دىيالوگ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-04 18:00:37

تاغلار ئۇيقۇغا كېتىپتۇ؛ كۆپكۆك، سۈزۈك ئاسمانمۇ مەڭگۈ غەپلەتكە پاتقان زېمىن ئۈستىدە ئۇيقۇغا چۆمۈپتۇ.


    دىيالوگ

    تۇرگېنېۋ (رۇسىيە)
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

     
    يۇڭفرائۇ چوققىسىغىمۇ، فىنسترائار خورن چوققىسىغمۇ ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى يەتمەپتىكەن.
    ئالپىس تېغىنىڭ چوققىسى...بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەتكەن ھاڭ-قىيالار...تاغلارنىڭ قاق ئوتتۇرىسى.
    تاغلار ئۈستىدە كۆكۈش، سۈپسۈزۈك ۋە تىنچ ئاسمان بوشلۇقى. سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان ئاچچىق سوغۇق؛ قېتىشىپ كەتكەن پارقىراق قارلار؛ مۇز قاپلىغان، غايەت يوغان قىيا تاشلار شامالغا سوقۇلۇپ قار ئىچىدە تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن.
    ئىككى گىگانت مەخلۇققا ئوخشايدىغان ئىككى تاغ- يۇڭفرائۇ چوققىسى بىلەن  فىنسترائار خورن چوققىسى ئاسمان گۈمبىزىنىڭ ئىككى چېتىدە چوخچىيىپ تۇرىدىكەن.
    يۇڭفرائۇ چوققىسى قوشنىسىغا سۆز ئېچىپتۇ:
    -بىرەر يېڭىلىق توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ ماڭا قارىغاندا سىز ئېنىقراق كۆرەلەيسىز. ئاۋۇ پەس تەرەپتە نېمىلەر بار ئىكەن؟
    ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپتۇ.
    -زېمىننى قويۇق بۇلۇتلار قاپلىۋاپتۇ...سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ!-دەپتۇ فىنسترائار خورن چوققىسى گۈر-گۈر ئاۋازدا.
    ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن يەنە نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپتۇ.
    -ھە، ئەمدىچۇ؟-دەپ سوراپتۇ يۇڭفرائۇ چوققىسى.
    -ئەمدى كۆردۈم، پەس تەرەپتە ھەممە نەرسە ئۆز پېتى: رەڭگارەڭ، ئىنچىكە ھەم كىچىك تۇرىدۇ؛ ئېقىن سۇلار زۇمرەتتەك كۆپكۆك، ئورمانلار قارامتۇل؛ مىغىلداپ ياتقان دۆۋە-دۆۋە تاشلار كۈلرەڭ كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا نىمجان قۇرۇتلار ھېلىھەم قىمىرلاپ يۈرىدۇ. بىلىۋاتامسىز، سىز بىلەن مېنىڭ ئالدىمدا بىرەر قېتىممۇ بىھۆرمەتلىك قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئىككى پۇتلۇق ھايۋانلار ئەنە شۇ.
    -ئىنسانمۇ ئۇلار؟
    -ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن يەنە نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپتۇ.
    -ئەمدىچۇ؟-دەپ سوراپتۇ يۇڭفرائۇ چوققىسى.
    -نىمجان قۇرۇتلار ئازىيىپ قالغاندەك قىلىدۇ،-دەپتۇ فىنسترائار خورن چوققىسى گۈر-گۈر ئاۋازدا،-پەس تەرەپ تېخىمۇ سۈزۈلۈپ قاپتۇ؛ ئېقىنلار ئازىيىپ قاپتۇ؛ دەل-دەرەخلەرمۇ شالاڭلاپ كېتىپتۇ.
    ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن يەنە بىر قانچە مىڭ يىل ئۆتۈپتۇ.
    -ئەمدى نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟-دەپتۇ يۇڭفرائۇ چوققىسى.
    -بىزنىڭ يان تەرىپىمىز، يېقىن ئەتراپىمىز پاكىزلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ،-دەپتۇ فىنسترائار خورن چوققىسى جاۋابەن،-ئەنە ئاۋۇ يىراقتا، ئويمانلىقنىڭ ئۇ تەرىپىدە مىدىرلاۋاتقانلار ئىجىر-مىجىر كۆرۈنۈۋاتىدۇ.
    كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئارىدىن يەنە بىر قانچە مىڭ يىل ئۆتۈپتۇ.
    -ئەمدىچۇ؟-دەپ سوراپتۇ يۇڭفرائۇ چوققىسى.
    -مانا ئەمدى ياخشى بوپتۇ،-دەپتۇ فىنسترائار خورن چوققىسى جاۋابەن،-ھەممە يەر پاك-پاكىز بولۇپ كېتىپتۇ، ھەممە يەرنى ئاپپاقچىلىق قاپلاپ كېتىپتۇ، نەگىلا قارىسىڭىز بىزنىڭ قارلىرىمىز، تەپتەكشى قار ۋە مۇزلىرىمىز كۆرىنىدۇ، ھەممە نەرسە مۇزلاپ قېتىپ قاپتۇ. مانا ئەمدى ياخشى بوپتۇ، جىمجىتلىق ئورناپتۇ.
    -ئوبدان بوپتۇ،-دەپتۇ يۇڭفرائۇ چوققىسى پەس ئاۋازدا،-بىراق ئاقساقال، ئىككىمىزنىڭ پارىڭىمۇ يېتەرلىك بولدى، ئەمدى ئۇخلايدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى.
    -شۇنداق.
    تاغلار ئۇيقۇغا كېتىپتۇ؛ كۆپكۆك، سۈزۈك ئاسمانمۇ مەڭگۈ غەپلەتكە پاتقان زېمىن ئۈستىدە ئۇيقۇغا چۆمۈپتۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     \
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تاغ ئىنسان مۇز