بوۋاي ۋە دېڭىز

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-09 11:15:24

بوۋاي ۋە دېڭىزئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)ئۇ مېكىسكا قولتۇقىدا تەنھا ئۆزى قېيىق بىلەن بېلىق تۇتىدىغان بوۋاي ئىدى. ئۇ 84 كۈننى ئۇدا دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، قېرىشقاندەك بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمى...

    بوۋاي ۋە دېڭىز


    ئېرنېست ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا)

     

    ئۇ مېكىسكا قولتۇقىدا تەنھا  ئۆزى قېيىق بىلەن بېلىق تۇتىدىغان بوۋاي ئىدى. ئۇ 84 كۈننى ئۇدا دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، قېرىشقاندەك بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمىدى. دەسلەپكى 40 كۈنگىچە بىر بالا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانىدى. بىراق ھەر كۈنى قۇرۇق قول كېلىۋەرگەچكە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنىڭ تەلىيى تەتۈر كېلىۋاتىدۇ، دەپ بالىسىغا باشقا قېيىققا ئالمىشىشنى بۇيرۇدى. بالا ئالماشقان قېيىق ، تۇنجى ھەپتىسلا ئوبدان بېلىقتىن ئۈچنى تۇتتى. بالا، بوۋاينىڭ ھەر كۈنى قۇرۇق قول قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بەكمۇ ئازابلىناتتى ھەم قىرغاققا بېرىپ بوۋاينىڭ يۆگەپ قويۇلغان قارماق تانىسى، قارماق، بېلىق سانجىيىدىغان ئارا ۋە ماچتقا يۆگەلگەن يەلكەن قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئېپكېلىشىپ بېرەتتى. بوۋاينىڭ يەلكىنى ئۇن خالتىلىرى بىلەن قاتمۇ قات يامالغاچقا ، يۆگىگەن چاغدا كىشىگە بەئەينى مەغلۇب بولۇشتىن بېشارەت بېرىۋاتقان بايراقنى ئەسلىتەتتى.

     بوۋاينىڭ بوينى چوڭقۇر قورۇقلار بىلەن تولغاچقا، ئورۇق ۋە سولغۇن كۆرۈنەتتى. ئىككى ئالقىنىدا ئارغامچا تارتىشتىن ھاسىل بولغان قاپارتقۇلار بار ئىدى. بۇ كونا قاپارتقۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خۇددى سازلىقلاردىكى سۈيى تۈگەپ قاغجىراپ كەتكەن يەرلەرگە ئوخشاپ قالغانىدى.

    ئۇنىڭ جىسىمىدىكى ئىككى كۆزىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىدىن قېرىلىق بىلىنىپ تۇراتتى. پەقەت دېڭىز سۈيىگە ئوخشايدىغان كۆك كۆزلىرىلا، گويا مەيۈسلىنىش دېگەننى ئۆزىگە يولاتمايدىغاندەك ھامان شاتلىق ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن چاقناپ تۇراتتى.

    -ساندىياگ،-دېدى بالا، ئۇلار قېيىقنى باغلاپ قويغان جايىدىن قايتىۋاتقاندا،-ئائىلىمىز ئاز-تولا پۇلغا ئېرشىۋالدى، شۇڭا بۇندىن كېيىن يەنە سىزگە ھەمراھ بولاي دەيمەن.

    بالا ئۆزىگە بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن بۇ ئۇستازىغا بەك ئامراق ئىدى.

    -ياق،-دېدى بوۋاي،-سىلەرنىڭ قېيىقىڭلارنىڭ ئامىتى كېلىۋاتىدۇ. شۇ قېيىق بىلەن بىللە بولىۋەر.

    -بىراق سىزنىڭ بۇرۇنمۇ ئۇدا 87 كۈنگىچە بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمىغانلىقىڭىز، كېيىن يەنە قانداق قىلىپ ئۈچ ھەپتىگىچە ھەر كۈنى دېگۈدەك چوڭ بېلىقلارنى تۇتالغانلىقىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟

    -ئېسىمدە،-دېدى بوۋاي،-سېنىڭ مەندىن ئايرىلىپ كېتىشىڭنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭدىن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن.

    -دادام سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى يىرالمىدىم.

      -بىلىمەن،-دېدى بوۋاي،-شۇنداق قىلغىنىڭ توغرا بولدى.

      -دادام ئىشەنچ قىلالمىدى.

    -شۇنداق بولغاندۇ، بىراق بىز ئىشەنچ قىلىمىز، شۇنداقمۇ؟

    -شۇنداق بولمايچۇ، سىزنى دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىدا بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن. پىۋا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بېلىق تۇتىدىغان نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەيلى، بولامدۇ؟

     -بولمايدىغان نېمىسى بار، بېلىقچىلار ھەممىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.

    ئىككىيلەن دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىغا كىرىپ ئولتۇردى. بوۋاي، بېلىقچىلارنىڭ قوپال چاقچاقلىرىغىمۇ تېرىكمىدى. بەزىلەر بوۋايغا ھېسداشلىق بىلەن قاراپ، كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىناتتى. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھېسىياتلىرىنى ئاشكارلىماستىن، دېڭىز ئېقىمى ئۈستىدە، قارماقلىرىنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە قانداق سالغانلىقى ۋە خېلىدىن بۇيان ھاۋا رايىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدە، قىسقىسى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن -ئاڭلىغان ئىشلىرى ئۈستىدە پىچىرلىشىپ سۆزلىشەتتى. شۇ كۈنى، تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن بېلىقچىلار ئۆزلىرى تۇتقان ساقانقۇر بېلىقلىرىنىڭ قورسقىنى يېرىپ، ئۇنى ئىككى پارچە تاختاينىڭ ئۈستىگە قويۇشتى. ئاندىن ھەر بىر  تاختاينىڭ بىر ئۇچىنى ئىككىدىن ئادەم كۆتۈرۈپ، ئىغاڭلاپ مېڭىپ، بېلىق مەيدانىغا ئېلىپ بېرىشتى-دە، ھاۋانا بازىرىغا بارىدىغان سوغۇق ساقلاش ماشىنىسىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. لەھەڭ تۇتقان بېلىقچىلار بولسا، لەھەڭلىرىنى تۇزلاش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ، كانارىلارغا ئېسىپ، ئىچ -قارنىنى تازىلىغاندىن كېيىن ئۈزگۈچ قانىتىنى كېسىپ تاشلاپ، قاسىرىقىنى سويۇشتى ۋە گۆشىنى تۇزغا چىلىغۇدەك پارچە-پارچە قىلىپ چاناپ تەييارلاشتى.

    شەرق شامىلى چىققان چاغلاردا، پورت تەرەپتىكى لەھەڭ تۇزىلاش مەيدانىدىن بىر خىل قويۇق قاڭسىق پۇراق كېلىپ تۇراتتى، بىراق بۈگۈن لەرزان جەنۇب شامىلى چىققانلىقتىن، بۇ خىل پۇراق ئىنتايىن سۇس ئىدى. مەيخانا قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇراتتى. ھاۋا تولىمۇ يېقىملىق ئىدى.

    -ساندىياگ،-دېدى بالا.

         -ھە!-دېدى بوۋاي. ئۇ رومكىنى تۇتقان پېتى نۇرغۇنيىللار ئىلگىرىكى ئىشلارنى كۆڭلىدىن كەچۈرىۋا-

    تاتتى.

    -سىزنىڭ ئەتە ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق ساردىن بېلىقى ئالغاچ كېلەيمۇ؟

    -ياق، ئەمدى سەن بېرىپ لېيچۇر ئوينا، مېنىڭ تېخى قېيىق ھەيدىگۈدەك مادارىم تۇرسا، روجروئو جەمئىيىتى ماڭا تور لېيىتىپ بېرەمدۇ؟

    -ماقۇل دېسىڭىزچۇ، سىز بىلەن بىللە بېلىق تۇتقىلى بارالمىساممۇ، ئاز-تولا باشقا ئىش قىلىپ بەرسەم دەيمەن.

    -مانا بىر بوتۇلكا پىۋا ئېلىپ بەردىڭغۇ،- دېدى بوۋاي،- بالام سەن ئەمدى چوڭ بولۇپ قالدىڭ.

    -سىز مېنى تۇنجى قېتىم  قېيىققا ئېلىپ چىققاندا نەچچە ياشتا ئىدىم؟

    -بەش ياشتا، شۇ كۈنى، مەن قېيىققا تارتىپ چىققان شوخ بىر بېلىق، قېيىققا ئۈسۈپ پارە-پارە قىلۋەتكىلى قىل قالغان سېنىڭمۇ قورقىنىڭدىن جېنىڭ چىقىپ كېتەي دېگەن، شۇ ئىشلار ئېسىڭدىمۇ؟

    -ئېسىمدە قېلىشچە، بېلىق قۇيرۇقىنى پالاقشىتىپ ئۇرۇۋېرىپ، قېيىقنى يېرىۋەتكەن ئىدى، سىز بېلىقنى كالتەك بىلەن ئۇرغانتىڭىز. مېنى قېيىقنىڭ باش تەرەپىدىكى قارماق تانىسى قويۇلغان جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغىنىڭىزدا، قېيىق تىترەۋاتقاندەك تۇيۇلغان ئىدى. گويا دەرەخ كەسكەندەك، بېلىقنى كالتەك بىلەن ئۇرغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرغانتىم. ئارقىدىن ئىسسىق قان پۇرىقىدىن پۈتۈن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتكەن ئىدى.

    -شۇ ئىشلار راستتىن ئېسىڭدىمۇ ياكى كېيىن مەن دەپ بەرگەنمىدى؟

    -سىز بىلەن تۇنجى قېتىم بىللە دېڭىزغا چۈشكەندىن بۇيانقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بەش قولدەك ئېسىمدە.

    بوۋاي، ئاپتاپ چېقىپ كەتكەن قەيسەر، مېھرىبان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى.

     -سەن مېنىڭ ئۆز بالام بولغىنىڭدا، سېنى بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، ئوبدان چېنىقتۇرۇپ چىققان بولاتتىم، بىراق سەن ئۆز ئاتا-ئاناڭنىڭ بالىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامەتلىك بىر قېيىققا ئىلناشتىڭ.

       -مەن بېرىپ سارتىن بېلىقى ئېلىپ كەلسەم قانداق؟ ھېلقى تۆت تال بېلىق يېمىنى قەيەردىن ئېلىشنىمۇ بىلىمەن.

    -بۈگۈن مەندە ئېشىپ قالغانلىرى بار. مەن ئۇنى تۇزلاپ قۇتىغا سېلىپ قويدۇم.

    -ئۇنداقتا مەن يېڭىدىن تۆت تال ئېلىپ كېلەي.

    -بىر تال،-دېدى بوۋاي.

    -ئىككى تال،-دېدى بالا.

    -مەيلى،-بوۋاي ماقۇللۇق بىلدۈردى،-ئوغىرلاپ كەلمەيدىغانسەن؟

    -ئوغىرلاشقىمۇ تەييارمەن،-دېدى بالا،- بىراق بۇ قېتىمقىنى پۇلغا ئالىمەن.

    -رەھمەت ساڭا.

       ئۇ تولىمۇ ساددا بالا بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەمتەرلىك قىلغانلىقىدىن قىلچە ئەجەبلەنمەيتتى. لېكىن ئۆزىنىڭ كىچىك پېئىل بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق كىچىك پېئىللىقنىڭ ھېچقانداق خورلۇق  ھېسابلىمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ھەققى غۇرۇرنى ساقلاشقا دەخلى يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

    -ھە،دېڭىز ئېقىمىدىن قارىغاندا ئەتە چوقۇم ياخشى كۈن بولىدۇ،-دېدى بوۋاي.

      -سىز قەيەرگە بارىسىز؟

      -يىراقراق باراي دەيمەن. شامال كەينىگە قايتقاندا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قايتىپ كېلىمەن. تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى يۈرۈپ كېتىمەن.

     -مەنمۇ ئۇنىڭغا يىراقراق بارايلى دەپ باقايمىكىن،- دېدى بالا،- مۇبادا سىز چوڭ بېلىقتىن بىرەرنى تۇتۇۋالسىڭىز، بىز بېرىپ ياردەملىشەلەيمىز.

        -ئۇ، قېيىقنى يىراققا ئاپىرىشنى خالىمايدۇ.

        -شۇنداق،-دېدى بالا،- بىراق مەن خۇددى يەم ئىزلىگەن قۇشلاردەك ئۇ كۆرەلمىگەن نەرسىلەرنى كۆرۈۋالالايمەن. يۇنۇس بېلىقلىرىنى، مەن كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ قوغلايدۇ.

       -ئۇنىڭ كۆزى شۇنچە يارىماسمۇ؟

       -ئۇنى ئەما دېسەكمۇ بولىدۇ.

       -بۇ غەلىتە ئىشقۇ،- دېدى بوۋاي ئويلىنىپ،- راسىت، ئۇ ئەزەلدىن دېڭىز تاشپاقىسى تۇتمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى دېڭىز تاشپاقىسىنى تۇتىمەن دەپ ناكا بولغان ئەمەسمۇ.

       -سىزمۇ مۇسجىد دېڭىز قولتۇقىدا، دېڭىز تاشپاقىسىنى شۇنچە يىللار تۇتتىڭىز، كۆزىڭىز يەنىلا ئۆتكۈرغۇ؟

    مەن بىر غەلىتە ئادەم.

    -بىراق، سىزدە ھازىر بىرەر تال چوڭ بېلىق تۇتقۇدەك مادار بارمۇ؟

    -بولمامدىغان، بېلىق تۇتۇشقا شۇنچە كۆپ ئېپىم تۇرسا.

    ئۇلار مەيخانىدىن چىقىپ قېيىق ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى يىغشتۇرۇشقا باشلىدى. بوۋاي، ماچتىنى دولىسىغا ئالدى. بالا، ياغاچ ساندۇقنى قۇچاقلاپ كۆتەردى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە چىڭ يۆگەپ قويۇلغان قوڭۇر رەڭلىك قارماق تانىسى، قارماق ۋە بېلىق سانچىيىدىغان ساپلىق ئارا قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى. بېلىق يېمى قاچىلانغان قۇتا، بىر دانە كالتەك بىلەن قېيىقنىڭ تۇمۇشۇق تەرىپىدە تۇراتتى. بوۋاينىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى باشقىلار ئوغرىلاپ كەتمەيتتى، ئەلۋەتتە. لېكىن شەبنەمدە ھۆل بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يەلكەن ۋە شۇنچە ئېغىر قارماق تانىلىرىنى يەنىلا ئۆيگە ئېلىپ كەتكەن تۈزۈك ئىدى شۇنداقلا ئۆزەڭگە پۇختا بول، خوشناڭنى ئوغرى تۇتما، دېگەندەك ھەرخىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن، بېلىق سانچىيىدىغان ئارا ۋە قارماقلارنىمۇ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش لازىملىقىنى بوۋاي ئوبدان بىلەتتى.

    ئۇلار نەرسە-كېرەكلىكىنى كۆتىرىپ كەپىگە كىرىشتى. بوۋاي، ماچتىغا يۆگەلگەن يەلكەننى تامغا يۆلەپ قويدى. بالا، ساندۇق بىلەن قېيىقنىڭ باشقا سايمانلىرىنى ماچتىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى. ماچتا، كەپىنىڭ ئۇزۇنلۇغى بىلەن تەڭ ئىدى. كەپە بولسا ئاپلېسىن دەرىخىنىڭ قاتتىق قوۋزاقلىرى ۋە : دېڭىز قۇشلىرى مايىغىدىنياسالغان ئىدى. كەپىنىڭ ئىچىدە بىر كارىۋات، بىر دانە تاماق شىرەسى، بىر دانە ئورۇندۇق بار ئىدى.كەپىنىڭ بىر تەرىپىگە ئازراق ياغاچ كۆمۈرى قويۇلغان. ئۇنىڭ يېنىغا ئوچاق ياسالغان ئىدى. قاتتىق تالالىق "دېڭىز قۇشلىرى مايىغى" نىڭ يوپۇرماقلىرى بىر -بىرىگە كىرىشتۈرۈلۈش ئارقىلىق قوپۇرۇلغان قوڭۇررەڭ تامغا، ئىككى دانە خەرىتە ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. بۇرۇن ئۇ، خوتۇنىنىڭ رەڭلىك سۈرىتىنى تامغا ئېسىپ قويغان، بىراق كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا ئۆزىنى غېرىپلىق باسقاچقا، سۈرەتنى ئېلىۋەتكەن ئىدى.

    - نېمە يىگۈڭىز بار؟-دەپ سورىدى بالا.

    -بېلىق ئارلاشتۇرۇلغان بىر قاچا تېرىق ئۇمىچى بار، سەنمۇ ئازراق ئىچەمسەن؟

    -بولدى، مەن ئۆيگە بېرىپ غىزالىنىمەن، ئوت يېقىپ بېرەيمۇ؟

    -ياق، بىردەمدىن كېيىن ئۆزۈم ياقىمەن ياكى سوغۇق پېتى ئىچىۋەرسەممۇ بولىۋېرىدۇ.

    -مەن بېرىپ تورنى ئېلىپ كەلسەم بولامدۇ؟

    -بولمامدىغان.

    راستىنى ئېيتقاندا تور يوق ئىدى. ئۇنىڭ تورنى سېتىۋەتكەنلىكىنى بالا بىلەتتى. بىراق ئۇلار ھەر كۈنى مۇشۇنداق بىرەر يېرىم يالغان گەپ توقۇيتتى. بالا يەنە بېلىق ئارىلاشتۇرۇلغان بىر قاچا تېرىق ئۇمىچىنىڭ يوقلۇقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى.

    -«85»، ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدىغان سان،- دېدى بوۋاي،- سەن مېنىڭ مىڭ قاداق ئېغىرلىقتىكى بېلىقنى قانداق تۇتقانلىقىمنى كۆرۈشنى خالامسەن؟

    -مەن تورنى ئېلىپ سارتىن بېلىقى تۇتۇپ كېلەي. ئاڭغىچە سىز ئىشىك تۈۋىدە ئاپتاپسىنىپ تۇرۇڭ-ھە.

    -ماقۇل، مەندە تۈنۈگۈنكى گېزىت بار، لېيچۇر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇراي.

    بالا، بوۋاينىڭ تۈنۈگۈنكى دېگىنىنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقىنى بىلمەيتتى. بىراق بوۋاي ھەر ھالدا بىر پارچە گېزىتنى كارۋاتنىڭ ئاستىدىن تارتىپ چىقاردى ۋە:

     -بۇ گېزىتنى ماڭا بارىكو، مەيخانىدا بەرگەن،- دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.

    -مەن سارتىن بېلىقىنى تۇتۇپ بولۇپلا قايتىپ كېلىمەن. سىزنىڭ بېلىقلىرىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ بېلىقلىرى بىلەن بىرگە مۇز ئارىسىدا ساقلاپ قويسام، ئەتە ئەتىگەندە بۆلۈشسەكمىكىن دەۋاتىمەن. مەن قايتىپ كەلگەندە، لېيچۇر مۇسابىقىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى سۆزلەپ بېرىسىز.

     -ئامېرىكا كوماندىسى يېڭىلمەيدۇ.

     -بىراق مەن كېلۋېلاندنىڭ ئىندىئانلار كوماندىسىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.

       -يىگىتچاق، ئامېرىكا كوماندىسىغا ئىشەنگىن. ماجئۇنى ئېسىڭدىن چىقاردىڭمۇ؟

       -مەن دېترويت يولۋاس كوماندىسىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، كېلۋېلاندنىڭ ئىندىئانلار كوماندىسىدىنمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن.

      -ئېھتىيات قىل، سىنسىنناتى قىزىللار كوماندىسى بىلەن چېكاكو ئاق پايپاقلىقلار كوماندىسىدىنمۇ قورقۇپ كەتمە يەنە.

     -سىز گېزىتنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەندە سۆزلەپ بېرىڭ.

    -سېنىڭچە، بىز ئاخىرىقىسى 85 لىك لاتارىيە بېلىتىدىن بىرنى ئالساق قانداق؟ ئەتە 85 كۈن بولىدۇ.

    - بولىدۇ،-دېدى بالا،- بىراق سىزنىڭ ھېلقى چاغدا ئالغان ئاخىرىقى 87 لاتارىيە بېلىتىڭىز قانداق بولغانلىقىنى ئۇنتۇمىغانسىز؟

    -ئەمدى ئۇنداق پالاكەت باسىدىغان ئىش بولماس. ئاخىرىقىسى 85 لىك لاتارىيە بېلىتىدىن بىرەرنى تېپىپ كېلەلەرسەنمۇ؟

    -بىرەرسىگە يېزىلالايمەن.

    -ئۇنىڭ بىر تېلى ئىككى يېرىم دوللار. ئۇ پۇلنى قەيەردىن ئارىيەت ئالىمىز؟

       -قىيىنغا چۈشمەيدۇ. مېنىڭچە ئىككى يېرىم دوللارنى ئارىيەت ئالغىلى بولىدۇ.

      -مەنمۇ ئارىيەت ئالالايدىغاندەك تۇرىمەن. بىراق مەن ئامال بار پۇل ئارىيەت ئالمايمەن. باشتا ئارىيەت ئالسام، كېيىن تىلەمچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

        -سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن بوۋا، ھازىر 9-ئاي ئىكەنلىگى ئېسىڭىزدە بولسۇن.

        -بۇ ئاي، دەل بېلىقلار ئېقىپ كېلىدىغان چاغ،-دېدى بوۋاي،- ھەر قانداق ئادەم 5-ئايدا بېلىق تۇتىدۇ.

        -ئەمىسە، مەن سارتىن بېلىقى تۇتقىلى كەتتىم.

        - بالا، كۈن پاتقاندا قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا، بوۋاي ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان پېتى ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. بالا، كارىۋات ئۈستىدىكى كونا ھەربىيچە ئەدىيالىنى ئېلىپ، ئورۇندۇقنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئارتىلدۇرۇپ، بوۋاينىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قويدى. بوۋاينىڭ ئىككى مۈرىسى غەلىتە ئىدى. گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، بەدەنلىرى ناھايىتى مەزمۇت كۆرۈنەتتى. ئۇيقۇلۇقتا بېشى پەسكە ساڭگىلغانلىقتىن ، گەدىنىدىكى قورۇقلارمۇ ئانچە كۆرۈنمەيتتى. ئۈستى-ئۈستىلەپ ياماق چۈشكەن كۆينىگى، بەئەينى قېيىقتىكى يەلكەنگە ئوخشاپ قالغان ۋە بۇ ياماقلار ئاپتاپتا كۆيۈپ خىلمۇ خىل رەڭگە كىرگەن ئىدى.ئۇنىڭ بېشىغىمۇ قېرىلىق يەتكەن بولۇپ، كۆزىنى يۇمۇۋالسىلا ئۆلۈكتىن پەرقلەنمەيتتى. گېزىتنى تىزىغا قويۇپ جەينىكى بىلەن بېسىۋالغانلىقتىن، كەچكى شامال ئۇچۇرۇپ كېتەلمىگەن ئىدى. بوۋاينىڭ پۇتى يالىڭاياق ئىدى.

       -بالا يەنە سىرتقا چىقىپ بىر ئايلىنىپ كەلدى. بوۋاي بولسا يەنىلا ئۇخلاۋاتاتتى.

       -بوۋا كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!- دەپ توۋلىدى بالا بوۋاينىڭ تىزىنى قولى بىلەن تۈرتۈپ.

    -بوۋاي گويا يىراق سەپەردىن قايتىپ كەلگەندەك ئەسنەپ كۆزىنى ئاچتى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ :

    -نېمە ئېپكەلدىڭ؟-دەپ سورىدى.

    -كەچلىك تاماق، قېنى، غىزالىنايلى.

       -قورسىقىم ئانچە ئاچمىغانتى.

    -تاماق يېمىسەك بېلىق تۇتقىلى بولامدۇ؟ كېلىڭ، قورساقنى توقلايلى.

       -مەن ئادەتتە تاماق يېمەستىنلا بېلىق تۇتقىلى باراتتىم،- بوۋاي سۆزلىگەچ گېزىتنى قاتلاپ ئورنىدىن تۇردى، ئاندىن ھەربىيچە ئەدىيالىنى قاتلاپ قويدى.

     -ئەدىيالنى يېپىنىۋېلىڭ،- دېدى بالا كۆيۈمچانلىق بىلەن،- بۇ دۇنيادا مەنلا بولىدىكەنمەن، سىزنى ھەرگىز ئاچ قورساق بېلىق تۇتقىلى بارغۇزمايمەن.

       -ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن بالام، ئۆزۈڭنىمۇ كۆپرەك ئاسرا،- دېدى بوۋاي تەسىرلىنىپ،- قېنى نېمە يەيمىز؟

       -يېسمۇق ئارىلاشتۇرۇلغان تاماق، مايدا قورۇلغان ئاپلىسىن، يەنە ئازراق دۈملەنگەن سەيمۇ بار.

       -بالا ئىككى قەۋەت تۈنىكە قۇتىغا سېلىنغان بۇ تائاملارنى دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىدىن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاندىن ئۇ، يانچۇغىدىن پاكىز قەغەزلەرگە ئورالغان ئىككى كىشىلىك ۋىلكا بىلەن قوشۇق ئېلىپ، بىرىنى بوۋايغا ئۇزاتتى.

     -بۇلارنى ساڭا كىم بەردى؟

       - مارتىن-قېيىق خوجايىنى.

       -ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتسام بولغۇدەك.

      -مەن رەھمەت ئېيتىپ قويدۇم، سىزنىڭ رەھمەت ئېيتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

       -كېيىنچە ئۇنىڭغا بىر تال چوڭ بېلىق پۈۋەكچىسى بىرەي،- دېدى بوۋاي،- ئۇنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشى بۇ بىر قېتىمقىلا ئەمەسقۇ؟

      -شۇنداق.

        -ياق، مەن ئۇنىڭغا بېلىق كۈۋەكچىسىدىنمۇ ئوبدانراق بىر نەرسە ئاپىرىپ بېرىمەن. ئۇ بىزگە راستتىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.

      -ئۇ، بىزگە يەنە ئىككى بوتۇلكا پىۋا بەرگەن ئەمەسمۇ؟

     -شۇنداق، مەن خۇشاللىقىمىدىن بوشىغان بوتۇلكىلارغا كونسېرۋا قاچىلاپ بەرگەن ئىدىم.

     - مېنىڭمۇ ئېسىمدە، "خادىۋ" ماركىلىق پىۋا بوتۇلكىسى ئىدى. مەن ئۇلارنى ئاپىرىپ بەرگەن ئىدىم.

      -سەن راستتىن يارايسەن،-دېدى بوۋاي، خۇشال بولۇپ،- ئەمدى تاماق يەمدۇق؟

    -       مەن سىزدىن بايىلا تاماق يەمدۇق دەپ سورىغان،- دېدى بالا سەمىمىيلىك بىلەن،- سىز تەييار بولغىچە قۇتىنى ئاچمايمەن.

    -       تەييار بولدۇم،-دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ،-توختا، شاققىدە يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇۋالاي.

      « نەگە بېرىپ يۇيىدىغاندۇ؟- دەپ ئويلىدى بالا،- كەنتتىكى جۈمەك چوڭ يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە، ئىككى كوچىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سۇ، يۈز سوپۇن، ئوبدانراق لۆڭگە ئېپكېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. نېمىشقا بىپەرۋالىق قىلغاندىمەن؟ ئۇنىڭ قىشتىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن يەنە مايكا، چاپان، بىر جۈپ ئاياق ۋە بىر دانە ئەدىيال ئېپكېلىپ بېرىشىم  كېرەك.»

    -دۈملەنگەن  سەينىڭ تەمى خېلى پەيزىغۇ،- دېدى بوۋاي يەۋېتىپ.

       -لېيچۇر مۇسابىقىسىنىڭ خەۋرىنى ئېيتىپ بەرمەمسز؟-دېدى بالا.

       -مەن ئېيتقاندەك ، ئامېرىكا مۇسابىقە گۇرۇپپىسى تەرەپتە ئامېرىكا كوماندىسى ئۇتۇپتۇ،- دېدى بوۋاي شوخلۇق بىلەن.

       -بىراق، ئۇلار بۈگۈن ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ،-دېدى بالاتەن بەرمەي.

       -ھېچ ۋەقەسى يوق، ماجئۇ يەنىلا بوي بەرمەيدۇ.

       -ئۇلارنىڭ كوماندىسىدا باشقا ئادەملەرمۇ بار تۇرسا.

       -ئەلۋەتتە بار، بىراق ماجئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم-دە، يەنە بىر مۇسابىقە گۇرۇپپىسىدا، بورۇكتۇل كوماندىسى بىللەن فىلادېلفىيە كوماندىسى جەزمەن يېڭىدۇ. بىراق شۇ تاپتا راۋىشسلى ۋە ئۇنىڭ كونا لېيچۇر مەيدانىدا كۈچەپ ئۇرغان ھېلقى بىر نەچچە توپى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ.

      -ھېچكىممۇ توپنى ئۇنداق ئۇرالمايدۇ. ئۇنىڭدەك توپنى يىراقتىن ئۇرۇشنى مەن تۇنجى قېتىم كۆردۈم.

      -ئۇنىڭ دېڭىز ساھىلدىكى مەيخانا تەرەپكە ھەمىشە كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئېسىڭدىدۇر. مەن ئۇنىڭغا بىرگە بېرىپ بېلىق تۇتۇپ كېلەيلى دەپ باقايمىكىن دەپ ئويلىغانتىم، بىراق خىجىل بولۇپ قالدىم، سېنى سوراپ باق دېسەم سەنمۇ خىجىل بولاتتىڭ.

      -بىلىمەن، ئىككىمىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. ئۇنى رەسمىي تەكلىپ قىلغان بولساق، بىرگە بېرىپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئىدى ۋە بىز بۇ ئىشنى ئۆمۈر بويى ئېسىمىزدىن چىقارمىغان بولاتتۇق.

      -مەن، راۋىشسىلىنى بېلىق تۇتۇشقا بىللە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كۆپ ئويلىغان،-دېدى بوۋاي ئويچانلىق بىلەن،- ئاڭلىشىمچە، ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسىمۇ بېلىقچى ئىكەن. ئېھتىمال ئۇ چاغلاردا ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش نامرات بولغيىدى، شۇڭا ئۇ ئەلۋەتتە بىزنىڭ ياخشى كۆڭلىمىزنى چۈشىنەتتى، دەپ ئويلايمەن.

      -راۋىشىسىلىنىڭ دادىسى نامرات ئەمەسكەنتۇق، ئۇنىڭ دادىسى مەندەك چاغلاردا كاتتا بىر لېيچۇر مۇسابىقە گۇرۇپپىسىدا توپ ئوينايدىكەنمىش .

     -مەن سەندەك چاغلىرىمدا ئافرىقىغا قاتنايدىغان توغرا يەلكەنلىك پاراخوتتا ماتروس ئىدىم، مەن تېخى گۇگۇمدادېڭىز بويىغا كەلگەن شىرنى كۆرگەن.

      -ئېسىمدە، بۇ ھەقتە سىز ماڭا ئېيتىپ بەرگەن.

       -بىز ئافرىقا ئۈستىدە سۆزلىشەمدۇق ياكى لېيچۇر ئۈستىدىمۇ؟

      -لېيچۇر ئۈستىدە سۆزلىشەيلى، ماكىلاۋنىڭ ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭا.

      -بۇرۇن ئۇمۇ دېڭىز ساھىلدىكى مەيخانىغا پات-پات كېلىپ تۇراتتى. ھاراق ئىچىۋالسا بەكمۇ قوپاللىشىپ كېتەتتى. ساپلا بىمەنە گەپلەرنى قىلاتتى، مىجەزىمۇ بەك تەرسالىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ئات بىلەن لېچۇردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئىشقىلىپ، قانداق چاغدا بولمىسۇن، يانچۇغىدا ئاتلارنىڭ تىزىملىگى نەخ تۇراتتى، دائىم دېگۈدەك تېلفونلاردا ئاتلارنىڭ نامى ھەققىدە سۆزلىشەتتى.

      -ئۇ چوڭ دېرىكتور ئىكەن،- دېدى بالا،- دادام ئۇنى ئەڭ چوڭ دېرىكتور دەپ قارايتتى.

      -چۈنكى ئۇ بۇ يەرگە ئەڭ كۆپ كېلەتتى-دە،-دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ،- ئەگەر رولۇچمۇ بۇ يەرگە كەينى-كەينىدىن كېلىپ تۇرىدىغان بولسا، داداڭ ئۇنى ئەڭ چوڭ دېرىكتور دەپ قارىغان بولاتتى.

      -دۇرۇس، ئەڭ چوڭ دېرىكتور كىم؟ روك، مەككا، گانچىروس.

    -مەن ئويلايمەن، ئۇلار يۇقىرى-تۆۋەننى ئايرىيالمايدۇ.

       -بىراق، بېلىق تۇتۇشقا كەلگەندە، سىز ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىسىز.

       -ئۇنداق ئەمەس، مەندىن ياخشىلار كۆپ.

       -نېمە؟-دېدى بالا قىزىشىپ،- توغرا، بېلىق تۇتۇشنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ماھىر بېلىقچىلارمۇ ئاز ئەمەس، بىراق ئەڭ ياخشىسى پەقەت سىز بىرلا.

       -ساڭا كۆپ رەھمەت. سۆزۈڭدىن بەك خۇشال بولۇپ كېتىۋاتىمەن. بىراق ئۇچىرىغان بېلىقلاردا بىز تەڭ كېلەلمىگۈدەك چوڭ بولمىسىلا بولاتتىغۇ.

      -ئۇنداق بېلىق بولمايدۇ، سىزنىڭ مادارىڭىز ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ئاشۇنداق كۈچلۈك تۇرسا.

      -مېنىڭ جىسىمىم ، ئۆزۈم تەسەۋۋۇر قىلغاندەك قاۋۇل بولماسلىقى مۇمكىن،-دېدى بوۋاي،- بىراق خېلى ئېپىم بار، شۇنداقلا ئىرادەم كۈچلۈك.

       -ھازىر كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاڭ، ئەتە ئورنىڭىزدىن روھلۇق تۇرىسىز، مەن ماۋۇ نەرسىلەرنى دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىغا ئاپىرىپ بېرەي.

      -كەچلىكىڭ خەيرىلىك بولسۇن، ئەتە ئەتىگەن سېنى ئۆزۈم ئويغىتىمەن.

      -سىز ھەقىقەتەن مېنىڭ قوڭغۇرىقىم-دە، - دېدى بالا خۇشال بولۇپ.

       مېنىڭ قوڭغۇرىقىم ياش،- دېدى بوۋاي،- نېمىشقا ياشىنىپ قالغان ئادەملەر شۇنچە سەھەر تۇرىدۇ؟ ئۆمىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن-دە.

    -ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم، مەن بالىلارنىڭ ئۇيقۇغا ئامراقلىقىنى ، ئۇخلاپ قالسا ئاسان ئويغىنالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.

     -مەن ئۇخلاپ قالمايمەن. ۋاقتى كەلگەندە مەن بېرىپ سېنى ئويغاتساملا بولىدىغۇ.

     -مەن ئۇنىڭ كېلىپ مېنى ئويغىتىشىنى خالىمايمەن، ئۇنداقتا ئۇ مەندىن ئۈستۈن تۇرغاندەك بولۇپ قالىدىكەن.

     -ئۇنىسى ماڭا مەلۇملۇق.

      -ئوبدان ئۇخلاڭ، بوۋا.

      ئۇلار چىراق ياقمايلا غىزالانغان ئىدى، بالا كەتكەندىن كېيىن بوۋاي شىمنى سېلىپ، سىلاشتۇرۇپ تۇرۇپ كارىۋاتقا چىقتى ۋە شىمنى قاتلاپ ياستۇق قىلىپ ، ھېلقى گېزىتنى شىمنىڭ ئارىسىغا قىستۇردى، ئاندىن ھەربىيچە ئەدىيالغا يۆگىنىپ، ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن پۇرژىنلىق كارىۋاتقا سېلىنغان كونا گېزىت ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ياتتى.

      بوۋاي، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيقۇغا كەتتى ۋە چۈشىدە باللىق دەۋىرىدە بارغان ئافرىقىنى، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاپپاق دېڭىز ساھىلىنى، كۆككە تاقاشقان بېغىر رەڭ تاغلارنى كۆردى. چۈشىدە ئۇ يەنە ھەر ئاخشىمى دېڭىز بويىدا يېتىپ، گۈركىرىگەن دېڭىز دولقۇنىنى ئاڭلىدى، دولقۇن ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ يۈرگەن يەرلىك قېيىقلارنى كۆردى. پاراخوتلارنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى قارا ماينىڭ ھىدى، يەر بېغىرلاپ چىقىۋاتقان سەھەر شامىلى ئېلىپ كەلگەن ياۋروپانىڭ ھىدىنى پۇرىدى.

      ئەلۋەتتە، ئۇ يەر بېغىرلاپ چىققان شامال بۇرنىغا ئۇرۇلۇش بىلەنلا ئويغىنىپ، كىيىم -كېچەكلىرىنى كىيىپ بولۇپلا بالىنى ئويغىتىشقا ماڭاتتى. بىراق بۈگۈن شامال بەك بۇرۇن كەلگەچكە، ئۇ چالا ئۇيقۇلۇقتا ئويغىنىش ۋاقتىنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ، چۈشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى  ۋە چۈشىدە دېڭىزدىكى چوخچىيىپ چىقىپ تۇرغان ئاراللارنىڭ ئاپپاق چوققىسىنى ، كانارى تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەر بىر پورتنى ۋە لەڭىگەر تاشلايدىغان جاينى كۆردى. لېكىن ئۇ چۈشىدە بۇرۇنقىدەك شامال دولقۇنلىرىنى ، خوتۇن -قىزلارنى كۆرمىدى. بېلىق بىلەن ئېلىشىش، كۈچ سىنىشىشلارنى كۆرمىدى، خوتۇنىنىمۇ كۆرمىدى، پەقەت بەزى يەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى شىرلارنىلا كۆردى. ئۇ شىرلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاسلانلاردەك ئوينىشاتتى. بوۋاي ئۇلارنى ھېلقى بالىنى ياخشى كۆرگەندەكلا ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئەزەلدىن چۈشىدە  ھېلقى بالىنى كۆرمىگەن ئىدى. بوۋاي بىردىنلا ئويغىنىپ، ئوچۇق تۇرغان ئىشكنىڭ سىرتىدىن ئاينى كۆردى ۋە ياستۇق قىلغان شىمنى ئېلىپ كىيدى-دە، كەپىسىدىن چىقىپ، بالىنى ئويغىتىش ئۈچۈن چوڭ يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئۇ،سەھەرنىڭ سوغۇقىدىن ئەندىكىپ تىترەيتتى، شۇنداقلا، تىتىرىگەندە بەدەننىڭ ئازراق ئىسسىيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىردەملا كېيىنلا قېيىقنى ھەيدەپ دېڭىزغا چۈشۈشى كېرەك ئىدى.

      بالا ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكى تاقالمىغاچقا، بوۋاي ئىشكنى ئىتتىرىپ ئاۋۋايلاپ دەسسەپ ئۆيگە كىردى، بالا تاشقىرىقى ئۆيدىكى بېرزىنت كارۋاتتا ئۇخلاۋاتاتتى، بوۋاي، تالادىن كىرگەن ئاينىڭ سۇس نۇرىدا بالىنى ئېنىق كۆردى ۋە ئۇنىڭ بىر پۇتىنى يېنىككىنە لىڭشىتتى. بالا، ئويغىنىپ بوۋايغا قارىدى، بوۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بالا كارۋاتنىڭ قېشىدىكى ئورۇندۇقتىن شىمنى ئېلىپ، كارۋاتتا ئولتۇرۇپ كىيدى.

        بوۋاي سىرتقا ماڭدى، بالىمۇ ئۈگدىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. بوۋاي كېتىۋېتىپ بالىنىڭ دولىسىغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ :

       -راستتىنلا خىجىل بولۇۋاتىمەن،-دېدى.

       -نېمىشقا؟- دېدى بالا ئەجەبلىنىپ،- ئپغۇل بالا دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك-تە.

       ئۇلار بىرلىكتە بوۋاينىڭ كەپىسىگە قاراپ ماڭدى، ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ئىدى، بەزى كىشلەر ، يالىڭاياق پېتى ماچتىلىرىنى تۈرۈپ كېتىشىپ باراتتى.

       ئۇلار كەپىگە كەلگەندىن كېيىن، بالا توپ-توپ يۆگەپ قويۇلغان قارماق تانىسىنى سېۋەتكە سالدى، بېلىق سانچىيدىغان ئارا ۋە قارماقلارنى ئالدى. بوۋاي بولسا ماچتىغا يۆگەلگەن يەلكەننى مۈرىسىگە ئالدى.

      -قەھۋە ئىچكۈڭىز بارمۇ؟- دەپ سورىدى بالا.

      -ئاۋۋال نەرسە-كېرەكلەرنى قېيىققا ئاپىرىۋېتەيلى، ئاندىن ئازراق ئىچسەكمۇ مەيلى.

    ئىككىيلەن، ئەتىگەنلىك بازاردا سۈت كونسېرۋاسىنىڭ قۇتىسىدا قەھۋە ئىچىشتى.

      -بوۋا، ئوبدان ئۇخلىيالىدىڭىزمۇ ؟- دەپ سورىدى بالا. ئۇ يول بويى ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش بىلەن ھەپىلىشىپ، ئەمدى خېلى سەگەكلىشىپ قالغان ئىدى.

      -ئوبدان ئۇخلىدىم ، بالام ماننورىن، بۈگۈن خېلى ئىشەنچىم كامىل تۇرىدۇ.

      -مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىمەن، مەن ھازىر بېرىپ سىزنىڭ سارتىن بېلىقىڭىزنى ئېلىپ كېلەي، بېلىق يەملىرىمۇ شۇ يەردە. بىزنىڭ ھېلققى قېيىقتىكى نەرسىلەرنى ئۇ ئۆزى ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ ئۆلسىمۇ چاتىغىم يوق، كىم ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ئەكېلىشىپ بېرىدىكەن.

      -بىز ئۇنىڭغا ئوخشىمايمىز،- دېدى بوۋاي،-مەن، بەش يېشىڭدىلا ساڭا نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتەرگۈزەتتىم.

      -ئۇ ماڭا چۈشىنىشلىك،- دېدى بالا،- ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن، قەھۋەدىن يەنە بىر ئىستاكان ئىچەمسىز؟ بىزنىڭ بۇ يەردە ئېلىشىمىز بار.

      ئۇ، يالىڭاياغ ھالدا مارجان تاشلارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ، بېلىق يەملىرى قويۇلغان توڭلىتىش ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

      بوۋاي، قەھۋەنى ئالدىرىماي ئىچتى. بۇ ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇقى بولۇپ، قالدۇرماي ئىچىۋېتىشى كېرەك ئىدى. ئۇ سەپەرگە چىققاندا، ئەزەلدىن يەيدىغان نەرسە-كېرەك ئېلۋالمايتتى، ئەمما قېيىقنىڭ باش تەرىپىگە بىر بوتۇلكا سۇ قۇيۇپ قوياتتى، بۇ سۇ، ئۇنىڭ كۈن بويى ھاجىتى چۈشىدىغان بىردىن بىر نەرسىسى ئىدى.

      بالا ھايال بولماي گېزىتكە ئورالغان سارتىن بېلىقى بىلەن ئىككى دانە بېلىق يېمىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى، ئىككىيلەن شېغىللىق چىغىر يول بىلەن قېيىقنىڭ يېنىغا بېرىپ، قېيىقنى باغلاپ قويغان تانىنى يەشتى. بوۋاي، قېيىقنى ئاستا ھەيدەپ دېڭىزغا چۈشتى.

     -سىزگە ئامەت تىلەيمەن، بوۋا.

     -ساڭىمۇ ئامەت كەلگەي،- دېدى بوۋاي ۋە ئېگىلىپ پالاقنى ئۇردى-دە، قاراڭغۇ پورتتىن چىقىپ كەتتى، باشتا دېڭىز ساھىللىرىدىنمۇ بەزى قېيىقلار سۇغا چۈشتى. شۇ تاپتا ئاي تاغ ئارقىسىغا چۆككەن ئىدى، بوۋاي گەرچە باشقا قېيىقلارنى كۆرەلمىسىمۇ ، لېكىن پالاقنىڭ سۇدا چولتۇڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

      نەدىندۇ قېيىق ھەيدەۋاتقان بىر كىشىنىڭ ئاللىنېمىلەرنى دېگىنى ئاڭلاندى. شۇ تاپتا پالاقنىڭ ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەتراپ جىمجىت ئىدى. بېلىقچىلار پورتتىن چىققاندىن كېيىن، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ، ھەر كىم ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن مەنزىلگە قاراپ ئۈزمەكتە ئىدى، بوۋاي، تۈزلەڭلىكنىڭ ھاۋاسىنى ئارقىسىغا تاشلاپ، دېڭىزنىڭ سۈبھى مەزگىلىدىكى ساپ ھاۋاسى ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ، قېيىقنى ھەيدەپ مەلۇم جايغا بارغاندا، قولتۇقتىكى ياۋا ئوتلاردىن چاقنىغان فوسفور نۇرىنى كۆردى. بېلىقچىلار، ئۇ جاينى "چوڭ قۇدۇق" دېيىشەتتى، چۈنكى ئۇ يەردە تۇيۇقسىز تكۋەنلەپ كەتكەن 700فاتخوم  چوڭقۇرلۇقتىكى بىر گىرداپ بار ئىدى. دېڭىز ئېقىمىنىڭ، دېڭىز تەكتىدىكى تىك قىياغا ئۇرۇلۇشى بىلەن، بۇ يەردە بىر قاينام ھاسىل بولغاچقا، خىلمۇ-خىل بېلىقلار ئۇ يەرگە توپلىنىپ قالاتتى. تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بۇ قاينامغا قىسقۇچ پاقا، تىرنا قاتارلىقلار توپلىشىۋالاتتى، بەزىدە تېخى توپ-توپ سىيا بېلىقلارمۇ كېلىپ قالاتتى.

      بوۋاي، تاڭ سۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ پالاق ئۇرۇۋېتىپ، ئۇچار بېلىقلارنىڭ ئۇنىڭ دېڭىزدىكى ئۈلپىتى ئىدى. ئۇ، قۇشلارغا ئىچ ئاغرىتاتتى، بولۇپمۇ، شامالغا تەڭ كېلەلمەيدىغان قارا رەڭلىك چايكىلارغا ئىچ ئاغرىتاتتى. چۈنكى، ئۇلار ئەبىدىل-ئەبەت ئۇچسىمۇ، ئەبىدىل-ئەبەت ھەر تەرەپكە سەپسالسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى زادىلا ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايتتى.

      بوۋاي : قۇشلارنىڭ ھال-كۈنى بىزدىنمۇ خاراپكەن، قارچۇغا، بۈركۈتكە ئوخشاش قۇشلار ۋە بەزى كۈچلۈك قۇشلارنىڭلا كۈنى يامان ئەمەسكەن. دېڭىز نېمىشكە بەزىدە بۇنداق رەھىمسىز بولۇپ كېتىدىغاندۇ؟ چايكىغا ئوخشاش قۇشلار نېمىشقا ئۇنداق ئاجىز، ئاۋارە تۇغۇلۇپ قالغان بولغىيتتى؟ دېڭىز مېھرىبان ، ئىنتايىن گۈزەل. بىراق ، ئۇ بەزىدە ئاشۇنداق رەھىمسىز بولۇپ كېتىدىكەن. بەزىدە تۇيۇقسىز تەھدىت سالىدىكەن، دېڭىزدا پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن ئاشۇ قۇشلار بىر تامچە سۇغا تەشنا بولۇپ، مۇڭلۇق ۋە ئېچىنىشلىق سايرايدىكەن. ئۇلار نېمىشقىمۇ دېڭىز سۈيىگە تەڭ كېلەلمەيدىغان مۇشۇنداق ئاجىز تۆرىلىپ قالغان بولغىيىتتى؟ دەپ ئويلىدى.

      ئۇ، ئەزەلدىن دېڭىزنى لامار دەپ ئاتايتتى. بۇ ئاتالغۇ، كىشلەرنىڭ دېڭىزغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلاتتى. دېڭىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشلەرمۇ بەزىدە دېڭىزغا قارىتا نارازىلىق سۆزلىرىنى ئېيتاتتى، بىراق ئۇلار نېمىلا دېمىسۇن، دېڭىزنى ھامان ئايال جىنىسقا ئوخشىتاتتى. ئەمما بەزى ياش بېلىقچىلار لەيلىمە بەلگىنى ، قارماق ئارغامچىسىنى تىرەپ تۇرىدىغان لەيلىگۈچ قىلغانلىقىنى ھەمدە لەھەڭنىڭ بېغىرىنى ناھايىتى كۆپ پۇلغا سېتىش ھېسابىغا موتۇرلۇق كېمە سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار، دېڭىزنى رىقابەتچى، ھەتتا رەقىپ دەپ قارىشاتتى. ھالبۇكى، بوۋاي بولسا، دېڭىزنى ھامان ئەركىلەپمۇ قويىدىغان، جىددىيلىشىپمۇ كېتىدىغان بىر ئايال دەپ قارايتتى. دېڭىز قوپاللىق قىلسا ياكى ئەدەپ كەتسە، ئۆزىنى تۇتالمىغانلىقتىن شۇنداق قىلۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتى.

      شۇ تاپتا ، ئۇ قېيىقنى ئۇنچە بەك كۈچىمەستىن بىر خىل سۈرئەتتە سالماق ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئاندا-ساندا قاينام ھاسىل بولغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دېڭىز يۈزى تىپ-تىنچ ئىدى. ئۇ، دېڭىزدىن ئۆزىگە ئاز-تولا ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. سۈبھى مەزگىلىدە، بوۋاي يېتىپ بېرىشنى مۆلچەرلىگەن جايىدىن خېلىلا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ: گىرداپ ئۈستىدە بىر ھەپتە ھەپىلىشپ ھېچنىمىگە ئېرشەلمىدىم، بۈگۈن پېلامىس ۋە توڭگۇل بېلىقلىرىنىڭ قەيەردەلىگيىنى جەزمەن تاپىمەن، بىرەر تال چوڭ بېلىق ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرگەن بولسا، ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدى.

      تاڭ تېخى يورۇماستىنلا، ئۇ ئېلىپ كەلگەن يەملىرىنى بېلىقلارغا تاشلىدى. يەنى بىرىنچى يەمنى 40 فاتخوم چوڭقۇرلۇقتا، ئىككىنجى يەمنى 75 فاتخوم چوڭقۇرلۇقتا، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى يەملەرنى 100 فاتخوم ۋە 125 فاتخوم چڭقۇرلۇقتا بېلىقلارغا تاشلاپ بېرىپ، قېيىقىنى سۇنىڭ مەيلىگە قويۇپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. بېلىق يېمى-بېشىنى ئاستىغا قىلىپ ئېسىپ قويغان كىچىك بېلىق بولۇپ، ھەر بىر كىچىك بېلىقنىڭ قورسىقىغا قارماقنىڭ سېپى مەھكەم تېڭىلغان ئىدى. قارماقنىڭ مۇنەك قىسىملىرى، ئىلمىگى ۋە ئۇچىنى يېڭى سارتىن بېلىغى قاپلاپ تۇراتتى. ھەر بىر تال سارتىن بېلىقى قاپلاپ تۇراتتى. ھەر بىر تال سارتىن بېلىقى قارماققا پەم بىلەن ئىلىنغان ئىدى. شۇڭا چوڭ بېلقلار قارماقنىڭ قەيىرىگە تەگمىسۇن، بىر خىل لەززەت ھېس قىلماي تۇرالمايتتى.

      بوۋاي، بالا بەرگەن ئىككى تال يېڭى توڭگۇل بېلىقىنى، ئەڭ چڭقۇر يەرگە سالىدىغان قارماق تانىسىغا خۇددى لېنتىغا ئوخشىتىپ ئېسىپ قويغان ئىدى. باشقا قارماق تانىلىرىغا بولسا، چوڭ جابىنكوس بېلىقى بىلەن كىچىك موكا بېلىقى ئېسلغان ئىدى. بۇ ئىككى تال بېلىق يېمى ياخشى ساقلقنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى سارتىن بېلقى ئۇلارغا مەزىلىك پۇراق قوشۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ، چوڭ بېلىقلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايتى. يوشۇرۇن يېشىل بادىرىغا باغلانغان ھەر بىر قارماق تانىسى، يوغانراق قېرىنداشچىلىك توملۇقتا بولۇپ، چوڭ بېلىقلار بېلىق يېمىنى تارتسا ياكى ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە، بادرا سۇغا چۆكۈپ كېتەتتى. ھەر بىر قارماق تانىسى 40 فاتخولۇملۇقتىن ئىككى يۆگەم ئىدى. نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنى يەنە باشقا بىرەر تال بېلىق 300 فاتخوم ئۇزۇنلۇققىچە سۆرەپ بارالايتتى.

      بوۋاي قېيىقنىڭ يېنىدىكى ئۈچ تال بادىرىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا سەپسېلىپ تۇردى ۋە قېيىقىنى ئاۋايلاپ ھەيدەپ قارماق تانىسىنى مۇۋاپىق چوڭقۇرلۇققىچە ئۇزارتقاندىن كېيىن تىكلەشتۈردى. ئەتراپ تولۇق يورۇدى، كۈنمۇ چىقاي دەپ قالدى.

      قىزغۇچ قۇياش دېڭىز ئۈستىدىن كۆتىرىلدى، باشقا قېيىقلار سۇغا خېلى چۆككەن ھالدا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، قىرغاققا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياش، بارا-بارا نۇرلىنىپ، سۇ يۈزىدە چاقناشقا باشلىدى ۋە يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى شۇنچە قىزىرىپ باردى. بوۋاي، كۆزىنى دېڭىزدىن ئۈزۈپ، قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە بارغانسېرى تىكلىشىپ كېتىۋاتقان قارماق تانسىغا سەپسالدى. ئۇ، قارماق تانىسىنى باشقا ھەر قانداق بېلىقچىلاردىنمۇ بەكرەك تىكلەشتۈرۋەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە، سۇنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدا بىردىن بېلىق يېمى بولغاندا، بېلىقلار دەل ئۇ مۆلچەرلىگەن جايغا ئۈزۈپ كەلگەن ھامان، يەمنى يېمەي قالمايتتى. باشقىلار قارماق تانىسىنىدېڭىز ئېقىمىنىڭ مەيلىگە قويۇۋەتكەنلىكتىن، قارماق تانىلىرى پەقەت 16 فاتخوم چوڭقۇرلۇقتا چۆكەلەيتتى، بىراق ئۇلار قارماق تانىلىرىنى 100فاتخوم چوڭقۇرلۇققا چۆكتى دەپ ھېسابلىشاتتى.

      بوۋاي: مەن قارماق تانىسىنى يۈزدە توقسەن پىرسەنت ئىشەنچىلىك جايغا سالدىم. بىراق يەنىلا ماڭا ئامەت كەلمەيۋاتىدۇ، كىم بىلىدۇ، بۈگۈن بەلكىم ئامەت كېلەر؟ بۈگۈن بىر كۈن قاراپ باقاي، ئامەت كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ھەممىنى كەم-كۈتسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئامەت كەلگەندە تەييارلىق بولۇش كېرەك-دە، دەپ ئويلىدى.

      يەنە ئىككى سائەت ئۆتتى، قۇياش تېخىمۇ ئۆرلىدى، ئۇ، كۈن چىقىش تەرەپكە قارىۋىدى، كۆزى ئاۋۋالقىدەك چاقنىمىدى. شۇ تاپتا ئۇ دېڭىز يۈزىگە سەپسېلىپ، ئۈچلا قېيىقنى كۆرەلىدى، بۇ قېيىقلارمۇ سۇغا خېلى چۆككەن ھالدا قىرغاققا يېقىنلىشاي دەپ قالغان ئىدى.

      يېڭى كۆتىرىلگەن قۇياش نۇرى، ئۆمرۈم بويى كۆزۈمنى چاقنىتىپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ كۆزۈم ساپ-ساق تۇرۇپتۇ. كەچقۇرۇن كۈنگە تىكىلىپ قارىۋالسام كۆزۈم تورلاشمايدۇ. كۈن نۇرى كەچتە تازا جانلىنىپ كېتىدىكەن، بىراق ئەتىگەندە ئادەمنى ئازابلايدىكەن، دەپ ئويلىدى ئۇ.

      شۇ ئەسنادا، ئۇزۇن قارا قانتىنى پالاقلىتىپ ئاسماندا ئايلىنىپ يۈرگەن بىر سا، دەم تۆۋەنگە پەسلەپ، دەم يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەگىشىشكە باشلىدى.

      «ئۇ بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالدى بولغاي،- دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا،- شۇنى تۇتۇشنىڭ قەستىگە چۈشۈپتۇ-دە.»

      ئۇ قېيىقنى سا ئايلىنىپ يۈرگەن تەرەپكە قاراپ ئاستا ھەيدەپ باردى. ئاندىن قارماق تانىسىنى ئۇياق-بۇياققا تولغاپ يۈرۈپ، تازا تىك ھالەتكە كەلتۈردى ۋە ئېڭىشىپ سۇ يۈزىگە يېقىنلاشتى. بۇنداق بېلىقنى ئەپلەپ تۇتقىلى بولاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھەر قاچاندىقىدىنمۇ تېزلىشىپ كەتكەن ئىدى.

    سا بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، سامادا ئايلىنىپ يۈرەتتى، بىراق قانىتىنى مىدىرلىتىپمۇ قويمايتتى، شۇ ئەسنادا، ئۇ توساتتىن پەسكە شۇڭغۇدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا، بىر دانە ئۇچار بېلىقمۇ سۇدىن ئېتىلىپ چىقىپ، سۇ يۈزىنى بويلاپ ئوقتەك ئۇچۇپ كەتتى.

      « يۇنۇس بېلىقى، ھەي يۇنۇس بېلىقىكەن! »-دەپ ۋارقىرىۋەتتى بوۋاي.

      ئۇ، پالاقنى قويۇپ، قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىن بىر تال توم سىم ۋە ئوتتۇراھال قارماق ئورنىتىلغان تانىنى ئېلىپ، بىر تال سارتىن بېلىقىنى قارماققا ئۆتكۈزدى-دە، قارماقنى قېيىقنىڭ يېنىدىن سۇغا تاشلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى قېيىقنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىكى بۇرما مىخلىق چەمبىرەككە چىگىپ قويدى. ئاندىن يەنە بىر تال قارماققا يەم ئۆيكۈزۈپ، ئۇنى قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىكى پىنھان جايغا يۆگەپ قويدى. ئارقىدىن قېيىقىنى ھەيدىگەچ ، ھېلقى ئۇزۇن قاناتلىق  قارا يىرتقۇچ قۇشنىڭ سۇ يۈزىدە ئۇياق -بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگىنىگگ سەپسېلىشقا باشلىدى.

      ئۇ، پۈتۈن زېھنى ببىلەن ساغا تىكىلىپ تۇرغاندا، سا يەنە ئۇشتۇمتۇت تۆۋەنلەپ، ئۇچار بېلىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى. بىراق ئۇنىڭ ۋەھشىلەرچە ئېتىلىپ بېرىپ ئۇچار بېلىقنىڭ قانتىغا ئېسىلىشى، قۇرۇق ئاۋارىچىلىقلا بولدى. بوۋاي چوڭ يۇنۇس بېلىقلىرى قاچقان بېلىقلارنى قوغلىغان چاغدا، دېڭىز سۈيىنىڭ يېنىك چايقالغانلىقىنى بىلەتتى. يۇنۇس بېلىقلىرى ئۇچقاندەك قېچىپ كېتىۋاتقان بېلىقلارنىڭ ئاستى تەرىپىگە كىرىۋېلىپ، سۇنى چالغىتىپ، بېلىقلار تۆۋەنلەي دېگەندە شارتتىدە سۇ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ تۇراتتى.

      بۇ يەردە بىر توپ يۇنۇس بېلىقى بار ئىكەن،-دەپ ئويلىدى بوۋاي،- ئۇلار مۇشۇ ئەتراپتا ئۈزۈپ يۈرۈۋاتقان بولسا كېرەك، ئۇچار بېلىق ئوڭايلىقچە قېچىپ كېتەلمەيدۇ. سامۇ ئۇلاردىن نەپ ئالالمايدۇ. ئۇچار بېلىقنىڭ تۇرقىدىن قارىغاندا، ساغا تۇتۇق بەرمىگۈدەك ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا شۇنچە تېز ئۇچىدىغاندۇ.

      ئۇ كەينى-كەينىدىن سۇدىن شۇڭغۇپ چىقىۋاتقان ئۇچار بېلىقلارغا ۋە ھېلقى سانىڭ بىھۇدە ئاۋارە بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇردى.

    بۇ بىر توپ بېلىق ئۇچقاندەك ئۈزۈپ، يىراقلارغا قېچىپ كېتىشتى. ماڭا ئادىشىپ توپتىن ئايرىلىپ قالغان بېلىقلار ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئېھتىمال، ماڭا تەۋە چوڭ بېلىق ئايلىنىپ يۈرگەن بولسا كېرەك. مېنىڭ چوڭ بېلىقىم چوقۇم مۇشۇ ئەتراپتا بار دەپ ئويلىدى ئۇ.

      زېمىن ئۈستىدىكى بۇلۇتلار ئەمدى گويا كۆككە تاقالغان تاغ تىزمىلىرىدەك ھاۋاغا كۆتىرىلدى. دېڭىز قىزغىقىدا ھاۋا رەڭ كىچىك تاغلارنى ئارقا تىرەك قىلغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېشىل بەلباغلار قالدى. شۇ تاپتا، دېڭىز سۈيى كۆك رەڭگە كىرگەن بولۇپ، بىر قاراشتا بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقاندەكمۇ كۆرۈنەتتى. ئۇ، ئېڭىشىپ سۇغا قاراپ، توق كۆك رەڭدىكى دېڭىز سۈيى ئىچىدە ، ئويناقشىپ يۈرگەن قىزغۇچ جانلىقلارنى، قۇياش نۇرىدىن ھاسىل بولغان ئاجايىپ نۇرلارنى كۆردى ۋە دىققىتىنى يىغىپ قارماق تانىسىغا قارىۋىدى، تانىنىڭ كۆز يەتمەيدىغان چوڭقۇرلۇقتا ئىلپتەك تارتىلىپ تۇرغانلىقىنى، ئەتىراپىدا شۇنچە كۆپ كىچىك جانلىقلارنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ تازىمۇ خۇشال بولدى. چۈنكى، بۇ ھال ئۇ يەردە ناھايىتى كۆپ بېلىق بارلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ چاغدا قۇياش تىكلەشكەن ئىدى، قۇياشنىڭ سۇدا ئەكس ئەتكەن ئۆيكۈر نۇرى، ھاۋانىڭ ئوچۇق بپلۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. ئاسماندىكى بۇلۇتلارنىڭ ھالىتىمۇ بۇ نۇقتىغا ئىسپات بولالايتتتى، ئەمدىى ھېلقى سا نەلەرگىدۇر كەتكەن ئىدى. سۇ يۈزىدە بولسا، شۇيمۇ نىڭ قېيىققا يېقىن جايدا لەيلەپ يۈرگەن بىنەپشە رەڭلىك نەپەس خالىتىسىدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى.

      نەپەس خالتىسى، تۇرۇپ بىر ياققا قىيسايغاندەك قىلىپ، بىردەمدىن كېيىن يەنە ئۆز ھالىتىگە قايتتى. سۇدا بەئەينى كۆپۈكچىدەك ئەركىن لەيلەپ يۈرگەن بۇ جانىۋارنىڭ، ئۆسكىلەڭ سۆسۈن بۇرۇتى سۇ ئىچىدە بىر مېتىرچە سۇ ئىچىدە يىراققا سوزۇلغان ئىدى.

      « سەن پاسكىنا...دېڭىز سۈيىنى تازىمۇ بۇلغىۋەتتىڭ! » دېدى بۋاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ.

      ئۇ، پالاقنى يېنىك ئۇرۇۋاتقان جايدىن سۇ ئىچىگە قاراپ، نەپەس خالتىسىدىن ھاسىل بولغان كۆلەڭگىنىڭ ئاستىدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىچىك بېلىقلارنى كۆردى. ئۇلارنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ خۇددى ھېلقى ئۇزۇن بۇرۇتلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. نەپەس خالتىسىدىكى زەھەر، كىچىك بېلىقلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيتتى. بىراق ئادەملەر ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ-دە. بىر نەچچە تال بۇرۇت ، قارماق تانىسىغا ئىلنىشىپ قالغۇدەك بولسا، تانىغا مەھكەم چىرمىشىۋالاتتى-دە، بوۋاينىڭ بىلەك ۋە قوللىرى خۇددى زەھەرلەنگەن پىلەك ۋە كاۋچۇك دەرىخىنىڭ يۇقۇملانغان جايلىرىغا ئوخشاش يارا بولۇپ قالاتتى ۋە ئېچىشىپ قامچا بىلەن ئۇرغاندەك قاتتىق ئاغرىيتتى.

      رەڭدار پەردە تۈسىنى ئالغان كۆپۈكچە، تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى. بىراق ئۇ، ئىچى كاۋاك، قۇرۇق بىر نەرسە ئىدى. بوۋاي، چوڭ دېڭىز تاشپاقىلىرىنىڭ ئاشۇ كۆپۈكچىلەرنى يەۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىشقا ئامراق ئىدى. دېڭىز تاشپاقىلىرى، كۆپۈكچىلەرنى كۆرگەن ھامان، ئۇلارغا ئۇدۇل تەرەپتىن يېقىنلىشىپ بېرىپ، كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، تېنىنى قېپى ئىچىگە يوشۇرۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنى بۇرۇتى بىلەن قوشۇپ بىراقلا يەۋېتەتتى. بوۋاي، دېڭىز تاشپاقىلىرىنىڭ كۆپۈكچىلەرنى يەۋاتقانلىقىنى ، بوراندىن كېيىن دېڭىز ساھىلدا دېڭىز تاشپاقىلىرىغا دەسسەپ ئۆتۈشنى، قاپارتقۇ بېسىپ كەتكەن پۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسسىگەندە، تاشپاقىنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان "قىرىس" قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتى.

      بوۋاي، دېڭىز تاشپاقىلىرىنى تۇتۇش بىلەن كۆپ يىللار شۇغۇللانغانلىقتىن، ئۇلارنى ئۇنچە سىرلىق ھېسابلىمايتتى. ئۇ، بارلىق دېڭىز تاشپاقىلىرىغا ، ھەتتا ئۇزۇنلۇقى قېيىق بىلەن تەڭ، ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدىغان مۇكسىمان چوڭ تاشپاقىلارغىمۇ ئىچ ئاغرىتاتتى. تالاي كىشلەر دېڭىز تاشپاقىلىرىغا تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلاتتى، ئادەتتە، دېڭىز تاشپاقىسىنى پارچىلىغاندا، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بىر نەچچە سائەتكىچىمۇ ھەرىكەتتىن توختىمايتتى. بوۋاي بولسا ، مەندىمۇ ئاشۇنداق يۈرەك بار، پۇت-قوللىرىممۇ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ، ئۆزىگە دەرمان توپلاش ئۈچۈن ، تاشپاقا تۇخۇمىنى كۆپ يەيتتى، تاشپاقا تۇخۇمىنى ئۇدا بەش ئاي يېسە، 9-10-ئايلارغا بارغاندا كۈچلىنىپ چوڭ-چوڭ بېلىقلارنى تۇتالايتتى.

      ئۇ، ھەر كۈنى دۇمباق شەكىللىك چوڭ تۇڭدىن بىر ئىستاكان لەھەڭ بېلىقىنىڭ مېيىنى ئۇسۇپ ئىچەتتى. مۇنداق دۇمباق شەكىللىك تۇڭلار بېلىقچىلىق سايمانلىرىنى ساقلايدىغان كىچىك كەپە ئىچىدە تۇراتتى. چۈنكى تۇڭنى كەپىدە قويغاندا، بېلىق مېيىنى ئىچكۈسى بارلار خالىغان چاغدا بېرىپ ئىچەلەيتتى. كۆپ ساندىكى بېلىقچىلار ، بېلىق مېيىنىڭ پۇرىغىدىن سەسكىنەتتى. بىراق بۇخىل ماينى ئىچىش، سەھەر تۇرۇپ ئادەم چاقىرشتەك جاپالىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئىچىۋالغاندا، زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى، كۆزگىمۇ پايدىلىق ئىدى.

     بوۋاي بېشىنى كۆتىرىپ ، ھېلقى سانىڭ يەنە ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى.

       « ئۇنىڭ بېلىققا كۆزى چۈشتى» -دېدى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا. بۇ چاغدا بىرەرمۇ ئۇچار بېلىق سۇ يۈزىگە چىقمىغان ئىدى، لەيلەپ قالغان بېلىق يەملىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بوۋاي سەپسېلىپ قاراۋاتقاندا، توساتتىن بىر دانە توڭگۇل بېلىقى سۇدىن ئازراق كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، بىر تولغىنىپلا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، يەنە سۇغا كىرىپ كەتتى. توڭگۇل بېلىقىلىرى ئاپتاپتا كۈمۈشتەك پارقىرايتتى، كەينى-كەينىدىن سۇ يۈزىگە چىقىشىپ، تەرەپ- تەرەپكە چېپىشىپ، ھەممە ياققا سۇ چاچرىتاتتى. ھەربىر سەكرەپ چۈشكەندە، نەچچە مېتىر شۇڭغۇپ، بېلىق يەملىرىنى قوغلايتتى.

    بوۋاي: ئۇلار ئۇنچە تېز يۈرمىگىنىدە، ئاللىقاچان تۇتۇۋالغان بولاتتىم، دەپ ئويلايتتى ۋە بېلىقلار چالغۇتۇۋەتكەن سۇغا قاراپ تۇردى. شۇ ئەسنادا، سا ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشكەن پېتى تىرنىلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتى، ساراسىمگە چۈشكەن تىرنىلار سۇ يۈزىگە چىقىۋېلىشتى.

    « سا ھەقىقەتەن كۈچلۈك ياردەمچىم» دېدى بوۋاي. دەل شۇ پەيتتە، قېيىقنىڭ تۇمشۇق تەرىپىدىكى تانا بىردىنلا تارتىلغاندەك قىلدى. بوۋاي، ئەسلىدە تانىغا ئىلمەك چىقىرىپ قويغان ئىدى. شۇڭا، پالاقنى قويۇپلا تانىنى چىڭ تۇتۇپ تارتىشقا تەمشىلىۋىدى، بىردىنلا كىچىك توڭگۇل بېلىقىنىڭ تارتىشى بىلەن، تانىنىڭ دىر-دىر تىترەۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. ئۇ تانىنى تارتقانسېرى ، تانا شۇنچە تىترەيتتى. بوۋاي بېلىقنىڭ كۆكۈش دۈمبىسى بىلەن پارقىراپ تۇرغان بېقىنلىرىنى كۆردى -دە، ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ، قېيىققا تاشلاپ قويدى. تۇرقى، مىلتىق ئوقىغا ئوخشايدىغان بۇ بېلىق ، قارىماققا ناھايىتى بەرجەس كۆرۈنەتتى. ئۇ، كۆزلىرىنى ئالدىغا تىككەن ھالدا، قېيىقنىڭ تۇمشۇغىدا، ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتاتتى. كۈچلۈك ۋە ھەرىكەتچان قۇيرۇقىنى قېيىققا پالاقلىتىپ ئۇرۇۋەرگەنلىكتىن، ھالىدىن كېتەپ دەپ قالغان ئىدى. بوۋاي، ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرغان ۋە تەپكەن بولسىمۇ، لېكىن تېنى تېخىچە ھەرىكەتتىن توختىمايۋاتاتتى.

    «توڭگۇل بېلىقى،- دېدى بوۋاي مەمنۇن بولۇپ،- بۇنى، ئوبدان بېلىق يېمى قىلغىلى بولىدۇ. ئۆلچىسە 10 قاداق كەلگۈدەك.»

    ئۇ، ئۆزىنىڭ قاچانلاردا تۇنجى قېتىم ئۆز-ئۆزىگە ئۈنلۈك گەپ قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى. ئىلگىرى ئۇ ئۆزى يالغۇز ناخشا ئېيتاتتى، بەزىدە كېچىلىرىمۇ ناخشا ئېيتاتتى، بۇ ، ئۇنىڭ مۇستەقىل ھالدا بېلىق ياكى دېڭىز تاشپاقىلىرىنى تۇتىدىغان قېيىققا رولچىلىق قىلغان چاغلىرى ئىدى. ئۇ، بەلكىم يالغۇز قالغان چاغلىرىدىمۇ ئۈنلۈك سۆزلەپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ چاغلار ئۇنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ، ھېلقى بالا بىلەن بىرلىكتە بېلىق تۇتقان كۈنلەردە، زۆرۈر تېپىلغاندىلا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قوياتتى. ئۇلار ئەل-جامائەت جىمىپ كەتكەن يېرىم كېچىلەردە ياكى قاتتىق بوران چىقىپ قېيىقنى ھەيدىگىلى بولمايدىغان كۈنلەردە پاراڭلىشاتتى. ئادەتتە زۆرۈر بولمىغاندا، دېڭىز ئۈستىدە پاراڭلاشماسلىق ياخشى پەزىلەت ھېسابلىناتتى، بوۋايمۇ شۇنداق قاراشتا ئىدى ۋە بۇ خىل پەزىلەتكە ھۆرمەت قىلاتتى. بىراق ئۇ، شۇ تاپتا كۆڭلىدىكى نۇرغۇن ئويلىرىنى ئۈنلۈك ئېيتىپ تاشلىغان ئىدى، چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ گەپلىرى ھېچكىمگە دەىلى قىلمايتتى.

       «باشقىلار مېنىڭ بۇ يەردە ئۈنلۈك گەپ قىلغىنىمنى ئاڭلاپ قالسا، جەزمەن ئالجىپ قاپتۇ دېيىشى مۇمكىن. بىراق مەن ئالجىپ قالمىغاندىكىن چاتىغىم نېمە. پۇلى بارلار قېيىق ئۈستىدە رادىيو تىڭشايدۇ. رادىيودىن لېچۇر ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئاڭلىيالايدۇ» -دېدى ئۇ يەنە ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئاندىن : ھازىر لېيچۇر مۇسابىقىسىنى خىيال قىلىدىغان چاغ ئەمەس. پەقەت بىر ئىشنىلا، يەنى نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمنى خىيال قىلىشم كېرەك. بىر توپ بېلىقنىڭ چۆرىسىدە، بىر تال چوڭ بېلىقنىڭ بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بايا تۇتۇۋالغىنىم، چوڭ بېلىققا يەم بولۇۋاتقان توڭگۇل بېلىقلىرى ئارىسىدىكى توپتىن ئايرىلىپ قالغىنى بولسا كېرەك. بىراق قالغانلىرى ھاياللىماي يىراقىلارغا قېچىپ كېتىشتى. ئىشقىلىپ، بۈگۈن سۇ يۈزىگە چىققان بېلىقلارنىڭ ھەممىسى تېز-تېز ئۈزۈشۈپ، شەرقىي شىمال تەرەپكە كېتىشتى. بۇنىڭدا بىرەر سىر بارمىكىن ياكى مەن پەرەز قىلالمىغان بىر خىل ھاۋارايىدىن دېرەك بېرىۋاتقان ئىشمىكىن؟ دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى.

    ئەمدى، ئۇ ھاۋا رەڭ دېڭىز قىرغىقىنى كۆرەلمىدى. پەقەت يېشىل تاغلارنى ۋە ئاپپاق قاردەك ئېگىز چوققىلارنى، چوققا ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنىلا كۆرەلىدى. بۇلۇتلار كۆككە تاقاشقان قارلىق تاققا بەكمۇ ئوخشايتتى. دېڭىز سۈيى قاپ-قارا كۆرۈنەتتى، قۇياش نۇرى سۇدا رەڭمۇ رەڭ نۇرلارنى چاقىناتتى. ئۈزۈپ كېتىپ قالغان جانلىقلار ھاسىل قىلغان يالتىراق نۇرلار ، قۇياش تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەن ئىدى. بوۋاي قارماق تانىسىنى بىر ئېنگىلىز مىلى چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدا، ئىلىپتەك تىكلەشتۈرگەن چاغدا، يەنىلا رەڭگا -رەڭلىك، چوڭقۇر دېڭىز سۈيىدىن چاقنىغان يالتىراق نۇرنى كۆردى.

    توڭگۇل بېلىق  (بېلىقچىلار ئادەتتە مۇشۇ تىپتىكى بېلىقلار تۈركۈمىگە كىرىدىغان بېلىقلارنىڭ ھەممىسىنى توڭگۇل بېلىقى دەپ ئاتىشاتتى. بۇ خىل بېلىقلارنى، ساتىدىغان ياكى بېلىق يەملىرىگە ئالماشتۇرىدىغان چاغدا، ئاندىن ھەر قايسىسىنىڭ رەسمىي ناملىرىنى ئاتىشاتتى ) لىرى يەنە دېڭىز تەكتىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي، پاتىڭىنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قۇياشنىڭ تەپتىنى سەزدى. ئۇ، ئەمدى قېيىقىنى ھەيدىگەن چاغدا، دۈمبىسىدىن مونچاق-مونچاق تەرلەر ئېقىپ چۈشەتتى.

    قېيىقنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەم بولمايدۇ،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ئەگەر تانىنى پۇتۇمنىڭ بارمىقىغا باغلاپ ئۇخلىسام، تانىنىڭ سىلكىشى بىلەن تېزلا ئويغانغان بولاتتىم. بىراق بۈگۈن 85 كۈن بولۇپ قالدى، شۇڭا ئەپلەپ تۇرۇپ بېلىق تۇتمىسام بولمايدۇ.

        ئۇ يەنە قارماق تانسىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋىدى، سۇ يۈزىدىكى يېشىل بادرا بىردىنلا سۇغا چۆكۈپ كەتتى.

       « ئوبدان بولدى، بەك ئوبدان بولدى» -دېدى ئۇ ۋە قېيىقىنى توختىتا-توختاتماستىن پالاقنى قويدى-دە، قارماق تانىسىنى ئوڭ باشمالتىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىغا قىسۋالدى. بىراق، تانا بوش ۋە يېنىك بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئېغىرلىق ھېس قىلىنمىدى. شۇ ئەسنادا تانا لىڭشىغاندەك قىلدى. بۇ قېتىم تانىنى سىناپ تارتىپ بېقىۋىدى، يەنىلا ھېچبىر ئالامەت سېزىلمىدى. ئاندىن، ئۇ بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. ئەسلىدە، 100فاتخوم چوقۇرلۇقتا بىر تال سەقاڭغۇر بېلىقى، قارماقنى ئوراپ تۇرغان سارتىن بېلىقىنى يەۋاتاتقانلىقتىن، قارماق، توڭگئۇل بېلىقىنىڭ باش تەرىپىدىن چىقىپ قالغان ئىدى.

       بوۋاي قارماق تانىسىنى ئەپلىك تۇتۇپ تۇرۇپ، سول قولى بىلەن بادىرىدىن ئاستا يېشىۋالدى. ئۇ تانىنى ناھايىتى سىلىق سىرىغانلىقتىن ، بېلىقلار ھېچنىمىنى سېزەلمەي قالدى.

       بۇ مەزگىلدە شۇنچى چوڭقۇرلۇقتا يوشۇرۇنۇۋالغان بېلىقلار، چوقۇم سەمىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن،- دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ئۇ،- يەڭلار بېلىقلار، ييەڭلار، مەن سىلەرنى يەۋالسۇن دەۋاتىمەن، تىرنىلار شۇنچە يۇمشاق تۇرسا، نېمە دەپ 600 فاتخوم چوقۇرلۇقتا مۆكۈۋالىسىلەر، نېمە دەپ قاپ-قاراڭغۇ مۇزدەك سۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋالسىلەر، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چىقىپ تىرنىلارنى يەڭلار.

    ئۇ، تانىنىڭ ئاستا تارتىلغىنىنى، كېيىن يەنە كۈچەپ تارتىلغىنىنى سەزدى. بىراق شۇ تاپتا سارتىن بېلىقىنىڭ بېشى قارماقتىن چىقىپ كەتمەيۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك، بېلىقنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.

        « كېلىڭلار،- دېدى بوۋاي گېلىنى قىرىپ،- يەنە بىر نۆۋەت كېلىڭلار، ئۇلارنى پۇراپ باقمامسىلەر. تىرنىلار ئىنتايىن مەزىلىكقۇ. ئۇلارنى يېڭى ۋاقتىدىلا يەۋېلىڭلار، ئۇلارنى يەپ بولساڭلار يەنە تېخى توڭگۇل بېلىقى بار، توڭگۇل بېلىقى بەكمۇ چىڭ، سوغۇق ، چىرايلىق. خىجىل بولماڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىڭلار.»

         ئۇ قارماق تانىسىنى باشمالتىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىغا تۇتقان پېتى، قولىدىكى تانىغا سەپسېلىش بىلەن بىرگە باشقا تانىلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. چۈنكى بېلىقلار كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈستىگە چىقىپ، يەنە كىرىپ-كېتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ھازىرلا تانا تارتىلغاندەك قىلغان ئىدى.

         « ئۇ چوقۇم يەيدۇ،-دېدى بوۋاي غۇرۇڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،- خۇدا ئۇنىڭ ئاشۇ بېلىقنى يېيىشىگە مەدەت بەرگەيسەن.»

         بىراق ئۇ قارماقتىكى بېلىقنى يېمەستىن تىكىۋەتتى. بوۋاي ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدى.

      « ئۇ كېتىپ قالمايدۇ، ھەرگىز كېتىپ قالمايدۇ، پىرقىراپ قويۇپ يەنە كېلىدۇ. بەلكىم ئۇ بۇرۇن قارماققا ئىلىنىپ قالغان بولسا، شۇ ئىش يادىغا كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن»-دېدى بوۋاي.

         بىردەمدىن كېيىن تانا يەنە تارتىلغاندەك قىلۋىدى، ئۇ قىن-قىنىغا پاتماي كەتتى.

         « ئۇ تانىنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ، قارماققا ئىلىنماي قالمايدۇ!»

         قارماق تانىسىنىڭ بىلنەر-بىلىنمەس لىڭشىۋاتقانلىقىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ئاندىن ئۇ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك ئېغىرلىقتىكى قاتتىق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى سەزدى. ئۇ نەرسىنىڭ ئېغىر بېلىق ئىكەنلىگىدە گەپ سىغمايتتى. شۇڭا ئۇ، ئىككى يۆگەم زاپاس تانىنىڭ بىرىنى قوشۇپ، قارماق تانىسىنى بولۇشىچە تۆۋەنگە چۈشۈردى. ئۇ تانىنى تۆۋەنگە سېرىۋاتقىنىدا، ئىككى بامىقىغا چۈشۈۋاتقان بېسىمىدىن ئېغىرلىقىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى.

       « نېمە دېگەن چوڭ بېلىق-ھە! -دېدى بوۋاي خۇشاللىنىپ،- شۇ تاپتا ئۇ قارماقتىكى بېلىقنى قىيپاش چىشلەپ ئۇدۇل كېتىۋاتىدۇ. ئۇ ئاخىر بۇرۇلۇپ كېلىپ، قارماقتىكى بېلىقنى جەزمەن يەيدۇ.» بوۋاي بېلىقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى ، ئۇنىڭ توڭگئۇل بېلىقىنى قىيپاش چىشلىگەن پېتى قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىدى. شۇ ئەسنادا ھېلقى چوڭ بىر بېلىق بىردىنلا توختاپ قالغاندەك قىلدى، بىراق تانا بۇرۇنقىدەكلا ئېغىر ئىدى. بىردەمدىن كېيىن تانا يەنە ئېغىرلىشىشقا باشلىۋىدى، ئۇ، تانىنى يەنە بىر ئاز قويۇپ بەردى ۋە باشمالتىغى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا كۈچ توپلىۋالدى، بىراق بۇ چاغدا تانا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.

      «قارماققا ئىلىندى، قارماقتىكى بېلىقنى ئوبدان يەۋالسۇن » -دېدى بوۋاي ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ.

      ئۇ، قارماق تانىسىنى سېرىۋېتىپ، سول قولى بىلەن ئىككى تال زاپاس تانىنىڭ ھەر بىر ئۇچىنى ، باشقا ئىككى تال زاپاس تانىنىڭ ئىلمىكىگگ چەگدى. شۇ تاپتا ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەن بولۇپ، ئەمدى ئۇنىڭدا 40 فاتخوم ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچ تال قارماق تانسى ۋە ئىشلىتىۋاتقان بىر يۆگەم تانىلا قالغان ئىدى.

      « يەنە بىزە يېگىن، تويغىچە يېگىن -دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋە ئادىتى بويىچە سۆزىنىڭ كېيىنكى قىسىمنى ئۈنسىز خىيالغا ئۆزگەرتىۋەتتى،- قانغىچە يەۋالغىن، سەن قانچە يېسەڭ، قارماقنىڭ ئۇچى يۈرىكىڭگە شۇنچە سانجىلىپ، سېنى جەھەننىمگە يوللايدۇ. ئەركىن -ئازادە كەلسەڭ، ئارىنى قورسىقىڭغا ئوبدان سانچىيمەن. ئەمدىغۇ تەييارلىقىڭ پۈتكەندۇ؟ يەۋاتقىنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولدىغۇ.»

       « بولدى!» -بوۋاي بۇ سۆزنى ئۈنلۈك ۋارقىراپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تانىنى يىغىشقا باشلىدى، تانىنى بىر مېتىردەك يىغقاندىن كېيىن ، يەنە تارتقىلى تۇردى، ئىككى پۇتى بىلەن تىرەجەپ تۇرۇپ، ئىككى قولىنى نۆۋەت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تانىنى ئالدى-كەينىگە قارىماستىن تارتتى.

        تېخىچە بېلىقنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. دەل شۇ پەيىتتە، بېلىق ئاستا-ئاستيا ئۈزۈپ ماڭدى، بوۋاي ئۇنى يۇقىرىغا ئازراقمۇ تارتالماي قالدى. ئۇنىڭ چوڭ بېلىقلارنى تارتىشىغا ئىشلىتىدىغان بۇ تانىسى ئىنتايىن مەزمۇت بولغانلىقتىن، ئۇنى مۈرىسىگە ئېلىپ مەھكەم تارتىپ تۇردى. تانا چىڭ تارتىلغانلىقتىن، سۇ ئۈنچىلىرى ھەر تەرەپكە چاچرايتتى. بىردەمدىن كېيىن تانىدىن چىرسلاپ ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى. بىراق بوۋاي، تانىنى مەھكەم تۇتقان پېتى قېيىققا ئولتۇرۋېلىپ، جېنىنىڭ بارىچە تىركىششەتتى، ئارقىدىن ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ تارتتى. قېيىق ئاستا-ئاستا غەربىي شىمال تەرەپكە قاراپ سىلجىغىلى تۇردى.

      بېلىق تىنماستىن ئۈزەتتى. قېيىق بىلەن بوۋاي تىنچ سۇدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىپ باراتتى. باشقا بېلىق يەملىرى سۇ ئىچىدە قالدى، ئۇنى يىغىشتۇرۇشقا ھېچقانداق چارە يوق ئىدى.

        «بۈگۈن ھېلقى بالا بىللە بولغان بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە؟!-بوۋاي ئەلەم بىلەن ۋارقىراپ تاشلىدى،- بېلىق مېنى سۆرەپ مېڭىۋاتىدۇ، شۇ تاپتا مەن مال باغلاپ قوياۇ، ياق، بېلىق تانىنى ئۈزۈۋەتسە قانداق قىلىمەن؟ جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويماي، ئۇنىڭغا تانا لازىم بولسا تانىنى بىر ئاز ئۇزارتىپ بېرەي. ھەر نېمە بولسا خۇداغا شۈكرى، ئۇ تېخى ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ، دېڭىز ئاستىغا كىرىپ كەتكىنى يوققۇ»

       بوۋاي بىردەمدىن كېيىن يەنە: مۇبادا ئۇ سۇ ئاستىغا كىرىپ كەتسە  قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇنى ئۇقمايمەن. ئەگەر قىلشىم كېرەك، بۇنىمۇ ئۇقمايمەن. بىراق جەزمەن بىر چارە تېپىشىم كېرەك. مەن قىلالايدىغان ئىشلار تېخى كۆپقۇ، دەپ ئويلىدى.

    ئۇ دولىسىدىكى قارماق تانىسىنى چىڭ تۇتقان ھالدا، تانىنىڭ سۇغا قىيپاش چۆكۈپ تۇرغانلىقىغا، قېيىقنىڭ غەربىي شىمال تەرەپكە كېتىۋاتقىنىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى.

    ھەي، ئۇ ئۆز جېنىغا زامىن بولىدىغان بولدى،- دەپ ئويلىدى بوۋاي،- ئەبىدىل-ئەبەت قېيىقنى سۆرەپ كېتىۋەرمەيدۇ-دە.

    ھالبۇكى، تۆت سائەتتىن كېيىنمۇ بۇ چوڭ بېلىق ئاۋۋالقىدەكلا قېيىقنى سۆرەپ، تەمتىرىمەستىن  پايانسىز دېڭىزدا ئۈزۈپ كېتىپ باراتتى. بوۋاي بولسا قىلچە بوشاشماستىن دولىسىدىكى تانىنى تارتىپ تۇراتتى.

    « مەن ئۇنى چۈشتە قارماققا ئىلغان ئىدىم، بىراق تېخىچە ئۇنى كۆرەلمەيۋاتىمەن»-دېدى بوۋاي.

    ئۇ بېلىق قارماققا ئىلنىشتىن بۇرۇن چىغ قالپىقىنى بېشىغا مەھكەم كىيۋالغان ئىدى، چىغ قالپاق ئەمدى ئۇنىڭ پېشانىسىنى قىسىپ ئاغرىتىشقا باشلىدى. بوۋاي قاتتىق چڭقاپ كەتكەنلىكتىن، تانىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ ئاستا تىزلىنىپ ، بوتۇلكىغا قولى يەتكۈدەك يەرگىچە ئۆمىلەپ باردى-دە، بىر قولى بىلەن بوتۇلكىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، سۇدىن ئازراق ئىچىۋالغاندىن كېيىن، يەنە قېيىقنىڭ باش تەرىپىگە بېرىپ چۈشۈرۋالغان ماچتا بىلەن يەلكەنگە يۆلىنىپ ئولتۇردى. شۇ تاپتا ئۇ پۈتۈن ئەس-ھوشىنى يىغىپ، چىشىنى چىشلەپ كېتىپ باراتتى.

    ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، يەر-زېمىننىڭ ئاللىقاچان كۆزدىن غايىب بولغانلىقىنى بىلدى.

    بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،-دەپ ئويلىدى ئۇ،- مەن بەرىبىر ھاۋانىڭ چىراقلىرىنى نىشان قىلىپ قايتىپ كېلەلەيمەن. يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن كۈن پاتىدۇ، بەلكىم ئۇ كۈن پېتىشتىن بۇرۇن چىقىپ قالار، يا بولمىسا ئاي چىققانداق چىقىپ قالار، ھېچ بولمىغاندا ئەتە كۈن چىققان چاغدىغۇ چىقىپ قالار. مېنىڭ پېيىم تارتمايدۇ، كۈچ -قۇدىرىتىممۇ يېتەرلىك. ھەر ھالدا قارماق ئۇنىڭ ئاغزىغا ئىلىندى، بىراق ئۇ تانىنى يەنىلا سۆرەپ كېتىپ بارىدۇ، قارىغاندا بەك چوڭ بېلىق بولسا كېرەك، نېمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئاغزىغا قارماق مەھكەم كەپلەكلىك، ئۇنى بىر كۆرسەم بولاتتى. مېنىڭ قارمىقىمغا ئىلىنغىنى زادى قانداق بېلىق ئىكەنلىگىنى بىر كۆرۈپ باققۇم بار. غىل-پاللا كۆرۈۋالساممۇ مەيلىتى.

    بوۋاينىڭ يۇلتۇزلارغا قاراپ چىقارغان ھۆكۈمىدىن قارىغاندا، بۇ چوڭ بېلىق كېچىچە يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. كۈن پېتىپ، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، بوۋاينىڭ ئۈستىدىكى تەرلەر قۇرۇپ، غولى ۋە پۇت-قولىلىرى مۇزلىغىلى تۇردى. كۈندۈزى ئۇ بېلىق يېمى ساقلايدىغان ساندۇقنىڭ ئۈستىدىكى تاغارنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ قويغان ئىدى. كۈن پاتقاندىن كېيىن ئاشۇ تاغارنى دولىسىغا بېسىپ تۇرغان تانىنىڭ ئاستىدىن پەم بىلەن ئۆتكۈزۈپ تارتىۋالدى، ئاندىن قېيىقنىڭ گىرۋىگىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، خېلى ئارام تاپقاندەك بولدى. بۇ ئەلۋەتتە ، ئىلاجسىزلىقتىن قىلۋاتقان ئىش ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى ئاز-تولا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى ۋە : ماڭا بوي بەرمەيۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا بوش كەلمەيۋاتىمەن. ئۇ مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، ھەر ئىككىمىز ئامال قىلالمايمىز دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈردى.

    ئۇ ئازراق ئۆرە تۇرغاندىن كېيىن، قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ سۇغا قارىتىپ كىچىك تەرەت قىلدى ۋە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ كېتىۋاتقان يۆلۈنۈشنى پەرق ئەتتى. ئۇنىڭ دولىسىدىن سىرىلىپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان قارماق تانىسى، سۇدا فوسفور ئوتىدەك نۇر چاقىنىتاتتى. شۇ تاپتا قېيىق تېخىمۇ ئاستىلاپ قالغان ئىدى، ھاۋانانىڭ چىراقلىرى خىرە كۆرۈنەتتى. بوۋاي، دېڭىز ئېقىننىڭ قېيىقنى شەرققە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ھاۋانانىڭ چىراقلىرى كۆرۈنمىسە، شەرق تەرەپكە كېتىپ بارغان بولىمىز. مۇبادا بېلىق، يۆنۈلۈشنى ئۆزگەرتىمىسە، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن چىراقلارنى چوقۇم كۆرەلەيمەن، -دەپ ئويلىدى بوۋاي،- لېيچۇر مۇسابىقىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالدىم -دە. رادىيو بولغان بولسا، ئاڭلىسام قانچە يايراپ كېتەتتىم...ھەي، ئەجەپ يوق ئىشلارنى ئويلاپ كەتتىمغۇ، ھازىر قىلۋاتقان ئىشىم توغرۇلۇق باش قاتۇرسام بولمىدىمۇ. ئەخمىقانە ئويلاردا بولۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

    بىردەمدىن كېيىن ئۇ، يەنە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ سۆزلىگىلى تۇردى: «ياشىنىپ قالغان ئادەم يالغۇز قالسا ئەپلەشمەيدىكەن -دە! بىراق، بۇمۇ بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. جېنىمنى ئاسراش ئۈچۈن ، توڭگۇل بېلىقلىرىنى چىرىمىگەن ۋاقتىدىلا يەۋېتىشنى ھەرگىز ئېسىمدىن چىقارماي. قېرى ، يادىڭدا تۇرسۇن، قانچىلىك يېيەلىشىڭدىن قەتئىنەزەر، ئەتە ئەتىگەن ئۇنى يەۋېتىشىڭ كېرەك، ئۇنتۇپ قالما! »

    بىر چاغدا قېيىقنىڭ ئەتراپىدا بىر جۈپ كىچىك يۇنۇس بېلىقى پەيدا بولدى، ئۇ يۇنۇس بېلىقلىرىنىڭ شۇڭغۇغان، سۇ پۈركىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى. چۈنكى، بوۋاي ئەركەك بېلىقلارنىڭ شاۋقۇن سېلىپ سۇ پۈركىگەن تاۋۇشى بىلەن چىشى بېلىقلارنىڭ سۇ پۈركىگەتن چاغدىكى نازاكەتلىك تاۋۇشىنى ئېنىق ئايرىيالايتتى.

    « ئۇلار بەكمۇ ئىناق ئۆتىدۇ،-دېدى ئۇ،-بىللە ئوينايدۇ، بىللە كۆڭۈل ئاچىدۇ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. خۇددى ئۇچار بېلىقلارغا ئوخشاشلا، ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.»

    ئارقىدىن ئۇ قارماقتىكى چوڭ بېلىققا ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى: « قالتىس بېلىقكەن بۇ، ھەيران قېلىۋاتىمەن. نەچچە ياشقا كىرگەندۇ؟ مەن ئەزەلدىن بۇنداق يامان، بۇنداق چىرايلىق بېلىقنى كۆرگەن ئەمەسمەن. بەلكىم ئۇ، بەك تادان بولسا كېرەك، زادىلا ئۆزىنى ئۇپراتمىدى. ئۇ بىرەر قېتىم سەكرەپ چىقىدىغان ياكى ئالدىغا بىر شۇڭغۇيدىغان بولسا، مېنى تۈگەشتۈرگەن بولاتتى. بۇرۇن قارماققا تولا ئىلنىپ قالغان بېلىق بولسا، مۇشۇنداق سۆرىشىپ يۈرۈشنى، مەن بىلەن ئېلشىشىنىڭ ئەڭ ئېسىل چارىسى دەپ قاراۋاتامدىكىن-يە؟ بىراق ئۇ رەقىبنىڭ يالغۇز بىرلا كىشى ئىكەنلىگىنى ، يەنە كېلىپ بىر قېرى ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلمەيۋاتقان بولۇشىمۇ ئېھتىمال. بۇ بېلىق نېمى دېگەن چوڭ، گۆشى ئوبدان چىقسا بازاردا خېلى پۇلغا يارايدۇ، ئۇنىڭ بېلىق يېمىنى يېيىشىدىن قارىغاندا ئەەركەك بېلىقتەك قىلىدۇ، تانىنى تارتىشمۇ ئەركەك بېلىققا ئوخشاۋاتىدۇ، ھەركىتىمۇ بەك سالماق. ئۇنىڭ بىرەر غەرىزى بارمىدۇ ياكى ماڭا ئوخشاش ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلۋاتقانمىدۇ؟ »

    بوۋاي ئىلگىرى بىر جۈپ ساقاڭقۇر بېلىقىنىڭ بىرىنى قارماققا ئىلندۈرگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ قالدى. ئەركەك بېلىق بىرەەر يەم ئۇچىرىغاندا ھامان ئاۋۋال چىشى بېلىققا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقتىن ، شۇ چاغدا قارماققا ئىلنىپ قالغىنىمۇ دەل چىشى بېلىق ئىدى. ئۇ، قارماققا ئىلنىپ قالغاندىن كېيىن، غالجىرلىشىپ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ قۇتۇلالماي ھالىدىن كېتىپ قالغان. ئەركەك بېلىق بولسا، چىشى بېلىقنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەي، ئۇزۇنغىچە قارماقنى ئايلىنىپ يۈرگەن. ئۇ، قارماقنىڭ چۆرىسىدە پىرقىراپ يۈرگەندە، بوۋاي ئۇنىڭ قۇيرۇقى بىلەن بىر ئۇرۇپلا تانىنى ئۈزۈۋېتىشتىن بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ چوڭ-كىچكلىكى ، شەكلى ۋە ئورغاققا ئوخشايدىغان قۇيرۇقى ، ئەمىليەتتىمۇ ئورغاقتەك ئىتتىك ئىدى. بوۋاي، چىشى بېلىقنىڭ تېنىگە ئارا تىقىپ، شەمشەردەك ئاغزى، قانىتى ۋە پۈتكۈل باش-كۆزىنى كالتەكلەپ كۆكەرتىۋەتكەن، ئاندىن بالا بىلەن بىرلىكتە ئۇنى قېيىققا سۆرەپ چىققان. ھېلقى ئەركەك بېلىق بولسا، شۇ چاغقىچە قېيىقنىڭ يېنىدىن چۆرگىلەپ كېتەلمىگەن ئىدى. بوۋاي، تانا، ئارا ۋە باشقا يەنە تىك كۆتىرىلىپ چىقىپ، چىشى بېلىقنىڭ سوزۇلۇپ ياتقىنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن سۆسۈن قاناتلىرى كېرىلگەن، تومۇرلىرى كۆپكەن ھالدا شۇڭغۇپ، سۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي: بۇ ئىشنى ئويلىساملا ئىچىم سىيىرىلىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا بالىمۇ قاتتىق ئازابلانغان ئىدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ ، شۇ زاماتلا سويۇۋەتكەن ئىدىم. دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.

    « بالا بۇ يەردە بولغان بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە» -دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئۇ قېيىقنىڭ بېشى تەرەپتىكى قېلىن تاختايغا چىڭ يۆلىنىپ تۇرۇپ، دولىسىنى بېسىپ تۇرغان رانىنىڭ سالىمىغىدىن بېلىقنىڭ ئېغىرلىقىنى قىياس قىلدى. قارماق تانىسى بولسا ئاشۇ چوڭ بېلىق تاللىغان يۆلۈنۈشنى بويلاپ لەرزان كېتىپ بارماقتا ئىدى.

    مەن ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن، ئۇمۇ ئۆز يولىنى تاللىشى كېرەك، دەپ ئويلاشقا باشلىدى ئۇ يەنە،- ئۇنىڭ تاللىغىنى ھەر قانداق توزاق، ئالدامچىلىق ۋە ھىيلە-نەيرەڭ توساپ قالالمايدىغان قاراڭغۇ سۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىشتىن ئىبارەت. مېنىڭ تاللىغىنمچۇ؟ مېنىڭ تاللىغىنىم ئادەمزات بېرىپ باقمىغان جايلارغا بېرىپ باقمىغان يەرلەرگە بېرىشتىن ئىبارەت. نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قاپتىمەن، چۈشتىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇۋاتىمەن. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ياردەمچىسى يوق. ئەسلى مەن بېلىق تۇتىدىغان ئىشنى قىلمىسام بوپتىكەن. بىراق كىچىكىمدىن تارتىپلا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ كېلىۋاتىمەن. تاڭ ئېتىشىنى كۈتمەيلا توڭگۇل بېلىقىنى يەۋېتىشنى زادى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويماي...

    تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغاندا ئاللىقانداق بىر نەرسە قېيىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن تاشلانغان بېلىق يېمىنى تارتقاندەك قىلدى -دە، بادىرىنىڭ سۇنغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، قارماق تانىسى قېيىقنىڭ گىرۋىكىدىن تېز-تېز سىرىلىپ چۈشۈشكە باشلىدى.بوۋاي قاراڭغۇدا پىچىغىنىڭ غىۋىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى ۋە چوڭ بېلىق ، سول گەجگىسىگە چۈشۈرۈپ تۇرغان ئېغىرلىققا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ، تانىنى قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە قويۇپ كېسىۋەتتى ۋە ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان يەينە بىر تال تانىنى چورتلا ئۈزدى -دە، تىمىسىقلاپ يۈرۈپ، يۆگەكلىك زاپاس تانىنىڭ بوش تۇرغان ئىككى ئۇچىغا چەگدى. بىر قولىدا ئەپچىللىك بىلەن ئىلمەك چىقىرىپ، بىر پۇتىدا يۆگەكلىك تانىنى دەسسەپ تۇرۇپ ئىلمەكنى چىڭىتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئالتە يۆگەم تانىنى باشقۇرۇۋاتاتتى. تانىلارنىڭ ھەممىسى بىر -بىرىگە چېتىۋېتىلگەن ئىدى.

    ئۇ: 40 فاتخوم چڭقۇرلۇقتىكى بېلىق يەملىرىنى، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ بىر نەرسە قىلاي، بولمىسا ئۇنىمۇ كېسىپ تاشلاپ، زاپاس تانىغا چېتىپ قوياي. كاتالونىيىدىن كەلتۈرۈلگەن 200 فاتخوم ئۇزۇنلۇقتىكى ئوبدان تانام بىلەن قارماق ۋە توم سىملىرىنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتى. ئۇ نەرسىلەرنى كېيىنچە بېرىپ ئىزلەپ باقاي. بىراق قارمىقىغا باشقا بېلىقلار چۈشۈپ قالسا، ئۇ بېلىقنىڭ سۇنى چالغىتىشى بىلەن ھېلقى چوڭ بېلىقنى يوقىتىپ قويسام، ئۇنى نەلەردىن ئىزلەپ يۈرىمەن؟ باياتىن قارمىقىمغا چۈشكىنى قانداقراق بېلىقتۇ؟ ساقاڭقۇرمىدۇ، ئوق-يا بېلىق ياكى لەھەڭمىدۇ؟ زادى ئۇقالمايۋاتىمەن.  ھايت -ھۇيت دېگىچە ئۇ تانىنى ئۇزارتىپ بېرىپتىمەن، دەپ ئويلىدى.

    ئۇ يەنە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ سۆزلىدى : " بالا بۇ يەردە بولغان بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە! بىراق بۇ يەردە بالىنىڭ قارىسىمۇ يوق» -دەپ خىيالىنىە داۋاملاشتۇردى ئۇ : بۇ يەردە تەنھا ئۆزۈڭ تۇرۇۋاتىسەن، ئەڭ ياخشىسى سەن بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تانىنى يىغشتۇرۋالغىنىڭ تۈزۈك، قانچە قاراڭغۇ بولۇشىغا قارىماي ئۇنى كېسىپ تاشلاپ، ئىككى يۆگەملىك تانىغا چېتىپ قويۇشۇڭ كېرەك.

    ئۇ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلدى. قاراڭغۇ كېچىدە بىر ئىش قىلىش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق. بۇ چاغدا ھېلقى بېلىق، بىر ئىغاڭلاپ دولقۇن ھاسىل قىلىپ، بوۋاينى قېيىققا دۈم سالدى، بوۋاينىڭ قاپىقىنىڭ ئاستى يېرىلىپ كەتتى ۋە قان چىقىپ قوۋزىنى بويلاپ چۈشۈپ ئىڭكىگە كېلەي دېگەندە قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ، تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ قېيىقنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىرۋەككە يۆلىنىپ ئولتۇردى-دە، دولىسىدىكى تاغارنى تۈزەشتۈرۈپ، قارماق تانىسىنى پەم بىلەن دولىسىنىڭ باشقا يېرىگە يۆتكىۋالغاندىن كېيىن، تانىنى دولىسى بىلەن مەھكەم تىرەپ تۇرۇپ، بېلىقنىڭ ھەرىكىتىنى سىناپ كۆردى، ئاندىن قولى ئارقىلىق قېيىقنىڭ سۇدىكى سۈرئىتىنى بىلىپ باقتى.

    ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قېيىقنى ئىككى ياققا تەۋرىتىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتىمەن،- دەپ ئەلەم بىلەن ئويلىدى ئۇ،- قارماق تانىسى بەلكىم ئۇنىڭ كەڭ دۈمبىسىدە سېرىلىپ تۇرمايۋاتقان بولسا كېرەك. دەېۋەقە، ئۇنىڭ دۈمبىسى مېنىڭكىدەك ئاغرىمايۋاتقاندۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېنى ھەر قانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ، قېيىقىمنى ئەبەدىل -ئەبەت سۆرەپ يۈرۈۋەرمەيدۇ، مانا ئەمدى ماڭا ئاۋارىچىلىق تېرىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن خالىي بولدۇم، بىر يۆگەم زاپاس تاناممۇي بار. بىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە ھەر قانچە بولغاندىمۇ شۇنچىلىك بولىدىغاندۇ؟

    « ئەي بېلىق،- دېدى ئۇ يېقىملىق ئاۋازدا،- مەن ئۆلسەممۇ سەن بىلەن بىللە ئۆلىمەن. »

    ئاندىن ئۇ يەنە: پەرزىمچە، ئۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا تاڭ ئېتىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. مانا سۈبھى ۋاقىتمۇ بولاي دەپ قالدى، ھاۋامۇ سوۋۇپ كەتتى،- دەپ ئويلىدى ۋە كالتەككە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئىسسىنىۋالدى،- ئۇ قاچانغىچە چىدىيالىسا مەنمۇ شۇ چاغقىچە چىدىيالايمەن.

    تاڭ سۈزۈلۈپ كېلۋاتقاندا، قارماق تانىسى سۇ ئۈستىدە غىل-پال كۆرۈنگەندەك قىلىپ، يەنە سۇغا چۆكۈپ كەتتى. قېيىق ئۈزلۈكسىز ئالغا كېتىپ باراتتى. بىردەمدىن كېيىن كۈن چىقتى ۋە كۈننىڭ نۇرى بوۋاينىڭ ئوڭ دولىسىغا چۈشتى.

    « ئۇ شىمال تەرەپكە كېتىپ بېرىپتۇ،- دېدى بوۋاي،- دېڭىز ئېقىمى بىزنى مەڭگۈ شەرققە ئېلىپ بارىدۇ، مەن بېلىقنىڭ دېڭىز ئېقىمىنى بويلاپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھال ئۇنىڭ چارچىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. »

    كۈن خېلى ئۆرلىگەن چاغدىلا بوۋاي، بېلىقنىڭ تېخى چارچىمىغانلىقىنى بىلدى، بىراق بۇ چاغدا بىر ياخشى ئەھۋالدىن بېشارەت بولدى. يەنى قارماق تانىسىنىڭ يانتۇلۇغى، بېلىقنىڭ خېلىلا تېيىز يەرگە بېرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بۇ خىل ئەھۋال بېلىقنىڭ سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتەتتى.

    «بولسا سەكرەپ چىقسۇن،-دېدى بوۋاي،- مەندە ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك تانا بار.»

    ئۇ : قارماق تانىسىنى سەل-پەللا تارتىپ قويسام، ئۇنىڭ چىشى قېرىشىپ سەكرەپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. مانا ھازىر كۈپ-كۈندۈز بولۇپ كەتتى. چىقسىمۇ -چىقسۇن. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىچىگە ھاۋا تولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ دېڭىز ئاستىغا كىرىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشىمۇ ناتايىن، دەپ ئويلىدى.

    ئۇ، تانىنى كۈچەپ تارتتى، بىراق تانا، بېلىق قارماققا چۈشكەندىن تا ھازىرغىچە ئوق-يانىڭ كىرىچىدەك چىڭ تارتىقلىق تۇرغانلىقتىن، ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. كېيىن ئۇ تانىنى ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ تارتىپمۇ قىمىرلىتالمىدى. ئۇ: ئەمدى تانىنى قوپاللىق بىلەن تارتسام بولمايدۇ، ئەگەر كۈچەپ بىر تارتسام، بېلىقنىڭ قارماققا ئىلنىغان ئاغزى كەڭرىپ كېتىدۇ -دە، مۇبادە ئۇ راستتىن سەكرەپ چىقىدىغان بولسا، قارماق ئۇنىڭدىن ئاجراپ كېتىشى مۇمكىن. چاتىغىم نېمە؟ كۈن تېخى كۆزنى چاققۇدەك ئەمەس، كۈنگە تىكىلىپ قارىمىساملا بولمىدىمۇ، دەپ .ويلىدى.

    قارماق تانىسىغا سېرىق رەڭلىك دېڭىز يۇسۇنلىرى چىرمىشىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي بۇ نەرسىلەرنىڭ بېلىقنى ئۆزىگە ئىلنۇشتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، ناھايىتى خۇشال بولدى، بۇ خىل قىلسىمان يۇسۇنلار قاراڭغۇ تۈندە كۆپلەپ فوسفور نۇرى تارقىتاتتى.

    « بېلىق، ئەي بېلىق، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سېنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيمەن، بىراق بۈگۈن سېنى ئۆلتۈرمەي قويمايمەن" -دېدى بوۋاي ۋە : ئاشۇنداق قىلالارمەنمۇ؟ دەپ ئويلىدى.

    كىچىك بىر قۇش شىمال تەرەپتىن قېيىق تامان ئۇچۇپ كەلدى. ئۇ سۇ يۈزىنى بويلاپ پەس ئۇچاتتى. بوۋاي ئۇنىڭ تازا چارچاپ كەتكەنلىگىنى بايقىدى.

    قۇش، قېيىقنىڭ تۇمشۇقى ئۈستىگە كەلگەندە، سەل توختىۋالدى -دە، كېيىن يەنە قوزغىلىپ بوۋاينىڭ ئۈستىدە بىر پەس ئايلىنىپ يۈردى، ئاخىر قارماق تانىسىنىڭ ئۈستىگە لەپپىدە قوندى.

    «نەچچە ياشقا كىردىڭ، تۇنجى قېتىم يىراققا سەپەر قىلىشىڭ ئوخشىمامدۇ؟» - دەپ سورىدى بوۋاي، قۇشتىن.

    ئۇ گەپ قىلۋاتقاندا، قۇش ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. قۇش بەك ھېرەپ كەتكەنلىكتىن، تانىنىڭ چىڭ تۇرغان -تۇرمىغانلىقىغىمۇ قارىماستىن قونۇۋەرگەن ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ كىچىك پۇتلىرى بىلەن تانىنى قاماپ، تانا ئۈستىدە ئىغاڭلاپ تۇراتتى.

    « تانا چىڭ،- دېدى بوۋاي، قۇشقا،- ئىنتايىن چىڭ، ئاخشام شامال چىقمىغان تۇرسا نېمانچە چارچاپ كەتتىڭ؟ قىزىق ئىش، قۇشلار نېمىشقا شۇنچە قوتقۇنچاقمۇ. »

    ئاندىن ئۇ: سانىڭ دېڭىز ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى ئىزلەيدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى. لېكىن بۇ ئويىنى قۇشقا ئېيتمىدى، چۈنكى قۇش، بەرىبىر ئۇنىڭ گېپىنى ئۇقمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇشمۇ بىردەمدىن كېيىنلا سانىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ يېتەتتى.

    « بىردەم ئوبدان ئارام ئالغىن قۇشچاق،-دېدى ئۇ، -ئاندىن ئۆزەڭگە كېلىدىغان پۇرسەتنى سىناپ كۆر، ئادەم، قۇش، بېلىق ھەممىسىلا ئاشۇنداق ئەمەسمۇ؟ »

    بوۋاينىڭ كېچىچە ئۇمۇرتقىلىرى ئۇيۇشۇپ، شۇ تاپتا خېلى بەك ئاغرىۋاتقانلىقتىن، سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى.

    « قۇشقاچ مۇبادا، خالىساڭ مېنىڭ كەپەمدە تۇرغىن،- دېدى ئۇ يەنە،-سېنىڭ ئالدىڭدا خىجالەتمەن، چۈنكى ھازىرقىدەك سەلكىن شامال چىقىۋاتقان چاغدا يەلكەننى چىقىرىپ، سېنى پانايىمغا ئېلىپ كەپەمگە ئېلىپ كېتىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن، ئاخىر، ماڭا بىللە تۇرىدىغان بىر دوست بەكمۇ زۆرۈر-دە!»

    دەل شۇ پەيىتتە، ھېلقى چوڭ بېلىق توساتتىن تانىنى كۈچەپ سىلكىگەنلىكتىن قېيىق قاتتىق تەۋرەپ كەتتى، بوۋاي، قېيىقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يىقىلىپ چۈشتى، شۇ تاپتا ئۇ تىرەجەپ تۇرۇپ، تانىنى ئۇزارتىپ بەرمىگىنىدە، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنمۇ بولاتتى.

    تانا قاتتىق تارتىلغاندا قۇش ئۇچۇپ كەتتى، بىراق بوۋاينىڭ ھازىر ئۇنىڭغا قاراشقا چولىسىمۇ يەتمەيتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوڭ قولى بىلەن قارماق تانسىنى تارتىۋىدى، قولىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    « بىر نەرسە ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى بولغاي »-دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئۇ، تانىنى تارتىۋېتىپ، بېلىقنى باشقا تەرەپكە بۇرىغىلى بولىدىغان -بولمايدىغانلىقىنى سىناپ كۆردى. لېكىن ئۇ، تانىنى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك چىڭ تارتىپ بولغاندىن كېيىن قىمىر قىلماي ئارقىسىغا تىرەجەپ تۇرۇپ، تانىنىڭ تارتىلىش كۈچىگە تاقابىل تۇردى.

    « بېلىق، سەنمۇ ھازىر قىينىلىۋاتىسەن،-دېدى ئۇ،- راستىنى ئېيتسام، مەنمۇ ناھايىتى قىيىنىلىۋاتىمەن.»

    ئۇ، قۇشنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانلىقتىن ، ئەتراپقا سەپسېلىپ ئۇنى ئىزلىدى، بىراق قۇش ئاللىبۇرۇن ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى.

    سەن بۇ يەردە ئۇزاق تۇرمايلا كېتىپ قالدىڭ،- دەپ ئەلەم بىلەن ئويلىدى بوۋاي،- ھالبۇكى سەن قىرغاققا يېتەي دېگەندە، قاتتىق بوران، دەھشەتلىك دولقۇنلار پەيدا بولىدۇ. نېمىقىمۇ بېلىقنى كۈچەپ تارتىمەن دەپ قولۇمنى يېغىر قىلۋالغاندىمەن. بەك دۆت ئىكەنمەن. ئېھتىمال ئاشۇ قۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، شۇنىلا ئويلىغانلىقىمدىن شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئۆز ئىشىمغا پەخەس بولاي، بىر ئازدىن كېيىن توڭگۇل بېلىقىنى يەۋالسام بۇنچىمۇ ھالسىراپ كەتمەسمەن.

    « بالا بۇ يەردە بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە، مانا شۇ تاپتا ئازراق تۇز بولغان بولسا...» دېدى ئۇ يەنە. ئۇ، قارماق تانىسىنى سول مۈرىسىگە يۆتكىدى ۋە پەم بىلەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قولىنى دېڭىز سۈيىدە يۇيدى ۋە قولى سۇدا تۇرغان بىر مىنۇتچە ئارىلىقتا، دېۇىز سۈيىگە ئارىلىشىپ ئېقىۋاتقان قانغا ھەم قېيىققا ئەگىشىپ ئېقىۋاتقان دېڭىز سۈيىنىڭ قولىنى چايقاپ ئۆتۈۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇردى.

    « ئۇ خېلىلا ئاستىلاپ قاپتۇ»-دېدېى بوۋاي.

    ئۇ قولىنى دېڭىز سۈيىگە ئۇزۇنراق تۇرۇشنى بەكمۇ خالايتتى. بىراق بېلىقنىڭ قېيىقنى يەنە سىلكېۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئورنىدىن دەس تۇردى -دە، گەۋدىسىنى كېرىپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاپتاپتا قۇرۇتتى. ئۇ، ئىش قىلغاندا قوللىرىنىڭ بىھۇدە يارا بولۇپ كېتىشنى خالىمايتتى. ئەپسۇسكى، قولىنىڭ قارماق تانىسى كېسىۋەتكەن يېرى تولا ئىشلەيدىغان يەر ئىدى.

    « بولدىلا،- دېدى ئۇ قولىنى قۇرۇتۇۋېتىپ،-ئەمدى توڭگۇل بېلىقىنى يېمىسەم بولمىدى. ئۇنى قارماققا ئىلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تازا ھۇزۇرلىنىپ يەۋالاي».

    ئۇ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قېيىقنىڭ تۇمشۇغىدىكى توڭگۇل بېلىقىنى قارماققا ئىلدى-دە، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن يۆگەكلىك قارماق تانىسىغا تەككۈزمەي، يېنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە مۈرىسىدىكى تانىنى سول قولى بىلەن كۈچەپ تارتىپ تۇرۇپ، توڭگۇل بېلىقىنى قارماقتىن چىقىرىۋېلىپ، قارماقنى يەنە ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويدى. ئاندىن توق قىزىل رەڭلىك بېلىقنى تىزىغا قويۇپ تۇرۇپ، بېشىدىن تارتىپ تاكى قۇيرۇقىغىچە شىنا شەكلىدە ئالتە پارچە قىلىپ كەسكەندىن كېيىن، ئۇلارنى قېيىقنىڭ بېشى تەرەپتىكى تاختايغا قويدى، ئۇستىخانلىرىنى بولسا سۇغا تاشلىۋەتتى.

    « قارىغاندا، بىر تال بېلىقنى تۈگەپ يەپ بولالمىغۇدەكمەن » -ئۇ سۆزلىگەچ پىچىغىنى قىنىدىن سۇغۇرۋېلىپ، بىر پارچە بېلىق گۆشىنى يەنە پارچىلىدى ۋە قارماق تانىسىنى تارتىۋىدى، پەقەت قىمىرلىمىدى، چۈنكى توساتتىن سول قولىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان ئىدى، شۇ تاپتا ئۇ، تانىغا مەھكەم چاپلىشىپ قالغان سول قولىغا كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ غۇدۇڭشىدى:

    « بۇنى قانداقمۇ قول دېگىلى بولسۇن، پېيىڭ تارتىشسا تارتىشىۋەرسۇن، قۇشلارنىڭ تىرنىقىغا ئايلىنىپ كەت، بۇنىڭ ساۇا ھېچبىر پايدىسى يوق."

    تېزرەك بولاي،- دەپ ئويلىدى. ئۇ يەنە ۋە قاپ-قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە قىيپاش سوزۇلۇپ ياتقان تانىغا قاراپ قويدى،- بۇنى تېزرەك يەۋەتسەم، قولۇمغا جان كىرىپ قالار، بۇ قولۇمدىن ئاغرىنساممۇ بولماس. چۈنكى چوڭ بېلىق بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىنىمغا نەچچە سائەت بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەبىدىل-ئەبەت ھەپىلىشىدىغان گەپ. توڭگۇل بېلىقىنى تېزرەك يەۋېتەي.

    ئۇ بېلىق گۆشىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى ۋە ئېرىنچەكلىك بىلەن چايناپ يۇتۇۋەتتى. گۆشنىڭ تەمى خېلى يامان ئەمەس ئىدى.

    ئوبدان چايناپ، شىرنىسى بىلەن قوشۇپ يەۋالاي. ئەگەر لىمون بىلەن قوشۇپ يېگەن بولسام، يا بولمىسا تۇز سېپىپ يېگەن بولسام تېخىمۇ پەيزى بولاتتى،- دەپ ئويلىدى ئۇ.

       « قولۇم، قانداقراق تۇرىسەن،- دەپ سورىدى ئۇ ئۆلۈكنىڭ قولىغا ئوخشاش ياغاچتەك قېتىپ تۇرغان قولىغا قاراپ،- مەن سېنى دەپلا كۆپرەك يەۋاتىمەن. »

       ئۇ يەنە بىر پارچە گۆشنىمۇ يۇمشاق چايناپ يۇتۇۋېتىپ، قاسرىغىنى پۈركىۋەتتى.

      « قانداقراق، قولۇم؟ يەنىلا بىر نەرسىنى سەزمەيۋاتامسەن؟ »

       ئۇ يەنە پۈتۈن بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ چاينىغىلى تۇردى.

       بۇ ھەم قېنى كۆپ، ھەم سېمىز بېلىق ئىكەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ھەر نېمە بولسا تەلىيىم كېلىپ بۇنى تۇتۇۋالغان ئىكەنمەن. بىراق بۇ يۇنۇس بېلىقى ئەمەس ئىكەن. يۇنۇس بېلىقى بولغان بولسا قالتىس ياخشى بولاتتى. بۇ بېلىق گالدىن ئاسان ئۆتمەيدىكەن ئەمەسمۇ، ھەر ھالدا ئۇنى يېگەندىن كېيىن، ئادەمگە جان كىرىپ قالىدۇ -دە!...ئەسلى گەپكە كەلسەك، كەچكىچە ئۆز نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق. بىر ئاز تۇز بولغان بولسا كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى. ئېشىپ قالغان گۆشلەەر ئاپتاپتا بۇزۇلۇپ قالارمۇ؟ مانا ئەمدى قورسىقىممۇ توياي دەپ قالدى، بىراق بۇ گۆشنى ئاپتاپقا قاقلاپ قويغاندىن كۆرە، ھەممىسىنى يەۋېتەي. ئاۋۇ بېلىق، شۇ تاپتا بىمالال ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. مەن ھەممە گۆشنى پاك-پاكىز يەپ مادار توپلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشەي.

       " قولۇم، چىداپ تۇرغىن،-دېدى ئۇ،- مەن مۇشۇ گۆشنى سېنى دەپلا يەۋاتىمەن! »

       ئۇ: مەن ئۇ بېلىققىمۇ ئامال قىلىپ بىر نەرسە بېرىشنى خالايمەن، ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، بىراق مەن ئۇنى ئۆلتۈرمەي قويمايمەن، ئۆلتۈرگەندىمۇ كۈچۈم بىلەن ئۆلتۈرىمەن، دەپ ئويلىدى ۋە شىنا شەكلىدە توغرالغان بېلىق گۆشلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدىرىماي-تېنىمەي خاتىرجەم ھالدا يەپ تۈگەتكەندىن كېيىن ، بېلىنى رۇسلاپ، قولىنى ئىشتىنىغا سۈرتىۋەتتى.

       « ھەي قولۇم،- دەپ چاقىردى ئۇ،-تانا بىلەن چاتىغىڭ بولمىسۇن، پېيىڭ يەنە تارتىشىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇنىڭغا ئوڭ قولۇم بىلەنمۇ تاقابىل تۇرالايمەن ،»

    ئۇ سول قولىنى تالدۇرۇپ تۇرغان تانىنى، سول پۇتى بىلەن دەسسەپ تۇرۇپ، ئارقىسىغا تىرەجەپ، تانىنىڭ دۈمبىسىگە چۈشىدىغان سالمىقىنى يېنىكلەتتى.

       « خۇدا ماڭا ياردەم قىلغىن، پېيى تارتىشىپ قالغان قولۇمنى ئوڭشاپ قويغىن ،- دېدى ئۇ،- بېلىقنىڭ يەنە نېمە ھۈنەرلەرنى كۆرىتىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزمەن. »

       بېلىق قىلچە ھودۇقماستىن ئۆز پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلۋاتىدۇ،-دەپ خىيالىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ،- ئۇنىڭ پىلانى نېمىدۇ؟ مەن نېمىنى پىلانلاۋاتىمەن! ئۇ بەك يوغان بېلىقكەن، شۇڭا، مەنمۇ ئېنىق بىر پىلان تۈزۈپ، ئۇنىڭ پىلانىغا تاقابىل تۇرۇشۇم كېرەك. ئۇ سەكرەپ چىقسىغۇ ئەپچىل باپلايتتىم. بىراق ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ مۇشۇنداق كېتىۋەرگۈدەك، ماڭىمۇ مەڭگۈ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرۈشتىن ئۆزگە ۋارە قالمىدى.

       ئۇ ، پېيى تارتىشىپ قالغان قولىنى ئىشتىنىغا سۈركەش ئارقلىق ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قولى يەنىلا ئېچىلمىدى. قولۇم كۈ چىققاندا ئېچىلار، توڭگۇل بېلىقىنى ھەزىم قىلىپ بولغىنىمدا ئېچىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر زادىلا ئېچىلمىسا ھەر نېمە قىلىپمۇ ئاچىمەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- بىراق ھازىر زورلاپ ئاچسام بولمايدۇ، ئۆزى ئېچىلىپ قالار. ئۆزى خالىغاندا ياخشىلىنىپ قالار، گەپنىڭ قىسقىسى ، كېچە، قارماق تانىلىرىنى يېشىپ بىر بىرىگە چاتىدىغان چاغدا ئۇنى بەك ئىشلىتىپ كېتىپتىمەن.

        ئۇ، دېڭىزغا نەزەر تاشلاپ، شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ نەقەدەر يەككە- يېگانە ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە قاپ -قاراڭغۇ چوڭقۇر چوڭقۇر سۇ ئىچىدىن چاقنىغان نۇرلارنى، ئالدى تەرىپىدە يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان قارماق تانىسىنى، شۇنداقلا، تىنچ دېڭىز سۈيىدىكى غەلىتە داۋالغۇشنى كۆردى. شۇ تاپتا بۇلۇتلار توپلىنىپ، موسسۇن شامىلىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئالدى تەرىپىدىكى سۇ يۈزىنى بويلاپ، بوشليققا ھۆسۈن قوشقان ھالدا ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئۆردەكنى كۆرۈپ، دېڭىزغا ھەرگىز يالغۇز چىقماسلىق كېررەكلىگىنى ھېس قىلدى. تاۋا ئۆردەكلەر دەم كۆزدىن غايىب بولۇپ، دەم پەيدا بولاتتى.

        ئۇ : بەزىلەر قېيىققا ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قۇرۇقلۇقىنى كۆرگىلى بولمايدىغان جايلىرىغا بېرىشتىن قورققىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاۋا ھامان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ئايلاردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بوران چىقمايدىغان چاغلاردىكى ھاۋارايى، شۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. قارا بوران يېتىپ كېلەي دېگەن مەزگىلدە دېڭىزدا بولساڭ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۆرۈۋالالايسەن. ئۇ كىشلەرگە نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمىگەچكە ، قىرغاقتا تۇرۇپ ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدۇ. قۇرۇقلۇق، بۇلۇتلارنىڭ شەكلىگە نىسبەتەنمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق ، ھازىر قارا بوران چىقمايدۇ، دەپ ئويلىدى.

       ئۇ، سېنتەبىر ئاسمىنىغا سىنچىلاپ قارىدى، تۆۋەن تەرەپتە خۇددى ئۈستى-ئۈستىگە پەم بىلەن قوندۇرۇلغان ماروژنىلاردەك ئاپپاق بۇلۇت توپلىرى، تۆۋەن تەرەپتە پەيگە ئوخشاش پارچە-پارچە بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرەتتى.

      « سەلكىن شامال،-دېدى ئۇ،- ھەي بېلىق ، بۇنداق ھاۋارايى ساڭا قدرىغاندا ماڭا پايدىلىق،- تېخىچە پېيى تارتىشىپ تۇرغان سول قولىنى ئاستا-ئاستا ئاچتى،- پەي تارتىشىشنى بەك ئۆچ كۆرىمەن. بۇ قاراپ تۇرۇپ ئۆز جىسىمىغا ئاسىيلىق قىلغانلىق. چىرىپ قالغان سەيلەرنى يەپ دېلىپ دېزىنتىرىيە بولۇپ قالسا ياكى قۇسۇۋەتسە، خەقلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشىدىغان گەپ. پەي تارتىشىپ قالسىچۇ؟ بۇ ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى تۆككەنلىك، بولۇپمۇ تىكەندەك يالغۇز قالغان چاغلاردا. »

       ھەي، شۇ تاپتا بالا بۇ يەردە بولىدىغان بولسا، قولۇمنى ئۇۋىلاپ ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ قويغان بولاتتى، دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە تانىنى ئوڭ قولى بىلەن تارتىپ كۆرۈپ، بىر ئاز بوشاپ قالغىنىنى سەزدى. شۇ ئەسنادا تانىنىڭ سۇدىكى قىيپاشلىق ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ تانىنى بېسىپ باققاندىن كېيىن، سول قولى بىلەن پاقالچىقىغا شاپىلاقلاۋاتقاندا، تانا سۇ يۈزىگە ئۆرلەۋاتقاندەك كۆرۈندى.

       « تانا سۇ يۈزىگە چىقىۋاتىدۇ،-دېدى ئۇ ،- تېزرەك چىققىدى، قولۇم، ئوڭشالساڭچۇ! »

       تانا ئاستا-ئاستا سۇ يۈزىگە ئۆرلىمەكتە ئىدى، بىردەمدىن كېيىن قېيىقنىڭ ئالدىدىكى سۇ يۈزى كۆتىرىلگەندەك بولدى -دە، ئارقىدىنلا بېلىق كۆرۈندى. ئۇ، سۇنى يېرىپ، بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەيتتى. ئۇنىڭ بەدىنى ئاپتاپتا پاققىراپ تۇراتتى، بېشى ۋە دۈمبىسى قېنىق بىنەپشە رەڭلىك بولۇپ، بېقىنلىرىدىكى ياپراقچىلار كۈن نۇرىدا سۇس بىنەپشە رەڭ كۆرۈنەتتى. تۇمشۇغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى گويا لېيچۇر كالتىكىگە ، ئۇچلۇقلىقى قىلىچقا ئوخشايتتى. ئۇ، سۇندىن چىقىپ، ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇپلا، بەئەينى غەۋۋاسلاردەك غىپلا قىلىپ يەنە سۇ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بىراق ئۇنىڭ ئورغاقتەك ئۇزۇن قۇيرۇقى يەنىلا سۇ يۈزىدە تۇراتتى. تانىمۇ ناھايىتى تېز سىرىلىپ چۈشۈۋاتاتتى.

      « قېيىقتىنمۇ ئىككى فوت ئۇزۇندەك قىلىدۇ» -دېدى بوۋاي. تانا تېز ئەمما رېتىملىق سىيىرىلىپ چۈشۈۋاتاتتى، بېلىق بولسا قىلچە ئۈركۈمەيتتى. بېلىقنىڭ تانىنى ئۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ، بوۋاي تانىغا ئىككى قوللاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېسىلۋالغان ئىدى. ئەگەرت تانىنى كۈچەپ تارتىپ ، بېلىقنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتمىغاندا، بېلىقنىڭ تانىنى پۈتۈنلەي تارتىپ كېتىپ، ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى.

       « مەن ۈۇ چوڭ بېلىقنى بوي سۇندۇرماي قويمايمەن. ئۇنىڭغا قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى، قانداق قىلىپ قولۇمدىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلدۈرمەسلىكىم كېرەك. مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام، يا كۈچۈم بىلەن تانىنى ئۈزۈۋەتمەي قويمايتتىم.ھەر نېمە بولسا خۇداغا شۈكرى، گەرچە ئۇلار ئادەملاردىن بەكرەك ئالىيجاناب، كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئادەملەرگگ ئوخشاش ئەقىللىق ئەمەس،-دەپ ئويلىدى ئۇ.

       بوۋاي نۇرغۇن چوڭ بېلىقلارنى كۆرگەن ئىدى. ھەتتا ئېغىرلىقى مىڭ قاداقتىن ئارتۇق كېلىدىغان بېلىقلارنىمۇ كۆرگەن، ئىلگىرى تېخى شۇنداق بېلىقلاردىن ئىككىسىنى تۇتقان ئىدى، بىراق، ئۇ چاغدا يالغۇز ئەمەس ئىدى. ھازىر بولسا ئۆزى يالغۇز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇقلۇقنى كۆرەىلى بولمايدىغان يىراق بىر يەرگە كېلىپ قالدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا دۇچ كەلگىنى، ئىلگىرى ئۇ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەر قانداقى بېلىقلاردىنمۇ چوڭ بېلىق ئىدى. بۇنى ئاز دەپ ئۇنىڭ سول قولى بىر -بىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان سانىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇيۇشۇپ قالدى.

       پېيى تارتىشىپ قالغان سول قولۇم جەزمەن ئوڭلىنىپ ئوڭ قولۇمغا ياردەملىشىدۇ. مەن، بېلىق ۋە مېنىڭ ئىككى قولۇم -ئۈچ نەرسە يېقىن قېرىنداشلارمىز. پېيى تارتىشىپ قالغان قولۇم، چوقۇم ئوڭلىنىپ قالىدۇ. ئەسلى ئۇنىڭ پېيى تارتىشىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ھەي...بېلىق يەنە ئاستىلاپ قالدى، ئۇ ئادەتتىكى سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ نېمىشكە سەكرەپ چىققانلىقىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم ئۆزىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن سەكرەپ چىققاندۇ. ئەمدى ئۇقتۇم، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قانداق ئادەملىگىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويغۇچىلىقىم بار" بىراق ئۇنداقتا ئۇ پېيى تارتىشىپ قالغان قولۇمنى كۆرۈۋالىدۇ. مەن ئۆزەمنى ئۇنىڭغا ھازىرقىدىنمۇ قاۋۇلراق. پالۋان قىلىپ كۆرسىتىشىم كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق بولالايمەن. مەن ئاشۇ بېلىقنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مېنىڭ شىجائىتىم ۋە ئەقىل-پاراسىتىمگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلمەن.

       ئۇ، بەدەننىڭ سىقىراپ ئاغرىۋاتقانلىقىنىغا چىداپ، تاختايغا يۆلىنىپ ئارامخۇدا ئولتۇردى. بېلىق، ھولۇقماستىن ئالغا قاراپ ئۈزەتتى. قېيىق بولسا قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە ئاستا كېتىپ باراتتى. شەرقتىن مەيىن شامال چىقىش بىلەن تەڭ، سۇ ئۈستىدە بىلنەر-بىلىنمەس دولقۇن پەيدا بولدى. چۈش مەزگىلىدە بوۋاينىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان سول قولىمۇ ئوڭلاندى.

      « بېلىق، بۇ ساڭا ئېيتىدىغان شۇم خەۋەر » -دېدى ئۇ شاتلىنىپ ۋە دولىسىدىكى قارماق تانسىنىڭ ئورنىنى يەڭگۈشلىۋالدى.

       ئۇ ئەمدى ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئەمەلىيەتتە بولسا، يەنىلا ئازابلىنىۋاتاتتى، بىراق ئۇ، ئۆزىنىڭ ئازابپلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلا ئېتراپ قىلغۇسى كەلمەيۋاتاتتى.

      « مەن خۇراپاتلىقققا ئىشەنمەيمەن،- دېدى ئۇ،- بىراق ، بېلىق تۇتالىسام ئون قېتىنلاپ (بەخت -سائادەتلىك مەريەم) دېگەن بولاتتىم . شۇنداق ۋەدە قىلىمەنكى، ئەگەر ئاشۇ بېلىقنى قولغا چۈشۈرەلىسەم، مەريەم ئانىغا سەجدە قىلغان بولاتتىم، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم. »

       ئاندىن ئۇ قېتىپ تۇرۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا كىرىشتى. بەزىدە بەك چارچاپ كېتىپ ئايەتلەرنى ئېسىگە ئالالمىسا، توختاپ تۇرماستىن تېز-تېز ئوقۇۋېرەتتى.

      بەخت-سائادەتلىك مەريەم ئانا دېيىش. بىز -ئاللانىڭ بەندىسى دېيىشتىن ئاسانراقكەن، دەپ ئويلىدى ئۇ.

       « خەير -ساخاۋەتلىك مەريەم ئانا، سىز ئاللا بىلەن بىللە تۇرىسىز، سىز ئاياللار ئىچىدىكى تەلەيلىك ئايال، سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئەيسامۇ شۇنداق تەلەيلىك، پاك-دىيانەتلىك مەريەم ئانا، ناۋادا ھازىر بىز ئۆلمەكچى بولساق، بىزنىڭ ئورنىمىزغا گۇناسى بار ئادەملەرنى تۇتۇپ بېرىشىڭىزنى تىلەيمەن، ئامىن، !-دېدى ئۇ ۋە يەنە،-خەير-ساخاۋەتلىك مەريەم ئانا، ئاشۇ بېلىق ھەر قانچە يامان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالسىڭىز » - دېگەن گەپلەرنى قوشۇپ قويدى.

       ئۇ، دۇئا-تەلەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. بىراق ئۇنىڭ تېنى بۇرۇنقىدەكلا ئازابلىناتتى، بەلكى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئازابلىناتتى. ئۇ، قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىكى تاختايغا يۆلەنگىنىچە سول قولىنىڭ بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىدى.

       گەرچە شامال چىقىۋاتقان بولسىمۇ، كۈن تازا قىزىپ كەتكەن ئىدى.

       « ئەڭ ياخشىسى، كىچىك قارماق تانسىغا باشقىدىن بېلىق يېمى قوييۇپ، قېيىقنىڭ تۇمشۇقىدىن سۇغا چۈشۈرەي،- دېدى ئۇ،- ئەگەر بېلىق يەنە بىر ئاخشام مۇشۇنداق كېتۋېرىشنى قارار قىلغان بولسا، مەن بىر ئاز نەرسە يەۋالمىسام بولمايدۇ، بىراق، بوتۇلكىدىكى سۇ ئاز قاپتۇ، ئويلىسام، مەن بۇ يەردە بىر تال يۇنۇس بېلىقىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئىگە بولالمىغۇدەكمەن. مانا ھازىر ئۇنى يېڭى ۋاقتىدىلا يەۋالسام تازا لەززەتلەنگەن بولاتتىم. بۈگۈن ئاخشام بىر تال ئۇچار بېلىقنىڭ قېيىقىمغا سەكرەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلمەن. بىراق، مەندە بېلىقلارنى جەلپ قىلدىغان  چىراق يوق. ئۇچار بېلىقلارنى تىرىك يېسە بەك تەملىك، ئۇنى پارچىلاپ ئولتۇرۇشمۇ كەتمەيدۇ. مەن ئەمدى كۈچۈمنى بىر ئاز ئاسرىمىسام بولمايدۇ. مەن ئۇ بېلىقنىڭ بۇنچە چوڭلۇقىنى ئويلىماپتىمەن. لېكىن ئۇ قانچە چوڭ، قانچە يامان بولسىمۇ، بەرىبىر ئۆلتۈرمەي قويمايمەن ! »

       ئاندىن ئۇ: بۇنداق قىلىش گەرچە قارا يۈرەكلىك بولسىمۇ، لېكىن بىر ئادەمنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، قانداق ئىشلارغا چىداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويۇشۇم كېرەك-دە » دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى.

      « مەن بالىغا ئۆزۈمنى غەلىتە قېرى، دېگەن ئىدىم ،- دېدى ئۇ،- بۈگۈن شۇ سۆزۈمنى ئىسپاتلىشىم كېرەك. »

       لېكىن، ئۇ ئىسپاتلايمەن دېگەن ئىشلارنىڭ كۈرمىڭى قۇرۇق گەپ بولۇپ چىققان بولسىمۇ، شۇ تاپتا يەنە ئىسپاتلىماقچى بولۇۋاتاتتى.

        ئۇ: مەن ئۇنىڭ ئۇخلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ ئۇخلىسا مەنمۇ ئۇخلىيالايمەن ۋە چۈشۈمدە شىرنى كۆرەلەيمەن. شىر نېمىشقا مېنىڭ كاللامدا قېپقالغان ئاساسلىق نەرسىدۇ؟ - دەپ ئويلىدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى: « قېرى، بولدى ئويلىمايلا قوي. قېيىققا يۆلىنىپ ئارام ئال، ھېچنىمىنى ئويلىما. بېلىق ھازىر تازا كۈچەپ ئىشلەۋاتىدۇ. سەن كۈچۈڭنى قانچە ئاسرىساڭ شۇنچە ياخشى...»

       كۈن چۈشتىن ئىگىلگەن چاغ ئىدى، قېيىق بۇرۇنقىدەكلا توختىماستىن ئاستا-ئاستا كېتىپ باراتتى. شەرق شامىلى قېيىقنىڭ ئالغا مېڭىشىغا توسقۇن بولۇۋاتاتتى. بوۋاي ئۆزىنى ۋە قېيىقنى، لەرزان ئېلىپ كېتىۋاتقان كىچىك دولقۇنىنىڭ مەيلىگە قويۇۋەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ دولىسىنى بېسىپ تۇرغان تانا، بۇرۇنقىدىن يۇمشاپ قالغاندەك تۇيۇلدى ۋە سەل-پەل پەسكە سىرىلدى.

       چۈشتىن كېيىن تانا، يەنە بىر قېتىم سۇ ئۈستىگە ئۆرلىدى. بىراق، بېلىق ئازراق كۆتىرلىگەندەك  قىلدى-يۇ، يەنە ئالغا كېتىۋەردى. كۈن نۇرى، بوۋاينىڭ سول بىلىگى، دولىسى ۋە دۈمبىسىنى قىزىتماقتا ئىدى. شۇ تاپتا، بوۋاي، بېلىقنىڭ شەرقىي شىمال تەرەپكە بۇرۇلغىنىنى بايقىدى.

       بوۋاي، بېلىقنى بىر قېتىم كۆرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ سۇ ئىچىدە قاياققا قاراپ ھەرىكەتلەنمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلەيتتى. بېلىق، سۆسۈن رەڭلىك ئۈزگۈچ قانىتىنى بولۇشىغا كېرىۋېلىپ، قۇيرۇقىنى دىڭگايتقان ھالدا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كېتىپ باراتتى. بوۋاي : « ئۇنىڭ ئاشۇنداق چوڭقۇر  سۇ ئىچىدە تۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقى ناتايىن. ئۇنىڭ كۆزى ناھايىتى چوڭ، ئاتنىڭ كۆزى، ئۇنىڭكىدىن كىچىك بولسىمۇ، قاراڭغۇدا بىر نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ. ئىلگىرى مەنمۇ قاراڭغۇدا خېلى كۆرەلەيتتىم.بىراق، قاپ-قاراڭغۇ جايدىكى نەرسىنى كۆرەلمەيتتىم. ئۇ كەملەردە مەن نەرسە -كېرەكلەرنى كۆرۈشتە مۈشۈك بىلەن بەسلىشەلەيتتىم، دەپ ئويلىدى.

      ئۇ، كۈن نۇرىدا بارماقلىرىنى ھەدەپ ھەرىكەتلەندۈرەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ سول قولى، پېيى تارتىشتىن پۈتۈنلەي قالغان ئىدى، شۇڭا، ئۇ سول قولىنى كۆپرەك ئىشقا سېلىپ، دولىسىنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرىنى ئۇزاق ئۇۋلىدى ۋە تانىنى دولىسىنىڭ بەك قىسىپ كەتكەن جايىدىن ئازراق يۆتكەپ قويدى.

    « ھەي بېلىق، ئەگەر سەن راستتىن ھارمىغان بولساڭ، كارامەت ئىگىسى ئىكەنسەن! »-دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا.

       ئۇ ئىنتايىن ھارغىنلىق ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغانلىقتىن، پۈتۈن زېھنى بىلەن باشقا ئىشلارنى خىيال قىلاتتى. ئۇ. لېيچۇر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئويلايتتى. چۈنكى ئۇ شۇ پەيتتە نييۇ يوركتىكى ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ دېترويت يولۋاس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە قىلۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.

     « مۇسابىقە باشلانغىنىغا ئىككى كۈن بولدى، بىراق مەن مۇسابىقە ئەھۋالىدىن بىخەۋەر قالدىم. لېكىن شۇنىڭغا جەزمەن ئىشنىشىم كېرەككى، ماجئو،ھەرگىزمۇ بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ. ئۇ، ھەرقانداق ئىشنى ئەپلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ تاپىنىدىكى قاداق ھەر قانچە ئاغرىسىمۇ، پىسەنت قىلمايدۇ،- دەپ ئويلىدى ئۇ،-«قاداق » دېگەن نېمە؟ مېنىڭ بەدىنىمدە قاداق يوق. قاداق، خوراز تەپكەندەك ئاغرىتامدىغاندۇ؟ ئويلىسام مەن ئۇنىڭغا چىدىيالمىغۇدەكمەن. خئورازنىڭ بىر كۆزى، ھەتتا ھەر ئىككى كۆزى قۇيۇلۇپ كەتسىمۇ، سوقۇشۇۋېرىدىكەن. مەن ئۇنىڭغا زادىلا چىدىيالمىغۇدەكمەن. ئەمىلىيەتتە، ئادەم، ياۋايى قۇش، ياۋايى ھايۋانلاردىن ھەرگىز كۈچلۈك ئەمەس. مەن قاپ-قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە ياشايدىغان جانلىقلاردىن بولۇشقا رازىمەن. »

      « لەھەڭ كېلىپ قالمىسىلا بولاتتى... -دېدى ئۇ كانىيىنى قىرىپ قويۇپ،- لەھەڭ كېلىپ قالىدىغان بولسا... خۇدايا، ئۇنىڭغىمۇ، ماڭىمۇ رەھىم قىلغايسەن! »

      «ماجئومۇ بىر بېلىق بىلەن ماڭا ئوخشاش شۇنچە ئۇزۇق ۋاقىت ھەپىلىشەرمۇ؟ بۇنىڭدا گەپ يوق. بەلكى ئۇ مەندىنمۇ ئۇزاقراق ھەپىلىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ تېخى ياش، قاۋۇل -دە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ دادىسى بېلىقچى تۇرسا، ئەمما،« قاداق» ئۇنىڭ جېنىنى بەك قاقشىتىپ كېتۋاتقانمىدۇ؟ » دېگەنلەرنى خىيال قىلدى ئۇ، ئاندىن ئادىتى بويىچە ئۈنلۈك سۆزلەشكە باشلىدى :

      « قاداقنىڭ بەك ئاغرىتىدىغان -ئاغرىتمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، چۈنكى مەندە ئەزەلدىن قاداق بولۇپ باققان ئەمەس. »

       كۈن پاتاي دەپ قالغاندا، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنچ توپلاش ئۈچۈن، كاساپلانكىدىكى بىر مەيداندا، پىرىستاندا ھاممالىق قىلىدىغان سىنفۇگۇرلۇق بىر نېگىر بىلەن قول قايرىشقانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ چاغدا، ئۇلار ئىككى  جگينىگىنى بور بىلەن سىزىپ قويۇلغان سىزىق ئۈستىگە قويۇپ، بېلىگىنى تىك تۇتۇپ، بىر-بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم سىققان پېتى بىر كېچى-كۈندۈزگىچە تىركەشكەن ئىدى.

        ھەر ئىككىسى بىر -بىرىنىڭ قولىنى كۈچەپ بېسىپ شىرەگە تەككۈزۈشكە تىرىشاتتى. بىر مۇنچە كىشلەر ئۆيىگە كىرىپ-چىقىپ تۇراتتى. بەزىلەر ئۇلارغا دو چىقتى. بوۋاي، جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا ھېلقى نېگىرنىڭ بىلكىگە ، قولىغا ۋە يۈزىگە زەڭ سېلىپ ئولتۇراتتى. ھەككىز سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇخلىشىغا ۋاقىت چىقىرىپ بەردى. ھەر ئىككىيلەننىڭ تىرنىغىدىن قان چىقىپ كەتتى. ھەر ئىككىسى بىر- بىرىنىڭ كۆزىگە ، قولىغا ۋە بىلىكىگە قارايتتى. دو چىققان كىشلەر ئۆيگە قىرىپ چىقىپ تۇراتتى ۋە تامغا يۆلەپ قويۇلغان ئېگىز ئورۇندۇققا .ولتۇرۇشۇپ، ئىككىيلەندىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى. ياغاچتىن ياسالغان تام، پارقىراق كۆك سىردا سىرلانغان ئىدى. چىراق نۇرى، ئىككىيلەننىڭ شولىسى ئاجايىپ چوڭ كۆرۈنەتتى. شامال، چىراقنى ئىككى تەرەپكە يەلپۈگەن چاغدا، ئۇنىڭ شولىسىمۇ چىراققا ئەگىشىپ ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلايتتى.

       ئىككىلەن قوللىرىنى ئۇياق-بۇياققا تولغىشىپ، ھېچقايسىسى باسالماي، بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى، دپ چىققان كىشلەر نېگىرگە تاتلىق ھاراق قۇيدى، تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بەردى، نېگىر تاتلىق ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بىر قېتىم جان-جەھلى بىلەن بوۋاينىڭ قولىنى ئۈچ دىيومچە باسقان بولسىمۇ، لېكىن ، بوۋاي تىرەجەپ تۇرۇپ، قولىنى يەنە ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇپ ئاپارغان ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ قول قايرىشتا بىرىنجى قاتاردا تۇرىدىغان ماھىر نېگىرنى يېڭىشكە ئىشەنچ قىلغان ئىدى. تاڭ يورۇغاندىن كېيىن، دو چىققان كىشلەر " ھەر ئىككىسى تەڭ كەلگەن ھېسابلانسۇن» دېيىشىۋىدى، لېكىن رېپىر بېشىنى چايقاپ ئۇنمىدى، بوۋاي بولسا بار كۈچىنى چىقىرىپ، نېگىرنىڭ قولىنى باسا- باسا ئاخىرى شىرەگە تەككۈزمىگىچە توختىمىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يەكشەنبە كۈنى سەھەردە باشلىنىپ، دۈشەنبە كۈنى سەھەردە ئاياغلاشقان ئىدى. دو چىققان نۇرغۇن كىشلەر پىرىستانغا بېرىپ شېكەر خالتىلىرىنى توشۇيدىغانلىقىنى ياكى ھاۋانا كۆمۈر كان شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەيدىغانلىقى ئۈچۈنلا " تەڭ كەلگەن ھېسابلانسۇن" دەپ تەلەپ قىلىشقان ئىدى. بولمىغاندا ھەممەيلەن قايسىسىنىڭ يېڭىلدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئويىدا ئىدى. ئاخىرى، دو چىققانلارنىڭ ئىشقا بېرىش ۋاقتى توشماستىنلا بوۋاينىڭ يەڭگەنلىكى ئايرىلدى.

        شۇندىن كېيىن خېلى ۋاقىتلارغىچە كىشلەر ئۇنى، باتۇر دەپ ئاتاپ يۈرۈشتى، باھاردا يەنە ئىككىنچى قېتىم مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، پۇل تىكىشىدىغانلار ئانچە ككپ بولمىدى. بۇ قېتىم سىنفۇگۇرلۇق نېگىرنىڭ ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولمىغاچقا ، بوۋاي ئۇنى كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا يەڭگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر نەچچە قېتىم مۇسابىقىگە چۈشكەن بولسىمۇ، كېيىنكلى كۈنلەردە ئۇنداق ئىش بولمىدى، ۋە ئۇ : كىمدە كىم مەن بىلەن مۇسابىقە قىلىمەن دېسە ۋەتۋەرىگخنى چىقىرىۋېتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولۇم بىلەن بېلىق تۇتسام قولايسىز بولۇپ قالغۇدەك، دەپ كېسىپ ئېيتقان ئىدى. دېگەندەك ، ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە سول قولى بىلەن باشقۇرۇشىغا بوي سۇنماي، ئۇنى مات قىلىپ قويغانلىقتىن، سول قولىغا ئانچە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

       ئۇ : سول قولۇم ئاپتاپتا خېلى تاۋلىنىپ قالدى. كېچىچە بەك سوغاق بولۇپ كەتمىسىلا، ئۇنىڭ پېيى تارتىشىپ قالمايدۇ. بۈگۈن كېچە يەنە نېمە ئىشلار بولاركىن-تاڭ؟ دەپ ئويلىدى.

       شۇ ئەسنادا مىئامىغا بارىدىغان بىر ئايىرۇپىلان ئۇنىڭ بېشىنى سىپاپ دېگەندەك ئۇچۇپ ئۆتتى. ئايىرۇپىلاننىڭ شولىسىدىن قورققان توپ-توپ ئۇچار بېلىقلار ئۇچۇپ چىقىشتى.

       « مۇنچە كۆپ ئۇچار بېلىقلار بار يەردە جەزمەن يۇنۇس بېلىقلىرىمۇ بار » -دېدى ئۇ ۋە قارماق تانىسىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، تانىنى ئالدىغا ئازراق تارتقىلى بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سىناپ كۆردى. ئەمما تانىنى ئالدىغا تارتمىدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى پەقەت قاتتىق تارتىلغان تانا ئۈستىدىكى سۇ تامچىلىرىنى ئۇياق-بۇياققا چاچىرىتالىدى، خالاس. قېيىق يەنىلا ئالغا كېتىۋاتاتتى. بوۋاي، ئايىرۇپىلاننىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى.

       ئۇ : ئايىرۇپىلانغا ئولتۇرۇش ھەيران قالارلىق ئىش بولسا كېرەك. ئايىرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ پەسكە قارىسا، دېڭىز قانداق كۆرۈنىدىغاندۇ؟ ئايىرۇپىلان بەك ئېگىز ئۇچسىلا ئۇنىڭدا ئولتۇرغان كىشلەر بېلىقلارنى چوقۇم ئېنىق كجرەلەيدۇ. مەنمۇ 200 فاتخوم ئېگىزلىكتە ئاستتا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى كۆرۈپ باقسام قانداق بولاتتى-ھە؟ مەن بىر چاغلاردا دېڭىز تاشپاقىسىنى كېمە ماچتىسىنىڭ توشرا ياغچىدا ئولتۇرۇپ، توپ-توپ بولۇپ ئۈزۈپ يۈرگەن كۆپ-كۆك يۇنۇس بېلىقلىرىنى، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى بوغۇم-بوغۇم داغلارنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلىگەن ئىدىم. نېمىشقا قاپ-قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە تېز ئۈزەلەيدىغان بېلىقلارنىڭ دۈمبىسى سۆسۈن رەڭلىك بوغۇم ۋە داغ بولىدىغاندۇ؟ يۇنۇس بېلىقلىرى ئەلۋەتتە يېشىل كۆرۈنىدۇ- دە، چۈنكى ئۇلار راسىتتىنلا ئالتۇن رەڭلىك. بىراق ئۇ تازا ئېچىرقىغاندا بىر نەرسە يېسە، بىقنلىرىدا ساقاڭقۇر بېلىقلىرىنىڭكىگە ئوخشاش سۆسۈن بوغۇملار پەيدا بولىدىكەن. ئۇ، دەرغەزەپكە كەلگەن ياكى بەك تېز ئۈزگەن چاغلاردا بولسا، سۆسۈن رەڭلىك بوغۇملىرى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدىكەن، دەپ ئويلىدى.

       قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە، قېيىق كەڭرى يېيىلغان قىلچسىمان يۇسۇننىڭ يېنىدىن ئۆتتى. دەل شۇ چاغدا، ھېلقى ئىنچىكە قارماق تانىسىغا، يۇنۇس بېلىقى ئېسىلدى. يۇنۇس بېلىقى دەسلەپتە تىكلىنىپ سۇ يۈزىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ئۇياق- بۇياققا تولغىنىپ، كېيىن نئكزىنى تانىغا جان-جەھلى بىلەن ئۇرغىلى ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ماھارەت كۆرىسىتىۋاتقاندەك، تۆت تەرەپكە پىلتىڭلىغىلى تۇردى. ئۇنىڭ تېنى كەچكى قۇياش نۇرىدا ئالتۇندەك پارقىرايتتى. بوۋاي دەلدۈگۈنۈپ قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا بېرىپ يۈكۈندى-دە، ئوڭ قولى بىلەن چوڭ تانىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، سول قولى بىلەن يۇنۇس بېلىقى ئىلىنغان تانىنى يالىڭاياق سول پۇتى بىلەن مەھكەم دەسسىۋالدى. يۇنۇس بېلىقى قېيىقنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كېيىن، پىلتىڭلاپ، ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇتۇق بەرمىدى. بوۋاي، قېيىقتىن ئارتىلىپ تۇرۇپ، بەدىنىنى سۆسۈن داغلار قاپلىغان بۇ پارقىراق ئالتۇن بېلىقنى، قېيىقنىڭ تۇمشۇقى تەرەپتىن تارتىۋالدى. بېلىقنىڭ قارماققا ئىلنغان ئاغزى بىر ئېچىلىپ، بىر يېپىلىپ تۇراتتى، ئۇ تۇرۇپ تۈگۈۋالاتتى، تۇرۇپ ئۇزىراپ كېتەتتى. ياپىلاق ئۇزۇن بەدىنى، قۇيرۇقى ۋە بېشىنى ، ھە دەپ قېيىققا ئۇراتتى. تاكى بوۋاي كالتەك بىلەن ئۇنىڭ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان بېشىغا راسا سالغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنى بىر ھازا تىترەپ ئاخىرىدا قىمىر قىلماي ياتاتتى.

       بوۋاي يۇنۇس بېلىقىنى قارماقتىن چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، قارماققا يەنە بىر تال سارتىن بېلىقىنى ئۆتكۈزۈپ، تانىنى سۇغا چۈشۈردى-دە، ئىغاڭلاپ مېڭىپ، قېيىقنىڭ بېشى تەرەپكە ئۆتتى ۋە سول قولىنى يۇيۇپ، ئىشتىنىغا ئېرتىۋالغاندىن كېيىن، پېتىپ كېتىۋاتقان قۇياشقا ھەم قىيپاش تۇرغان توم تانىغا قاراپ دېدى : « ئۇ، يۆنۈلۈشىنى قىلچە ئۆزگەرتمەپتۇ. »

       ئۇ بايا قولىنى چايقاۋاتقاندا، دېڭىز سۈيىنىڭ قولىنى سىپاپ ئۆتۈشىدىن سۇنىڭ ئاستا ئېقىۋاتقانىلىقىنى بايقىغان ئىدى.

      « ئىككى پالاقنى گىرەلەشتۈرۈپ قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا باغلاپ قويسام، بېلىق كېچىدە ئاستىراق ماڭىدۇ،- دېدى ئۇ،- بېلىق كېچىدىن ئوبدانراق ئۆتۈۋالسۇن، مەنمۇ ئۇنىڭ مەيلىگە ماسلىشاي»

       ئەڭ ياخشىسى، بىردەمدىن كېيىن يۇنۇس بېلىقىنىڭ ئىچ-باغرىنى تازلىۋېتەي،- دەپ ئويلىدى، ئانسدىنئۇ،- شۇنداق قىلسام بېلىقنىڭ قېنى چىقىپ كەتمەيدۇ. بىردەمدىن كېيىن يۇنۇش بېلىقىنىڭ ئىچ- قارنىنى تازىلىغاندا ئىككى پالاقنى بىر-بىرىگە چىگىپ قويسام، قېيىقنىڭ مېڭىشىنبى ئاز-تولا تىزگىنلەيدۇ. لېكىن، ھازىر ئەڭ ياخشىسى، تولا تاراق-تۇرۇق قىلماسلىقىم كېرەك. تېخى كۈن ئولتۇرماستىنلا ئۇنى ئۈركۈتىۋەتسەم بولماس، چۈنكى، كۈن پېتىۋاتقان چاغدا بېلىقلارغا تەڭ كەلمەك قىيىن.

       ئۇ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، قارماق تانسىنى تۇتتى ۋە ئىمكان بار ئۆزىنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن، قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە يۆلىنىپ ئولتۇردى، بۇنداقتا قېيىققا چۈشىدىغان ئېغىرلىق ئۇنىڭغا چۈشىدىغان ئېغىرلىقتىنمۇ كۆپرەك بولاتتى.

       ئەمدى قانداق قىلىش لازىملىقىنى بىلۋالدىم،- دەپ ئويلاشقا باشلىدى ئۇ،- ئاز دېگەندىمۇ چوڭ بېلىق بىلەن قانداق ئېلىشىش لازىملىقىنى بىلۋالدم، ئۇ قارماققا ئىلىنغاندىن بۇيان، ھېچنەرسە يېيەلمىدى. ئۇنىڭ تېنى چوڭ بولغانلىقتىن بۇيان، ھېچنەرسە يېيەلمىدى. ئۇنىڭ تېنى چوڭ بولغانلىقتىن، كۆپرەك نەرسە يېيىشى كېرەك ئىدى، مەن بولسام توڭگۇل بېلىقىنى پاك-پاكىزە  يەپ بولدۇم. ئەتە يۇنۇس بېلىقىنى يەيمەن، ئۇنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، ئازراك يېيىشمۇ مۇمكىن. پىلامىس بېلىقىغا قارىغاندا ئۇنى يېيىش تەسرەك. بىراق، بېلىق يېيىشنى تەس دېسەم، دۇنيادا بىرەرمۇ ئاسان ئىش قالمايدۇ.

      « ھەي بېلىق، ئەھۋالىڭ قانداقراق!-دېدى ئۇ ياڭراق ئاۋازدا،- مەن ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن، سول قولۇممۇ ياخشى بولۇپ قالدى، يەنە تېخى، بىر كېچە-كۈندۈز يەتكۈدەك ئوزۇق تەييارلىۋالدىم. بېلىق، سەن قېيىقنى سۆرەپ كېتىۋەرگىن. »

       شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەرگىز ئۆزى ئېيتقاندەك ياخشى ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ دولىسى تانىنىڭ بېشى بىلەن ئاغرىشتىن تەرەققىي قىلىپ ھەتتا ئاغرىقنىمۇ سەزمەيدىغان پالەچ ھالغا بېرىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ: « بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك پالاكەت باسىدىغان ئىشلارمۇ بولىدىغۇ، بىر قولۇم  سەل-پەل غىردىلىپ كەتكەن بىلەن، يەنە بىر قولۇمنىڭ پېيى تارتمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىككى پۇتۇممۇ ساپ-ساقللا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوزۇقلۇق مەسىلىسىدە ئۇنىڭىدىن غالىپ كېلىۋاتىمەن، دەپ ئويلىدى.

       گۇگۇم چۈشتى، سېنتەبىر ئېيىدا كۈن پېتىش بىلەنلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ. ئۇ قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىكى يېرىق تاختايغا يۆلەنگخنىچە بەدىنىنى قېيىقتىن ئېگىز چىقىرىپ ئولتۇراتتى. دەسلەپكى يۇلتۇزلار تۈركۈمى پەيدا بولدى. بۇ يۇلتۇزلار ئۇنىڭ يىراقتىكى دوستلىرى ئىدى.

       « ئاشۇ بېلقىمۇ مېنىڭ دوستۇم،- دېدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن،- بۇنداق بېلىقنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپمۇ باقمىغان. ئاڭلاپمۇ باقمىغان. بىراق، مەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايمەن. ھېلىمۇ ياخشى ، بىز يۇلتۇزلارنى ھالاك قىلۋېتىشنى ئويلىماپتىكەنمىز.»

       ئەگەر بىر ئادەم، ھەر كۈنى ئاينى ئۆلتۈرىمەن دەپ چىقىدىغان بولسا، قانداق ئەھۋال يۈز بېرەتتى؟ ئۇنداقتات ئاي قېچىپ كېتەتتى. ئەگەر بىر ئادەم ھەر كۈنى كۈننى ئۆلتۈرىمەن دەپ چىققان بولسا، ئۇ چاغدا قانداق ئەھۋاللار يۈز بېرەتتى؟ بىز كىچىگىمىزدىنلا تەلەيلىكمىز.

        ئۇ ھېچنىمە يېيەلمىگەن ھېلقى بېلىققا ئىچ ئاغرىتاتتى، لېكىن يەنە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئىرادىسىدىنمۇ قايتىمايتتى.

       « ئۇنىڭ گۆشى نۇرغۇن ئادەملەر يېسىمۇ يېتەر-ھە! بىراق ئۇلار شۇنى يېيىشكە لايىقمۇ؟ لايىق ئەمەس، ئەلۋەتتە لايىق ئەمەس-دە. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، تەقى-تۇرقى، گۈزەللىكىدن قارىغاندا، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە لايىق ئەمەس... بۇ ئىشلارنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيمەن. لېكىن، بىز ئاي، كۈن ياكى يۇلتۇزلارنى ئۆلتۈرۈش خىيالىدا بولساق بولمايدۇ، ئۇلار ھامان ياخشى -دە. دېڭىزدا كۈن كەچۈرۈپ تۇرۇقلۇق، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرگىنىمىزمۇ يېتەر... مەن ھازىر ئەڭ ياخشىسى ، قېيىقنىڭ سۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە باش قاتۇراي، بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىك تەرىپىمۇ، ياخشى تەرىپىمۇ بار. مۇبادا ئۇ تانىنى كۈچىنىڭ بېرىچە سىلكىيدىغان بولسا ياكى قېيىقنىڭ يۈرۈشىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان پالاق، تازا جايىغا قويۇلمىغان بولسا ۋە ياكى قېيىق ئاستا مېڭىپ تۇرمىسا، ئۇ ھالدا، مەن شۇنچە كۆپ قارماق تانىلىرىم بىلەن بېلىقلارنى قولدىن بېرىو قويىمەن. قېيىقنىڭ يېنىك بولغىنى ماڭىمۇ، بېلىققىمۇ ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق يەنە بىرر جەھەتتىن، مېنىڭ بىخەتەرلىكىمگە پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ، چۈنكى، بېلىق قارماققا ئىلىنغاندىن بېرى قېيىقنى راسا كۈچەپ تارتىپ باقمىدى. قانداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەي ، يۇنۇش بېلىقىنىڭ ئىچ-باغرىنى تازلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئازراق يەپ، ئۆزۈمگە ئازراق دەرمان قوشاي، ھەر ھالدا ئۇنى چىرتىپ قويماي... ھازىرچە بىرەر سائەت ئارام ئېلىپ تۇرۇپ، بېلىق جىمىغاندا، قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا بېرىپ ئۆز ئىشىمنى قىلغاچ، كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەي. شۇ ئارىلىقتا ، ئۇنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمەن. پالاقنى بۇ يەرگە قويۇپ قويۇشنىڭ  ئۆزىغۇ تازا ئەپچىل چارە. بىراق شۇ تاپتا جان بىلەن ئوينىشىدىغان پەيت كېلىپ قالدى. بېلىق بۇرۇنقىدەكلا يۇۋاشلىق بىلەن كېتىۋاتىدۇ، قارماق ئۇنىڭ ئاغزىنى ئىلىپ تۇرغاچقا ، ئۇ، ئاغزىنى چىڭ يۇمۇۋاپتۇ. قارماقنىڭ ئۇنىڭغا بېرىۋاتقان جازاسى تېخى ھېچ گەپ ئەمەس. ئاچلىق ئۇنى جازالاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ، تازا ھەيران قالارلىق بىر ئىشقا يولۇقتى، مانا بۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەجەللىك جازا-دە. قېرى سەن ئارام ئېلىۋەر، ئۇمۇ قېيىقنى سۆرەپ مېڭىۋەرسۇن، قالغان گەپنى ۋاقتى كەلگەندە بىر نەرسە دېمەمسىەن.

       ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى سائەت ئارام ئالغىنىغا ئىشەندى. يېخى ئاي چىقمىغانلىقتىن، ئۇ شۇ تاپتا قايسى ۋاقىت بولغانلىقىنى بىلەلمىدى. ئەمىلىيەتتە ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئارام ئالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئارام دېگىنى ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ئېيتقان سۆزى ئىدى. ئۇنىڭ مۈرىسى بۇرۇنقىدەكلا تانىنىڭ تارتىشىغا چىداپ تۇراتتى. سول قولىنى قېيىقنىڭ گىېۋىكىگە قويۇۋالغان ئىدى. چۈنكى قېيىققا چىڭ يۆلىنىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بېلىققا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇراتتى.

       « تانىنى قېيىققا باغلاپ قويۇشقۇ ئاسان ئىش. ئەمما بېلىق بىرلا تولغىنىپ تانىنى ئۈزۈۋېتىپ قالسا، ئىشنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ. مەن جەزمەن تانىنىڭ سالمىقىنى بەدىنىم بىلەن تىرەپ تۇرۇشۇم كېرەك. ئۇنداقتتا زۆرۈر تېپىلغان ھامان تانىنى ئىككى قوللاپ چۈشۈرۈپ بېرەلەيمەن.»

        « بىراق سەن يەنە ئۇخلىشىڭ كېرەك، قېرى،- ئۇ يەنە سۆزلىگىلى تۇردى،- يېرىم كۈن ۋە بىر كېچە ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈن ئىككىنچى كۈنى بولۇپ قالدى، سەن تېخىچە ئۇخلىمايۋاتىسەن، ئۆزۈڭگە دەققەت قىلغىن. ئۇ جىم تۇرغان مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىردەم ئۇخلىۋالغىن. بۇنداق ئۇخلىماي كېتىۋەرسەڭ، بېشىڭ ئېلىشىپ قالىدۇ.»

       ھازىر كاللام سەگەك، بەلكى بارغانسېرى سەگەكلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. سەگەكلىكتە يۇلتۇز قېرىنداشلىرىمدىن قېلىشمايۋاتىمەن. بىراق يەنە ئۇخلىشىم كېرەك. يۇلتۇزلارمۇ، كۈنمۇ، ئايمۇ ئۇخلايدىغۇ. جىددىي ئېقىن، دولقۇن بولمىغان چاغدا ھەتتا دېڭىز -ئوكيانلارمۇ ئۇخلايدىغۇ. ئۇخلاشنى ئۇنتۇپ قالسام بولماس، بىر ئامال قىلىپ ئۇخلاي. قارماق تانىسى ئۈچۈن، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ  ئىشەنچىلىك بىر چارە تاپاي. ئاۋۋال ئۇياققا ئۆتۈپ، يۇنۇس بېلىقىنى ئوبدان جايلاشتۇرۇپ قوياي. زادى ئۇخلايدىغان بولسام، پالاقنى، قېيىقنى تىزگىنلەپ تۇرغۇدەك قىلىپ تۈزۈكرەك ئورۇنلاشتۇرۋېتەي. بىراق بۇنداق قىلىش بەك خەتەرلىك.

       « بولدىلا، ئۇخلىماي مۇشۇنداق كېتىۋېرەي، ئەمما بۇنداق قىلىشمۇ بەك خەتەرلىك »- دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ.

       ئۇ يەنە ئۆمىلەپ، قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا باردى-يۇ، لېكىن دەككە-دۈككە ئىچىدە بېلىق سۆرەپ كېتىۋاتقان تانىغا تېگەلمىدى. لېكىن: ئۇمۇ مۈگدەۋاتقان بولسا كېرەك، شۇڭا مەن ئۇنى سىلىكىپ يۈرۈپ، ئارام ئالدۇرماي ئولتۇرقمەن، دەپ ئويلىدى.

       ئۇ قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا بارغاندىن كېيىن، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، دولىسىنى بېسىپ تۇرغان تانىنى سول قولى بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئوڭ قولى ببىلەن پىچىغىنى قىنىدىن سۇغىرىۋالدى. شۇ تاپتا يۇلتۇزلار نۇرلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ھېلقى يۇنۇش بېلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلىدى-دە، پىچاقنى ئۇنىڭ بېشىغا سانجىپ، ئۇمق قېيىقنىڭ تۇمشۇقىدىن ئېلىپ چىقتى ۋە بىر پۇتى بىبلەن يۇنۇس بېلىقىنىڭ تېنىگە دەسسەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن تارتىپ تاكى تۆۋەنكى كالپۇگىگىچە يېرىپ تاشلىدى. ئاندىن پىچاقنى تاشلاپ قويۇپ، بېلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى پاكىز تازلىدى، بىردىنلا بېلىقنىڭ ئاشقازىنى ئۇنىڭ قولىغا ئېغىر ۋە سىلىق ئۇرۇندى، ئۇنى يېرىپ كۆرۈۋېدى، ئاشقازاننىڭ ئىچىدىن ئىككى تال يېڭى ئۇچار بېلىق چىقتى، بوۋاي ئۇچار بېلىقنى بىر چەتكە قاتار قويۇپ، ئوڭ پۇتى بىلەن يۇنۇس بېلىقىنىڭ بېشىغا دەسسەپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى سويدى ۋە ئىككى يېنىدىكى گۆشلەرنى قۇيرۇقىدىن بېشىغىچە قويماي كېسىۋالدى.

        ئۇ بېلىقنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېلىپ سۇغا تاشلاپ، سۇدا قاينام ھاسىل بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا قاراپ تۇردى، بىراق ئۇستىخانلار سۇغا چۈشكەندىن كېيىن پارقىرىغاندەك قىلىپلا سۇغا چۆكۈپ كەتتى. ئاندىن بوۋاي ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ھېلقى ئىككى تال ئۇچار بېلىقنى ئىككى پارچە يۇنۇس بېلىقىنىڭ گۆشى ئىچىگە تىقىپ قويغاندىن كېيىن، پىچىغىنى قىنىغا سېلىپ، ئاستا ئۆمىلەپ قېيىقنىڭ بېشى تەرەپكە كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ دولىسى قارماق تانىسىنىڭ سالمىغىدىن ئېگىلىپ قالغان ئىدى، ئوڭ قولىدا بىر تال بېلىق تۇراتتى.

       ئۇ قېيىقنىڭ باش تەرىپىگە بارغاندىن كېيىن، يۇنۇس بېلىقىنىڭ ئىككى پارچە گۆشىنى تاختاي ئۈستىگە قويۇپ قويدى. ئاندىن دولىسىدىكى قارماق تانىسىنى بىر تەرەپكە ئازراق يۆتكىۋالغاندىن كېيىن، سول قولى بىلەن قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ، ئۇچار بېلىقنى قولىغا ئالدى-دە، ئېڭشىپ تۇرۇپ ئۇنى سۇدا چايقىدى ۋە قولىغا ئۇرۇلۇۋاتقان سۇغا قاراپ، سۇنىڭ تېزلىگىنى مۆلچەرلىدى. سۇنىڭ كۈچى ئاستىلاپ قالغان ئىدى، ئۇ، قولىنى قېيىقنىڭ تاشقى تەرىپىگە سۈركىگەن چاغدا، سۇ يۈزىدە پەيدا بولغان سانسىز فوسفور نۇرلىرى ئاستا-ئاستا لەيلەپ، قېيىقنىڭ ئارقىسىدا قالدى.

       « ئۇ، يا ھېرىپ قالدى، يا بولمىسا ئارام ئېلىۋاتىدۇ،- دېدى بوۋاي،- ئەمدى مەن بۇ يۇنۇس بېلىقىنى يەۋېتىپ، ئازراق ئارام ئالغاچ، كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي.»

       تۈن سوغىقى ئاستا-ئاستا كۈچىيىۋاتاتتى. بوۋاي، يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقىدا، يۇنۇس بېلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە بىر تال ئۇچار بېلىقنى يەۋەتتى. ئۇ، بۇرۇنلا ئۇچار بېلىقنىڭ ئىچ-باغرىنى تازىلاپ، بېشىنى كېسىپ تاشلىۋەتكەن ئىدى.

       « يۇنۇس بېلىغىنى پىشۇرۇپ يېگەن بولسام قانچىلىك مەززىلىك بولاتتى-ھە! -دېدى ئۇ،- خام بېلىق نېمە دېگەن لاۋزا. بۇنىڭ يا تۇزى بولمىسا، بېلىق تۇتقىلى چىقمايمەن.»

       ئەگەر مەن كاللا ئىشلەتكەن بولسام، كەچكىچە دېڭىز سۈيىنى قېيىقنىڭ بېشىغا چاچرىتىپ، تۇز ھاسىل قىلغان بولاتتىم. بىراق، ئۇنداق قىلسام، يۇنۇس بېلىقىنى قاراڭغۇ چۈشكىچىمۇ تۇتالمىغان بولاتتىم. يەنىلا تەييارلىقىم كەم بوپتۇ. خەير مەيلى، مەن ئۇنى لەززەتلەنگەن ھېسىياتتا يەي، بەلكىم كۆڭلۈمگە تەگمەس.

       بۇلۇتلار شەرققە قەراپ كېڭىيىپ، ئۇنىڭغا تونۇش يۇلتۇزلار بىر بىرلەپ يوقىماقتا ئىدى. شۇ تاپتا، شامال پۈتۈنلەي توختىغانلەقتىن، ئۇ گويا ئۆزىنى بۇلۇتلۇق چوڭقۇر جىلغىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

       « ئۈچ -تۆت كۈندىن كېيىن ھاۋا بۇزۇلىدۇ،- دېدى ئۇ،- بۈگۈن- ئەتە ھېچ گەپ يوق. ھازىرلا ئىشلارنى ئوبدان جايلاشتۇرۇپ قويۇپ، بېلىق جىم تۇرغان مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر ئاز  ئۇخلىۋالاي.»

       ئۇ قارماق تانىسىنى ئوڭ قولىدا چىڭ تۇتۇپ، قولىنى يوتىسى بىلەن بېسىپ، پۈتۈن ئېغىرلىقىنى قېيىقنىڭ بېشىدىكى ياغاچ تاختايغا چۈشۈردى. ئاندىن مۈرىسىدىكى قارماق تانىسىنى ئازراق تۆۋەنلىتىپ، سول قولى بىلەن ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالدى.

       بۇنى چىڭ ئىگەللەپ تۇرالمىساملا، ئوڭ قولۇم ئۇنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا، تانا قېچىپ كەتكۈدەك بولسا، سول قولۇم مېنى ئويغىتىدۇ. ئەمدى ئوڭ قولۇمغا بەكرەك زور كېلىدىغان بولدى. بىراق، ئۇ جاپا تارتىشقا كۆنۈكقۇ. 20 مىنۇت بولامدۇ، يېرىم سائەت بولامدۇ، ئىشقىلىپ كۆزۈمنى بىر ئاز يۇمۇۋالساملا ياخشى بولغىنى، دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە بەللىرىنى ئېگىپ بەدىنى بىلەن قارماق تانىسىنى تىرەجەپ ، پۈتكۈل ئېغىرلىقىمنى ئوڭ قولىغا سالغان پېتى ئۇيقۇغا كەتتى.

       ئۇ چۈشىدە، 10-8 ئىنگىلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلغان بىر توپ يۇنۇس بېلىقىنى كۆردى، بۇ دەل ئۇلارنىڭ جۈپلىشىدىغان كۈنلىرى بولغاچقا، ئۇلار سەكرىشىپ، بېلىنىڭ ئۈستىنى يۇقىرىغا چىقارغاندىن كېيىن، يەنە پەسلەپ، ئۆزلىرى سەكرەپ چىققاندا ھاسىل بولغان قاينام ئىچىگە غايىب بولاتتى.

       ئۇندىن كېيىن ئۇ ، چۈشىدە يەنە قىيپاش سوزۇلغان سارغۇچ دېڭىز ساھىلىنى ۋە گۇگۇم ۋاقتىدا دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ كېىۋاتقان بىر دانە شىرنى كۆردى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر مۇنچە شىرلارمۇ كېلىۋاتاتتى. ئۇ، ئېڭكىنى قېيىقنىڭ بېشىدىكى ياغاچ تاختايغا تىرىگەن ھالدا تۇراتتى. ئۇنىڭ قېيىقى دېڭىزنىڭ كەچكى شامىلىغا يۈزلىنىپ، شۇ يەردە توختىغان ئىدى. شۇ تاپتا، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى شاتلىققا چۆمگەن ئىدى...

       ئاي چىققىلى خېلى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇيقۇدا ئىدى. ھېلقى چوڭ بېلىق غەم-ئەندىشىسىز ھالدا قېيىقنى سۆرەپ مېڭىۋېرىپ، بىر قاينام ئىچىگە ئېلىپ كىردى.

       بوۋاي، ئوڭ ئالقىنى يۈزىگە قاتتىق ئۇرۇلۇش بىلەن ئويغاندى، قارماق تانىسى ئۇنىڭ ئوڭ قولىدىم شاررىدە سېرىلىپ چىقىپ، قولىنى خېلى ئاغرىتتى، سول قولى ئۇيۇشۇپ كەتكەنلىكتىن، ئوڭ قولى بىلەن كۈچىنىڭ بېرىچە تارتىشىپ باققان بولسىمۇ، تانا بۇرۇنقىدەكلا سېرىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئاخرىدا ئۇ ، سول قولى بىلەنتانىغا مەھكەم ئېسىلىپ، ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ تارتتى. تانا ئۇنىڭ مۈرىسىنى ۋە سول قولىنى ئاغرىتتى. چۈنكى بارلىق سالماق سول قولغا چۈشۈۋاتقانلىقتىن، سول قولى ئېچىشىپ ئاغرىماقتا ئىدى. ئۇ بېشىنى ئارقىسىغا بۇراپ سۇ ئۈستىدە بىر ئوبدان يېيىلىپ تۇرغان قارماق تانىسىنى كۆردى، دەل شۇ پەيىتتە ، ھېلقى بېلىق قاتتىق سىلكىنىپ، دېