بەش كۇرۇش سەۋەبىدىن(ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : hisam يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-09 19:18:09

بەش كۇرۇش سەۋەبىدىنئەزىز نەسىنتۇرسۇنجان ئابدۇقادىر تەرجىمىسىروھى بەي بىر لىرا سەۋەبىدىن بىر بىلەتچىگە پىچاق تىقتى. ھەممە كىشى ئۇنىڭغا ئېچىنىپ: «بىر لىرا ئۈچۈن قان تۆكتۈڭمۇ، ھەي بىچارە...&ra...



    بەش كۇرۇش سەۋەبىدىن

    ئەزىز نەسىن 
    تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر تەرجىمىسى 

     

    روھى بەي بىر لىرا سەۋەبىدىن بىر بىلەتچىگە پىچاق تىقتى. ھەممە كىشى ئۇنىڭغا ئېچىنىپ: «بىر لىرا ئۈچۈن قان تۆكتۈڭمۇ، ھەي بىچارە...»دېيىشتى. ئۇ: «تۈفى... ئۇ ئۆلسە بولاتت» دەپ، گېزىتكە چىققان رەسىملەرگە تۈكۈرۈپمۇ بولدى. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىدىغانلار يوق ئىدى. ئەجەبا، پىچاق يېگەن بىلەتچى گۇناھكارمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس، گۇناھنىڭ كىمدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بىر لىرا ئۈچۈن ئەنزە تۇغدۇرغىلى بولمايتتى. ئەمما، بۇ بىر لىرا ئەنزىنىڭ ماھىيىتىدۇر.

       ۋەقە چىققان كۈننى تەھلىل قىلساق، بەلكى بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىيقى سەۋەبىنى بىلەرمىز.

      روھى بەگ ئۇ كۈنى مائاشىنى ئالغانىدى، ئەمما ئالغان مائاشى قەرزگىمۇ چىقىش قىلمايتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچى سىقىلدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ ئاشخانا ئۆيىگە كىرگىنىدە، گاز ئوچىقىنىڭ بىرى يېنىق، بىرى يېنىق ئەمەس ئىدى. خوتۇنى يېنىقسىز ئوچاققا ئوت يېقىش ئۈچۈن بىر تال سەرەڭگە ياققانىدى، ئوچاق يېنىدا تۇرغان روھى بەي خاپا بولۇپ خوتۇنىغا ۋارقىرىدى:

      - نېمانداق دۆت خوتۇنسەن...بولۇمسىزلىقىڭدىن ئىلگىرى باسمايۋاتىمىز. ھاۋاغا مۇش ئېتىپ يۈرگەن مىليونىرلاردەك سەرەڭگە ياقىسىنا! بىر ئوچاقنىڭ ئوتى تۇرسا، يەنە سەرەڭگە يېقىش كېتەمدۇ؟ ئوتنى قەغەزگە تۇتاشتۇرۇپ يەنە بىر ئوچاققا ياندۇرساڭلا...

         ئۇ ۋارقىرىدى، جارقىرىدى، غەزەپلەندى. خوتۇنى قىزىنىڭ دەپتىرىدىن بىر ۋاراق يىرتىپ چىقتى.

         - بۇ ۋاراقنى قەيەردىن ئالدىڭ؟

         - مەن بۇنى...

        - ھۇ گالۋاڭلار.... مېنى ۋەيران قىلىشتىڭ.

         ئۇ قىزىنىمۇ ئەيىبلىدى.

         ئوغلى باققالدىن ئېلىپ كەلگەن خالتىنى يىپى بىلەنلا قوشۇپ كەسكىنىدە تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى:

        - تازىمۇ نان قېپىكەنسەن، قارا دېتىسىزلىقىڭنى، كېسىۋەتمىگەن بولساڭ قايتا ئىشلەتمەمتىڭ، لازىم بولغاندا يەنە دۇكانغا يۈگۈرۈپ پۇل خەجلەيدىغان گەپ! شۇڭا، بۇ ئۆيدە پۇل يېتىشمەيدۇ.

          روھى بەي كۆڭلىنىڭ ئارامسىزلىقىدا چۈشلۈك تامىقىنىمۇ يېمەستىن ئۆيدىن چىقتى. ئۇ سىرتقا چىقىپلا بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ دوستىمۇ تېخى تاماق يېمىگەنىدى. ئۇلار بىر ئاشخانىغا كىرىپ بىللە تاماق يېيىشتى. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككىسى ئورنىدىن تەڭلا قوزغالدى. بۇ چاغدا روھى بەگ:

          - كارىڭ بولمىسۇن، مەن بېرىمەن،- دېدى.

          - بولمايدۇ،- دېدى دوستى.

          - ۋاللاھى، مەن بېرىمەن.

          - سېنى تۆلەتكۈزۈشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، قىرىق يىلدا بىر.... بولمايدۇ دەيمەن.

           قەيەردىلا بوولسا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولماي كېتىۋاتاتتى. روھى بەي  بەك كۈچىگەنلىكتىن، تامىقى تاماق بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن، كۈتكۈچىگە ئىككى ئون لىرالىقنى بەردى. كۈتكۈچى ئاشقان پۇلنى ئېلىپ كەلدى. ئىككى يېرىم لىرالىق پۇلدىن بىرى ۋە 150 كۇرۇشلۇقپارچە پۇللار ئىدى. كۈتكۈچىگە 150 كۇرۇشلۇقى بەرسە ئاز، ئىككى يېرىملىقنى قالدۇرسا كۆپ... ئۇ قولىنى پۇغا ئۇزىتىپ ئىككىلىنىپ قالدى. كېيىن تاۋاقتىن 25 كۇرۇشتىن ئىككىنى ئېلىپ كۈتكۈچىگە بەردى. كۈتكۈچى ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار سىرتقا چىقتى، روھى بەينىڭ ئىچى سىقىلىپ، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپلا قالدى. :

          «دۆت ئېشەك، نېمىشقا ئۆيۈڭدە تاماق يېمەيسەن.... مانا تاماقنى خەق بىلەن بىللە يېدىڭ، پۇلىنى تۆلەيمەن دېسە، نېمىشقا يول قويمايسەن...نېمانچىلا چىڭ تۇرۇۋالىسەن... كۈتكۈچىنىڭ ئالىدىغان %10 تاپان ھەققى يەتمىگەندەك، نېمىشقا ئۇنچىلىك كۆپ بېرىسەن... دۆت ئېشەك روھى، سەن زادى ئادەم بولمايسەن!»

          ئۇنىڭ ئىچى بەك سىقىلماقتا ئىدى. ئۇ دوستىدىن ئايرىلىپ، بىر ئازدىن كېيىن باشقا بىر تونۇشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

    1. روھى بەي، قەيەرگە؟
    2. ۋاللاھى، شۇنداقلا چىقتىم...قەيەرگە بولسا...
    3. يۈر، ئەمىرگانغا بېرىپ بىرەر چىنە چاي ئىچەيلى.
    4. بارايلى، جانىم.

         شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر تاكسىغا چۈشتى.

    - ئوغلۇم ، ئەمىرگانغا ئاپارغىن...

        ئۇلار چايخانىلارنىڭ بىرىنىڭ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشتى. ئىككىسى بىردىنلا تەۋرەپ كەتتى:

      - بولمايدۇ ، ھەرگىز بولمايدۇ...

       - ساڭا رۇخسەت يوق، قويۇۋەت، مەن بېرىمەن....

       - ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ....

       روھى بەي يەنە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، كىرا ھەققىنى بېرىش ئۇنىڭ زېممىسىگە چۈشتى.

      شوپۇردىن:

     - قانچىلىك بەرسەم بولىدۇ؟- دەپ سورىدى.

         - قانچىلىك مۇۋاپىق كۆرسىڭىز... دېدى شۇپۇر.

         ئەجەبا، قانچىلىك بەرسەم بولار؟ ئەڭ ياخشىسى شوپۇر ئۆزى بىلسۇن دەپ 50 لىرا بەردى. شوپۇر ئۇنىڭغا 17 يېرىم لىرا قايتۇردى. روھى بەي شوپۇرغا بەش لىرانى ئارتۇق بەرگەن بولدى.

    ئۇلار چايخانىغا كىرىشتى ۋە بىر چەينەك چاي بۇيرۇتتى. روھى بەي ئىچىدە قاقشاپ كېتىۋاتاتتى:

    «دۆت ئېشەك روھى، سەن زادى ئادەم بولمايسەن... بۇ يەردە نېمە بار ساڭا! ئۆيۈڭدە ئولتۇرساڭ بولماسمىدى...بۇ يەرگە كەلدىڭ، كىرا ھەققىنى يەنە سەن بەردىڭ، دۆت، نېمىدەو شوپۇرغا ئاچچىقلىنىسەن؟ ئۇ 37 يېرىم لىرا ئېلىپمۇ سېنى خاپا قىلدى.دۆت ئېسەك، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا يەنە بەش لىرا ئارتۇق بېرىسەن؟...»

       ئۇنىڭ ئېچى سىقىلغىنىدىن ئىچكەن چېيىمۇ زەھەر بولدى. قايتاشىدا ئىككىسى بىردىنلا تەۋرەپ كەتتى:

       - كارىڭ بولمىسۇن...

       - ياق، سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن...

       - خاپا بولىمەن...سەن توختا...

       - مېنى ياخشى كۆرسەڭ يول قوي...

       - ئايىغىڭغا باش قوياي، سەن توختا...

      - قۇلۇڭ بولاي، سەن توختا...

      روھى بەي يەنە ئۈستۈن كېلىپ، چاي پۇلىنى تۆلىدى.

     - ئوغلۇم، قانچە پۇل؟

     - يەتتە يېرىم لىرا...

     ئۇ ئون لىرانى ئۇزاتتى:

    - ئاشقىنىنى قايتۇرماڭ...

    ئۇلار سىرتقا چىقىشتى، روھى بەينىڭ كۆڭلىدىن مۇنۇلار ئۆتمەكتە ئىدى:

    «دۆت ئېشەك روھى، دۆت ھايۋان...يەتتە يىرىم لىرالىقمۇ چاي ئىچكەن بارمۇ؟ ئۆيۈڭدە ئىچسەڭچۇ، چاي پۇلىنى يەنە سەن بەردىڭ، نېمىشقا ئاشقان پۇلنى ئالمايسەن؟... دۆت ئېشەك روھى. ئىتچىلىك ئەقلىڭ يوق، زادى ئادەم بولمايسەن.»

    ئۇلار بىر كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ يەنە: «پۇلنى سەن بەرمەيسەن مەن بېرىمەن» دەپ تالاشتى.

    روھى بەي ئۇتۇپ چىقىپ پۇلنى بەردى. كېيىن «دۆت ئېشەك روھى...» دەپ يەنە ئۆز - ئۆزىنى تىللىدى.

     ئۇ تونۇشى بىلەن مانا مۇشۇنداق ئىچى سىقىلىش بىلەن ئايرىلىپ ئۇدۇل گالاتاسارايغا كېتىۋاتقىنىدا، باشقا بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى،مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ دوستى ئەمەس، بەلكى ئىسمىنى ئاران ئېسىگە ئالغان، پەقەت مۇنداقلا تونۇشى...

    - تېچلىقمۇ؟

    - قەيەرگە؟

    - مانا مۇشۇنداقلا كېتىۋاتىمەن...

    - يۈر، ئىككى ئىستاكان پىۋا ئىچەيلى!

    ئۇلار مەيخانىگە كىرىشتى. ئىككى ئىستاكان، تۆت ئىستاكان...

    - ئوغلۇم، ئىككى ئىستاكان ۋودكا كەلتۈر... بەيگە سالات ئېلىپ كەل...

    ھېسابات 160 لىرا...

    - كارىڭ بولمىسۇن... مەن بېرىمەن.

    - بولمايدۇ.

    - ياق، سەن مېنىڭ مېھمىنىم.

    - بولمايدۇ، مەن سېنى چاقىرغانىدىم.

    - قىرىق يىلغا بىر...

    پۇلنى يەنە روھى بەردى. كۈتكۈچىگە 100 لىرالىقتىن بىرنى، 50 لىرالىقتىن ئىككىنى ئۇزاتتى.

    - ئاشقىنىنى قايتۇرماڭ.

    ئۇلار يېرىم كېچىگە يېقىن سىرتقا چىقىشتى. روھى بەي ئىچىدە: «ھەي ئېشەك، ھەي ئېشەك...دۆت، سەن ئادەم بولمامسەن؟ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ... دۆت ئېشەك روھى، سەن كۈتكۈچىگە دۇنياچىلىك كۆپ بەردىڭ- ھە!....» دەپ ئۆزىنى توختىماي تىللايتتى، قارغايتتى.

     روھى بەي مانا مۇشۇنداق ئىچى قان بولغان ھالدا تونۇشىدىن ئايرىلدى، ئۇ ئۆيىگە قايىتىش ئۈچۈن ترامۋايغا ئولتۇردى.

    «دۆت ئېشەك روھى...» دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەش، قاغاشلىرى داۋام ئېتىۋاتاتتى.

    بۈگۈن ئۇ كۆپ ئازار يېگەنىدى، ئۆزىنى ھەر قانچە تۇتۇۋالسىمۇ بۇ ئاچچىقى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

    - بېلەت... بېلەتسىز قالمىغىن.

    روھى بەي بېلەتچىگە ئەدەپ بىلەن بىر لىرا بەردى. كېيىن بەلكىم ئەدەپ بىلەن 25 كۇرۇش بەرگەندۇ... ئۇ دەماللىقا قانچە بەرگىنىنى ئەسلىيەلمىدى. ئۇ كىچىك بېكەتكە يېقىنلاشقاندا، بېلەتچىگە:

    - ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىن!- دېدى.

    - قايسى ئاشقان پۇلنى دېدى؟ ئوھوي، بىر لىرا بەردىڭىز.

    - ماڭا قارا... سەن ئالغۇدەك باشقا ئادەم تاپالمىدىڭمۇ؟

    - بەيىم، ئەپۇ قىلىڭ... سىز ئىككى يېرىم لىرا بەرمىدىڭىز...

    - ماڭا قارا...

    - بەيىم، ۋاللاھى...

    بېلەتچى بەكمۇ چىڭ تۇرۇۋالمىدى، بۇ تالاشقۇدەك ئىش ئەمەس ئىدى. لېكىن، روھى بەي قولىنى ئىشتان يانچۇقىغا سېلىپ كىچىك بىر بەكنى چىقاردى. ترامۋايدىكىلەر ئۇنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدى.روھى بەي بەكىسنى چىقىرىپلا «ھايىت – ھۇيت» دېگۈچە بېلەتچىنى يىقىتتى.

    مانا بۇ بىر لىرا سەۋەبىدىن ۋەقە چىقارغان، گېزىتلەردە ئىسمى ئاتالغان، رەسىمى بېسىلغان روھى بەينىڭ دېلوسى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.