پۈتۈشۈش

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 00:00:00

    پۈتۈشۈش

     

    ئادەم بىكار بولغاندىلا ئويۇن ئوينىغىلى بولىدۇ ، ئويۇننىڭ تۈرى كۆپ ، A،B ئىككىيلەن تاماكا چىكىشكەچ ، پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقارماقچى بولدى ، لېكىن كۆپ ئۆتمەيلا پاراڭنىڭ مېزىسى قالمىدى ، ئولار ئويۇن ئوينىماقچى بولۇشتى ،A سۆز باشلىدى ؛

    ---- مەن بىلەن پۈتۈشۈلەمسەن ؟ 

     ---- نىمىگە ؟

    ----- ناھايىتى ئاددىي ، بىر كۈن ئىچىدە ،رەت قىلىنمايدىغان ئۈچ ياخشى ئىش قىلىسەن .

    B كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ؛ --- راستما ؟

     A كەسكىن قىلىپ ئېيتتى ؛ ---- راسىت .

    ----- ئۇنداقتا ياخشى ، ھازىرلا باشلاي .

    ----- ئالدىرىما ، شەرتىم بار .

    ------ نىمە شەرىت ؟

    ئۈچ ئىشنىڭ ئىككىسنى چوقۇم 40 ياشتىن تۈۋەنلەرگە قىلىپ بىرىسەن ، ئەر-ئايال چەكلىمىسى يوق .

    ---- ماقۇل ، چاتاق يوق .

    ---- ئەگەر ئۇتساڭ كەچتە مەن مىھمان قىلاي ،ئۇتتۇرساڭ سەن قىل .

    --- ھە ئەمسە ،ھازىرلا باشلاي . كەچتە مىنى مىھمان قىلىشقا تەييارلىق قىل .

    ئىككەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى .

    B كوچىغا چىقىپ ئىش پۇرسىتى ئىزدەشكە باشلىدى ، A  ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشتى ، يىراقتىن يوشۇرۇن كۆزەتمەكتە ئىدى .

    B يېرىم كۈن كۆچا ئايلاندى ، ياردىمگە مۇھتاج بىرەرسى يولۇقمىدى ،ئۇ بىر ئاز جىددىيلىشىشكە باشلىدى ، A  نى يىراقتىن كۆرۈپ كۆز قىسىپ قويدى ، A پىسىڭڭىدە كۈلدى .

    تويۇقسىز  B ۋەلسىپىت مىنگەن بىرقىزنىڭ ۋەلسىپىت زەنجىرى ئۈزۈلگەنلىكىنى كۆردى ،قىز ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتاتتى ،"پۈرسەت كەلدى" دەپ ئويلىغان B يۈگرەپ بېرىپ قىزغا ؛ "ياردىمىم كىرەكمۇ ؟" دىگەنىدى ، قىز ئىتتىكلا ئۆرۈلۈپ "نىرۋا كىسىلى !"دىدى ، B ئوڭايسىزلىنىپ ،نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى، قىز ئوغرىدىن قاچقاندەك ، ئىتتك - ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كېتىپ قالدى .

    B يىراقتىكى A  غا قاراپ ، ئىككى قولىننىڭ ئالقىنىنى چىقىرىپ  "نىمە ئامال ؟" دىگەن مەنىدە مۆرىسنى قىستى .

    B يەنە خېلى ئۇزۇن ئايلاندى  ، ۋەلسىپىت مىنگەن بىر يىگىت ئۇڭ قولىدا يەنە بىر ھارۋىنى سۆرەپ كېتىۋاتاتتى ، بۇنى ياخشى پۈرسەت بىلگەن B كۆڭلىدە "بىر ئادەم ئىككى ھارۋىنى سۆرەپتۇ ، ئەقلى باركەن ، بىراق ئادەم كۆپ قىستاڭچىلىق كوچىغا كەلگەندە خەتەرلىك ، ساقچى بايقاپ قالسا ئاۋارىچىلىق ، ئۇ چوقۇم ياردەمگە مۇھتاج " دىگەنلەرنى ئويلىدى .دەرھال يىگىتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ۋارقىرىدى ؛"ھەي ... ياردەم قىلايمۇ ؟ !"

    يىگىت توختاپ ،بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، سوغۇق كۈلۈپ ؛ "ئاكا ، مىنىدىغان ۋەلسىپتىڭ يوقمۇ ؟ يا پولۇڭ يوقمۇ ؟ " دەپلا دىمىغىنى قېقىپ كېتىپ قالدى  .

    B بۇنى چۈشەنمەي ، جايىدا قېتىپلا قالدى .

    ئۇ بىئارام بولۇپ كوچا ئايلىنىشنى داۋام قىلدى ،يادەمگە مۇھتاج بىرەرسىنىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئىستەيتتى ، ... شۇتاپتا ئوتتۇر ياشلار چامسىدىكى بىر كىشى ئۈچ چاقلىق ۋەلسىپىتنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى ، ھارۋىغا بېسىلغان نەرسىلەر كۆپ بولغاچقا ، ناھايىتى تەستە سۆرەيتتى ، B گەپ سۆزسىز بېرىپ ھارۋىنىڭ كەينىدىن ئىتتەردى ،يىنىكلەپ قالغانننى سەزگەن بۇكىشى ، كەينىگە بولۇرۇپ B نى كۆردىدە ، جىددىيلىشىپ پىدالنى كۈچەپ تەپتى ، خۇددى بىر نەرسەمنى ئېلىۋالارمىكىن دىگەندەك ئەنسىرەپ سۈرئەتتى تىزلەتتى ، B نىڭ قولى ئاجراپ كەتتى ....

    بىرەمدىن كېيىن 30 ياشلار چامسىدىكى بىر ئايال يولۇقتى ، قولىدا ئىككى سومكا كۆتۈرۈۋالغان ، كەينىگە كىچىك قىزىنى ئەگەشتۈرىۋالغان ئىدى .

    چوڭ يولدىن ئۆتىدىغان چاغدا ، قىزى ئۆتەلمەي ، "ئانا .... ئانا ....." دەپ ۋارقىرىغىلى تۇردى . B يۈگرەپ بېرەپ "سىڭلىم ،مەن ئۆتكۈزۈپ قوياي ." دىدى .

    ئانا قولىدىكى نەرسىنى تاشلاپ قىزىنى ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز  ئىدى ، بۇنى كۆرگەن ئانا ؛ " قىزىم ، تىز بول.... ، تىز ماڭ !...."دەپ ۋارقىرىدى ، قىزچاق خۇددى ئالۋاستىدىن قورقۇپ قاچقاندەك يۈگرەپ يولدىن ئۆتتى .ئانىسى قۇلىغا بىرنىمىلەرنى پىچىرلىغانىدى ، قىز B غا قاراپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى ...

    B نىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى .

    كەچ كىردى ،گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىدى ،" بۈگۈن بىرمۇ ياخشى  ئىش قىلالمىدىم، ئەجىبا ... مەن ئەمدى A نى مىھمان قىلارمەنمۇ ؟ ھەي .... "

    ئۇ ، دەل شۇچاغدا 60-70 ياشلاردىكى بىر موماينىڭ يولدىن كېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى ،ماشىنىلار كۆپ بولغانلىقتىن موماي يولنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا يا ئالدىغا --- يا كەينىگە ماڭالماي ، قورقۇپ تۇراتتى ، B يۈگرەپ بېرىپ موماينى يىتىلەپ يولدىن ئۆتكۈزدى ، موماي ئىسىنى تېپىپ ، تەسىرلىنىپ ، "ئوغلۇم ، قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭڭىزغا كۆپ رەھمەت " دىدى .

    تاكى كەچ سائەت 7:30  گىچە ئۇنىڭ بىردىن - بىر قىلغان ياخشى ئىشى مۇشۇ ئىدى .

     

    كەچتە B رېستۈرانغا A نى باشلاپ كېلىپ 200 يۈەن خەجلەپ تازا ئوبدان مىھمان قىلدى . ئۇلار قانچىلىك ھاراق ئىچكىنىنى بىلمەيتتى ، مەستلىكتە ھوشىدىن كەتكەنىدى .

     

         << قوش تىل ئوقۇتقۇچىللىرىنى تەربىيلەش دەرىسلىكى >> دىن تەرجىمە قىلىندى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پۈتۈشۈش