كارخانا بىلەن خېرىدارنىڭ مۇناسىۋىتى

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 16:25:03

يېگەن ئۆردەك گۆشىنىڭ نومۇرىنى ئەينەك ئىشكاپقا ئېلىپ، رېسوتراننىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە قويۇش.

    كارخانا بىلەن خېرىدارنىڭ مۇناسىۋىتى
    ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن
     
    1582-يىلى فرانسىيەنىڭ شاھزادىسى ھېنرىنىڭ خىزمەتچىسى فېدېرىك دېيلېر پارىژىكى سەيىن دەرياسى بويىغا بىر كۆركەم ئاشپۇزۇل ئاچقان، مانا بۇ ھازىرقى كۆمۈش مۇنار رېستورانىنىڭ يىلتىزى. كۆمۈش مۇنار رېستورانى ئۆردەك گۆشى ماركىسى بىلەن داڭ چىقىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ ماركىسىنى تەقلىد قىلغان ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن خوجايىن فېدېرىك دېيلېر كۆمۈش مۇنار ماركىسىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇنداق بىر سېتىش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان: بىرىنچىدىن، كۆمۈش مۇنار ئۆردەك گۆشلىرىنى پەقەت رېستوراندا سېتىش؛ ئىككىنچىدىن، ئۈستەلگە چىققان ھەربىر پەتنۇس ئۆردەك گۆشىگە نومۇر قويۇش؛ ئۈچىنچىدىن، غىزالانغۇچى مېھماننىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلگەن كارتا تەييارلاپ، ئارخىپ قالدۇرۇش ۋە كارتىنىڭ بىر نۇسخىسىنى مېھمانغا خاتىرە سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ غىزالانغان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئۇلار يېگەن ئۆردەك گۆشىنىڭ نومۇرىنى ئەينەك ئىشكاپقا ئېلىپ، رېسوتراننىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە قويۇش.
    كۆمۈش مۇنار رېستورانىنىڭ ماركىسىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان بۇ تەدبىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم بېرىپ، كۆمۈش مۇنارنى مېھمان ئۈزۈلمەس رېستورانغا ئايلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن كۆمۈش مۇنار رېستورانى 2003-يىلى 1 مىليوندىن كۆپ ئۆردەك گۆشىنى ساتتى.
    كۆمۈش مۇنار رېستورانى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۆردەك گۆشى سېتىش مەخسۇس رېستورانى، ھازىر بۇ رېستورانغا قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلار نوقۇل ئۆردەك گۆشى يېيىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى غىزالانغاچ ھوزۇرلانغىلى كېلىدۇ. كۆمۈش مۇنار رېستۇرانى 100 يىل بۇرۇن يولغا قويغان خېرىدارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى رېستوران بىلەن خېرىدارنىڭ ئېلىپ-سېتىش مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىپلا قالماستىن، خېرىدارلارنىڭ پىسخىكىلىق تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان قىممەت مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلغان.
    بىز ھەمىشە:«خېرىدار تەڭرىدەك ئەزىز، خېرىدار ھەممىدىن ئەلا» دەيمىز، بۇ خېرىدارلارنى تولۇق رازى قىلغاندىلا كارخانا ئىگىلىكىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، خېرىدار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كارخانىچىلاردىن توختىماي يېڭىلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. گەپنى ئېنىقراق قىلغاندا، كارخانىلار خېرىدار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن كارخانىلار بىلەن خېرىدار ئارىسىدىكى ئېلىش-سېتىش مۇناسىۋىتى ۋە كارخانا بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلار ئارىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى، قېرىنداشلىق، دوستلۇق،ئورتاق مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرغاندا، مۇناسىۋەتلىك ھەممە تەرەپ پايدا-مەنپەئەت ئالىدۇ.
    (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانا