كىملىك

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-10 09:58:52

قىشنىڭ قايسى ئايلىرى بولغىيتتى، قارغىش تەككۈر دۈشەنبە ئىدى. سائەت توققۇزدىن 40 مىنۇت ئۆتتى، ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى.

     
    كىملىك
     
    (پوۋېست)
    [ئامېرىكا] جويس كارلوس ئاۋتېس
     
    -كىملىكىنى دەلىللەيمىز، لىسېتتې مۇلۋېي بىلەن كۆرۈشىمىز،- دېيىشتى ئۇلار.
    ئويلىمىغان ئىش بولدى.
      قىشنىڭ قايسى ئايلىرى بولغىيتتى، قارغىش تەككۈر دۈشەنبە ئىدى. سائەت توققۇزدىن 40 مىنۇت ئۆتتى، ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى. بۇ يىل يېڭىلا باشلانغان بولسىمۇ، لسېتتېنىڭ قارىشىچە بۇ يەردىكى كەيپىيات گويا ئالەم بوشلۇقى ھەققىدىكى بىر مەيدان فانتازىيىلىك كىنودەك غەلىتىلىككە تولغان ئىدى.
    ئۇ كۈنى يۇقىرى يىللىقتىكى ئوغۇللار لىسېتتېغا پىۋا ئىچكۈزۈپ قويدى، ئۇ مەست بوپ قېلىپ راسا كۈلكىگە قالدى. بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك بولغاچقا ئوغۇللارلا ئەمەس لىسېتتې ئۆزىمۇ كۈلۈۋەتتى. ئەمما بۇ مازاق ئەمەس ئىدى، ھېچ بولمىغاندا لىسېتتېنىڭ قارىشىدا مازاق كۈلكىسى ئەمەس ئىدى، بۇ ئوغۇللارنىڭ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دەپ بىلەتتى. «لىزاتتې» — «لىزاتتې» بۇ ئوغۇللارنىڭ ئۇنىڭغا قويغان لەقىمى بولۇپ، بۇنداق دەپ چاقىرغان ئاۋاز كالتەك توپنى ئۇرغاندىكى ئاۋازىدىنمۇ كۈچلۈك ئاڭلىناتتى. ئوغۇللار قوللىرى تېزلىكتە ئۇنىڭ بىلىكى ۋە دۈمبىسىدىن سىيپاپ ئۆتتى، لىسېتتېنىڭ تېرىسى گويا كۆيگەندەك بولدى.
      ئۇ كۈنى ئوغۇللار ئۇنى مەكتەپكە بارىدىغان يولدىلا ئېلىپ كېتىشكەنىدى. تولۇقسىز سىنىپلىرى بىلەن تولۇق سىنىپلىرى ناھايىتى يېقىن ئىدى. ئادەتتە لىسېتتې كېيشا ۋە تەنيا بىلەن بىرگە ماڭاتتى، بۇ ئىككى قىز قۇرداشلار ئىچىدە خېلى پىشىپ يېتىلگەن ئىدى، بولۇپمۇ كېيشا باشقا قىزلاردەك تارتىنچاق ئەمەس ئىدى. بۇ ئىككىسى ئوغۇللار بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى بىلەتتى، ئوغۇللارمۇ بۇلار بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى بىلەتتى، ئادەتتە ئۇلار پەقەت پاراڭلىشىش بىلەنلا چەكلىنەتتى.
      ھازىر .... ماتېماتىكا دەرسى ئۆتىلىۋاتامدۇ؟ بۇ لىسېتتې ئەڭ يامان كۆرىدىغان دەرس ئىدى. ماتېماتىكىدا ئۇ ئۆزىنى دۆتتەك ھېس قىلاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەس. پەقەت بەزى چاغلاردىلا ئۇنىڭ خىياللىرى خۇددى توقۇلۇپ كەتكەن چاچتەك باش ئاخىر چىقمايتتى، توق زەڭگەر رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋالغان كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سىرغىپ قالاتتى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ دوسكىغا نېمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. نورۋىچ خانىم دائىم ئىشەنچلىك تەلەپپۇزدا:
    — بۇ مەسىلىنى قانداق ئىشلەيمىز؟ ئەمدى قانداق ئىشلەشنى كىم دەپ بېرەلەيدۇ؟ — دەيتتى.
      ئەلۋەتتە كۆپ ساندىكى بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى چاقىرىپ قېلىشىنى خالىمايتتى، ھەممەيلەن جايىدا مىدىر قىلماي ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن دوسكىغا قارىغاندەك قىلىپ يالغاندىن كۈلۈمسىرىشەتتى. ئوقۇتقۇچى دوسكىغا ھېساب ئىشلەشكە لىسېتتېنى ناھايىتى ئاز چىقىراتتى، بەزىدە ئۇ كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ تەپەككۇر قىلغاندەك بولۇۋالاتتى، كۆزىنى ئاچقاندا بولسا سىنىپتىكى «ئەقىللىق» لاردىن بىرەرسى دوسكىغا چىقىپ، مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى بورنى ئېلىپ ھېسابنى ئىشلەشكە باشلىغان بولاتتى. لىسېتتې داۋاملىق پۈتۈن زېھىنى بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى، چۈشىنىۋېلىشقا تىرىشاتتى، لېكىن بورنىڭ يېشىل رەڭلىك دوسكىدا چىقارغان ئاۋازى ۋە يازغان سانلىرى ئۇنىڭ باشلىرىنى قاپاقتەك، كۆزلىرىنى ئىمىر-چىمىر قىلىۋېتەتتى.
      لىسېتتېنىڭ ئانىسى يۋېتتې سان-سىپىرغا ئىنتايىن سەزگۈر ئىدى. ئۇ خانلىق قىمارخانا 21 نۇقتا تاۋكاسىدا قارتا تارقاتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى، قارتا تارقاتقۇچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىنتايىن ئەقىللىق، ئىنكاسى تېز بولۇش، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.
      قارتا ھېسابلاش قىلمىشى بەلگىلىمىدە چەكلەنگەن. ئەگەر بىرەرسىنىڭ قارتا ھېسابلاۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا چوقۇم شۇ ھامان پاش قىلىش كېرەك. يۋېتتې دائىم: ھامان بىر كۈنلىرى ئىسمىمنى ئالماشتۇرۇپ، چېچىمنى باشقا رەڭدە بوياپ، پۈتۈنلەي باشقىچە قىياپەتتە لاسۋىگاسقا بېرىپ 21 نۇقتا ئوينايمەن، رېناۋلتتەك كىچىكرەك شەھەردە بولسىمۇ مەيلى، قارتا ھېسابلاش ماھارىتىمگە تايىنىپ راسا بىر ئۇتۇۋالسام، دەپ ئويلايتتى.
    لىسېتتې ئەگەر ئۇنىڭدىن:
    — ئانا، شۇ چاغدا مېنىمۇ ئېلىپ بارغىن، ماقۇلمۇ؟ — دەپ سورىسا، گويا ئۇنىڭغا ئەخمىقانە سوئالنى سورىغاندەك تۇيۇلاتتى دە، قوشۇمىلىرىنى تۇرۇپ:
    — قەدىرلىكىم، مەن چاقچاق قىلىپ قويدۇم، قىمارخانىدىكى ئەبلەخلەرنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ، — دەيتتى.
    لاسۋىگاس بىلەن رېناۋلت ھەر ئىككىلىسىلا يۋېتتېنىڭ بېرىش نىشانى ئەمەستى، بۇ تەرىپى ئۇنىڭغا ئايدىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىملىرى تېخى ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس ئىدى.
      7-يىللىقتىكى چاغلىرىدا لىسېتتې ماتېماتىكىدا ناھايىتى ياخشى ئىدى، يالغۇز ماتىماتىكىدىلا ئەمەس باشقا پەنلەردىمۇ ياخشى ئىدى، كۆپىنچە پەنلەردە ئۇ B نومۇر ئالاتتى، ئانىسى ئۇنىڭ نەتىجە قەغەزلىرىنى ئاتكىرىتكىنى چاپلىغاندەك توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە قاتار چاپلىۋېتەتتى. شۇغىنىسى بۇ ئىشلار گويا ناھايىتى ئۇزاق بولغاندەك تۇيۇلىدۇ.
    لىسېتتې تېپىرلاپ ئولتۇرالمايۋاتاتتى، گويا بىر چۈمۈلە ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن كىرىپ پۈتۈن بەدىنىنى بويلاپ ئۆمىلەپ يۈرگەندەكلا ئارامسىزلىنىۋاتاتتى، چۈمۈلە ئۇنىڭ قولتۇقىدا، يوتىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇنى توختىماي چېقىۋاتقاندەك ئىدى. بەدەنلىرى شۇنچە قىچىشىۋاتقان بولسىمۇ قاشلاشقا بولمايتتى، چۈنكى قاشلىسا بەدەنلىرى قاناپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما سىلاپ قويسا تېخىمۇ قىچىشىپ كېتەتتى.
    لىسېتتېنىڭ قاڭشىرى بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ سېزىمىنى يوقاتقان، سول كۆزىدە ياش تامچىسى تامچىپ تۇراتتى.
    — لىزاتتې يىغلىدى، ھەي بالىلار لىزاتتې يىغلاپتۇ! لىزاتتې، نېمىگە يىغلايسىز؟
    يۇقىرى يىللىقتىكى ئوغۇللار ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا دائىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىشاتتى، خۇددى كىچىك ئەرمەك جانىۋارنى ئەركىلەتكەندەك ئەركىلىتىپ ئوينايتتى، لىسېتتې ئۇلارنىڭ قۇد قونچىقىغا ئوخشاپ قالغانىدى.
