جەمئىيەتكە قارشى مىجەز توسالغۇسىغا ئۇچرىغۇچىلاردىكى ئون چوڭ ئالامەت

يوللىغۇچى : nafisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-13 18:47:21

جەمئىيەتكە قارشى مىجەز توسالغۇسىغا ئۇچرىغۇچىلار ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلىشقا مايىل كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھىمايە قىلىنىشقا ئامراق. ئۇلار جەلپكار بولغاچقا، ئۆزىگە ۋاكالىتەن قارار چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۇلارغا ئاسانلا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ.

    جەمئىيەتكە قارشى مىجەز توسالغۇسىغا ئۇچرىغۇچىلاردىكى ئون چوڭ ئالامەت
     
    1. جەزبىدار
    جەمئىيەتكە قارشى مىجەز توسالغۇسىغا ئۇچرىغۇچىلار ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلىشقا مايىل كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھىمايە قىلىنىشقا ئامراق. ئۇلار جەلپكار بولغاچقا، ئۆزىگە ۋاكالىتەن قارار چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۇلارغا ئاسانلا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ.
    2. نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا پاسسىپ ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك
    ئۇلار ئىجتىمائىي تۈزۈلمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دائىم نورمال كىشىلەر قىلمايدىغان ياكى ناھايىتى ئاز قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ھەرىكەتلىرىدىمۇ ئىدراكسىزلىق ۋە رادىكال تەۋەككۈلچىلىك خاھىشى مەۋجۇت.
    3. ئەيمىنىش ھېسىياتى ۋە جىنايى قىلمىشقا بولغان تونۇشى يېتەرسىز
    ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە بۇ خىل ھېسىياتلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئالاقە لىنىيەسى كەمچىل بولغاچقا، ساتقىنلىق، تەھدىت ۋە زىيانكەشلىك قاتارلىق ئىشلانى قىلىشتا زىنھار ئىككىلەنمەيدۇ. ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن يانمايدۇ. بۇ ھەر قانداق دۆلەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچلار ئارىسىدا جەمئىيەتكە قارشى مىجەز توسالغۇسىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولىشىدىكى سەۋەب.
    4. يالغان سۆزلەشكە ئۇستا
    ئۇلار ئۆزى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىشلارنى سۆزلەشتە ئىككىلەنمەيدۇ. سۆزلىرى كىشىگە خۇددى راستەك تەسىر بېرىدۇ.
    5. باشقىلارنى تىزگىنلەپ، ھەر خىل ئاماللار بىلەن غەلبە قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
    ئۇلار مەغلۇبىيەتكە ئۆچ، شۇڭا قىلغان ئىشلىرىدا نۇرغۇن نۇقسانلار بولسىمۇ، يەنىلا ئەمەلىي ئەھۋالنى يالغان گەپ بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنىدۇ.
    6. ئەقىللىق
    ئۇلار باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن كۆرە، كاللىسىنى ئىشلىتىپ باشقىلارنى بابلاشقا خۇشتار كېلىدۇ.
    7. مۇھەببەتنى تونۇش ئىقتىدارى كەمچىل
    ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى پۈتۈنلەي ئۆزى ئۈچۈن، ئۇلار مۇھەببەت ۋە ئىچ ئاغرىتىش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەندىمۇ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ. نورمال كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مۇھەببەتنى تونۇش ئىقتىدارى كەمچىل.
    8. تىل ئۇستىسى، سۆزلۈك پېشۋاسى
    ئۇلار زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ، سىزنى ئۆزىنىڭ ئاڭ ئېقىمىغا ئەگەشتۈرەلەيدۇ، ئۇلارنى تىل ئىشلىتىش پېشۋاسى دېيىشكە بولىدۇ.
    9. قەتئىي كەچۈرۈم سورىمايدۇ
    ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزىنى خاتالاشقان دەپ قارىمايدۇ، ئۇلاردا خاتالىقنى تونۇش ئېڭى يوق، كەچۈرۈم سورىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز پولاتتەك پاكىتنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويسىڭىزمۇ، ئۇلار كەچۈرۈم سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن، داۋاملىق سىزگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن.
    10. خام-خىيالغا زىيادە بېرىلىدۇ، ئىشلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ
    ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلىشىدىكى سەۋەب بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ دېگەنلىكىدە. روھىي كېسەللىك بىمارى چارلېس مانسېن ئىلگىرى: «مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم. ھەممە ئىش مېنىڭ ئويۇم تۈپەيلى شۇنداق بولغان» دېگەنىكەن.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.