قۇتادغۇ بىلىگ تە ئايال (تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى)

يوللىغۇچى : yusupjan يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-28 16:26:00

قۇتادغۇ بىلىگتە ئايال (تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى) <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئايال ئادىلە يېلماز ئانىل (تۈركىيە) تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلغان. قىسقىچە مەزمۇنى بۇ ماقالىدە ئىسلامىي ...

    قۇتادغۇ بىلىگتە ئايال  

      (تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى)

       <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئايال ئادىلە يېلماز ئانىل (تۈركىيە) تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلغان. قىسقىچە مەزمۇنى بۇ ماقالىدە ئىسلامىي تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ دەستلەپكى ئەسەرلىرىدىن بولغان <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تىكى ئايال ئۇقۇمى تەتقىق قىلىندى. تۈرك كۈلتۈر تارىخىدا ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن ئىتىبارەن ھەمىشە ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئايال <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئەسەرنىڭ ئالېگورىك(1) قۇرۇلمىسى ئىتىبارى بىلەن مەلۇم بىر شەخس سۈپىتىدە ئۇچرىمايدۇ. ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەسەردە ئىسمى ۋە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن بىر ئايال تىپى يوق. ئەمما، ئومۇمىي مەنىدە بىر خىل قاراش نوقتىسىدىن ئايال ئۇقۇمىغا ئۇرۇن بەرگەن. *** *** *** قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلامىي تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ئىنسانغا ھەر ئىككى دۇنيادا تولۇق مەنىسى بىلەن بەخت -- سائادەتلىك بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يولنى كۆرسىتىپ بىرىش مەقسىتىدە يېزىلغان. بولۇپمۇ <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تىل جەھەتتىن مىللەتچى پوزىتسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى بىلەنمۇ دىققەتنى تارتىدىغان ماھىيەتتىدۇر. دەۋرىنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان يۈسۈپ خاس ھاجىب ئىسلام ئەخلاقىنى، ئىسلام ئىمانىنى، قىسقىسى ئىسلام كۈلتۈرىنى كۈچلۈك ۋە ساغلام بىر شەكىلدە قوبۇل قىلغىنىغا قارىماي، يەرلىك ۋە مىللىي قىممەتلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان. <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ئىسلامىيەت تۈركلەر ئارىسىدا قوبۇل قىلىنغان دەستلەپكى ئەسىرلەردە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەردە يېڭى قوبۇل قىلىنغان دىننىڭ بېغىشلىغان ھاياجىنى بىلەن ئىران، ئەرەپ كۈلتۈرىنىڭ ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كۈلتۈرلەرنىڭمۇ تەسىرىنى كۆرۈش مۇمكىن. رەشىت رەخمەتى ئارات شائىرنىڭ كۈندىلىك ھايات غەملىرىدىن ھالقىغان ۋە ئۆز مۇھىتىنىڭ سەۋىيىسىدىن ناھايىتى يۈكسەلگەن بىر ئىنسان بولۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭمۇ شۇ مۇھىتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، پىكىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەۋجۇت مۇھىتنىڭ پىكىر مەھسۇللىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. فارۇق. ك. دەمىرتاشنىڭ قارىشىچە، <<قۇتادغۇ بىلىگ>> قەدىمكى تۈرك ئەخلاق ۋە دۆلەت چۈشەنچىسى بىلەن ئىتىقادى بىرلەشتۈرۈلگەن نەسىھەتنامە ۋە سىياسەتنامە ماھىيىتىدىكى دىداكتىك بىر كىتاپتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىدا دىئالوگ شەكلىنى قوللانغان. ئىنساننىڭ كامالىتىنى ئادالەت، دۆلەت، ئەقىل ۋە قانائەتتىن ئىبارەت تۆت تۈرگە ئايرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە پادىشاھ ئادالەتكە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئىسمى كۈن تۇغدى ئىدى. ئاي تولدى دەپ ئاتالغان ۋەزىر دۆلەتكە، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىش ئەقىلگە، ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى ئودغۇرمۇش بولسا قانائەت ئوقۇمىغا سىمۋول قىلىنغان. ئەسەردە بۇ سىمۋوللار ئارقىلىق ئىنسانغا بەخت -- سائادەتلىك بولۇشنىڭ يولى ئۈگىتىلىش بىلەن بىرگە دەۋرىنىڭ ۋە ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ھاياتلىق پەلسەپىسىمۇ بايان قىلىنغان. شۇ سەۋەپلىك، بەخت-- سائادەتكە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ئەقىللىق بىر كىشىنىڭ قىلىشى زۆررۈر بولغان ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئائىلە ئۇقۇمىغا ۋە ئائىلىنىڭ ئۇل تاشلىرىدىن بىرى بولغان ئايال ئۇقۇمىغىمۇ ئورۇن بىرىلگەن. بىزمۇ بۇ ماقالىمىزدا ئىجتىمائىي قىممەت ۋە نورمىنىڭ ئەكىس ئىتىدىغان ساھەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەدەبىياتنىڭ دائىرىسىگە مەنسۇپ بىر ئەسەردە ئۇچرايدىغان ئايال ئۇقۇمى ھەققىدە باھا بىرىشكە تىرىشىمىز. لېكىن، ئەسەرنى شۇ دەۋرىدىكى ۋە شۇ دەۋردىن بۇرۇنقى ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ قەدىمكى چۈشەنچىلەرگە تامامەن ماس كەلمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ف.كۆپرۈلۈ ئەسەرنى شۇ دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئەسەرلەر بىلەن، مەسىلەن، ئورخۇن ئابىدىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىدىئولوگىيىنىڭ ھەرگىزمۇ قەدىمكى تۈرك ئىدىئولوگىيىسى ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىلىرىدە ۋە خەلق داستانلىرىدا ئايال ھەققىدە ھېس قىلىنغان يۈكسەك ۋە ھۈر چۈشەنچىگە كۆرە، ئايال بالىنىڭ تۇنجى ۋە مۇھىم تەربىيىچىسى، ئىرىنىڭ ئەڭ پىداكار يولدىشى، ئوچاقنىڭ ئۇلى ۋە بارلىق پەزىلەتلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ چۈشەنچە بىلەن ئايالنى بارلىق يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى، ۋاپا ۋە پەزىلەت ھېسلىرىدىن پۈتۈنلەي خالى، پەقەت ئۆيدە قامىلىشقا لايىق بىر مەخلۇق سۈپىتىدە كۆرگەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئىدىئولوگىيىسى ئوتتۇرىسدىكى زىتلىق شۇ قەدەر كەسكىن ۋە ئېنىق ئىدى. تۈرك كۈلتۈر تارىخىدا ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن ئىتىبارەن ھەمىشە ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئايال <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئەسەرنىڭ ئالېگورىك قۇرۇلمىسى ئىتىبارى بىلەن مەلۇم بىر شەخس سۈپىتىدە ئۇچرىمايدۇ. ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەسەردە ئىسمى ۋە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن بىر ئايال تىپى يوق. ئەمما، ئومۇمىي مەنىدە بىر خىل قاراش نوقتىسىدىن ئايال ئۇقۇمىغا ئۇرۇن بەرگەن. م. كاپلان بىزنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت دەۋرلىرىمىزگە كۆرە تۈرك كۈلتۈرىدىكى ئايالغا ئۈچ شەكىلدە باھا بەرگەن: 1- ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كۆچمەن تۇرمۇش دەۋرىدىكى ئىدىئال ئەرلەر تىپىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئايال. 2 - ئولتۇراقلاشقان مەدەنىيەت ۋە ئىسلام كۈلتۈرى چەمبىرىكىگە كىرگەندىن كېيىنكى ئايال. 3- غەرپ مەدەنىيىتى تەسىرى ئاستىدىكى ئايال. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئىدىئال قىلىنغان ئايال ئۇقۇمى مۇشۇ تۈرگە ئايرىش بويىچە ئىككىنجى گۇرۇپپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇ سەۋەپلىك بۇ يەردىكى ئايال چۈشەنچىسى ئىجتىمائىي ھاياتتا كۆپ ئورنى بولمىغان پاسسىپ بىر خاراكتېرنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئايال چۈشەنچىسى 11- ئەسىردە ئىسلامىيەتنى يېڭىلا قوبۇل قىلغان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغان شائىرنىڭ پۈتكۈل سەمىمىيىتى بىلەن باغلانغان ئىسلامىيەتنىڭ ھاجەتلىرىنى ئورۇنداش ۋە بۇنى ئۆز كىشىلىرىگە(مىللىتىگە) چۈشەندۈرۈش غەيرىتى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەھمىيەتسىز بىر تىپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قەدىمكى تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئايال بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نۇمۇس ئۇقۇمى ئىسلامىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەنمۇ ماسلاشقان ۋە دىنىي ئەقىدىلەر ئارقىلىق مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئايالنىڭ قىز، كېلىن، كېلىن قىز، ئانا، چىشى، تۇل ۋە ئايال قاتارلىق تۈرلۈك ھالەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەسەۋۋۇر قىلىنغانلىقىنى ۋە كۆپ تەرەپلىك كۆزىتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. بىز مۇ تەتقىقاتىمىزدا بۇ تۈرلەرگە باغلاندۇق. قىز ئەسەردە بۇ سۆزگە ئۇدۇل قىلىپ ئېيتىلغان قىسلىقى سەۋەبىدىن قىس نەرسىنىڭ قىز دەپ ئاتالغانلىقى ھەققىدە بىر ئېنىقلىما ئۇچرايدۇ. ھەتتا ئاپتور ئىجابىي بىر سۈپەتنى ئىسىمنىڭ ئورنىغا قوللىنىپ، بۇ مەۋجۇتلۇققا بەرگەن باھانى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بېيىتلەردە قىزغا ئۇنىڭ قىلىقى، گۈزەللىكى، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە نومۇسچان بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ بىر قارش بىلەن باھا بىرىلگەن. بولۇپمۇ تۈرلۈك خاراكتېرلىرىگىمۇ پات پات ھۈرمەت تۇيغۇسىدا بولغان. قىز تەبىئەت جىسىملىرىدەك ئېستېتىك بىر بۇيۇمدۇر. نازلىغان بىر قىز ئاۋازى، قىلىقى قىزدەك، قىزدەك كۈلمەك ۋە قىزلارنىڭ تەبەسسۇمى قاتارلىق شەكىللەردىكى ئىپادىلەر بىلەن ئوخشىتىش ئېلېمىنتى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. مەسىلەن، تۈۋەندىكى بېيىتتە قارا چۇمغۇق دېگەن بىر قۇشنىڭ سايرىغان ئاۋازى نازلىق بىر قىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىتىلغان: قارا چۇمغۇق(2) ئۆتتى سىتا تۇمشىغىن، ئۇنى نازلىغان قىزنىڭ ئۈنىگە يېقىن.(77-بېيىت) قىز سۆزى بەزى بېيىتلەردە ئوغۇل-- قىز شەكلىدە بىرلىكتە قوللىنىلغان. قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئوغۇل -- قىز دەپ ئايرىمايدىغان ئەۋلاد قارىشى، ئەۋلاد سۆيگۈسى ۋە ئەۋلاد تەربىيىسىنىڭ مۈشكۈللىكى <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: بىر تۈرك ۋەزىر بەك ياخشى دەپتىكەن، كۆرەر كۆز يۇرىغى ئوغۇل - قىز ئىكەن.(1163-بېيىت) ئوغۇل-- قىز غېمى بۇ-- تۈۋى يوق دېڭىز، ئوغۇل-- قىز غېمىدىن سارغايدى مېڭىز.(1164- بېيىت) كىشىنىڭ بولسا ئوغلى-- قىزى، خوتۇنى، نىچۈك كۆرگەي ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇنى.(1165- بېيت) كىمنىڭكى بولۇر ئەركە ئوغلى-- قىزى، چېكىپ ئاھ ۋە ھەسرەتتە يىغلار ئۆزى.(1222- بېيىت) قىز مانا بۇ ئىجابىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭ قانداق تەربىيىلىدىغانلىقىدىن سۆز ئېچىلىدىغان قىسىمدا بالا تەربىيىسىنىڭ نە قەدەر مۇھىم مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، بىردىنلا سەلبى بىر مەۋقە بىلەن بايان قىلىنىدۇ. بۇ سەلبىلىكنىڭ سەۋەبى باشتا بىلدۈرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىسلامىيەتنى يېڭى قوبۇل قىلغان ۋە پەرقلىق كۈلتۈرلەر بىلەن ئالاقە باشلانغان بىر مۇھىتتا ئىدىئال ئىسلامنى داۋام قىلدۇرۇش غەيرىتىدۇر. بۇنىڭدا يەنە قىز بالىنى چوڭ قىلىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە دېگەندەك دەرىجىدە ئاسراپ يىتىشتۈرۈلمىگەن قىزلارنىڭ ئائىلىگە كەلتۈرگەن ئېغىر مەنىۋىي زىيىنىنىڭمۇ بەلكىم بىراز تەسىرى بولسا كىرەك. قىزىڭ ئۆيدە ئەرسىز ئۇزاق تۇرمىغاي، ئۆلەرسەن پۇشايماندا سەن ئاغرىماي.(4510-بېيىت) بۇ بېيىتتە توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىزلارنى كۆپ ساقلاتماي، ئۇلارنى يۈز بىرىش ئېھتىمالى بولغان خاتا ئىشلاردىن قوغداش ۋە ياخشى بىر ئۆيلۈك-- ئوچاغلىق بولۇشى ئۈچۈن بىراز بالدۇر ئەرگە بىرىش كىرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. چۈنكى، ئىسلامىيەتنىڭ ئەقىدىسىگە كۆرە، دادىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ئوغۇل ياكى قىزنى تۇرمۇشلۇق قىلىشتۇر. بولۇپمۇ ۋاقتىدا ئەرگە بىرىلمىگەن قىزنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى توي قىلالماسلىقىدەك بىر زىيانلىق ئەھۋالمۇ بار ئىدى. ئايا قولداش، ئاداش سۆز ئېيتاي كىسىپ، تۇغۇلماس بولسا قىز، يا ئۆلسە كىتىپ.(4511-بېيىت) تۇغۇلسا، ئاڭا ياخشى يەرنىڭ تېگى، ئۆيى بولسا خوشنا ئۆلۈك گۆرلۈكى.(4512-بېيىت) ھالبۇكى، تۈركلەردە قىز بالىلىق بولۇش ئەرەپلەردىكىگە ئوخشاش بىر ئاپەت ۋە شەرەپسىزلىك ئەمەس ئىدى. قىز بالىلىق بولۇش ئۈچۈن ئوغۇز بەگلىرىنىڭ دۇئاسىغا سېغىنىدىغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى. كېلىن قىز ئەسەردە يېڭى توي قىلغان قىزلار ئۈچۈن بىر بېيىتتە <<كېلىن قىز>> دېگەن نام قوللىنىلغان. كېلىن قىزلارنىڭ خوشاللىق كۈنى توي كېچىسى دەپ تۇنۇتۇلسا، قەھرىمان يىگىتلەرنىڭ ئىپتىخارلىنىدىغان ۋاقتىمۇ ئۇرۇش كۈنلىرى ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن. بۇ ئارقىلىق قىزلاردا ئىپپەتنىڭ، يىگىتلەردە بولسا قەھرىمانلىقنىڭ ۋە جاسارەتنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن. كېلىن ئەسەردە ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گۈزەللىك، پەرداز، ئۆتكۈنچىلىك، ئىشەنچىسىزلىك قاتارلىق خاراكتېرلەرنىڭ باشقا مەۋجۇتلۇقلارغىمۇ كۆچۈرۈپ قوللىنىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك بىر ئىپادىلەش ۋاسىتىسى بولغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنداق مۇبالىغە ناملىرى كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن. دۇنيانىڭ بىۋاپالىغى گۈزەل ياسانغان كېلىنگە ئوخشايدۇ دېگەن تەبىر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. كىشىلەرنىڭ يات بىر مەملىكەتتىكى غېرىپلىقى ۋە مىسكىنلىكى بىلەن بىر كېلىننىڭ روھى ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىتىش دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئىپادە بىلەن بىرىلگەن. كىشى كىرمىگەن ئەلگە كىرسە ئەگەر، كېلىن يا كېكەچكە ئوخشاپ قالور ئەر.