      جممىي چاڭنى ھەممەيلەن JC دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇ ئالتىنچى يىللىقتا لىسېتتېلارنىڭ سىنىپىغا ئالمىشىپ كىرگەن. لىسېتتې JC نى تۇنجى كۆرگەندە كېيشانى تۈرتۈپ: «پاھ، پاھ، پاھ» دەپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ئاۋازى گويا ناخشا مۇزىكىلىق سىن فىلىملىرىدىكى «ھېسسىيات» لىق ئاۋازلارغا ئوخشاش چىققانىدى، شۇغىنىسى لىسېتتې بۇ خىل ئاۋازنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئانىسى رېتىمى ئاستا، كونىچە تولغىما، سەھرا دىسكوسى ۋە مېكسىكا پەدىسىدىكى دېسكو مۇزىكا فىلىملىرىغا ئامراق ئىدى. لىسېتتې دائىم ئانىسىنىڭ يۇيۇنغاندا يىغلىغاندەك ئۆكسۈپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىنى ئاڭلايتتى، ئانىسىنىڭ نەپرەتتىن ياكى خۇشاللىقتىن ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيتتى.
    ھەي، ئۇ ماتېماتىكا دەرسىگە ئۆچ! بۇ جايغا ئۆچ! ئۇ دېرىزە تەرەپتىكى رەتتە ئولتۇراتتى، ئورنى ئالدىدىراق بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى سىنىپنىڭ چېتىدە ئولتۇرغاندەك، بۇ سىنىپنىڭ ئەزاسى ئەمەستەك ھېس قىلاتتى. نورۋىچ خانىم مۇنداق دېگەنىدى:
    — مۇشۇنداق ئالدىدىراق ئولتۇرسىڭىز زېھنىڭىزنى يىغالايسىز.
      ئۇ لىسېتتېنى دەرسنى قېتىرقىنىپ ئاڭلىسۇن، زېھنى چېچىلىپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق قىلغان. ئەمما، بۇ ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەردى، كۆپ چاغلاردا لىسېتتېنىڭ خىيالى دەرسخانىدا بولمىدى.
      لىسېتتې «قىزل چۈمۈلە» لەرنىڭ چېقىشىنى ئاز-تولا پەسەيتىش كويىدا كۆزىنى ئۇۋۇلىدى، كاسىسىنى مىدىرلىتىپ قويدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سېمىز گەۋدىسىنى كەينىگە بۇرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، شۇنداق قىلسا ئۇ قولىدىكى قەغەزنى يېنىدىكى رەتتىكى كېيشاغا بېرەلەيتتى، ئاندىن كېيشا ئۇنى يەنە بىر رەتتىكى JC غا يەتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇ ئەمەلىيەتتە قەغەز ياغلىق بولۇپ، ئۈستىگە لىسېتتېنىڭ كالپۇكىنىڭ ئىزى، ئادەمنى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان لەۋ ئىزى، لىسېتتېنىڭ JC غا يوللىغان سۆيگۈسى بار ئىدى.
      لەۋ ئىزىنى بۇ قەغەز ياغلىققا بېسىش لىسېتتېغا نىسبەتەن ناھايىتى رومانتىك تۇيۇلغانىدى. ئۇ لەۋسۇرۇخىنى يېڭىلا سېتىۋالغان بولۇپ، قېنىق سۆسۈن رەڭلىك ئىدى، ئانىسى لىسېتتېدا لەۋسۇرۇخنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى، چۈنكى ئۇ دوستلىرىنى دوراپ ئۆيىگە يېقىن قالغاندا لېۋىدىكى لەۋسۇرۇخنى سۈرتىۋېتەتتى. لەۋ سۇرۇخ بۇ قىزلارنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ناھايىتى گۈزەل، شۇنداق پىشقان، لاتاپەتلىك قىلىۋېتەتتى.
      لىسېتتېنىڭ نەزىرى JC دىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدى، JC ئۇزۇن پۇتلىرىنى ئۆتۈشۈش يولىغا ئۇزىتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىپەكتەك يۇمشاق چاچلىرى پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى. JC غا چاقچاق قىلغىلى بولمايتتى، يالغۇز JC غىلا ئەمەس ئۇنىڭ «شېرىك» لىرىگىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇنى لىسېتتې باشقىلاردىن ئاڭلىغان، ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئوغۇللار قىزلاردىن بىر-ئىككى ياش چوڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇرۇن قالدۇق بولۇپ بۇ سىنىپقا چۈشكەن، يەنە بەزىلىرى بولسا مەكتەپكە كېيىنرەك كىرگەنلەر ئىدى.
      JC نىڭ دادىسى تاج مەھەل قىمارخانىسىدا ئىشلەيدىكەن، ئۇلار جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، دادىسى بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىگەن، كېيىن مۇھاپىزەتچى بولغان. JC ئىلگىرى دادىسىنىڭ تاپانچىسىنى ئوينىغانلىقى ۋە ئېتىپ باققانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغانىدى.
    بىر قىز تاپانچىنى ئادەمگە قارىتىپ ئاتقان-ئاتمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ دولىسىنى چىقىرىپ كۈلۈپ قويغانىدى.
      لىسىتتې توققۇز ياشتا ئانىسى بىلەن نېۋجېرسېينىڭ ئاددىسون دېگەن يېرىدىن ئاتلانتا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. ئۇلار خېلى بۇرۇنلا دادىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن، ئەمما ئۇنىڭ دادىسى قىسىمنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان، كېيىن يەنە ئايرىلغانىدى. ھازىر ئانىسى دادىسىدىن ئاجرىشىپ كەتتى.
      لىسېتتې ئانىسى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ گېپىنى قىلىشقا بەك ئامراق. ئۇ جايلارنىڭ ئىسمى ئۆزگىچە: تاج مەھەل، باللي، خانلىق قىمارخانا دېگەندەك. بىراق ئۇ ئانىسىنىڭ ھازىرمۇ خانلىق قىمارخانىدا قارتا تارقاتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان، ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، بەلكىم قاۋاقخانا مۇلازىملىقىنى قىلۋاتقاندۇ.
      بۇ ئىش لىسېتتېنى ساراڭ قىلىۋەتكىلى ئاز قالغانىدى. ئۇ ئاپسىدىن ھەرقانداق سوئالنى ئۇدۇللا يەنى: «ئانا، سەن زادى قەيەردە ئىشلەيسەن؟» دەپ سورىسىمۇ بولىۋېرەتتى، ئەمما ئانىسىنىڭ جاۋابى ئاڭلىماققا يوللۇقتەك قىلغىنى بىلەن ئالدىرىماي ئويلانسا چاتاق باردەك، خۇددى سۇغا تاشلانغان تازىلىق قەغىزى ئاستا-ئاستا ھۆل بولغاندەك بىر ئىش بولاتتى.
      JC نىڭ دادىسى راستىنلا تاج مەھەل قىمارخانىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلاتتى. JC ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قىمارخانا تەرەپكە پەقەت ئۆتمەيتتى، ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا باراتتى، ئۇ يەردە ئەرزان مېھمانساراي، ئەرزان تاماقخانا، كېپىللىككە بېرىش ۋاكالەت شىركىتى ۋە كىچىك چېركاۋ بار ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ يەردە ئۈستى ئوچۇق ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ماشىنا توخىتىش مەيدانى ۋە كوچىلارنى پۇخادىن چىققۇچە قاڭدىشىدۇ، ئادەم ئاز قالغان چاغدا ماشىنىلارنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ھېچنېمىنى قويماي ئوغرىلىشىدۇ. ماشىنىنىڭ ئىشىكى ۋە ئارقا ساندۇقىنىڭ قاپقىغىنى ئېچىش ئۇلار ئۈچۈن قولنىڭ ئۇچىدىكى ئىش ئىدى، ماشىنا ئىچدە ھامان ئاياللارنىڭ قول سومكىسى دېگەندەك كېرەكلىك ياخشى نەرسىلەر ئۇچراپ تۇراتتى، نۇرغۇن ئاياللار بازار ئايلانغاندا ئېغىر سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن بىزار بولۇشۇپ، ماشىنىغا تاشلاپ قويۇشىدۇ. بۇ ئاياللار نېمە دېگەن ئەخمەق ھە! دۇنيادا ئەخمەقلەر نېمانداق كۆپتۇ دەيمەن، بىچارىلەر.
      لىسېتتې تېخى نورۋىچ مۇئەللىمنىڭ ئارقىغا بۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋاتاتتى، ئۇنىڭ تاقىتى تاق بولغىلى تۇردى. قەغەزدىكى لەۋ ئىزىنىڭ مەنىسى JC غا : «كېلىڭ جېنىم، مېنى نېمە قىلسىڭىز مەن تەييار» دېگەندىن دېرەك بېرەتتى.
      بىراق بۇ بىر چاقچاق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. كۆپ ئىشلار پەقەت چاقچاقتىنلا ئىبارەت بولىدۇ، مۇبادا بۇنداق ئىشنىڭ «ئاخىرى» بار دېيىلسە، ئىشتىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى ئويلايدىغان گەپ. قارىماققا لىسېتتېنىڭ «ئاخىرى»نى ئويلايدىغان ۋاقتى باردەك قىلمايتتى.
      گەرچە ئۇ ئوپېراتسىيدىن كېيىن كۆزىنى ئۇۋۇلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ يەنىلا كۆزىنى قاتتىق ئۇۋۇلايتتى. لىسېتتې، قولىڭىز مەينەت تۇرسا، كۆزىڭىزنى ئۇۋۇلىسىڭىز قانداق بولىدۇ. ئاھ تەڭرىم، ھاۋا سوۋۇسا، ياكى كۈچلۈك نۇرنى كۆرسىلا ئۇنىڭ كۆزى ياشاڭغىراپ تۇراتتى، ئۇ بۇنداق تۇيغۇنى بەك يامان كۆرەتتى، ھەر بىر سىنىپتىكى ئاق نۇرلۇق لامپۇچكا ئۇنىڭ كۆزىنى ئارامسىزلاندۇراتتى. شۇنداق بولغاچقىلا ئانىسى ئۇنىڭ قېنىق سۆسۈن رەڭلىك كۆزئەينەك تاقاپ مەكتەپكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى. بۇ كۆزئەينەك ئۇنى ناھايىتى مودا، 16-17 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك قىلىپ كۆرسىتەتتى.
