بەخىت ۋە ئۇنى ئىزدەش

يوللىغۇچى : perhat يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-14 14:03:27

بەخىت ۋە ئۇنى ئىزدەش ھەققىدە خىيال ھەربىرەيلەن ئۈچۈن بەخىت ئۇقۇمى ئوخشاش بولمىسا كىرەك، بەزىلەر ئۈچۈن قول ئىلىكىدە بولغان ئەڭ ئاددىي بولغان "نەرسە"لەر دەل يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىرىشك...

    بەخىت ۋە ئۇنى ئىزدەش ھەققىدە خىيال

    ھەربىرەيلەن ئۈچۈن بەخىت ئۇقۇمى ئوخشاش بولمىسا كىرەك، بەزىلەر ئۈچۈن قول ئىلىكىدە بولغان ئەڭ ئاددىي بولغان "نەرسە"لەر دەل يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىرىشكىلى بولمايدىغان (ئىنتىلىدىغان) بەخىت بولىشى مۇمكىن.

    يەنە بەزىلەر ئۈچۈن كۇننىڭ نۇرى، شەكىللەر، ھىس تۇيغۇ تەپەككۇر ۋاقىتلىرى بەخىت بولىشى مۇمكىن.

    يەنە بەزىلەر ئۈچۈن يۇقىر تەبىقە، ئورۇن بەخىت بولىشى مۇمكىن، لىكىن ئۇنىڭ كەينىگە يەنە قانداق غەم ئەندىشىلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بۇنى بىلمەي سىرىتقى ھالەتنىلا كۆزلەيمىز، ئۇنىڭغا ئىرىشكەندە بولسا ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق نۇرغۇن غەم ئەندىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇنىڭغا ماس بولغان گىرەلەشمە قۇربانلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كىچىكىپ ھىس قىلىمىز. تامامەن ئاددىي تۇرمۇش ئىچىدە، جاڭگاللاردا پىتىقلاپ ئويناشنىڭ، ئاددىي تۇرمۇشنىڭ نەقەر ھوزۇر ئىچىدە، غەمسىز ئىكەنلىكىنى شۇ بالىلارلا بىلسە كىرەك.

    يەنە بەزىلەر ئۈچۈن يولدا "مىڭىش" بەخىت بولىشى مۇمكىن.

    يەنە بەزىلەر ئۈچۈن پايپىقىنى سىلىۋىتىش ئەڭ زور بەخىت بولىشى مۇمكىن. (كۈلمەڭ، مەن بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەن، ھىس قىلغان.)

    ... ...

    شۇنىڭدىن قارىغاندا، بەخىت ئۇقۇمى شەخىسنىڭ كۆز قارىشغا باغلىق، كۆز قاراش، مۇھىت ئۆزگەرگەندە شەخىسنىڭ بەخىت ئۇقۇمىمۇ ئۆزگىرەيدۇ. مۇشىنىڭدىن قارىغاندا بەخىت بىر خىيالدىن ئىبارەت، بەخىت سىزنىڭ قانداق خىيال قىلىشىڭىزغا باغلىق.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بەخىت خىيال