ئۇزۇن ۋە قىسقا

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-10 18:43:35

باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق خاتالىق بىر بولسا ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىق، بىر بولسا ھەممىسى تەڭ باشقۇرۇش، بىراق بۇنداق چاغدا مۇشۇنداق جانغا زامىن ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.


    ئۇزۇن ۋە قىسقا
     
    قىزچاق بىر كۈنى ئارزۇلاپ يۈرگەن ئىشتاننى سېتىۋالدى، بىراق كىيىپ بېقىۋىدى ئۇزۇن كېلىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ مومىسىغا قىسقارتىپ بېرىشىنى ئېيتىۋېدى، مومىسى ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ دەرھال تۇتۇش قىلمىدى؛ قىز ئانىسىنى ئىزدەپ بېرىۋېدى ئانىسىمۇ ئالدىراش بولۇپ چىقتى؛ ئاخىر ئاچىسىدىن ئۆتۈندى، بىراق ئاچىسىمۇ ۋاقتى يوقلۇقىنى ئېيتتى، بۇ چاغدا قىزچاق ئۈمىدسىزلىنىپ ئۇھسىنغان ھالدا ئۇخلاپ قالدى.
    ھالبۇكى مومىسى بۇ ئىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى، ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، نەۋرىسىنىڭ يېڭى ئالغان ئىشتىنىنى ئالدى –دە، نەۋرىسى دېگەن ئۆلچەمدە كېسىپ قىسقارتىپ ئەپلەپ قويدى؛ بۇ چاغدا ئانىسى قايتىپ كېلىپ، ئىشتاننى كېسىپ بۈكۈپ دەزماللاپ قويدى؛ بىر چاغدا قايتىپ كەلگەن ئاچىسىمۇ سىڭلىسىنى خۇش قىلىش نىيىتىدە ئىشتاننى كېسىپ قىسقارتتى، ئاخىرىدا بۇ ئىشتان كىيگۈسىز دەرىجىدە قىسقىراپ كەتتى...
    باشقۇرۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق خاتالىق بىر بولسا ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىق، بىر بولسا ھەممىسى تەڭ باشقۇرۇش، بىراق بۇنداق چاغدا مۇشۇنداق جانغا زامىن ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
    مەنبە: « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇزۇن قىسقا خاتالىق