چوقۇم ئوقۇپ قويۇڭ ( ئەتەش )

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-18 08:42:15

ھېكمەتلەر 1 – ھەقىقەت دائىم ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قۇلىدا تۇرىدۇ ، پۇلمۇ شۇنداق .2 – بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا قەرز بولۇپ قالغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئەڭ كەمبەغەل ۋاقتىدۇر .3 – خوشاللىق ئازاپنىڭ ۋاقىتلىق ...

    ھېكمەتلەر

     

    1 – ھەقىقەت دائىم ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قۇلىدا تۇرىدۇ ، پۇلمۇ شۇنداق .
    2 – بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا قەرز بولۇپ قالغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئەڭ كەمبەغەل ۋاقتىدۇر .
    3 – خوشاللىق ئازاپنىڭ ۋاقىتلىق توختىشىدۇر .
    4 – پۇرسەت خۇددى ئوغرىغا ئوخشايدۇ ، كەلگەندە شەپە چىقارمايدۇ ، كەتكەندە سىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ .
    5 – ئالىيجاناپ كىشىلەرنىڭ ئاسانلا سۆز – چۆچەككە قېلىشى ھەيرانقالارلىق ئىش ئەمەس ، بۇ خۇددى پاكىز نەرسىلەرنىڭ ئاسانلا كىرلىشىپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ .

    6 – ياخشى ، مۇۋاپىق ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى خۇددى پۇتقا مۇۋاپىق كەلمىگەن ئاياققا ئوخشايدۇ ، ئاياغ پۇتقا دەل كەلگەندىلا ياخشى ماڭغىلى ئۇزۇن يول يۇرگىلى بولىدۇ .
    7 – ھازىرقى زامان كىشىلىرى 40 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى پۇل ئۇچۇن سالامەتلىكىنى قۇربان قىلىدۇ ، 40 ياشقا كىرگەندىن كىيىن سالامەتلىكى ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كىرىشىپ كىتىدۇ .
    8 – 30 ياشتىن ئىلگىرى سەن كىسەلنى ئىزدەيسەن 30 ياشقا كىرگەندىن كىيىن كىسەل سىنى ئىزدەيدۇ .
    9 – كومپىيوتېرنىڭ بارغانسىرى ئادەمگە ئوخشاپ قېلىشى قوقۇنۇچلۇق ئەمەس ، قورقۇنۇچلىقى ئادەمنىڭ بارغانسىرى كومپىيوتېرغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى .
    10 – قاراڭغۇلۇقنى قارغاپ ئولتۇرغاندىن كۆرە ئۇنى چىراغ يېقىپ يۇرۇتقان ئەۋزەل .
    11 – ئەخمەق ، نادانلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرما ، بولمىسا ئۆزەڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن ،
    12 – نىيەت دۇرۇس بولمىغان جايدىن خۇشاللىق غايىپ بولىدۇ .
    13 – دۇنيادا ناتۇنۇش ئىت ، ۋە ئۆزەمنىڭكىلا راس دەپ تۇرۋالدىغان كىشىدىن ئۆزىنى تارتقۇلۇق .
    14 – ئىتنىڭ قۇيرۇق شىپاڭشىتىشى قۇلۇڭدىكى سۆڭەك ئۈچۈن .
    15 – ئاتنى مەجبورى دەريا بويىغا يىتىلەپ بارالايسەن ، بىراق ئۇنى سۇ ئىچىشكە مەجبورلاش قۇلۇڭدىن
    كەلمەيدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھېكمەتلەر ئوقۇڭ