نەيچى بوۋاي

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-01 19:01:06

مەن ھەر كۈنى يېقىملىق نەي ئاۋازىدىن ئويغىنىمەن، ئاندىن دېرىزىنى ئېچىپ قۇياشنىڭ دېڭىزنىڭ ئۇچىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققاندىكى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىشىدىن ھۇزۇرلىنىمەن،


    نەيچى بوۋاي
     
    مەن ھەر كۈنى يېقىملىق نەي ئاۋازىدىن ئويغىنىمەن، ئاندىن دېرىزىنى ئېچىپ قۇياشنىڭ دېڭىزنىڭ ئۇچىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققاندىكى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىشىدىن ھۇزۇرلىنىمەن، چۈنكى مەن بوۋاي چالغان يېقىملىق نەي ئاۋازىنىڭ ھاياتى كۈچكە تولغان يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالىمەن. مەن نەيچى بوۋاي بىلەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بازار ئايلىنىۋېتىپ تونۇشۇپ قالغان ئىدىم......
    -ئەپەندىم ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ نەيدىن بىرنى بولسىمۇ ئېلىپ قويۇڭ، ئايالىم ئۆلۈپ كەتتى. بەش بالا ماڭا قاراشلىق، ئۆيدە يىگۈدەك نەرسە يوق،-بوۋاي مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەدەملىرىمنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ پېشىمگە ئېسىلدى.
    -ئۆي ئىجارە ھەققى تۆلىيەلمەي ئۆي ئىگىسى ئۆيدىن چىقىرۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟-بوۋاينىڭ قىپقىزىل يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قەستەن سورىدىم.
    -توۋا سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ دېمىسىڭىزمۇ بىز راسلا كوچىدا قالدۇق. ياخشى ئىش قىلغان بولۇڭ، بۇ نەيدىن بىرنى ئېلىپ قويۇڭ،-دېدى بوۋاي ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا گېلىنى قىرىپ.
    -چاتاق يوق، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان نەيدىن بىرەر تالنىمۇ ساتالمىغانسىز ھەقاچان؟
    سورىدىم چاقچاق قىلىپ.
    -توغرا، بۇنداق ياخشى نەينى سىزگە ئوخشاش خوجايىنلاردىن باشقا يەنە كىم سېتىۋالىدۇ دەيسىز؟-بوۋاي نەينى كۈچەپ پۈۋلەشكە باشلىدى.
    مەن ئالدىنقى قېتىم ھىندىستانغا ساياھەتكە بارغاندا خېلى كۆپ نەي سېتىۋالغان ئىدىم. لېكىن ھېچقايسىسىنى چالغىلى بولمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالماسلىق قارارىغا كىلىپ، بوۋايغا 10 رۇبلى بەرمەكچى بولدۇم، لېكىن ئويلىمغان يەردىن ئۇنىڭغا 100 رۇبلى بېرىۋېتىپتىمەن. بوۋاي يەرگە يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. بۇ چاغدا پۇلنى قايتۇرۋېلىشقا تامامەن كېچىككەن ئىدىم. ياتاققا قايتىپ كېلىپ يۇيۇنۇپ بالدۇرلا ياتتىم...
    ئەتىسى ئەتىگەندە سىرىتتىن ئاڭلانغان نەي ئاۋازى ئۇيقۇمنى قاچۇردى. مەن دېرىزىنى ئېچىپ، دېرىزە تۈۋىدە نەي چېلىۋاتقان بوۋاينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتىم. ئەمما بوۋاي مېنى كۆرۈپ تۆنۈگۈنكى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان يالغان سۆزلىرىنى يەنە تەكرارلىغىلى تۇردى.........
    ئاچچىقىمدا دېرىزىنى كۈچەپ ياپتىمدە كىرېسلوغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ئەمما بوۋاي نەينى تېخىمۇ كۈچەپ چالغىلى تۇردى. مەن بوۋاينىڭ قىلىقىغا چىداپ تۇرالماي چاپىنىمنى كىيىپ، ئىشىكنى تاقاپ پەسكە چۈشتۈم.
    -بوۋا تۆنۈگۈنلا سىزگە پۇل بەرسەم بۈگۈن نېمە دەپ كەلدىڭىز؟ سىزنىڭ نېيىڭىزنى پەقەت ئالغۇم يوق، بۇ يەردىن تېز كېتىڭ دېدىم زەردە بىلەن ئۇنىڭغا.
    -ياق، ياق، بالام مەن بۇ مەقسەتتە كەلمىدىم-دېدى بوۋاي دۇدۇقلاپ.
    -ئەمسە نىمە مەقسەتتە كەلدىڭىز؟! تېز كېتىڭ! مېنى يەنە يالغان-ياۋداق گەپلىرىمگە ئىشىنىدۇ دەپ خام خىيال قىلماڭ. ئۇنداق ئەمەس ئالدى بىلەن گىپىمنى ئاڭلاڭ، مەن سىزنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىڭىزگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن سىز بۇ مېھمانخانىدىن ئايرىلغۇچە سىزگە ھەر ئەتىگىنى نەي چېلىپ بېرەي دېگەن ئىدىم،-دېدى بوۋاي خۇددى كىچىك بالىدەك بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە.
    مەن بوۋاينىڭ ئاخىرقى گېپىنى ئاڭلاپ شۇندىلا ئۇنى تامامەن خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىمنى، ئۇنىڭ يالغان سۆزلىمەيۋاتقانلىقىنى، مەندىن پۇل تەلەپ قىلىپ كەلمىگەنلىكىنى، مەقسىتىنىڭ ماڭا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
    دەرۋەقە بوۋاي لەۋزىدە تۇردى. تاكى مەن بۇ شەھەردىن ئايرىلغانغا قەدەر بەش كۈن ئۇدا ھەر كۈنى ئەتىگەندە دېرىزە ئالدىدا مېنى يېقىملىق نەي ئاۋازىدىن بەھرىمەن قىلدى.
    مەن خاتا بىرىپ قويغان 100 رۇبلى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى سوۋغىغا ئېرىشتىم. نەيچى بوۋاي ماڭا باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قىلىنغان كىچىككىنە ياردەمنىڭ ئۆزىگە ھەسسىلەپ قايتىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بىلدۇردى.
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     \
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نەيچى بوۋاي سوۋغا