تېگى يوق قاينامغا غەرق بولاتتى. شۇڭا، شەرق بارسا كەلمەسنىڭ يولى ئىدى.
       لېكىن، كولومبۇس بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ۋاھالەنكى، ئىككىنچى قېتىم يەنە سەپەرگە ئاتلىنىش مەزگىلىدە ئۇ ئەتراپىدىكى رىقابەتچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بەزىلەر ھەتتا ئۇنى ئاتلانتىك ئوكياندا توسىۋېلىپ، ئۆلتۈرىۋەتمەكچىمۇ بولۇشتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇ يىراق شەرققە يەنە بارسا، شەرقتىكى ئالتۇن، ھېقىق، زۇمرەت، قاشتېشى، يۇڭ ـ تېرە، دورا ـ دەرمان قاتارلىقلار بىلەن ھەتتا پادىشاھلاردەك بېيىپ كېتەتتى ـ دە، جاھانغا پاتماي قالاتتى.
       دۇنياغا داڭلىق تەۋەككۈلچى كولومبو ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر كولومبونىڭ نامىنى ئۇنۇتمىدى ھەم ئۇنتۇشمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى، كولومبو نىڭ نامىدا كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى، سىرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرى، ئامېرىكىنىڭ كولومبىيە شىتاتى، پايتەخت ۋاشىڭتون جايلاشقان كولومبىيە ئالاھىدە رايونى دىەەندەك ناملارنىڭ ھەممىسى كولومبونىڭ بۈگۈنمۇ دۇنيادا مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما كىشىلەر كولومبونىڭ «باشقىلار قانچىكى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماق شۇنچە ئاسانغا چۈشىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىشكەنىدى. نەق 500 يىلدىن كېيىن، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىكككىنچى چوڭ باي -  ئامېرىكىلىق پۇل-مۇئامىلە سودىگىرى ۋارىن باففېت  ئۇنى ئىسپاتلىدى.
        1973 ـ يىلى مانتۇئا دېھقانچىلىق مەيدانى تارقاتقان پاي چېكى باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلەپ قېلىشىدىن ھەممە ئادەم ئۈمىدىنى ئۈزگەنىدى. بەزىلەر ھەتتا بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ئۈچ ئايغا بارمايلا ۋايران بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى. پەقەت بوففېت ئۇنداق قارىمايتتى. چۈنكى ئۇ ، كىشىلەر مەلۇم بىر پاي چېكىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندە، ئاشۇ پاي چېكى ئۇزاققا قالمايلا«ئېچىل داستىخىنىم»غا ئايلىنىدۇ، دەپ تونۇيتتى. دېگەندەكلا، ئۇ شۇ چاغدا بەش سېنتتىن سېتىۋالغان 10 مىڭ پايدىن بەش يىلغا بارمايلا 47 مىليون سوللار پايدا ئالدى. ئوقۇرمەنلەرگە شۇ نەرسە ئايانكى بوففېت ھازىر ئامېرىكا بويىچە بېل گايتىستىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كاتتا باي سانىلىدۇ.
        كولومبو بايقىغان بۇ قائىدىنى يېقىندا يەنە بىر كىشى بايقىدى. ئۇ فرانسىيىلىك بىر بالا ئىدى. ئۇ بالا يەتتە ياش ۋاقتىدا مەخسۇس ئويۇنچۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدىغان بىر تور پۇنكىتى تەسىس قىلدى. ئەينى چاغدا بۇ تور پۇنكىتىغا ھېچكىم ئىرەن قىلمىغان، كەسىپداشلاردىن ھېچكىم ئۇنى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ سانىمىغانىدى. شۇنداقلا ھېچقانداق شىركەت ئۇنىڭ بىلەن چەكلەش خاراكتېرلىك توختام ئىمزالىمىغانىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ تور پونكىتى بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
        بىراق، كىم بىلسۇن! ئويلىمىغان يەردىن بۇ بالا تور پونكىتىنى تەدرىجىي بېيىتىپلا قالماي، 10 ياشقا كىرگەن چاغدىن باشلاپ توردا ئېلان تىجارىتى قىلىپ، ئاخىرى فرانسىيىدىكى ئەڭ ياش مىليونېرغا ئايلاندى. دېمەك«باشقىلار قانچىكى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارماق شۇنچە ئاسانغا چۈشىدۇ»، دېگەن گەپ ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق. چۈنكى باشقىلار«مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارىغان ئىشقا ئادەتتە نۇرغۇن ئادەم دىققەت قىلمايدۇ؛ ئۇنىڭغا چات كېرىۋالىدىغانلار ۋە ئۇنى توسايدىغانلار چىقمايدۇ. دېمەك، ئۇ ئىشتا رىقابەت بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىشقا تۇنجى بولۇپ كىرىشكەن ئادەم ئۇنى ئۆز بەگ ـ ئۆز خان بىمالال قىلالايدۇ.
        يەنە كېلىپ، باشقىلار«مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارىغان ئىش ئادەتتە ناھايىتى قىيىن، ھەتتا تەسۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلاردىن بولىدۇ. ئادەم ئەلۋەتتە قىيىن ئىشتىن قورقىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى قورققان ئىشقا ئالدىراپ يېقىن كەلمەيدۇ. ئۆزى يېقىن كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىمۇ ئۇنىڭغا ھەرگىز يېقىن يولىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
     يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ:  شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، دۇنيادىكى كاتتا ئىشلارنىڭ ھەممىسى، باشقىلار تەرىپىدىن«مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارالغان ئەھۋالدا ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشتىن قەدەممۇ قەدەم كەلگۈسىگە يېتىپ بېرىش جەريانىدىكى مۇساپىسىدا ھازىرغىچە «مۇمكىن ئەمەس» دەيدىغان ئىش ئەسلا ئۇچرىغىنى يوق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كولومبو يەھۇدىي _