    — توۋا، سىز ئەمدى 13 ياشقا كىردىڭىزما؟
      دەپ سورىغانىدى، ئانىسىنىڭ بىر ئەر دوستى گۇمانىي قاراشتا ئۇنىڭغا تىكىلىپ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق يېتىلگەن قىياپەتتە ياسىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمىدۇ؟ چېستېر ئىسىملىك بۇ ئادەم ھەقىقەتەن بىر خۇمپەر ئىدى. شۇغىنىسى ئانىسى لىسېتتېنىڭ كۆزىنى داۋالاتقاندا ئۇنىڭدىنمۇ پۇل قەرز ئالغان ئىدى.
      بۇ كۈنى ئەتىگەندە لىسېتتې ئۆزى ئويغاندى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەچ ناشتا قىلدى، ئەتىگەنلىك تېلېۋىزور نومۇرلىرى يا خەۋەر، يا بولمىسا تايىنى يوق نومۇرلار ئىدى. ئۇ ئۇدا ئۈچ كۈن كىيىمى بىلەنلا ئۇخلاپ قالدى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا قارا كالتە يەڭ مايكا، ئىچ كىيىمى، يۇڭ پايپاق، پادىچىلار ئىشتىنى، ئۆتۈكى، ئانىسى بەرگەن كىرلىشىپ كەتكەن دۈمبىسىدە «تاج مەھەل» دەپ يېشىل خېتى بار قارا يۇڭ مايكىسى بار ئىدى. ئۇ تېلېفوندا قالدۇرۇلغان سۆز بارمۇ يوق قارىدى، ئۇنىڭدا ھېچنېمە يوق ئىدى.
      جۈمە كۈنى كەچتە ئانىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغانىدى، ئەمما ئۇ تېلېفوننىڭ نومۇرىنى كۆرۈپلا ئالمىدى. يوقال، ئۇزۇن يوللۇق بولۇپ كەت. مەن نېمە دەپ سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىغۇدەكمەن، دەپ ئويلىدى لىسېتتې. ئەمما كېيىن ئۇ يەنە ئازراق قورقۇپ قالدى، كوچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلاردىن قورقۇپ ئانىسىغا تېلېفون قىلماقچى بولدى، ئەمما ئانىسىنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى. ھۇ ئۆلگۈر، قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن! ساڭا لەنەت ياغدۇرىمەن.
      ئانىسى ئۇنىڭغا سوۋغاتلىق ئېلىپ كەلسە ئۇ باشقا گەپ، ئۆتكەن قېتىم ئانىسى دادىسى ئىككىيلەن لاۋدېردالېغا «ئىككىنچى قېتىملىق شېرىن ئاي» نى ئۆتكۈزۈشكە بارغاندا ئۇنىڭغا توق ھال رەڭلىك يىغما بەللىك چاپان ۋە كالتە ئىشتان ئېلىپ كەلگەنىدى. گەرچە لاۋدېردالې سەپىرى تامامەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئانىسى لىسېتتېغا سوۋغات ئېلىپ قايتىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى.
    ۋاقتى كەلدى، پۇرسەت كەلمەكتە!
      نورۋىچ خانىم ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلدى، بىرسى ئىشىكنى چېكىۋاتاتتى. چاققان! لىسېتتېنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، ئۇ ھېلىقى قەغەز ياغلىقنى پۇرلاپ مونەكچە قىلىپ كېيشاغا تاشلاپ بەردى، كېيشا ئۇنى JC نىڭ پارتىسىغا تاشلىدى. JC مۈگدىگىنىچە تورۇستىن چۈشكەن خانقىزنى كۆرگەندەك، كېيشاغا ياكى ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان لىسېتتېغىمۇ قارىماستىنلا مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى-دە، ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن قەغەزنى ئېلىپ ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالدى.
      باشقا يىگىتلەر بولغان بولسا تەقەززالىق بىلەن قەغەزنى ئېچىپ قاراپ باققان بولاتتى، ئەمما JC ئۇنداق قىلمايتتى. قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا قەغەز تاشلىشى ئادەتتىكى ئىش ئىدى، ئۇ قېنىق رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىۋالغان، چاچلىرى چۇۋۇق بىر قىزنىڭ تاشلىغان قەغىزىگە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا قەغەزگە نېمە يېزىلغانلىقى ئۇنىڭغا ئاياندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ خىيالىچە قەغەزدە سۆيگۈدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. مۇھىمى ئۇ كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋەتمىدى، ھەمدە كېرەكسىز قەغەز ئورنىدا پۇرلىۋەتمىدى.
    لىسېتتېنىڭ كالپۇكلىرى قۇرۇپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ JC گە تۇنجى قېتىم قەغەز تاشلىشى، ھەمدە ئوغۇللارغا تۇنجى قېتىم قەغەز تاشلىشى ئىدى. بۇ تاپتا ئىچكەن پىۋا پەيدا قىلغان ھاياجان ۋە ئارزۇ-ئىستەك بارا-بارا يوقاۋاتاتتى.
      ئۇ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ يېنىدا ئالاھەزەل يېرىم بوتۇلكا پىۋا ئىچتى. ئۇ جاينى ئاپتوبۇسلارنىڭ بېنزىن پۇرىقى بىر ئالغان، ئەمما بۇ ئوغۇللارنىڭ خىيالىغا كەلمىگەندەك يەنىلا كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن بەند ئىدى. لىسېتتې بەزىدە ئوغۇللارنىڭ : لىسېتتېنىڭ پىگۇرىسى خېلى قاملاشقان جۇمۇ، دېگەندەك خىياللاردا بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى.
      لىسېتتې ئېھتىياتسىزلىقتىن پىۋىنى چاپىنىغا ئازراق تۆكۈۋەتتى، توق يېشىل رەڭلىك چىبەرقۇت چاپىنىدا پىۋىنىڭ چەللىرى قالدى، ئانىسى بۇنى ئاسانلا بىلىپ قالاتتى، ئۇ قاچان ئۆيگە قايتسا ئانىسى پىۋىنىڭ پۇرىغىنى پۇراپ قالسىلا پىۋا ئىچكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمايتتى.
      بۈگۈن بىرىنچى ئاينىڭ مەلۇم ھەپتىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى، ئەمما لىسېتتې زادى قانچىنچى چىسلالىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ ھېلىقى كۆز دوختۇرى يېزىپ بەرگەن رېتسىپنى قەيەرگە قويغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيتتى، بۇ دوختۇرنىڭ دورىخانىدىن كۆزگە تېمىتىدىغان دورا ئېلىشقا يېزىپ بەرگەن رېتسىپى ئىدى. ئانىسى ئۆتكەن ھەپتە رېتسىپنى ئۇنىڭغا بەرگەن، ئۇ ئانىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، ئۇ كۈنى پەيشەنبىدەك قىلاتتى، چارشەنبە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ كۆزى گەرچە ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا بىر خىل ستېروئىد ئېرىتمىسى بىلەن داۋالىشى كېرەك ئىدى، شۇغىنىسى ئۇ ھازىر بۇ رېتسىپنى تاپالمايۋاتاتتى، چاپىنىنىڭ يانچۇقىدا يوق، سومكىسىدىمۇ يوق، ئاشخانىدىمۇ يوق ، ھۇجرىسىدىمۇ يوق، لىسېتتې ئۇنى ھېچيەردىن تاپالمىدى.
      نورۋىچ خانىم ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئارقىغا قاراپ قويدى، ئۇ كىمگە قاراۋاتقاندۇ؟ لىسېتتېغا؟ قاباھەتلىك چۈشتەك ئىش بولۇۋاتاتتى، بىرسى لېسېتتېنى كۆرسىتىۋاتاتتى، ناتونۇش بىرسى، ساقچىغا ئوخشاپ تۇرىدۇ، شۇنداق ساقچىكەن، ئۇ سىنىپقا كىرىپ لىسېتتېدىن گەپ سورايدىغاندەك قىلاتتى.
    — لىسېتتې، بىز بىلەن ماڭسىڭىز بوپتىكەن، شۇنداق قىلامسىز؟
      دېدى نورۋىچ خانىمنىڭ يېنىدىكى فورما كىيگەن ئايال. ئۇ ئاتلانتا ساقچى ئىدارىسىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ چىرايى ئىسپانىيىلككە ئوخشايتتى، قاپقارا چاچلىرى ئارقىسىغا تۈرۈپ تەكشى بانتىلانغان. سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېسىگە كېلىشىپ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىشتى. بىچارە لىسېتتې دەرمانسىزلىنىپ جايىدا داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ لەۋلىرىنى مەھكەم چىشلىگىنىچە ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. ھۇ ئۆلگۈر، ئۇنىڭ پۇتى سومكىسىنىڭ تاسمىسىغا ئىلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ كەتتى، ئايال ساقچىنىڭ سۆزى يەنە ئاڭلاندى، ئۇ بايىقى سۆزىنى يەنە تەكرارلىدى ۋە ئاخىرىغا:
    — نەرسىلىرىڭىزنىمۇ ئېلىۋېلىڭ، رەھمەت، — دېگەننى قوشۇپ قويدى.
    دېمەك، لىسېتتې ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مېڭىشى كېرەككەن، يەنى مەكتەپكە كەلمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن گەپ.
    لىسېتتې قورقۇپ كەتتى، ئاشقازىنىدىكى پىۋا ئۈستىگە ئۆرلەشكە باشلىدى، ساقچى ئايال غەلىتە ئاۋازدا:
    — سىزنىڭ بېرىپ كىملىكنى دەلىللىشىڭىزگە مۇھتاجمىز، سىز لىسېتتې مۇلۋېيغۇ، بىز بىلەن مېڭىڭ.
    كىم...لىك، كىم...لىك، بۇ چىرقىراق ئاۋاز ئادەمنى خاراب قىلغۇدەك دەرىجىدە دەھشەت ئاڭلىناتتى.
    ئىككى ساقچى ئۇنى ئىزدەپ كەپتۇ.
      ئايال ساقچى ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئۇ ساقچى ئەمەلدارى مولىنا ئىكەن. ئۇنىڭ گېپىدىن لىسېتتې ئۇنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغاندەك ئەلپاز چىقىپ تۇراتتى. يەنە بىرى ئەر بولۇپ، ئايال ساقچىدىن ياش كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ يۈزىنى دانىخورەك بېسىپ كەتكەچكە ئاق تەنلىك ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.
      ئىككى ساقچى ھېسىداشلىق نەزىرى بىلەن لىسېتتېغا قارايتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ كۆزىدىن يىرگىنچلىك نۇر چاقناپ تۇراتتى. ئەر ساقچى ئاۋال لىسېتتېنىڭ بەدىنىگە چىپ كەلگەن پادىچى ئىشتىنىغا سەپ سالدى، ئاندىن ئۇنىڭ تىزىدىكى قىزىل رەڭلىق ياماققا، ئاخىردا ئالاقىزادىلىككە تولغان چىرايىغا قارىدى.
      ساقچى ھەرگىزمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە قەغەز تاشلىغىنىغا ئۇنى قولغا ئالمايدۇ ئەلۋەتتە. لىسېتتې بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر دۇكانغا كىرىپ 69 سېنتلىق سۇلياۋ قاپلىق لەۋ سۇرۇخنى كۆرۈپ بىراقلا ئۈچ تالنى يانچۇقىغا تىقىۋالغانىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقىغا ھەيران قالغانىدى، بەلكىم ساقچىلار مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
    — سىز يۋېتتې مۇلۋېينىڭ قىزى لىسېتتې مۇلۋېي بولامسىز؟
    لىسېتتې ھاڭۋاققىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.
      سوئال سورىغىنى ساقچى ئەمەلدارى مولىنا ئىدى. ئۇ لىسېتتېنىڭ بىلىكىنى كاپ قىلىپ تۇتتى، لىسېتتې چۆچۈپ كەتكەنلىكىدىن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرالمىدى. مولىنا گەرچە بەك كۈچىمىگەن بولسىمۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى، ئۇ لىسېتتېنى ئېلىپ بىنادىن چۈشۈشكە ماڭدى، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن لىسېتتېغا قورقماسلىقىنى، ئۇلار بىلەن ماڭسا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    — لىسېتتې، ئانىڭىز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرۈشكەنىدىڭىز؟ ياكى ئانىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان پاراڭلاشتىڭىز؟ بۈگۈنمۇ؟
    بۈگۈن؟ بۈگۈن سۆزلەشتىممۇ؟ لىسېتتې زادى قاچانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى.
    — ئانىڭىز بىر يەرگە كەتكەنمۇ؟ سىزگە تېلېفون قىلدىمۇ؟
    لىسېتتې بېشىنى چايقىدى.
    — ئانىڭىز بىر يەرگە كەتمىگەنمۇ؟ ئۇ ئۆيدە يوق شۇنداقمۇ؟
      لىسېتتې كۈچىنىڭ بېرىچە ئويلاۋاتاتتى. بۇ توغرا جاۋابمۇ؟ ئۇ بىر خىل غەلىتە، قورقۇنچلۇق ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ، ئاغزىمۇ مايماق بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق كۈلگەندە ئانىسى ئاچچىقلاپ كېتەتتى، چۈنكى ئۇ قىزىنىڭ بۇ ئىپادىسىنى خاتا چۈشىنىپ قالاتتى.
    — لىسېتتې، ئانىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان پاراڭلاشقانتىڭىز؟ — دېدى مولىنا. قورقۇپ كەتكەن لىسېتتې غۇدۇرىغىنىچە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    — بۈگۈن ئەتىگەن مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن گەپلەشمىدىڭلارما؟
    — ياق، بۈگۈن ئەتىگەن ئەمەس، —دېدى لىسېتتې بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ.
     ئۇلار سىرتقا، مەكتەپنىڭ كەينىگە كەلدى، بىر ساقچى ماشىنىسى ئوت ئۆچۈرۈش يولىدا توختاقلىق تۇراتتى. لىسېتتې بىر خىل قورقۇنچقا چۆمدى. ئۇ قولغا ئېلىنغانمىدۇ؟ ياشلار، ئۆسمۈرلەر سوتىغا ئېلىپ بارامدىكىنە؟ JC ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى داۋاملىق ياشلار-ئۆسمۈرلەر سوتىنى تىلغا ئېلىپ چاقچاقلىشاتتى.
      نەمخۇش سوغۇق ھاۋادا لىسېتتې پىۋىنىڭ كۈچىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئىككى ساقچىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرىشىدىن نەپرەتلىنەتتى، ئۇلار بۇرۇن بۇنداق بىچارە ئادەمنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك، خۇددى بىر بەدبۇي بىچارە كۈچۈككە قارىغاندەك قاراۋاتاتتى. لىسېتتېنىڭ پېشانىسىغا بىر مۇنچە ھۈررەك ئۈنۈپ چىققان بولغاچقا، چۇۋۇق چاچلىرى پاخپىيىشقا باشلىغان ئىدى، شۇڭا چېچىنى تاراشتىن ئېرىنەتتى. ئانىسى كەتكەندىن كېيىن 4-5 كۈندىن بېرى بېشىنى يۇيۇپ باقمىدى، مۇنچىغىمۇ چۈشمىدى.
      ئانىسى ھەپتە ئاخىرىنى كىم بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىكىنە؟ يۋېتتې بۇنى قىزىغا قەتئىي دەپ بەرمەيتتى. بەلكىم قىمارخانىدا يېڭى تونۇشقان بىرەر ئەر «دوستى» بىلەن چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئاتلانتا شەھىرىدە بۇنداق لەيلەپ يۈرىدىغان بويتاق ئەرلەر دېگەن كۆپقۇ. ئۇلار قىمارخانىدا ئۇتۇپ قالسا بىرەر كىشىنى تېپىپ تەبرىكلىشىدۇ؛ ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسىمۇ بىرەر ئادەم تېپىپ ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ. يۋېتتې بۇنىڭغا تازا مۇۋاپىق كېلەتتى. ساپسېرىق چاچلىرى دولىسىغا چۈشكەن، نۇرلۇق كۆزلىرى، شۇنداقلا ئەرلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان شوخ كۈلكىلىرى جايىدا بولۇپ، ئەرلەرگە تازا ياقاتتى.
    لىسېتتې بۇرۇن ئانىسىدىن كىم بىلەن شەنبە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى سورىغان، ئانىسى:
    — بەرىبىر دەپ بەرسەممۇ تونۇمايسەن، — دەپلا ئۆتكۈزۈۋېتەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسى گويا تاقلاش تاختىسىدىن ھاۋاغا تاقلايدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. ئۇ لىسېتتېغا قاراپ كۈلمەيتتى، بەلكى ئۆزى ئوغرىلىقچە كۈلەتتى. تۇيۇقسىز بىر ئادەم لىسېتتېنىڭ خىيالىدىن يالت قىلىپ كەچتى، داداممىدۇ؟
      گەرچە ئانسى ئۇنىڭغا دېمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىگەنلىكىنى بىلەتتى. ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن ئىدى. دادىسى لىسېتتېغا ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ياخىشى قىزى ئىكەنلىكىنى، بىر يەردە تۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ھەتتا ھەر ئىككىيلەن باشقىلار بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
      لىسېتتې كۆپ ھاللاردا ئانىسىغا ئېسىلىۋېلىپ دادام بىلەن بارىسىز، شۇنداقمۇ؟ دەپ سورايتتى، ئانىسى بولسا كۈلۈپ قوياتتى-دە:
    — ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن بارمايمەن، نېمە دەپ ئۇ خۇمپەر بىلەن بارغىدەكمەن،— دەيتتى.
    ئۇ ھەپتە ئاخىرى سىرتقا چىقىشنىڭ ئالدىدا لىسېتتېغا دېدى:
    — لىسېتتې، مەن ساڭا ئىشەنسەم بولامدۇ؟
    — ئەلۋەتتە ئىشىنىشىڭ كېرەكتە.
      ئۆيدە يالغۇز قالسا لىسېتتې خالىغانچە ئۇخلىيالايدۇ، خالىغان قانالنى كۆرەلەيدۇ، ئۇ تېخى دىۋاندا يېتىپ ئۇزاققىچە تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ.
      ئەتراپتىكى دۇكانمۇ يىراق ئەمەس، كېنتۇكي، پىسا دۇكىنى ۋە مېكسىكا تاماقخانىسىمۇ بار. مۇزدەك كەچلىك تامىقىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ ئىسسىتىپ تېلېۋىزور كۆرگەچ يېسىمۇ بولىدۇ.
      بىرىنچى كۈنى كەچتە كېيشا كەلدى. ئىككىيلەن كېيشا ئېلىپ كەلگەن DVD پىلاستىنكىسىنى كۆردى، ئۇلار توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەچ تېلېۋىزور كۆرۈشتى.
    — ئاناڭنىڭ ئۆيدە بولمىغىنى ھەجەپ ياخشى بولدى، ئۇ نەگە كەتتى؟ _ دەپ سورىدى كېيشا.
      لىسېتتې ئويلىنىپ قالدى، ئانام بەلكىم ئەر دوستى بىلەن لاسۋىگاسقا كەتكەندۇ، ياكى باشقا بىرەرسى بىلەن كەتكەندۇ. بۇ پەسىلدە دېڭىز بويى سوغۇق، لاسۋىگاسقا بېرىشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن.
    — ئۇ قىمارخانىدا نۇرغۇن دوست تېپىۋاپتۇ، ئۇ قىمارخانىغا قاچانلا بارمىسۇن، ھەر ۋاقىت قارشى ئېلىناتتى. ئەگەر مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسام مەنمۇ بىللە بارغان بولاتتىم.
    — ئانىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان پاراڭلاشقانتىڭىز؟
    ئىككى ساقچى ئۇنىڭغا تىكىلىپ جاۋابىنى ساقلاۋاتاتتى، لىسېتتې جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك دۇدۇقلاشقا باشلىدى:
    — شۇ ... تۈنۈگۈنغۇ دەيمەن، بەلكىم ئۈلۈشكۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
      ئۇنىڭ يۈرىكى گويا ئۆزىنى كۈچەپ دەرىزىگە ئۇرۇۋاتقان قۇشقاچتەك دۈپۈلدەپ كېتىۋاتاتتى. بۇرۇن ئۇ ماشىنا ئىسكىلاتىدا قۇچقاچنىڭ دەرىزىگە ئۆزىنى ئۇرغىنىنى كۆرگەنىدى، ئىسكىلاتنىڭ ئۈستى يېپىق بولغاچقا بىچارە قۇچقاچ ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۆزىنى ئۇراتتى، تاكى ماجالى قالمىغانغا قەدەر تىركىشەتتى.
    يۋېتتې مۇلۋېي قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانمىدۇ؟
      لىسېتتې مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە پەقەت ئوكيان ناھىيىسىنىڭ ئائىلە ئىشلار سوتىغىلا بېرىپ باققانىدى. سوتتا لىسېتتېنى بېقىش ھوقۇقى سودىيە تەرىپىدىن يۋېتتې مۇلۋېيگە بۇيرۇپ بېرىلدى، ھەمدە دۇئان مۇلۋېيگە قىزىنى يوقلاش ھوقۇقى بېرىلدى. مۇبادا يۋېتتېدىن چاتاق چىقسا لىسېتتې دارىلئېتامغا ئاپىرىپ قويۇلاتتى. لىسېتتې دادىسى بىلەن تۇرمايتتى، چۈنكى دادىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىدە سېرژانت بولۇپ، يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن ئىراققا كەتكەن بولىشى مۇمكىن، شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ ئۇنىڭ ئىراققا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشى بولاتتى. بۇيرۇققا بىنائەن(Deployed) دېگەن بۇ سۆز غەلىتە بولۇپ، ئوقۇلۇشىمۇ غەلىتە ئىدى. De_ployed.
      دادىسىنىڭ لىسېتتېنى قەستەن زەخمىلەندۈرگۈسى يوق بولۇپ بۇ تەرىپى لېسېتتېغىمۇ ئايان ئىدى. ھەتتا لېسېتتېنىڭ ئانىسىمۇ بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلەتتى، شۇڭا ئەينى چاغدا ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان. شۇ چاغدا لىسېتتېنىڭ يۈزىنىڭ ھەممە يېرى قاناپ جاراھەتلىنىپ، قاڭشىرى ۋە كۆز چانىقى سۆڭىكى سۇنغان، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى يۋېېتتېدىن بۇ نېمە سەۋەبتىن بولغان جاراھەت دەپ سورىغاندا، بۇ بىر تاسادىپىيلىق، پەلەمپەيدىن چۈشكىچە يىقىلىپ كەتتى، دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
    ئىش ئەسلى مۇنداق بولغان، لىسېتتې يۈگۈرگەن ھەمدە پەلەمپەيدىنمۇ يىقىلغان. دادىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىرىغان، مۇشتۇملىرىنى شىلتىغان، ئۇنىڭ راستىنلا غەزىپى تۇتقانىدى، ئەمما ئۇنى قەستەن ئۇرغۇسى يوق ئىدى. ئەمما دادىسىنىڭ ئىشتىن كېيىن دېگەنلىرىنى لىسېتتېنىڭ راستىنلا ئاڭلىغۇسى بار گەپلەر ئىدى، شۇڭا ئۇ راسا يىغلىدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇسى بار ئەمەسمىدى.
    — ھە دادىڭىز بىلەنچۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرۈشكەن؟
      ئەر ساقچى ساقچى ماشىنىنى ھەيدىدى، مولىنا يېنىدا ئولتۇردى، ئۇ بۇرۇلۇپ لىسېتتېغا قاراپ تۇرۇپ بۇ گەپنى سورىدى. مولىنانىڭ گىلاسرەڭ لەۋلىرى گويا بوران چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەن ئېلان تاختىسىدىكى يارقىن نۇقتىدەك شۇنچە جۇلالىق كۆرۈنەتتى. قارا چاچلىرى گويا دېڭىز يىلپىزىنىڭ تېرىسىدەك يالتىرايتتى. كۆزلىرى گويا باشقىلار بىلمەيدىغان سىرلارنى بىلىدىغاندەك مەنە بېرىپ غەلىتە نۇر چاچاتتى. ئۇ پەرۋا قىلماسلىقتىن ئەمەس بەلكى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ھېسداشلىققا تولغان چىرايدا لىسېتتېغا قاراتتى، لىسېتتې بۇنداق چىراينى دائىم كۆرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئانىسىدىن چوڭ ئاياللاردا دائىم مۇشۇنداق چىراي بولاتتى.
      لىسېتتې بۇنداق چىراينى ياقتۇرمايتتى. ئۇ نورۋىچ خانىمنىڭ چىرايىدىمۇ مۇشۇنداق قىياپەتنى كۆرگەنىدى. ئۇنىڭدىن كۆرە نەپرەتلىك، غەمكىن چىراينى كۆرۈشكە رازى ئىدى.
    مولىنا دوختۇرخانىغا بېرىپ كىملىك دەلىللەش ئىشىنى لىسېتتېغا ئىككى-ئۈچ قېتىم چۈشەندۈردى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزنى ئېيتىش ئۇسۇلى ئادەمنى قايمۇقتۇراتتى.
    كىم ..... لىك. كىم ..... لىك.
    — ئۇ يەردە قانچىلىك تۇرغىڭىز كەلسە تۇرۇۋېرىڭ، تۇرغىڭىز كەلمىسە دەرھال قايتىپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق.
    مولىنا لىسېتتېغا تەسەللى بەرمەكچى ئىدى، ئەمما بۇنىڭ قىلچە پايدىسى بولمىدى. مەيلى ئۇ نېمە دېسۇن، گېپىنىڭ تېگىدىكى مەقسەتنى لىسېتتې پەقەتلا چۈشەنمىدى. بەزى چاغلاردا چوڭلار لىسېتتېدىن ھاڭۋاقتىدەك كۈلۈۋېرىدۇ، دەپ بىزار بولۇشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ سول كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىسى ۋە كۆز ئۇۋىسى زەخمىلىنىپ، داۋالاشتىن قېپ قالغان يارا ئىزنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىدىكى قىسمەن قاتمال ئىپادىمۇ نېكرۇزلانغان نېرىب ۋە مۇسكۇللارنىڭ بولغانلىقىدىن ئىدى.
    — تازىمۇ بىر غەلىتە ھادىسە بولدىغۇ، سېنى پەلەمپەيدە يۈگۈرۈپ ئوينىما دەپ نەچچە رەت ئېيتتىم، بۇ سىزگىمۇ ئايان، بالا ئەمەسمۇ، — دېگەن ئىدى ئانىسى. گەرچە ئۇ بۇنىڭ جاۋابىنى بىلسىمۇ يەنىلا يالۋۇرغان تەلەپپۇزدا دوختۇردىن:
    — ساقايتقىلى بولارمۇ؟ ئاۋۇ زەخمەتكە ئۇچرىغان نېرۋىلارنى دەيمەن.
    نېرۋىلار زەخمەتكىلا ئۇچرىماستىن بەلكى ئۆلگەن ئىدى.
      دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇلار ماشىنىنى بىنانىڭ كەينىگە توختاتتى، مولىنا ئەر ساقچى بىلەن پىچىرلىشىپ بىرنېمە دېيشتى، لىسېتتې ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكىنىنى ئاڭلىيالمىدى، ئاڭلىغۇسىمۇ يوق ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىسپانىيەلىكنىڭ ئەۋلادى بولغان ساقچى مولىنانىڭ ئۆزى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە رازى ئىدى، ھەم ئىشنىشكە بولاتتى. بۇ ساقچى ئايالدا لىسېتتېنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئانىلىرىغا ئوخشاش مۇلايىم، يېقىملىق مىجەزى بار ئىدى. سىرتقى قىياپىتىگە قارىغان مولىنا ھەقىقەتەن مۇلايىم ھەم يېقىملىق، ھەتتا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەتتا نەۋرىلىرى بىلەن بىللە بولغاندىكى ھالىتى كۆز ئالدىغا كەلدى. بىراق، ئۇ ھازىر دېگەن بىر ساقچى، تېخى يېنىدا تاپانچىسىمۇ بار، شۇڭا بارلىق ئىشلار بىراز غەلىتىلىشىپ كەتكەن ئىدى.
      لىسېتتېنىڭ ئانىسى بىر مۇنچە ساقچىنى تونۇيتتى، ئۇ تېخى ساقچى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ساقچىلارنىڭ تۇرمۇشى بەك زېرىكىشلىك بولىدۇ، بەزىدە تەساددىپىي بىر نەچچە قېتىملىق ۋەقە يۈز بېرىپ قېلىشى، شۇنداق چاغدا ھەتتا بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە ئوق تېگىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما باشقا چاغلاردا بولسا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى زېرىكىشلىك ئۆتىدۇ. بۇ خۇددى 21 نۇقتا قارتا تارقاتقۇچىغا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بىمەنە ھاماقەتلەرنىڭ ئۆزىنى پۇل ئۇتالايمەن دېگىنىگە ئوخشاش، قىمارخانىنىڭ پۇلىنى مەڭگۈ ئۇتقىلى بولمايدۇ.
      ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە لىفىت ساقلىدى، كىشىلەر گويا رەسىمدىكى غۇۋالاشتۇرۇۋەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتەك ئۇلارنىڭ يېنىدىن جىمغىنە ئۆتۈشمەكتە. مولىنا لىسېتتېنىڭ بىلىكىنى يەنە چىڭ تۇتتى، قارىغاندا لىسېتتېنىڭ گېپى ناھايىتى مۇھىمدەك قىلاتتى، چوقۇم زەن قويۇپ ئاڭلاش كېرەككەن. مولىنا لىسېتتېنى قېچىپ كېتىدۇ، دەپ قالمىغاندۇ؟ ئەر ساقچى بىر نەچچە قەدەم نېرىدا قوشۇمىسىنى تۈرگەن پېتى تۇراتتى.
      مولىنا سورىغان سوئاللارنىڭ ھەممىسى لىسېتتېغا قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك تۇيۇلغانىدى، ئەمما ئۇ ئەمدى ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى سېزىشكە باشلىدى. مولىنا ئۇنىڭدىن مىلاد بايرىمى توغرىسىدا سورىدى، مىلاد بايرىمى ئىككى-ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى ئىش ئىدى، ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ يېڭى يىلدا نېمە ئىش قىلغانلىقى، ئالاھىدە ئىش بولغانمۇ يوق دېگەنلەرنى سورىدى.
    لىسېتتې كۈچىنىڭ بارىچە ئەسلەۋاتاتتى. شۇغىنىسى ئۇنىڭ بىلەن ئانىسى ئەزەلدىن «بايرام» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيتتى.
    — سىرتقا چىقىپ بەزىلەر بىلەن كۆرۈشتۇق، ئالاھىدە ئىش بولمىدى.
    — دادىڭىز بىلەن كۆرۈشمىدىڭلار؟
    — كۆرۈشمىدۇق.
    — دادىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرۈشكەنتىڭىز؟
      لىسېتتې يەنە ئويلىنىشقا باشلىدى: دادىسى لىسېتتې يۈز-كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىلا كەتكەنىدى. ئۇ يازلىق تەتىل بولۇپ، ئالاھەزەل 7-ئاينىڭ 4-كۈنىغۇ دەيمەن.
    — ئۇنىڭدىن كېيىن دادىڭىزنى كۆرمىدىڭىز؟
      لىسېتتې كۆزىنى ئۇۋۇلىدى، تۇيۇقسىز بۇنداق دىئالوگ كۆرۈنۈشىنىڭ ساقچىلارنىڭ ۋەقەلىكى تەسۋىرلىنىدىغان فىلىملەردە كۆپ چىقىدىغانلىقى ئېسىگە كەلدى.
    — يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى ئاخشىمى ئانىڭىز سىرتقا چىقتىمۇ؟
    شۇنداق، ئانىسى دائىم يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا سىرتقا چاپاتتى.
    — ئۇنىڭ كىملەر بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
    — بىلمەيمەن.
    — بىرەرسى ئۆيۈڭلەرگە ئۇنى ئالغىلى كەلمەمتى؟
      لىسېتتې داۋاملىق ئويغا پاتتى. ئۆيگە مەيلى كىم كەلسۇن، لىسېتتې مۆكۈۋالاتتى. ئانىسىنىڭ دوستلىرى كەلسىمۇ شۇنداق قىلاتتى، نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغان بولغىيتتى؟ ئۇ پەقەت سەۋبسىز مۆكۈنىۋېلىشنىلا خالايتتى.
    — لىسېتتې چوڭلا بوپ كېتىپتۇ ھە!
    — لىسېتتې ئانىسىدنمۇ ئېگىز بوپ كېتىپتۇ ھە؟
    ئۇلار لېفىتقا چۈشۈپ ئاستىنقى قەۋەتكە- «جەسەتخانا» دەپ يېزىلغان قەۋەتكە چۈشتى.
    بۇ يەر دوختۇرخانىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايتتى، ھاۋاسى ئادەمنى شۈركەندۈرگۈدەك سوغۇق، ھەممە يەرنى خىمىيىۋى دورىنىڭ پۇرىقى بىر ئالغان ئىدى. تېخى ئادەم كەلمىگەچكە، دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرىمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى. ئالدى ئوچۇق يۇڭ پوپايكا، ئاق ئىشتان، ئاق خالات كىيگەن بىر ئايال ياردەمچىنىڭ ھازىرلا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    ئۇلار بىر چەتتىكى ئورۇندۇققا كېلىپ لىسېتتېنى ئارىغا ئېلىپ ئولتۇرۇشتى.لىسېتتې تىزىنىڭ قولىشىپ بوشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئۇ قولغا ئىلىندى، توختىتىلدى، پەقەت جىنايىتىنى پاش بولۇشلا قالدى بولغاي. لىسېتتېدىن يەنە بەزى مەسىلىلەر سورالدى. مولىنا ئۇنىڭدىن ئاتلانتا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاپتوموبىل مېھمانسارىيى توغرىسىدىكى ئىشلارنى سورىدى، ئۇ يەردە يەنە كۆك ئاي دەيدىغان بىر مېھمان سارىيى بار ئىدى. لىسېتتېدىن كۆك ئاي مېھمانسارىيى بارلىقىنى ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىدى، لىسېتتې ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ئەزەلدىن كۆك ئاي دەيدىغان مېھمانساراينىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى. ئاپتوموبىل مېھمانسارايلىرى ئاتلانتا شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىدە بار، بەزىلىرى بەك ئاددىي، لىسېتتې ئانىسىنى ئۇنداق يەردە ئىشلىمەيدۇ دەپ بىلەتتى. مولىنانىڭ گېپىنىڭ ئورانىدىن شۇنى سورايدىغاندەك قىلاتتى. مۇبادا يۋېتتې كۆك ئاي مېھمانسارىيىدا ئىشلىگەن بولسا لىسېتتې ئازراقمۇ بولسا ئاڭلىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇ ئانىسىنىڭ 21 نۇقتا قارتا تارقاتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنداقلارنىڭ مۇنتىزىم تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    لىسېتتې بىر نەرسىنى ئاڭقىرغاندەك بولدىدە، مولىنادىن سورىدى:
    — ئانام، .... ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
    ئۇنىڭ قەلبىدىن غەزەپ ئوتى ئۆرلەشكە باشلىدى، ھەممىسى ئانامنىڭ كاساپىتى دەپ ئويلىدى ئۇ.
    مولىنا ئۆزىنىڭمۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، كىملىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    — بىز سىزنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىڭىزگە موھتاج لىسېتتې، كىملىكىنى دەلىللەشتە ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك.
      غەلىتە ئىشقۇ، مەكتەپتە بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا خۇددى تۇرغۇن توك ئاڭلاش سېزىمىغا دەخلى قىلغاندەك ھەجەپ سوزۇپ ئاڭلانغان، كىم...لىك دەپ. ئەينى چاغدا ئۇ پەلەمپەيدىن يىقىلغاندىن كېيىن بېشى ۋە يۈزى ئۇرۇپ-سوقۇلغاچقا، تامغا تاينىپ ئاران ماڭالايتتى، ئۇ چاغدا بېشى قېيىپ، كاللىسى قۇپ-قۇرۇقتەك، چوڭ مېڭىسى ماس بولۇپ قالغاندەكلا تۇيۇلغان ئىدى.
    — لىسېتتې، بۇ نەرسىلەرنى تونۇدىڭىزمۇ؟ بۇلار سىزگە تونۇشلۇقتۇ؟
    دىژۇرنى خادىم مولىناغا بىر ساندۇقنى ئەكىلىپ بەردى، ئىچىدە ئايالچە قول سومكا، ھەميان قاتارلىقلار تۇراتتى. مولىنا قولىغا پەلىيىنى كىيىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئاۋايلاپ ئالدى.
      لىسېتتې قول سومكا بىلەن ھەميانغا تىكىلىپ قارىدى، بۇ نېمىدۇ، ئانامنىڭ نەرسىلىرىمىدۇ؟ لىسېتتې بۇ نەرسىلەرنى بۇرۇن كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىگە بىر نېمە دېيەلمەيتتى. ئۇ قوڭۇر رەڭلىق خرۇم سومكىغا قارىدى، ئۇنىڭغا تۇچ تۈگمە، خىرۇم شوينا دېگەندەك بېزەكلەر ئېسىلغانىدى. قارا ھەميانغا قارىدى، ھەميان قارىماققا ئەسكى بولۇپ، يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن تېرىۋېلىنغاندەكلا ئىدى، ئادەم ئۇنداق ھەمياننى ئېلىپ ئىچىدە پۇل بار يوقلىقىغا قاراشقىمۇ ئېرىنىدۇ.
    مولىنا بۇ نەرسىلەرنى كۆك ئاي مېھمانسارىيىنىڭ كەينىدىكى ئەۋرەز ئازگىلىدىن بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.
      ئۇندىن باشقا ئۇ يەردە «ئېغىر دەرىجىدە چىرىپ كەتكەن» بىر ئايال كىشىنىڭ جەسىتى بايقالغان، جەسەتنى تونۇغىلى بولمايدىكەن.
    مولىنا بۇلارنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېيتتى، ئۇ قولىنى لىسېتتېنىڭ بىلىكىگە بوشقىنە قويدى. لىسېتتې كۆزىنى ئۇۋۇلاشتىن توختىدى.
    — ھەميان باشقىلار تەرىپىدىن قۇرۇغدىلىپتۇ، ئىچ ئەستىرىمۇ يىرتىۋېتىلىپتۇ. ئۇنىڭدا نېۋ جېرسېي شىتاتىدىن تارقىتىلغان بىر شوپۇرلۇق كېنىشكىسى باركەن، ئۇنىڭدا «يۋېتتې مۇلۋېي» دېگەن ئىسىم بار، بىراق كرېدىت كارتىسى ياكى نەق پۇل يوقكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىملىكنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. بۇندىن باشقا بىر تەرىپىگە بىرەيلەننىڭ ئىسمى ۋە تېلېفون نومۇرى،يەنە بىر تەرىپىگە «جىددىي چاقىرىش» دېگەن خەت يېزىلغان بىر پارچە قەغەز باركەن. ئەمما ئۇ تېلېفون ئۇلانمىدى. بۇ نومۇر ئانىڭىزنىڭ نېۋ جېرسېيلىك ياكى بۇرۇن شۇ يەردە تۇرغان بىر تۇغقىنىنىڭ نومۇرىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى: ئايرېس پېدېرسېن ئىكەن، سىز ئۇ كىشىنى تونۇمسىز؟
      لىسېتتې بېشىنى چايقىدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە ئۇ ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى. لىسېتتې قول سومكا بىلەن ھەمياننى تونۇمايتتى، بۇنىڭغا جەزم قىلالايتتى. ئۇنىڭ يەنە جاۋاب بەرگۈسى يوق ئىدى. قول سومكىسى بىلەن ھەميان بەك كۆرۈمسىز ۋە ناچار بولۇپ، ئۇنى يۋېتتېنىڭ دېيىش ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغانلىق بولاتتى.
      لىسېتتې مولىناغا يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ بەك چىرايلىقلىقىنى بايقىدى، كىرپىكلىرى قويۇق ھەم قاپ-قارا ئىدى، لىسېتتېنىڭ ئانىسىمۇ كىرپىك لاكى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. مولىنانىڭ كۆزىنىڭ ئاستىدىكى تېرىسى ناھايىتى يۇمشاق، ئەمما سەل قارىداپ قالغان. بوينىدا بىر نەچچە تال قارا مەڭ بار ئىدى. قارىغاندا مولىنامۇ بىر ئانا ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ تۇرقىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، كاسسىلىرى يوغان، چاپىنىنىڭ ئىچىدە پەسكە ساڭگىلىغانلىقى بىلنىپ تۇرغان كۆكسى. مۇشۇنداق بىر ئايالنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمەيدۇ-دە، كەمىرىگە تاپانچا ئېسىۋالغان، ئەگەر ئۇ خالىسىلا تېخى ئوق چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. لىسېتتې كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، ئەگەر مولىناغا ھۇجۇم قىلسام توساتتىن ئۇنى تەپسەم، ئۇرسام ياكى چىشلىۋالسام، مولىنا چوقۇم ماڭا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، دېگەنلەرنى خىيال قىلدى.
    ئەر ساقچىلارنىڭ تاپانچا ئېلىپ يۈرۈشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال، ئوق چىقىرىشىمۇ نورمال ئىش.
      دادىسى ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىككى تاپانچىسىنى كۆرسىتىپ قويغانىدى، بۇ ئىككى تاپانچىنى ئىراقتىن ئەكەلگەنىكەن. ئۇ تاپانچىلار ئارمىيىنىڭ ياراقلىرى بولماستىن بەلكى شەخسىي تاپانچىلار ئىدى، بىرى كىچىك ياغاچ ساپلىق تاپانچا، يەنە بىرسى ئالتە ئاتار ئىدى. دادىسى بۇلارنى قىماردا ئۇتۇۋالغان ئىدى.
      بەلكىم بۇ تاپانچىلارنى ئۇ ئىراقتىن ئەمەس، بەلكى فورت براگدىن ئەكەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىسمى شۇ يەردىمۇ تۇرغان ئىدى.
    — شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئاشۇ ھەمياندىن چىققان بولسا، ھەميانمۇ ئانامنىڭ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەمياننى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل، — دېدى لىسېتتې.
      ئايرېس پېدېرسېن لىسېتتېنىڭ ئانىسىنىڭ ھاممىسى ئىدى. ئايرېس ھاممىنىڭ يېشى خېلىلا چوڭ بولۇپ، لىسېتتېنىڭ مومىسى دېمەتلىك كېلەتتى. لىسېتتېنىڭ ئۇنى كۆرمىگىنىگە نەچچە يىل بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ پەرىزىچە ئانىسىمۇ ئۇنى كۆرمىگىنى نەچچە يىل بوپ قالغاندۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ موماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
    — بىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولدۇق، ئاددىسوندىكى ساقچىلارمۇ ئالاقىلاشتى، بىراق ...
    — يۋېتتې مۇلۋېينى تونۇيدىغان كىشى كېلىپ جەسەتنىڭ كىملىكىنى دەلىللەپ بېرىشىگە مۇھتاجمىز، — مولىنا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    — ئاۋۇ جەسەتنىڭ ئانىڭىز شۇمۇ ئەمەسمۇ كۆرۈپ بەرسىڭىز، ياكى ئۇ ئانىڭىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك باشقا بىر ئايالدۇ. جەسەتنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى قىمارخانا خىزمەت كىنىشكىسىدىكى رەسىمگە قاراپ جەسەتنى پەرق ئەتكىلى بولمىدى.
      مولىنا لىسېتتېغا جەسەتنىڭ كىملىكىنى دەلىللەشكە دادىسى دۇئان داۋىد مۇلۋېينىمۇ ئىزدىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر نېۋ جېرسېيدىن كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
    — دادام ئامېرىكا ئارمىيىسىدە سېرژانت، بۇرۇن فورت براگدا تۇرغان، ھازىر ئىراقتا، ­— دېدى لىسېتتې.
    — ئۇنداق ئەمەسكەن لىسېتتې، ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەن. دادىڭىز ئارمىيىدە ئەمەسكەن، ھازىر ئىراقتىمۇ ئەمەس، قىسىمدا دۇئان داۋىد مۇلۋېي ئىسىملىك كىشى يوقكەن، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 26-كۈنى دادىڭىز قىسىمدىن سەۋەبسىز ئايرىلىپ كېتىپتۇ.
    لىسېتتې ھەيرانلىقتىن گەپمۇ قىلالمىدى، مولىنا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالمىغان بولسا سەكرەپلا قېچىپ كەتكەنمۇ بولاتتى.
    ئۇ يەڭگىل تىترەۋاتاتتى، چىبەرقۇت چاپىنى بۇ سوغۇققا دالدا بولالمايۋاتاتتى. ئەگەر ئۇ كۈنى ئەتىگەندە ئانىسى بولغان بولسا چوقۇم ئۇنىڭغا:
    — قېلىنراق كىيىۋېلىڭ، سادىغاڭ كېتەي، بۇ دېگەن بىرىنچى ئاي! — دېگەن بولاتتى.
      بۇ چاغدا يەنە بىرەيلەن كەلدى. ئۇ ھىندىستانلىقتەك قىلاتتى، قارىغاندا دوختۇر ئوخشايدۇ پەس ئاۋازدا مولىناغا بىرنېمىلەرنى دېدى. لىسېتتې ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆزىنى يۇمۇۋالدى. ئۇ يەنە سىنىپىنى خىيال قىلىشقا باشلىدى: نورۋىچ خانىم دوسكىغا جىجىلاپ بىرنېمىلەرنى يازماقتا؛ JC خامۇش ھالدا ئولتۇرىدۇ، چاچلىرى يۈزىگە چۈشۈپ قالغان؛ كېيشا قورقۇپ ياكى بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك ئېغىزى بىلەنلا نەپەسلىنىپ ئولتۇرىدۇ؛ لىسېتتېنىڭ ئورنى بوش قالغان. ھازىر ئۈچىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى، JC بۇ ۋاقىتتا لىسېتتېلارنىڭ سىنىپىدا ئېنگىلىزچە دەرسكە قاتناشمايتتى. بۇ سائەتلىك دەرستىن چۈشسە چۈشلۈك دەم ئېلىش بولىدۇ. سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەنلا كۆپچىلىك ھەممەيلەن سىنىپتىن يوپۇرۇلۇپ چىقىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرىشىدۇ، تاماقنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، فرانسىيىچە ياغدا پۇشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى، كاۋاك ئۈگرە، ئىرىمچىك، ئاچچىق قىياملىق مېۋىلىك بولكا ... لىسېتتېنىڭ شۆلگەيلىرى ئېقىشقا باشلىدى.
      ئۇ قەغەز ياغلىقتىكى لەۋ ئىزى ئېسىگە كېلىپ كۈلۈپ كەتتى، JC ئۇنى ئېچىپ كۆرسە چوقۇم ھەيران قالغان بولاتتى.
    گەرچە ئانىسى لىسېتتېنىڭ لەۋ سۇرۇخ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدى. قىزلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىدۇ ئەمەسمۇ.
      ئۆتكەندە ئانىسى دادىسى بىللە چاغدا دادىسى ھەربى فورما بىلەن ئىدى، ئۇنىڭ چېچىمۇ تەكشى قىرقىۋېتىلگەن بولۇپ قارىماققا ناھايىتى سالاپەتلىك ئىدى.
      ئۇنىڭ ئالدىدا دادىسى تۇنجى قېتىم ئىراقتىن قايتىپ كەلگەندە ئانىسى توق سۆسۈنرەڭلىك لەۋ سۇرۇخ سۈرتىۋېلىپ دادىسىنىڭ يۈزىگە بولىشىغا سۆيگەنىدى. ئۇ چاغدا لىسېتتې تېخى بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇ سۆسۈن رەڭ لەۋ سۇرۇخ ئىزىنى جەڭگاھتىن قالغان يارا ئىزى ئوخشايدۇ، دادام نەلەردە بۇنچە ئېغىر يارىلانغاندۇ، دەپ قالغانىدى.
      بۇ ئىشلارنىڭ قاچانلاردا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇ ئېسىگە ئېلىپ بولالمايتتى، گويا نۇرغۇن قېتىم يۈز بەرگەندەك، نۇرغۇن دادىسى باردەك تۇيۇلىدۇ، ئۇ ھەممە دادىسىنى «كۆرگەن» ئەمەستە.
      بىر قېتىم دادىسى ئانىسىنى ئېلىپ فورد لاۋدېردالېغا بارغاندا لىسېتتېنىمۇ ئېلىپ بارغۇسى بار ئىدى، ئەمما ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بارالمىغان ئىدى. شۇڭا ئانىسىنىڭ مىستى دېگەن دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار ئەسلى فىلورىدادا ئون كۈن تۇرماقچى بولۇشقان، نەتىجىدە ئانىسى ھەپتىدىلا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەممە ئىش ئاياغلىشىپتۇ، ئۈزۈل-كېسىل تۈگەپتۇ، دادىسى مەسلىكتە ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ ، ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالماي ئامالسىز ساقچىغا مەلۇم قىلىپتۇ. دادسىنىڭ ئاچچىقى كەلسە مېھمانخانىلارنىڭ ئۈستەللىرىنى ئۇرۇپ چاقىدىكەن، يۋېتتې بۇ ئىشلاردىن جاق تويغان ئىدى.
      كېيىن ئۇ قىمارخانىدا بىر مۇنچە ئەرلەر بىلەن دوست بولدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى لىسېتتې كۆرمىگەن ئىدى، كۆرگىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مونموس ناھىيىسىدە يەر-مۈلۈك سودىسى قىلىدىغان بىرى بار ئىدى، لىسېتتې ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېسىدە تۇتۇۋالغان، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇپتۇنمۇ ئېئارپ ۋىللمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداقراق بىر نېمە ئىدى.
      ھىندىستانلىق دوختۇر ياش يىگىت ئىدى. تۇتۇق قارا كۆزىگە سېرىق جاھازلىق كۆزئەينەك تاقىۋالغان، ئۇنىڭ چېچى قارا، ئەمما يىرىك، JC نىڭ چېچىدەك يۇمشاق ئەمەس ئىدى.
    ئۇ ئىككى ساقچى ۋە لىسېتتېنى باشلاپ سوغۇق ساقلاش ئۆيىگە كىردى، مولىنا لىسېتتېنىڭ بىلىكىدىن چىڭ تۇتۇپ دېدى:
    — بىز ئامال بار ورھىي ئازابىڭىزنى يەڭگىللىتىمىز، ھېلى سىز پەقەت قولۇمنى چىڭ سىقسىڭىزلا «شۇكەن» دەپ بىلىمەن.
      شۇكەن، نېمە «شۇكەن»؟ ئۈمىدسىزلەنگەن لىسېتتې تېخىچە مەكتەپ ئاشخانىسىنى خىيال قىلىۋاتاتتى، كېلىشكەن يىگىتلەر بۇلۇڭدىكى ئۇزۇن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا JC ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ بار، بەزىدە ئۇلار بىر نەچچە قىزنى بىللە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشىدۇ. بەلكىم بۈگۈن JC لىسېتتېنى يېنىغا چاقىرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، «لزاتتې! ھەي لىزاتتې!» دەپ چاقىرىشى، ئۇ ئەۋەتكەن سۆسۈنرەڭ لەۋ ئىزىنى ۋە ئۇنىڭ مەنسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
    — ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ لىسېتتې، يېنىڭزدا مەن بار.
    شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى.
      لىسېتتې ئۇلار تونۇتماقچى بولغان جەسەتنى ئەسلا تونۇمايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانىسى بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    جەسەتنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى يۋېتتېنىڭكىدىن توقراق، چېچىنىڭ تۈۋى قوڭۇررەڭ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاچ ئۆڭۈكلىكىدىن يالغان چاچقىلا ئوخشايتتى. پىشانىسى ئىششىپ يوغىناپ كەتكەن، كۆزىنى ئەسلا كۆرگىلى بولمايتتى، ئاغزىمۇ ھېچنېمىگە ئوخشىماي قالغان. چىرايدىن ئادەملىكىنى پەرق ئەتمەك قىيىن ئىدى. قارىغاندا ئۇنىڭ يۈزىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغۇدەك.
    — ياق، بۇ مېنىڭ ئانام ئەمەس.
      لىسېتتې كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب قىلدى. مولىنا تېخىچە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتى، لىسېتتې قولىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتاتتى.
    بۇ جەسەتخانا، كۆز ئالدىدا بىر جەسەت.
    جەسەت ئايالغا ئوخشىمايتتى، ئۇنى پەقەت بىر «نەرسە» دېيىشكىلا بولاتتى. ئۇنىڭ بۇرۇن بىر ئايال ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىش قىيىن ئىدى.
      لىسېتتې جەسەتنىڭ بېشى بىلەن يۈزىگە قارىدى، باشقا يېرىگە ئاق رەخت يېپىلغانىدى، شۇنداق بولسىمۇ جەسەتنىڭ بەدەن شەكلى ۋە چوڭ كىچىكلىكىنى بىلگىلى بولاتتى، مۇقەررەركى بۇ لىسېتتېنىڭ ئانىسى ئەمەس ئىدى. ئۆلگۈچىنىڭ يېشى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭكىدىن چوڭ، گەۋدىسى كىچىكرەك بىلىندى. ھەقىقەتەن پاجىئەگە يولۇققان بىچارە ئايال ئىكەن، قارىماققا دېڭىز سۈيى قىرغاققا لەيلىتىپ ئەپ چىقىپ قويغان جەسەتكە ئوخشايتتى.
      بەختكە يارىشا كۆكسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى ئاق رەخت بىلەن يېپىپ قويۇلۇپتۇ. كۆكسى، قورسىقى، ئەۋرەت تۈكى يەنە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ يوغىناپ كەتكەن يوتىسى .... دېگەندەكلەرنى ئادەمنىڭ ھەرگىزمۇ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ. ئەرلەر كۆرۈپ قالسا شۇ زامان مەسخىرە قىلىشىدۇ. چىرايى ئادەتتىكىچە، كۆكسى تۈز بولغان ياكى سېمىز ئاياللار ئەرلەرنىڭ نەزەرىدىن تېزلىكتە غايىب بولۇشقا تىرىشىدۇ.
    — بۇ مېنىڭ ئانام ئەمەس، بۇ جەسەتنى تونۇمايمەن.
      مولىنا لىسېتتېنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەكرەك قاراپ قارار قىلىۋېتىشىنى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، پەقەت بۇ جەسەتنى تونۇغاندىلا ئاندىن قەبىھ جىنايەتچىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    لىسېتتې مولىنانى ئىتتىرىۋەتتىدە:
    — مەن دېدىمغۇ، بۇ مېنىڭ ئانام ئەمەس! ئەمەس!
      ئىللىق ئەمما قىرتاق بىر نەرسە لىسېتتېنىڭ ئاغزىغا كۈۋەجەپ چىقتى، ئۇ يۇتۇۋەتتى، يەنە چىققانىدى، يەنە يۇتۇۋەتتى. ئۇنىڭ چىشلىرى گويا قۇتا ئىچىدىكى چايقىلىۋاتقان شىشىخالدەك توختىماي كاسىلدايتتى. ئۇ بۇ بەدبۇي ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى. ئۆي توڭلاتقۇدەك سوغۇق بولۇپ، ئادەمنى قەي قىلدۇرغۇدەك پۇراققا تولغان، تالك پاراشۇكى بىلەن تەرنىڭ ئارىلاشمىسىدەك بەدبۇي ئىدى. مولىنا لىسېتتېنى يەنە تۇتۇۋالدى.
      ئۇلار بىر قۇتىنىڭ ئىچىدىن كىيىملەرنى ئېلىپ لىسېتتېغا كۆرسەتتى. نىجاسەت ۋە قانغا بويالغان كىيىم دەسمالغا ئوخشاپ قالغانىدى. يەنە بىر چاپان بولۇپ، ئۇ لىسېتتېنىڭ ئانىسىنىڭ قىزىل تىۋىتلىق چاپىنىغا بەك ئوخشايدىكەن، ئەمما يىرتىۋېتىلگەن، ھەم بەك مەينەت ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئانىسى بۇلتۇر سودا سارىيىدىن باھاسىنى چۈشۈرگەندە سېتىۋالغان پۇزۇر چاپان ئەمەس ئىدى.
    لىسېتتې بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئەسلا كۆرۈپ باقىمغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ھاسىرىشى غەلىتە بولۇپ، زىققا كېسىلى بار دوستى كېيشاغا ئوخشاپ قالدى. مولىنا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى، ئەمما ھەممىسى بىكارغا كەتتى، ئۇ تېخى لىسېتتېنى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، ھېچقىسى يوق دەيدۇ، ئەگەر بۇ جەسەت ئانام ئەمەس دېسىڭىزمۇ مەيلى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تونۇشقا بىزنىڭ يەنە باشقا ئامالىمىز بار، دېيىشىچۇ تېخى.
    زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بۇ بىر يېڭى ئىسىم. خۇددى جەسەت، ئەۋرەز ئازگىلى دېگەنگە ئوخشاشلا.
      مولىنا لىسېتتېنى قول يۇيۇش ئۆيىگە ئەكىردى، لىسېتتېنىڭ ھاجەتخانىغا كىرگۈسى كەلگەنىدى، ھازىرلا. لىسېتتېنىڭ بەدىنى ئوت كەتكەندەك بولۇپ قۇسقۇسى كەلدى. ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە سۇ كۆلچىكىگە قەي قىلدى، ئەمما ھېچنېمە يانمىدى. ئۇ قولىنى يېنىشلاپ نەچچە قېتىم يۇيدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەينەككە قارىدى، كۆز ئالدىدا توق سۆسۈن رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىغان، لەۋلىرى قارا قىزىل بويالغان بىر قىزچاق نامايان بولدى. ئەگەر سىنچىلاپ قارىمىسا ئۇنىڭ سول كۆزىدىكى يارا ئىزى ئېنىق كۆرۈنمەيتتى، لىسېتتېمۇ سەپ سېلىپ قارىمىدى. ئەينى چاغدا ئانىسى بىر قېتىملا ئوپېراتسىيە قىلدۇرساق بولىدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەنىدى، نەتىجىدە يەنە ئۈچ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى.
    — ھېچقىسى يوق، بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بوپكېتىسىز، — دېگەن ئىدى ئانىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.
      ئىككى ساقچى ئۇنى ئائىلە مۇلازىمەت پونكىتىغا ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇشتى، ئەمما لىسېتتېنىڭ مەكتەپكە قايتقۇسى بولغاچ، مەكتەپكە قايتىش ھوقۇقۇم بار دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنداق دەپلا ئۇ يىغلاپ كەتتى، ئۇ قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە تاقەتسىزلەنگەندەك قىلاتتى، شۇڭا قايتا-قايتا مەكتەپكە قايتىمەن، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار ئىلاجسىز:
    — ماقۇل، گېپىڭىزنى ئاڭلايمىز لىسېتتې، — دېيىشتى-دە، ماشىنا بىلەن ئۇنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويدى. بۇ چاغدا چۈشلۈك   دەم ئېلىشقا چىقىدىغان قوڭغۇراق ئەمدىلا چېلىنغان بولغاچقا ئۇ ئۇدۇل ئاشخانىغا كىردى. ئۇ ئۆچىرەتتىمۇ تۇرمىدى، تەخسىمۇ ئالمىدى، چاپىنىنىمۇ سالمايلا ئۇدۇل كىرىپ كەتتى، ئۇ دوستلىرىنىڭ يېقىندىلا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ يەردە كېيشامۇ بار ئىدى، قارىماققا ئۇ خېلى ئەنسىرىگەندەك قىلاتتى، شۇڭا ئۈنلۈك توۋلىدى:
    — لىسېتتې، ھەي قىزچاق، نېمە بولدى؟ سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟
    لىسېتتې ۋاراڭ چۇرۇڭغا تولغان ئادەملەر توپىغا قاراپ كۈلدى:
    — ئەلۋەتتە ھېچ ئىش بولمىدى، ماڭا نېمە ئىش بولاتتى؟
    «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ (كاپىتان) تەرجىمىسى
     
    توردىكى مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كىملىك مەكتەپ ساقچى