(490-بېيىت) ئانا تارىختا تۈرك ئائىلە ھاياتىدا ئايال ئانا سالاھىيىتى بىلەن ئائىلىدە مۇنازىرىسىز بىر ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئانىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى بىر مۇنچە ئىشلاردا ھەم مەسئۇل ھەم ھۆكۈمران كىشى ئىكەنلىكىمۇ كۆرۈلىدۇ. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئانا ئۇقۇمى كۆپۈنچە دادا بىلەن بىرلىكتە بالا تەربىيىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بالا تەربىيىسىدە ئائىلىنىڭ بولۇپمۇ ئايالنىڭ كۈلتۈرلىگۈچىلىك رولى تەكىتلەنگەن. ئوغۇل -- قىز سەۋەۋى ئاتا ھەم ئانا، بۇزۇلسا قىلىغى، تۈزەلسە يانا.(1486-بېيىت) ساڭا دېمىگەنمۇ ئاتاڭ يا ئاناڭ، ئەي ئوغۇل بىگىڭگە ئۆزۈڭ قىلما تەڭ.(651-بېيىت) باشقا بىر بېيىتتە ئىنساننىڭ خۇي ۋە ئادىتىنىڭ ئانىنىڭ قوسىقىدىكى چېغىدىلا شەكىللىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئانىنىڭ ئىنسان خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان. قوساقتا تۈرەلمىش خۇلقى، ئەي چىۋەر، قوڭۇر يەر قېتىغا كىرگەندە تۈگەر.(883-بېيىت) تۈركلەردە ئادەم بولۇشنىڭ ۋە بالا تەربىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋولى ئانا سۈتىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئانادولۇدا <<ھالال سۈت ئەمگەن>> دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىدىغان ياخشى ئادەم تىپىنى يۈسۈپ خاس ھاجىبمۇ بىر بېيىتتە ئانا سۈتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىپ مۇنداق چۈشەندۈرگەن: ئەگەر كىرسە ئاق سۈت بىلەن ياخشى خۇلق، ئۆلۈم تۇتمىغىچە ئۆزگەرمەس قىلىق.(881-بېيىت) بىرىدۇر ئانادىن ياخشى تۇغۇلۇپ، يۈرەر ئۇ دۇرۇس ۋە ياخشى بولۇپ.(872-بېيىت) تۇل تۈرك كۈلتۈرىگە ئائىت داستانلار، ئابىدىلەر ۋە دەدە قورقۇت ھېكايىلىرىدە، شۇنىڭدەك باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردىكىگە ئوخشاش، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تىمۇ ئاجرىشىپ كىتىش ياكى ئايرىلىپ كىتىشكە دائىر ئامىللارنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ.(2) شۇ سەۋەپلىك تۇل سۆزى پەقەت جۆرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. جۆرىدىن ئايرىلىپ كىتىش نەتىجىسىدە تۇل قالغان ئايالدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەسەردە پەقەت تۆت بېيىتتە ئۇچرايدىغان تۇل ئۇقۇمى بولۇپمۇ ئىككى بېيىتتە كۆزى ياش، قايغۇلۇق، ئىگە -- چاقىسىز ۋە ھېمايە قىلىشقا مۇھتاج ھالەتتە مۇلاھىزە قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. ئودغۇرمۇشنىڭ ھۆكۈمدارغا قىلغان نەسىھەتلىرىنىڭ بىرى(5302-بېيىت) يوقسۇل، تۇل خۇتۇن ۋە يېتىم-- يېسىرلارنى قوغداش يولىدا ئىدى. كۆپۈنچە ئاياللار بىلەن ئۆزداشلاشتۇرۇلغان( ئوخشاشلاشتۇرۇلغان) تۇل ئۇقۇمىنىڭ ئاياللارغا خاس ھالەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىپادىلەردە بىر مەنا بايلىقى سۈپىتىدە ئەكىس ئېتىشىگە مىسال بولغان بىر ئۆرنەكمۇ بۇ ئۇقۇمنى مەركەز قىلىپ شەكىللەنگەن كۆچمە مەنالارنىڭ بىرىدۇر. تۇل سۆزى بەزىدە ئوخشىتىش ئېلمېنتى سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلغان. بىر بېيىتتە قاراڭغۇنىڭ چۈشۈشى ئاسماننىڭ تۇل كېيىمىنى كىيگەنلىكىگە ئوخشىتىلغان: پەلەك تۇل تۇنىن كىيدى باغلاپ بىلىن، چېچىنى يېيىپ، ياپتى يورۇق يۈزۈن. (5824-بېيىت) تۈمەن يىل تۇل ئەردىم، سۇلغۇن يۈز ئەردىم، سېلىپ تۇل كېيىم، كىيدىم ئاق ئاس (سەۋسەر) كىيىم. ئايال ئەسەرگە ئومۇمىي جەھەتتىن نەزەر تاشلانغاندا، ئايال ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئورنىنىڭ تولۇق ھالدا يورىتىلمىغانلىقى ۋە قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىسى بىلەن يېڭى قوبۇل قىلىنغان كۈلتۈرەل مۇھىتنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقى كۆرۈلىدۇ. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئەرنىڭ ئايالغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئايالنى ئۆيگە قامىۋېلىش قاتارلىق خېلىلا قاتتىق ۋە تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئۇيغۇن بولمىغان بىر پوزىتسىيىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەزىز كۆر خوتۇننى، نىمە دىسە بەر، ئۆيىڭ ئىشىگىنى ئەت، يۇلاتمىغىن ئەر. (4520-بېيىت) بېيىتلەردە ئايال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي ۋە پايدىسىز ئالاھىدىلىكلەردىن سۆز ئېچىلىدۇ. ئەسەردە ئىدىئال ئايال تىپىنى جۆرلۈككە تاللىنىدىغان ئايال ھەققىدىكى قىسىمدا كۆرىمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىب بۇ تېمىدا ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ بىرىنى ئاساس قىلىپ(3)، جۆرلۈككە تاللانغان ئايالدا خۇسۇسەن بايلىق، ئىسىللىك، گۈزەللىك ۋە تەقۋالىقتىن ئىبارەت تۆت نەرسىنىڭ بولۇشى كىرەكلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمىنىڭ تەقۋالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جىسمانىي گۈزەللىك ئۈستىدە توختالمىغان، پەقەت ئايالنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ خۇي ۋە ھەرىكىتىدىن ئىبارەت دىيىلىش ئارقىلىق تەربىيىگە ۋە مەنىۋىيەتكە ئەھمىيەت بىرىلگەن. دۇرۇس خۇيلۇق بولسا گۈزەللىك كېلور، خۇتۇننىڭ كۆركى ئەخلاق ، بىلىملىك بىلۇر.(4500-بېيىت) ئېرىغ، تەقۋا بولسا، ئۇ ئىسىل بولۇر، قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر. (4501-بېيىت)(4) ئايال نەسىلنى دەۋاملاشتۇرغۇچىدۇر. بىر بېيىتتە شائىر بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: نىمە دەر، ئىشىتكىن، كىشىلەر خىلى، خۇتۇندۇر نەسىلنى ئۈزمەسلىك يولى.(3372-بېيىت) بارلىق بۇ ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بىرگە ئايال ئۇقۇمى بەزى بېيىتلەردە ھېچقانداق بىر كىشىلىك، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋىي ئەھۋالى نەزەرگە ئېلىنماستىن سەلبىي سۈپەتتىمۇ بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈرىدە ئىپپەت ۋە ساداقەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىك بىر ئورۇنغا ئىرىشكەن ئايال ئۇقۇمىنىڭ زىدىلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. بەزى بېيىتلەردە ئايال بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئەرنىڭ قۇۋۋىتىنى يوقتىدىغان توسالغا، ئۆيدە ساقلاش زۆرۈر بولغان، ۋاپاسىز، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ئىرادىسىز ۋە ئەرلەرنىڭ تۈگىشىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئامىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن. خوتۇننى قويمىغىن سىرتقا چىققىلى، يوقاتقاي چىقسا گەر دۇرۇسلۇق يولى.(4518-بېيىت) خوتۇننىڭ ئەسلى گۆش، كۆزەتمەك زۆرۈر، كۆزەتمەي قويارسەن، ئۇ گۆش بۇزۇلۇر.(4519-بېيىت) ۋاپا يوق بۇلاردا ئەزەلدىن بېرى، نە كۆرسە، دىلىمۇ ئاغار ئۇ سېرى.(4521-بېيىت) (5) ئەسەردە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئايالغا كۆپ ئورۇن بىرىلمىگەنلىكىنى ۋە ئايالنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆيى بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز: خوتۇنغا بول ئۆيدە دائىم كۆزەتچى، تېشىدەك بولالماس چىشىنىڭ ئىچى.(4513-بېيىت) ئەسەردىكى ئايال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا دىققەتنى تارتىدىغان بىر نوقتا بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن توي قىلىشقا(كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا) ئورۇن بەرگەن بېيىتلەرنىڭ ئۇچرىماسلىقىدۇر. بۇ بىزگە قەدىمكى تۈركلەردە كۆرۈلگەن ئومۇمەن بىر خوتۇنلۇق بولۇشتەك چۈشەنچىنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىش جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. <<چىشى>> كىتابتا ئۈچ بېيىتتە ئىجابىي خاراكتېر بىلەن بايان قىلىنىدۇ. بىر بېيىتتە نازلىق بولۇش ئىتىبارى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ: يىمە تويمىغۇردەك ئالدىراپ تىقىپ، چىشى(ئايال)دەك يەنە تۇرما ناز قىلىپ.(4132-بېيىت) ئەي ئىلىگ، سورىماق-- بۇ ئەركەك ئېرور، چۈشەنسە بۇنىكىم، جاۋاب چىشىدۇر.(979-بېيىت) چىشىغا بىر ئەركەك كىشى ئەر بولۇر، ئۇلاردىن ئىككى ئوغۇل بالا تۇغۇلۇر.(980-بېيىت) <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ئىلگىرى بولغاننى ئەمەس، ئەمدى بولۇشى كىرەك دەپ قارالغاننى تەرىپلىگەن بىر ئەسەردۇر. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئىسلامىيەتكە يېڭى كىرگەن بىر مىللەتكە ئۇنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ سىڭدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئايالغىمۇ ئىسلاملاشقان ئەرەپ كۈلتۈرىنىڭ پەنجىرىدىن نەزەر تاشلانغانلىقىنى ئېيىتىشقا بولىدۇ. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تىكى ئايال ھەققىدە ئىپادە قىلىنغان ناھايىتى نۇرغۇن ھۆكۈملەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تارىخىي مەنبەلەردە زىكرى قىلىنىدىغان تۈرك ئاياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېنىقلىمىلارغا زىت كېلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>سەنئەتنى بىر فونكىسيون سۈپىتىدە كۆرىدىغان تۈرك-- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن ۋە ئەدەبىي ئەسەردە بولغاننى ئەمەس، بەلكى بولىدىغان تەرەپنى تەرىپلىگەن. بۇ ئەمگەكلەر ئەدەبىي ئەسەرنى ئاكتۈئال ھالەتكە كەلتۈرۈش ۋە ئەدەبىي پاساھەتنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئەدەبىيەت ساھەسىگە خىزمەت قىلىش بىلەن بىلىكتە سوتسيالوگىيىلىك تەتقىقاتلارغىمۇ ماتېرىيال بولالايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىب ئايال ئۇقۇمىنى ئومۇمەن ئىجابىي بىر شەكىلدە بايان قىلغان بولسىمۇ، بەزى بېيىتلەردە خالاپ-- خالىماي ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى جاھالىيەت دەۋرىدە كۈچكە ئىگە بولغان بەزى تەدبىرلەرنى ئىسلامىي بىر كۆرۈنىش ئاستىدا ئىپادە قىلىشتىنمۇ قۇتۇلالمىغان. ئىزاھاتلار (1) ئالېگورىك -- بۇ فرانسۇزچە سۆز. بىر ھالەت ياكى ھەرىكەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇپ(جانلىق) ئىپادە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. - ت. (2) ئائىلە ۋە توي ئۇقۇمىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن تۈركلەردە ئاجرىشىپ كىتىش ياكى ئايرىلىپ كىتىشكە دائىر ھالقىلارنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. ئائىلە ھاياتىدا مەۋجۇت مەسىلىلەر قايسى دەرىجىدە مۇھىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئايرىلىپ كىتىش ئۈچۈن سەۋەپ بولالمايتتى. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى تۈكلەردە تۇل ئۇقۇمىنىڭ كۆپ ئۇچرىماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ ئايالىنى ياكى پەرزەنت كۆرمىگەن ئۈگەي ئانىسىنى ئېلىش ئەنئەنىسىنىڭ بولغانلىقىدۇر. بۇ ئەنئەنىنىڭ مەقسىتى تۇل قالغان ئاياللارنى ھېمايە قىلىش ۋە ئائىلە مال-- مۈلكىنىڭ بۆلۈنۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. بۇ ئىزاھات ئاپتۇر تەرىپىدىن بىرىلگەن. (3) ھەدىستە ئايالنىڭ مېلى، نەسلى، گۈزەللىكى ۋە دىندارلىقىدىن ئىبارەت تۆت ئالاھىدىلىكنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا بولىدىغانلىقى ، ئەمما دىندار بولۇشنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىشى ئارزۇ قىلىنغان. -- ئاپتوردىن. (4) بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا بېيىتلارغا قاراڭ. يەنى، 4475- ، 4476-، 4477- ، 4489 -، 4497 -، 4498 -، 4502- بېيىتلەر. -- ئاپتوردىن. (5) بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بېيىتلارغا قاراڭ، يەنى 1303-،1304-، 3574-، 3584-، 3608-، 4517-، 4522-، 4525-، 6474-بېيىتلەر.-- ئاپتوردىن. مەنبەلەر: ئىبراھىم جانان: <<ھەدىس ئېنسىكلوپېدىيىسى>>،17 - بەت، ئاقچاغ نەشرىياتى، ئەنقەرە. ئوسمان جىلاجى: <<<<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئىجتىمائىي ۋە دىنىي موتىفلەر>>، 57-بەت، مىللىي كۈلتۈر نەشرىياتى،1987-يىلى. مۇھاررەم ئەرگىن:<<دەدە قورقۇت كىتابى>>(مەتىن- سۆزلۈك)، ئەبرۇ نەشرىياتى، 1964-يىلى. مۇھاررەم ئەرگىن: << ئورخۇن ئابىدىلىرى>>، بوغازئىچى نەشرىياتى،21-نەشرى. مەخمەت ئەرۆز ۋە ئالى گۈلەر:<<تۈرك ئائىلىسى>>،ئا.ك.م نەشرىياتى، 1998- يىلى، ئەنقەرە. زىيا گۆكئالپ: <<تۈرك مەدەنىيەت تارىخى>>، 1974-يىلى، توكەر مەتبەئەچىلىگى. مەخمەت قاپلان:<<دەدە قورقۇت كىتابىدا ئايال>>، <<مەخمەت قاپلان ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار>>، 1-توم، 25-28- بەتلەر، ك.ت.ب نەشرىياتى 1988-يىلى، ئەنقەرە. مەخمەت كارا:<< باشقا بىر نوقتىدىن <<قۇتادغۇ بىلىگ>> >> ، كۈلتۈر مىنىستىرلىكى نەشرىياتى، 1998-يىلى، ئەنقەرە. م.ف. كۆپرۈلۈ: <<تۈرك ئەدەبىيات تارىخى>>، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، 1981-يىلى، ئىستانبۇل. باھائېددىن ئۆگەل :<<تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى>>، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى، 1971-يىلى، ئىستانبۇل. سادىق تۇرال: <<تارىختىن داستانغا ئاققان سەزگۈرلۈك>>، ئا.ك.م نەشرىياتى، 84-85- بەتلەر، 2000-يىلى. ئايفەر يېلماز: << تۈرك كۈلتۈرىدە ئايال ۋە ئايالچە ناخشىلار>>، 2003- يىلى، ئەنقەرە. ئايفەر يېلماز: <<تۈرك كۈلتۈرىدە ئايال>>، مىللىي فولكلور،8-توم، 61-بەت، 2004- يىلى. يۈسۈپ خاس ھاجىب:<<قۇتادغۇ بىلىگ>>، 2- تەرجىمىسى، رەشىت رەخمەتى ئارات تەييارلىغان، تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 1985- يىلى، ئەنقەرە. يۈسۈپ خاس ھاجىب:<<قۇتادغۇ بىلىگ>>،1- مەتىن ، رەشىت رەخمەتى ئارات تەرجىمە قىلغان، تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى، 1991-يىلى، ئەنقەرە. _________________________ تېمىلىرىمنى مېنىڭ رۇخسىتىمسىز شۇنداقلا ئىجادىيەت مۇنبىرى مەسئۇللىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق