يوقسۇللار(لېۋ.تولىستوي)

يوللىغۇچى : kalbinur1124 يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 12:59:59

يوقسۇللارلېۋ. تولىستوي (روسىيە) بىر ئېغىز كىچىك ھوجرىدا بېلىقچىنىڭ ئايالى ژېنا چىراق يورۇقىدا ئولتۇرۇپ بىر كونا يەلكەننى ياماۋاتاتتى. ئۆينىڭ سىرتىدا بوران گۈركىرەيتتى. شاۋقۇنلۇق دېڭىز دولقۇنى...

    يوقسۇللار
    لېۋ. تولىستوي    (روسىيە)


      بىر ئېغىز كىچىك ھوجرىدا بېلىقچىنىڭ ئايالى ژېنا چىراق يورۇقىدا ئولتۇرۇپ بىر كونا يەلكەننى ياماۋاتاتتى. ئۆينىڭ سىرتىدا بوران گۈركىرەيتتى. شاۋقۇنلۇق دېڭىز دولقۇنى قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇپ بۇژغۇنلار چاچاتتى... دېڭىزدا بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلگەن، سىرت قاراڭغۇ ھەم سوغۇق، لېكىن بېلقچىنىڭ ھوجرىسى ئىسسىق ھەم ھوزۇرلۇق ئىدى. توپا تىندۇرۇلغان پەگا پاكىز سۈپۈرۈلگەن ئىدى، مەشتىكى چوغنىڭ شولىسىدا تەكچىدىكى چىنە-قاچىلار يالت-يۇلت قىلىپ تۇراتتى. ئاق پاشىلىق تارتىلغان كارىۋاتتىكى بەش بالا دېڭىز شاۋقۇنى ئىچىدە شېرىن ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېلىقچى ئېرى تاڭ سەھەردە كېمىسىنى ھەيدەپ دېڭىزغا كەتكەن بولۇپ، تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. دېڭىز دولقۇنىنىڭ شاۋقۇنى ۋە بوراننىڭ گۈركىرەشلىرى ژېنانى ئەنسىزلىككە سالاتتى.
    كونىراپ كەتكەن ياغاچ سائەت «چىك-چاك» قىلىپ 10-11 لەردىن ئۆتتى، ئېرى تېخىچە كەلمىدى. ژېنا چوڭقۇر خىيالغا پاتتى. ئېرى ئۆزىنى ئايىمايدىغان ئادەم، سوغۇق ۋە بوران-چاپقۇنغا قارىماي بېلىق تۇتىدۇ. ژېنانىڭ ئۆزىمۇ كۈن بويى بىكار بولمىسىبۇ، يەنىلا ئاران-ئارانلا كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بالىلىرى يەنىلا قىش-ياز يالاڭغىداق يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ. قورساققا ئاق بولكا ئۇياقتا تۇرسۇن، قارا بولكىنى تويغىدەك يىيەلىسىلا بولغىنى. تامىغىدا بېلىقتىن باشقا سەيمۇ يوق. «بىراق، خۇداغا شۈكرى، بالىلار ھەممىسى ساغلام». ژېنا ئويلاپ تۇرۇپ يەنە سىرتتا چىقىۋاتقان بورانغا قۇلاق سالاتتى. «ئۇ ھازىر قەيەردىدۇ؟ خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت. خۇدا،ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!» ئۇ بىر نېمىلەرنى دېگەچ ئۆزىگە كىرىست سىزاتتى.
    يېتىشقا تېخى بالدۇر، ژېنا ئورنىدىن تۇرۇپ بېشىغا بىر قېلىن شارپىنى ئارتىپ، پەنەرنى ياندۇرۇپ تاشقىرىغا چىقتى. ئۇ دېڭىز بىر ئاز بېسىلدىمىكىن، ھاۋا بىر ئاز سۈزۈلدىمىكىن، ماياكنىڭ چىرىقى يورۇقمىكىن، ئۇنىڭ كېمىسى كۆرۈنەمدىكىن، دەپ قاراپ باقماقچى بولدى. لېكىن دېڭىز يۈزىدە ھىچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بوران ئۇنىڭ ياغلىقىنى ئۇچۇراتتى، ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىر نەرسە قوشنا ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئۇرۇلاتتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بۈگۈن كەچقۇرۇن ئاغرىق ئايال قوشنىسىنى يوقلاپ چىقماقچى بولغانلىقى ئېسىگە كەلدى. «ئۇنىڭ قارايدىغان ئادىمى يوق!» دەپ ئويلىدى ژېنا. كەينىدىنلا ئۇنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ تىڭشاپ باقتى، ھىچ جاۋاپ ئالالمىدى.
    «تۇل خوتۇننىڭ كۈنى تەس جۇمۇ!-ژېنا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئويلىدى،-بالىلىرىغۇ ئانچە كۆپ ئەمەس، ئىككىلا بالىسى بار، لېكىن ھەممە ئىشغا ئۆزىلا يۈگۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىقچان! ھەي، تۇل خوتۇننىڭ كۈنى ھەقىقەتەن تەس! كىرىپ يوقلاپ چىقايچۇ!»
    ژېنا ئىشىكنى كەينى-كەينىدىن قاقسىمۇ جاۋاپ چىقمىدى.
    ـ ھەي، يەڭگە!- دەپ ۋارقىرىدى ژېنا. ئۇ ئىچىدە «بىرەر ئىش بولمىغاندۇ» دەپ ئويلاپ ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى.
    ئەسكى ئۆي زەي ۋە سوغاق ئىدى. ژېنا كىسەلنىڭ نەدىلىكىنى كۆرمەكچى بولۇپ چىراقنى چىقىرىشى بىلەنلا كۆزى ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى كارىۋاتقا چۈشتى. قوشنا ئايال كارىۋاتتا مىدىرلىماي جىم ياتاتتى، ئۆلۈك ئادەملا مانا مۇشۇنداق ياتىدۇ. ژېنا چىراقنى يەنىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇنىڭ بېشى كەينىگە غادايغان بولۇپ، مۇزدەك كۆكىرىپ كەتكەن چىرايىدا ئۆلۈكنىڭ جىمجىتلىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. تاتىرىپ قېتىپ قالغان قوللىرى قانداقتۇر بىر نەرسىنى تۇتۇشقا تەمشەلگەندەك سوزۇلغان بولۇپ، شال پاخىلى سېلىنغان كارىۋاتتىن ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۆلۈك ئانىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بۈدۈر چاچ، دومىلاق يۈزلۈك ئىككى بالا ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇلارغا بىر يىرتىق چاپان يېپىلغان بولۇپ، ساغۇچ باشلىرىنى بىر-بىرىگە يېقىن چاپلاپ دۈگدىيىشپ ياتاتتى.          روشەنكى، ئانىسى جان ئۈزۈش ئالدىدا كونا ياغلىقى بىلەن بالىلىرىنىڭ ئايىغىنى يۆگەپ، ئۆزىنىڭ چاپىنىنى ئۇلارغا يېپىپ قويۇشقا ئۈلگۈرگەن. بالىلار تەكشى نەپەس ئېلىشىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.
    ژېنا بالىلار ياتقان كىچىك بۆشۈككە بېشىدىكى ياغلىقىنى يېپىپ قۇچاقلىغىنىچە ئۆيىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ يۈرىگ قاتتىق دۈپۈلدەپ بالىلارنى قانداق ئېلىپ چىققىنىنىمۇ بىلمەي قالدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟ ئۇ شۇنداق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
    ئۆيگە قايتىپ چىققاندىن كىيىن، ئۇ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلارنى كارىۋاتتىكى ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ قاتارىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ دەرھال پاشىلىقنى چۈشۈرىۋەتتى. ئۇ گويا قانداقتۇر ۋىجدانسىزلىق قىلىپ قويغاندەك ھولۇقۇپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. «ئېرىم نېمە دەر؟- دەپ ئويلىدى ئىچىدە،- ئۆزىمىزنىڭ بەش بالىسىمۇ يېتىپ ئاشاتتىغۇ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاز تارتىۋاتامدۇق... دەرمۇ؟... ياق، ئۇنداق دېمەس! نېمىشقا ئەكىرىسەن؟... دەپ ئەدىىپىمنى بېرەمدىكىن تېخى، مەيلى، ئۆزەمنىڭ شورى، شۇنداقمۇ قىلارمۇ؟ ياق، ھەي، شۇنداق قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!».
    ئۆينىڭ ئىشىكى «غىچ» قىلىپ خۇددى بىرسى كىرگەندەك قىلدى. ژېنا چۆچۈپ ئورۇندۇقتىن سەنتۈرۈلۈپ كەتتى.
    «ھىچكىم يوق، يەنىلا ھىچكىم يوق! ۋاي خۇدايىمەي، بۇ ئىشنى نېمىشقىمۇ قىلغاندۇرمەن؟ ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە دەرمەن؟...». ژېنا چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالدا كارىۋات ئالدىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن جىم تۇرۇپ قالدى.
    بىردىن ئىشىك ئۇلۇق ئېچىلىپ، ئۆيگە ساپ دېڭىز شامىلى غۇرقىراپ كىردى.
    -ژېنا، مەن كەلدىم!- ئېگىز بويلۇق چىرايى قارامتۇل كەلگەن بېلىقچى ھۆل ۋە يىرتىق بېلىق تورىنى سۆرىگەن پېتى گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
    -ھە، سىزمۇ!- ژېنا ئاران شۇنىلا دېيەلىدى-دە، ئېرىگە قارىيالمىدى.
    -قارا، بۈگۈن نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق كىچە بولدى-ھە!
    -ھەئە، ھاۋا ئىنتايىن سەت بۇزۇلدى، بېلىقنى قانچىلىك تۇتتىڭىز
    -بۈگۈن مېنى پالاكەت باستى! ھىچ نەرسە تۇتالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تورنى يىرتىۋالدىم. ھەي، بۇ پالاكەتچىلىكنى قارا! ھاۋا نېمە دېگەن يامان، بۈگۈنكىدەك كېچىنى ھىچقاچان كۆرۈپ باقمىغان دېسەممۇ بولىدۇ. بېلىقنى ئاغزىڭغا ئالما، ساق-سالامەت قايتىپ كەلگىنىمگە شۈكرى قىل!... ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلغاچ تۇردۇڭ؟
    بېلىقچى تورىنى ئۆيگە سۆرەپ كىرگەندىن كىيىن مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
    -مەن؟- ژېنانىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى،- مەنمۇ؟ ئۆيدە ياماقچىلىق قىلغاچ سىزنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم. بوران كىشىنى قورقۇتقۇدەك قاتتىق چىقتى. سىزدىن ئەنسىرىگەنتىم!
    -ھە،- دېدى ئېرى پەس ئاۋاز بىلەن،- ھاۋا شۇنچە بۇزۇلغان، ئامال قانچە؟
    ئەر-ئايال ئىككىيلەن جىم بولۇپ قالدى.
    -خەۋىرىڭىز بارمۇ؟- دېدى ژېنا،- قوشنىمىز سىمون ئۆلۈپ قاپتۇ.
    -راستمۇ؟
    -قاچان ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، تۈنۈگۈن ئۆلگەن بولسا كېرەك، ھەي، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئۆلۈپتۇ،جېنى چىققۇچە بالىلىرىغا تارتىشىپ قانچە قىينالغاندۇ! بالىلار تېخى كىچىك ئىدى، بىرسىنىڭ تېخى تىلى چىقمىغان، بىرى ئەمدىلا ئۆمىلىگەن ...
    ژېنا جىم بولۇپ قالدى. بېلىقچىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا، روھىي  ھالىتى جىددى ۋە تەشۋىشلىك تۈس ئالدى.
    -ھىم، بۇ بىر مەسىلە بوپتۇ!- بېلىقچى گەجگىسىنى سىلاپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سېنىڭچە قانداق قىلىش كېرك؟ مېنىڭچە بالىلارنى ئېلىپ چىقىۋالايلى، بالىلار ئويغىنىپ كېتىپ، ئۆلۈك ئانىسىنى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ بولدى، شۇنداق قىلايلى، بىر ئامال قىلىپ ئېلىپ چىقىۋالايلى،يۈگۈر!
    بىراق،ژېنا مىدىرلىمىدى.
    -نېمە بولدۇڭ،قوشۇلمامسەن؟ ساڭا نېمە بولدى، ژېنا؟
    -ئۇلار مۇشۇ يەردە!- ژېنا پاشىلىقنى ئاچتى.


    توختى تىللا تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.