ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 16:46:45

ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ يېڭى ئېچىلغان تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن راھەتبەخىش شەھەردىن ۋاز كېچىشكە، تاغقا ياماشقۇچى ئەزمەت بولۇش ئۈچۇن، ئاپئاق تېرىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇش گاھىدا...

    ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ

    يېڭى ئېچىلغان تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن راھەتبەخىش شەھەردىن ۋاز كېچىشكە، تاغقا ياماشقۇچى ئەزمەت بولۇش ئۈچۇن، ئاپئاق تېرىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.

     تۇرمۇش گاھىدا سىزنى ھوقوقىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە ،ھەتتا مۇھەببەتتىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ . ئېرىشىمەن دىگەن نەرسىڭىزگىلا ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن، شۇڭا تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويىشىڭىز كېرەك. ب

    ۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىكى ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. ۋاز كېچىش قىياپىتىڭىىزنى ياخشىلاپ سىزنى كەڭ قورساق ۋە خۇشخۇي كۆرسىتىدۇ. ۋاز كەچسىڭىز كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىسىز. تېخىمۇ زېرەك ،قابىل،بەردەم بولىسىز.

    دوستۇم ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ، ئەرزىمەس ،ئەھمىيەتسىز ،ئارتۇقچە نەرسىلەردىن_ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كىچىڭ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.