يۈز خەتلىك فېليەتونلار

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-22 19:52:00

قىسقا فېليەتونلار شەخسكە قەرزدار بولغانلار نامراتلاردۇر،دۆلەتكە قەرزدار بولغۇچىلار بولسا بايلاردۇر؛ھاراق ئىچكەندە گىرادۇسىغا قارايدىغانلار نامراتلار، ماركىسىغا قارايدىغانلا بايلاردۇر؛كىتاب...

    قىسقا فېليەتونلار شەخسكە قەرزدار بولغانلار نامراتلاردۇر،
    دۆلەتكە قەرزدار بولغۇچىلار بولسا بايلاردۇر؛
    ھاراق ئىچكەندە گىرادۇسىغا قارايدىغانلار نامراتلار،
    ماركىسىغا قارايدىغانلا بايلاردۇر؛
    كىتابنى نامراتلار يازىدۇ،
    بايلار قانۇنسىز نەشىر قىلدۇرىدۇ؛
    ئۆي قۇشلىرىنى يەيدىغانلار نامراتلاردۇر،
    يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يەيدىغانلار بايلاردۇر؛
    يەر تېرىيدىغانلار نامراتلار،
    يەر سودىسى قىلىدىغانلار بايلاردۇر.
    يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن ئۆزىڭىز،
    ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەن دوستىڭىزدۇر؛
    ساقلىنىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن نەپس،
    ئەڭ ئاسان ئازدۇرىدىغان دۈشمەن ھېسسىياتتۇر.
    ياشلار تارىخقا قارىسا خۇددى تەپسىلىي ھېساۋاتنى كۆرگەندەك بولىدۇ،
    ئوتتۇرا ياشلىقلار تارىخقا قارىسا تۈر ھېساۋاتىنى كۆرگەندەك بولىدۇ،
    ياشانغانلار بولسا قالايمىقان ھېسابنى كۆرگەندەك، پات-پات ساختا ھېساۋاتنى بايقايدۇ.
    *** كەمبەغەلنىڭ ئىئانە قىلىشى ھېسسىياتتىن،
    باينىڭ سەدىقە بېرىشى ئىدىراكتىن.
    كەمبەغەللەرنىڭ تۇتۇشقىنى قول، تۇتاشقىنى قەلب؛
    باينىڭ ئىئانە قىلغىنى پۇل،
    قايتۇرۇۋالغىنى نام-ئاتاق،
    ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا پايدا-مەنپەئەت.
    كەمبەغەل كىشى باي بولغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى كەمبەغەللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.
    تەبىئەتنى ئۆزگەرتىۋەتىپ بۇلارنى يوق قىلىۋەتكەن زادى نېمە؟
    بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ تويماس نەپسى ئەمەسمۇ!
    جېنىنىڭ بارىچە بەھرىمان بولۇش،
    ۋە ياساشمۇ بوش ۋاقىتلارنىمۇ كۆپۈككە ئەيلاندۇرماقتا.
    *** قۇلاق: بىر خىل ئاۋاز سۈزگۈچ بولۇپ،
    ئۇ سەمىمى سۆزلەرنى سۈزۈۋېتىپ،
    قۇرۇق گەپ ۋە خوشامەت سۆزلىرىنىلا ئېپ قالىدۇ.
    غايە: بىر خىل سوپۇننىڭ ماغزىپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە بولۇپ،
    مەلۇم ئارىلىقتىن ئۇنىڭغا قارىسىڭىز ناھايىتى گۈزەل كۆرىنىدۇ،
    ھەتتا ئۇنى قوغلىشىسىز، ئۆزىڭىزنى گويا بىر قۇشتەك سېزىسىز،
    ئۇنىڭغا يېتىشىپ ئىلكىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا بولسا ئۇ ۋەيران بولىدۇ،
    ئۆزىنىڭ نۇرىنى يوقىتىپ سىزنى مەيۈسلەندۈرىدۇ.
    ئاچكۆزلۈك: يوقسۇللۇقتىنمۇ بەتەر بولغان بىر خىل ئازابتۇر. يوقسۇللۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ،
    ئاچكۆزلۈك ھەممىگە تويمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
    جەلپكارلىق: يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان گۈزەل سىرتقى قىياپەت ۋە ئۇنىڭ رادىئاتسىيە كۈچى بولۇپ،
    ئادەتتە مۇھەببەت ۋە سۇيقەستنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    پۇرسەت: كىشىلەرنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى سىنايدىغان يوچۇقتۇر.
    كومپوزىتور: بەش تال سىمغا قۇمچاقنى ۋە پاقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يايىدىغان ئادەم.

     جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق