ئاق قار ۋە قىزىلگۈل- پ.يىرمولىيىۋا (رۇسىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 11:55:53

ئاق قار ۋە قىزىلگۈلپ.يىرمولىيىۋا (رۇسىيە) كىشىلەر كونا يىلنىڭ ئاياقلىشىشىنى تەقەزاللىق بىلەن كەتمەكتە ئىدى. بۇ يىل ھەممە نەرسە غەلىتە بولدى: يازدا ھول ـ يېغىن كۆپ بولدى، كۈز پەسلى ۋاقتىدىن بۇ...

    ئاق قار ۋە  قىزىلگۈل
     پ.يىرمولىيىۋا (رۇسىيە)

     

       كىشىلەر كونا يىلنىڭ ئاياقلىشىشىنى تەقەزاللىق بىلەن كەتمەكتە ئىدى. بۇ يىل ھەممە نەرسە غەلىتە بولدى: يازدا ھول ـ يېغىن كۆپ بولدى، كۈز پەسلى ۋاقتىدىن بۇرۇن كەلدى، قىشمۇ ھەقىقى قىشقا ئوخشىماي قالدى. گەرچە قارا قىش كۈنسىرى يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كېچىلىرى ئوگ زىلەرگە چۈشكەن قارا مۇزلىماستىن پەسكە شىرىلداپ چۈشۈپ تۇراتتى. كۈندۈزلىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن يۇقۇرى ئىدى. زېرەك ئاق سۇ ئىچىشەتتى.
       ئونۋېتسىستېت ستودېنتلىرىمۇ ئۆز ئىشىلىرى بىلەن ـ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشنىڭ تەييارلىغى بىلەن ھەلەك ئىدى.
       يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشنىڭ تاييارلىغى ئاللىبۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. كوپچىلىك قەيەرگە توپلانسا، قانچىلىك پۇل خەخلىسەك بولۇر، دىگەن مەسلىنى ئويلىشاتتى. بايراملىق ئولتۇرۇشنى قايسىدۇر بىر ساۋاقداش ئاىلىسىنىڭ داچىسىدا ئوتكۈزسەك ئوبدان بولاتتى. ئۇ يەردە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىگىدىن ھۇزۇرلىنىش، بايراملىق ئايق قارىغاي تېپىشمۇ ئوڭايغا چۈشەتتى، دېيىشەتتى.پەقەقت سىتپانلا بۇ مەسىلىگە باش قاتۇرمايتتى. ئۇ، رالېشا قەيەردە بولسا مەن شۇ يەردە بولىمەن، دەپ ئويلايتتى. ئۇ مۇشۇ بىرقانچە يىل ئىچىدە رالېشا ھەققىدە نۇرغۇن سۆيگۈ قوشاقلىرىنى يازغان، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشى ھەققىدە كۆپ قېتىم شىرىن ئىخياللارنى سۈرگەن ئىدى.
       سىتىپان يېڭى سىبىررىيىگە يېقىن جايدىكى بىر كىچىك ناھىيە بازىرىدىن موسكۋاغا كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە 4 بالا بولۇپ تۇنجىسى سىتىپان ئىدى. ئاتىسى ياغاچ كېسىۋاتقاندا بەختسىزلىككە ئۇچراپ ئالەمدىن كتكەندىن كېيىن، سىتىپان پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى، يازلىق تەتىلدە ياغاچنى سۇدا  ئېقىتىپ توشۇش پونكىتىدا ئىشلىدى. ئۇ تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىغا بېرەتتى. ئۇنىڭ ئانىسى يامان كۈنلەردە لازىم بولۇر، دەپ پۇلنى ئامال بار تېجەپ خىراجەت قىلاتتى.
      سىتپان ئۇنۋېرسىتىتقا كىرىش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇدى. بولۇپمۇ فىزىكا ئۇنى بەك قىزىقتۇراتتى.
       بەزى دوستلىرى ئۇنىڭ ئارزۇ ـ تىلەكلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئانچە ئىشەنمىدى، ئەمما، سىتىپان ئۆز نىيىتىدىن زادى يانمىدى، قىلچە تەۋرەنمىدى. ئاقىۋەت ئۇ ئىمتىھاندىن ياىشى ئۆتۈپ ئونۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا پاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى، شۇندىن ئېتىۋارەن سىتىپان ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، پايتەختتىكى ئونۋېرستېت سىتودېنتلىرىنىڭ ياتىغىغا كۆچۈپ كېلىپ يېڭىچە ھايات باشلىدى.
      سىتىپان ئۆگىنىشتە بەكمۇ تىرىشچان بولۇپ، كۈندۈزى تۈگۈل كېچىلىرىمۇ تۇن يېرىمىغىچە ئۆگىنەتتى. قىيىنچىلىقلارنى ئۆزىلا يېڭەتتى، باشقىلاردىن ياردەم تىلىمەيتتى.
       سىبرىيىدىن كەلگەن بۇ قەددى ـ قامەتلىك، بەردەم يىگىتكە نۇرغۇن سىتودېنتتىكلارنىڭ كۆزى چۈشەتتى، زوق ـ ھەۋىسى كېلەتتى. ئەمما ستىپان بىرلا قىزغا ـ رالېشاغا كۆيەتتى. رالېشا تولىمۇ ئۇز، قەددى ـ قامىتى مەجنۇن تالدەك، سېرىق بۇدرە چاچلىق، قېنىق زەڭگەر كۆزلۈك، ئوماق گۈزەل قىز ئىدى. بىراق، كزىنى بەك يۇقۇرى تۇتاتتى. ئۇنىڭغا ئالدىراپ بىرنىمە دېيىش قىيىن ئىدى.
       بۇ تەبىي ھال ئىدى. چۈنكى بىرقاراردىكى بارلىق يىگىتلەر ئۇنى چۆگىلەپ كېتەلمەيتتى. ئۇنىڭغا ئاشىقلارنىڭ «موسكۋا» ، «رىگول»، ماركىلىق جىپ ت پوبىدىلىرى بار ئىدى. يېشى خېلى بىر يەرگە بارغان، ئايدىڭ باش، «ۋولگا» ماركىلىق ئاپتوموبىلى بار بىر ئاسپىرانتىمۇ رالېشاغا كۆيەتتى. ئۇلار كزلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇپ رالېشانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشاتتى. ئۇلار رالېشانى ماختاپ، كۆككە ئۇچۇرۇپ، زىيادە ئەركە قىلىۋەتكەن ئىدى. بىراق سىتىپاننىڭ پوبىدىسى يوق ئىدى. ئۇ يەر ئاستى پويىزىغا، ئاپتوۋۇزغا ئولتۇراتتى.
       دوستلىرى سىتىپانغا مەسلىھەت كۆرسىتىپ:
      ـ دېلىغۇل بولما، سىتىپان! سەن ئۆزەڭنىڭ مۇشۇ قەددى ـ قامىتىنىڭ بىلەنمۇ ھېلىقى ئايدىڭۋاش ئاسپىرانتتىن كۆپ ياخشىسەن! رالېشا بەكمۇ زوقلىنىدۇ، ئۇ دائىم سېنى كەمتەر، ئەلاچى، ھەممىمىزنىڭ ئۈلگىسى، دەپ ماختايدۇ. ئۇنىڭ سېنى كەمتەر دەپ ماختىشى ساڭا قىلىنغان ئىشارەت، سېنى چوڭ يۈرەك بول، دىگىنى ! قىزلار چوڭ يۈرەكلىك يىگىتلەرنى ياقتۇرىدۇ. سەن رالېشا قاچان ماڭا قەلبىنى ئاچار، دەپ كۈتۈپ تۇرساڭ بولمايدۇ! ـ دىيىشەتتى.
       خىلۋەت ئۆلكىدىن كەلگەن مەندەك سەھرالىقنىڭ بويى پايتەجت قىزىغا يەتمىسە كېرەك! ـ دەپ جاۋاب بېرەتتى سىتىپان.
       يېڭى يىل كېچىسىدىكى ئولتۇرۇشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سىتودېنتلار ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر رالېشا ئائىلىسىنىڭ داچىسىنى تاللاشتى. رالېشانىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئۆز دوست ـ يارەنلىرى بىلەن يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئىدى.
       كۆپچىلىك ئۆزلىرىگە تەقسىم بولغان ئىشلار بويىچە تەييارلىققا تۇتۇش قىلىشتى. يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، سورۇنغا يەتكەۈزۈش ئوغۇللارغا تاپشۇرۇلدى. قىزلار بايراملىق ئاق قارىغاينى بېزەش ۋە سورۇننى تۈزەشكە مەسئۇل قىلىندى. ئەلۋەتتە، قىزلارنىڭ ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان «يېڭى يىل كېچىسىدىكى ئولتۇرۇشتا قانداق رەڭلىك كىيىم كىيىش كېرەك؟»، «ياپون يىلنامىسى بويىچە كېلەر يىل نىمە يىلى؟»... دىگەندەك باشقا ئىشلىرىمۇ بار ئىدى. ئوغۇللار بۇ توغرىدا كزىنى ئانچە ئۇپرىتىپ كەتمەيتتى، توق رەڭلىك ئەنئەنىۋى كىيىم ـ كېچەك كىيسەك، ئاق كوينەك كىيىپ، كۆز قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان گالىستۇك تاقىۋالساق كۇپايە، دەپ ئويلىشاتتى.
       سىتىپانغا ئاجايىپ بىر يېڭى يىل سوغىسى تەييارلاش تاپشۇرۇلدى.
       مېھمانلار ئارقا ـ ئارقىدىن داچىغا كېلىشتى. ئاسپىرانت ئۆز ئاپتوموبىلىدا كەلدى. ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىدىن بىر قانچە قىزمۇ چۈشتى. سىتىپان بۇ ئاسپىرانتنىڭ پەلەمپەيدە بىر قىزنى قۇچاقلاپ سۈيۈپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ قالدى.
        ـ ئەبلەخ! ـ دىدى سىتىپان ئاچچىغى بىلەن، ئۇنىڭ كەيپىياتى شۇ ھامانلا بۇزۇلدى. « پويىزغا ئولتۇرۇپ، ياتىغىمغا قايتىپ ئۇخلىغىنىم تۈزۈك ئىكەن» دەپ ئويلىدى.
       ئەمما، سىتىپان قايتىپ كەتمىدى، ئۇ سىرتتا خېلى ئۇزۇنغىچە ئايلىنىپ يۈردى. ئۆي ئىچىدە چىراقلار چاقناپ تۇراتتى دەرىزىدىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى. سائەت ئىستىرىلكىسى 12 گە چارەك قالغانلىغىنى كۆرسەتكەندە «ئەمدى ئۆيگە كىرىش كېرەك!» دىدى ـ دە، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئىشىكنى ئاچتى.
       ـ نەلەردە يۇردۇڭ؟ ـ دىيىشتى كۆپچىلىك ئۇنىڭغا.
       ـ ئورمانلىقتا قار مەلىكىنى ئىزلەپ يۈرگەندۇ! ـ ئاسپىرانت ئۇنى چېقىۋالدى.
       سىتىپان ئۇنىڭغا قاراپ بىر ئالايدى ـ يۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ پىسەنت قىلمىدى. ئاھ! ئاسپرانت شۇ مىنۇتتا ئۇنىڭغا دوزاق كۈرۈنەتتى! « ئەنە شۇنداق يۈز ـ كۆزىنى ئۇپا ـ ئەڭلىك بىلەن بوياپ، قۇرۇق گەپ سېتىپ، باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىدىغان كىشىلەرنىڭ تېخى بازىرى بار!» دەپ يلىدى سىتىپان.
       ئاسپرانت چاچلىرىنى مايلاپ تاراپ پارقىرىتىۋەتكەن بولۇپ، شالاڭ چاچلىرى تاقىركاللىسىنى ئاران ـ ئاران يېپىپ تۇراتتى. كاستۇم ـ بۇرۇلكىسىنى دەزماللىغان، شىبلىتىنى پارقىراتقان بولۇپ، كۆرەڭلىك بىلەن كز قېنىغا پايمايتتى.
       ـ يولداشلار، ۋاقىت توشتى، قېنى مەرھەمەت! ـ رالېشكا مېھمانلارنى ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى ۋە يېنىدىكى بوش ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ دىدى، ـ سىتىپان، مانا بۇ يەرگە ئولتۇرۇڭ!
       شۇ ھامانلا سىتىپاننىڭ يۈزى قىرىزىپ ، ئوت بولۇپ ياندى. ئۇ ھاياجانلىنىپ، نەپەسمۇ ئالالماي قالدى ـ دە، گالىستۇگىنىڭ تۆۋىنىدىكى گۈگمىلىرىنى يېشىۋەتتى. ئاسپىرانت نېپىز لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ، كۆزلىرىنى قىسىپ، سىتىپاننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن قىستىپ ئۆتۈپ، رالېشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇشنى كۈزىتىپ تۇراتتى.
       ئېلېكتىر چىراقلىرى ئۆچۈرۈلۈپ شاملار ياندۇرۇلدى. دەرىزە تۈۋىگە قۇيۇلغان كىچىك ئاق قارىغاي ئورناشتۇرۇلغان رەڭدار، ئۇششاق بايرام چىراقلىرىمۇ ياندى. ئاق قارىغايدىكى رەڭگارەڭ چىراقلار ۋە زەر رەڭ، كۈمۈش رەڭ لىنتىلار ئۆكزنى قاماشتۇراتتى. كۆپچىلىك جىمغىنا ئولتۇرۇپ رادىيوغا قۇلاق سېلىشتى ....... دىكتور يېڭى يىل ماقالىسىنى ئومۇماقتا ئىدى. كرېمىل سارىيىدىكى سائەت 12گە بەلگە بەردى.
       1977 ت يىل يېتىپ كەلدى! سورۇننى «ھۇررا!» ساداسى، رۇمكىلارنىڭ ئۇرۇلۇشلىرى كۆتىرىۋەتكىلى تاس قالدى.
       ـ سىتىپان، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك ! ھەممە ئىشىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي! ـ دىدى رالېشا.
       ـ بەختلىك بولۇڭ! ھەممە ئىشىڭىز كوڭۈلدىكىدەك بولسۇن! ـ دىدى سىتىپان ۋە قەدەھنى كۆتىرىپ، شاراپنى بىراقلا ئىچىۋەتتى.
       سورۇننىڭ كەيپىياتى بارغانچە قىزىپ كەتتى. بەزىلەر قەدەھلىرىنى كۆتىرىپ بىيىت ئوقۇيتتى، بەزىلەر قەدەھ سوقۇشتۇراتتى، بەزىلەر قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ بىر ـ بىرىگە شاراپ ئىچۈرەتتى، بەزىلەر ناخشا توۋلايتتى.
       ـ ئاغىنىلەر، مەن تانسا ئويناشنى تەكلىپ قىلىمەن! ـ دىدى ئاسپرانت.
       ئۇن ئالغۇ چېلىشقا باشلىدى. كۆپچىلىك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۆي ئوتتۇرىسىدا تانسىنى باشلىۋەتتى. جاراڭلىق مۇزىكا ساداسى كۈلكە ۋە چاخچاقلارنى بېسىپ كەتتى. كشىىلەرنىڭ قول ـ پۇتلىرى، ھەتتا يەلكە ۋە كاسسا ـ يوتىلىرىمۇ ئويناپ كەتتى.
       سىتىپان كىشىلەرنىڭ تانسا ئوينىشىغا قاراپ بىر چەتتە تۇراتتى. ئۇ كۆڭلىدىن: « بۇلار مېخانىك ئادەملەرنىڭ نەق ئۆزىغۇ! ئۇلارنىڭ ئويناۋاتقىنى قايسى قەبىلىنىڭ قەدىمىي دىنىي ئۇسۇلى؟» دىگەنلەرنى ئۆتكۈزەتتى.
       ـ ئويناڭلار ياشلار، ئويناڭلار، كۈلۈڭلەر! ـ رالېشانىڭ ئەتراپىنىلا چۆگىلەپ يۈرگەن ئاسپرانت توختاۋسىز ۋاقىرايتتى. 2 قىز سىتىپاننىڭ ئالدىغا تەڭلا كەلدى. ئەمما، سىتىپان پەقەت رالېشا بولەنلا تانسا ئويناشنى خالايتتى. شۇڭا ئۇ:
       ـ كەچۈرۈڭلەر، مەن ھازىرقى زامان تانسىسىنى ئويناشنى بىلمەيمەن، ـ دىدى.
       ـ ئۆزىڭىزمۇ ھازىرقى زامان ئادىمىگە ئوخشىمايسىز، ـ دىدى بىرى ۋالاقلاپ.
       ـ مەن مۇنداق يىگىتلەرگە ئامراقمەن! ـ دىدى يەنە بىرى ۋە سىتىپاننىڭ قولىدىن تارتىپ تانسا مەيدانىغا ئېلىپ چۈشتى.
       سىتىپاننىڭ قەدەملىرى خۇددى ئۆز ئورنىدا مەشكە دەسسىگەندەك بىر ئىزىدىن قوزغالمايتتى.
       ـ بەك كەمتەر ئىكەنسىز، سىز ھەرقانداق تانسىنى ئوينىيالايسىز، ـ دىدى قىز ۋە توساتتىنلا ئۆزىنى سىتىپانغا چاپلاپ، ئۇنىڭ ھاياجاندا تەرلەپ كەتكەن قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى.
       سىتىپان قىزنى ئەمدىلا تونىدى. بۇ، ئاسپرانت بايا پەلەمپەيدە سۆيگەن ھېلىقى قىز ئىدى. ئۇ ئاسپرانتنىڭ ئېلىپ كەلگىنىگە، قارىغاندا، ئۇنىڭ دوستى بولسا كېرەك، ستىپانلارغا ساۋاقداش ئەمەس ئىدى.
       ـ كەچۈرۈڭ ! مەن كۆپچىلىككە بىر ... نىمە دىسەم بولۇر، ھە، بىر  ئويۇن تەييارلىغان ئىدىم. ـ سىتىپان شۇنداق دىدى ـ دە، قىزدىن ئايرىلدى.
       ـ قاراڭلار، ئەسلى ئۇ ئەرتىس ئىكەن ـ دە! دىدى قىز كۈلۈپ.
       سىتىپان رالېشانىڭ يېنىغا كەلدى. رالېشا تانسىدىن چۈشۈپ، جوزىنىڭ يېنىدا توغاچتەك قىزىرىپ ئۆرە تۇرغىنىچە مەي ئىچىۋاتاتتى.
       ـ قەدىرلىك سىتىپان، بىزگە ئاجايىپ سوغىڭىزنى قاچان كۆرسىتىسىز؟ ـ دىدى ئۇ ئەركىلەپ.
       ـ مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا كۆرسىتىشىم مۇمكىن، قېنى كۆپچىلىك، بولمىسا قېلىن كىيىنىپ ئارقامدىن يۈرۈڭلەر! دىدى سىتىپان بۇيرۇق ئاھاڭىدا.
       ساۋاقداشلار ۋاڭ ـ چۇڭ كۆتىرىپ سىرتقا ئېتىلدى. سىتىپان رالېشانىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. باشقىلار ئۇلارغا ئەگەشتى.
       يول يۈزىنى بىر قەۋەت نېپىز ئاق قار قاپلىغان ئىدى. سىتىپان ۋە رالېشا ھەممىنىڭ ئالدىدىدا يول باشلاپ ماڭاتتى.
       ـ «سۇسانىن» سەن بىزنى نەگە باشلاپ بارىسەن؟ بۇ يەردە يول يوققۇ؟ ـ ئارقىدىن ئاسپرانتنىڭ مەسخىرىلىك ئاۋازى ئاڭلاندى.
       ـ مانا، مانا كەلدۇق، بىر مىنۇتتا يېتىپ بارىمىز! ـ دىدى سىتىپان.
       ئۇ قاردۆۋىسىنى ئېچىۋىدى، «چىكاككىدە» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ رەڭدار بايرام چىراقلىرى قادالغان ئاق قارىغاي كىشىلەرنىڭ ئالدىدا كۆز چاقنىتىپ پەيدا بولدى. رالېشا خوشاللىغىدا سەكرەپ كەتتى ـ دە، سىتىپاننىڭ مەڭزىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى. بۇ تۇيۇقسىز سۆيۈشتىن سىتىپان خۇدىنى يوقىتىپ قويدى.
       ـ يارەيسەن سىتىپان! ـ دەپ ۋاقىراشتى كۆپچىلىك خوشاللىقتا. سىلەر سىبىرىيىدە يېڭى يىل بايرىمىدا ئورمانلىقلاردا مۇشۇنداق ئاق قارىغاينى بېزەمسىلەر؟
       ـ ھازىرچە ئۇنداق ئەمەس. ئەمما، كەلگۈسىدە سىبىرىيىنىڭ قەدىمىي ئورمانلىقلىرىدا يېڭى شەھەر بىنا قىلىنغاندا كىشىلەر بايراملىق ئاق قارىغاينى كەسمەيدىغان، ھەر بىر بوۋاق توغۇلغاندا ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئۆيى يېنىغا بىر تۇپ ئاق قارىغاي تىكىدىغان بولىدۇ.
       ـ يىگىتلەر، قاراڭلار، ئەسلى ئۇ شائىر ئىكەن ـ دە!
       ـ شۇنداق .... خۇددى رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل، بەختىيار تۇرمۇش خىلۋەت جايدا رىياللىققا ئايلانغان چاغدا شائىرلار ئۇنى مەدھىيىلەپ داستان قەسىدىلەرنى يازىدۇ! ـ سىتىپان سۆزىنى تۈگەتتى.
       ـ بەلكى سىز بىزگە ئۆزىڭىز يازغان بىرەر شېئىرنى ئوقۇپ بېرىدىغانسىز؟ ـ دەپ سورىدى ئاسپرانت مەسخىرە قىلىپ.
       ـ ئۆز شېرىڭىزنى؟ ئەلۋەتتەمۇمكىن.
       سىتىپاننىڭ كۆزلىرى رالېشانى ئىزلەپ تاپتى. ئۇ ئۆز شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
       ـ قىزلار، بىزنىڭ بۇ ئېيىق ئەسلى شائىر ئىكەن ـ دە!
       كۆپچىلىك ئاق قارىغاينى چۆرىدەپ ئۇسۇلغا چۈشتى.  ئورمانلىق شات ناخشا ساداسى ۋە كۈلكىگە تولدى يۈزلىرى سوغاقتا گىردىدەك قىزارغان كۆپچىلىك ئارقا ـ ئارقىدىن داچىغا قاراپ كېتىشتى.
       سىتىپان باتارىيە كۇنۇپكىنى ئېتىۋىدى، ئاق قارىغايدىكى چىراقلار شۇ ھامانلا ئۆچتى. ئۇ رالېشا بىلەن سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قالدى.
       يېڭى يىل سوغىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سىتىپانغا زور ئىلھام بولدى. ئۇ ، ئەمدى رالېشاغا ئىشقىمنى ئىزھار قىلىسنىڭ پۇرسىتى كەلدى، دەپ ئويلىدى ـ دە:
       ـ رالېشا، ـ دىدى قىزنى توختىتىپ، ـ مەن سېنى سۆيىمەن! ئوقۇش تاماملانغاندا بىز بىرلىكتە سىبىرىيىگە بارايلى. مەن ھەر يىلى ئورمانلىقتا ساڭا مانا شۇنداق بىر ئاق قارىغاينى ياساپ بېرىمەن.
       ـ ئوچۇغىنى ئېيتقاندا، ئۆينىڭ قېشىدا، يېڭى تۆرەلگەن بوۋاقنى تەبرىكلىگەن چاغدا........ ـ دىدى رالېشا سوغاققىنا.
       سىتىپاننىڭ يۈرەك تارى جىغغىدە قىلىپ كەتتى. قىز ئۇنىڭ  كۆڭلىنى رەت قىلغان ئىدى.
       ـ ياق ، سىتىپان، مېنى كەچۈر! سېنىڭ خىيالىك پەقەت بىر خىيالپەرەسنىڭ خام خىيالىدىنلا ئىبارەت. ئەمما، ماڭا لازىمى ھازىرقى زاماننىڭ رىيال تۇرمۇشى. سەن ناھايىتى ياخشى يىگىتسەن. ئەمما، مەن ئۇ يەردىكى قاتتىق سوغاققا چىدىيالمىسام كېرەك، ئورمانلىقتىكى قىزىلگۈل قاچان يانۋاردا ئېچىلغان؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، مەن كۈتۈپ تۇرالمايمەن. ماڭا ئاددىلا تۇرمۇش كېرەك. ماڭا ئاجايىپ ـ غارايىپ رومانتىك تۇرمۇشنىڭ لازىمى يوق. ماڭا ھازىر لازىمى ئولتۇرىدىغان بىر يۈرۈش ئۆي، ئېلىمىزدە ئىشلەنگىنى بولسىمۇ بىر ئاپتوموبىل ۋە ئوقۇمۇشلۇق ئەر. ئۆزەمگە كەلسەم، ئونۋېرسېتىتنى تاماملىغان دىپلوملۇق ئائىلە ئايىلى بولۇپ، ئائىلىۋى كىرىم ـ چىقىمنى باشقۇرۇشلا كۇپايە.
       سىتىپان كزىنىڭ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى. رالېشا ئەسلى بىر چىرايلىق مۇردا، كىشىلەرنىڭ چاڭگىلىدىكى قوچاق ئىكەنغۇ؟
       ـ ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ؟ ئۇ مۇشۇ يىللاردا سۆيگەنلەر قانداق كىشىلەر؟ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەرمۇ...... سىنىپتا ئاددى ـ ساددا، ئاق كۆڭۈل، قەلبى كەلگۈسى ھاياتقا بولغان ئىشەنچكە تولغان غايىلىك قىزلار نۇرغۇن. سىبىرىيىدىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىمۇ سىتىپان نۇرغۇن قىزلارنى كۆرگەن. ئۇلار پاختىلىق پىلاش، قونچىلىق ئۆتۈكلەرنى كىيىۋالغان، كۆرۈنۈشى گۈزەل ئەمەس. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىشلىرى ئاجايىپ گۈزەل. ھالبۇكى، رالېشا سىتىپاننى قەستەن كولدۇرلىتىۋاتامدۇ ـ يە؟
       ـ رالېشا، سەن قەيەردە مەن سېنى كۈتۈۋاتىمەن! ـ ئاسپرانتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
       «مەن رالېشاغا لايىق ئادەم، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئادەم» دەپ ئويلىدى سىتىپان. توساتتىن ئۇنىڭ ئېسىگە پەلتۇسىنىڭ ئىچكى يانچۇغىدىكى قىزىلگۈل كەلدى. ئۇ ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرغان قىزىلگۈلنى ئاۋايلاپ ئېلىپ رالېشاغا سۇندى.
       ـ ئەپۇ قىلىڭ، گۈلۈم پەقەت بىر تاللا بولۇپ قالدى.
       رالېشا گۇلنى ئېلىۋاتقاندا، دىقەتسىزلىكتىن قولىنى گۈلنىڭ تىكىنىگە ئۇرۇۋالدى. ئۇ قولىنى «ۋاي» دەپ تارتىۋالدى. گۇل ئاق قار ئۈستىگە چۈشتى. رالېشا بىلەن سىتىپاننىڭ كۆزى ئوخشىمىغان نەزەردە ئاق قار ئۈستىدىكى قىزىلگۈلگە چۈشتى. گۈل بەرگىلىرى قاتتىق سوغاق تەسىرىدىن ۋىژژىدە قورۇلدى. ئۇ تىترەپ ـ تىترەپ، ئاستا سولىشىپ توزۇپ كەتتى.
        سىتىپان نىمە قىلەرىنى بىلمەي قالغان رالېشاغا بىر قاراپ قويدى ـ دە، گەپ ـ سۆز قىلماستىن چوڭ قەدەملەر بىلەن پويىز ئىستانىسىغا كەتتى.
     

        سوۋېت يازغۇچىلار نەشرىياتى نەشىر قىلغان «گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردىن كېيىن» دىگەن ھىكايىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ماخمۇتجان ئىسلام.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.