لوقمان ھەكىمنىڭ بايانى

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-28 15:43:00

لوقمان ھەكىمنىڭ بايانى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لوقمان ھەكىمنىڭ ئالدىغا بىر توپ كىشى كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىپ ئۇنىڭدىن ھىكمەتكە ئائىت سوئاللارنى سوراشتى، ئۇلاردىن بىرى:ئەي لوقمان ھەكىم، سەن پالا...

        لوقمان ھەكىمنىڭ بايانى

       ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لوقمان ھەكىمنىڭ ئالدىغا بىر توپ كىشى كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىپ ئۇنىڭدىن ھىكمەتكە ئائىت سوئاللارنى سوراشتى، ئۇلاردىن بىرى:
    ئەي لوقمان ھەكىم، سەن پالانى يەردە پادىچىلىق قىلغان كىشى ئەمەسمۇ؟‏- دەپ سورىدى.
    ‏   - ھە، شۇ پادىچى مەن بولىمەن‏- دەپ جاۋاپ بەردى لوقمان ھەكىم،-مانا ھازىر كۆرۈپ تۇرۇپسەن، داڭلىق ھەكىممەن.
    ‏   - بۇ دەرىجىگە قانداق ئېرىشتىڭ؟ دەپ سورىدى ئۇ كىشى يەنە.
    لوقمان ھەكىم ئۇنىڭغا:
       - ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقتىن، بىلگىنىمنى ئايىماسلىقتىن، باشقىلارغا ياخشى سۆز بىلەن مەسلىھەت بېرىشتىن باش تارتماسلىقتىن، توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن، بالا-قازالارغا چىداشتىن، ئۆزۈمنى باشقىلاردىن تۆۋەن ساناشتىن.‏- دەپ جاۋاپ بەردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق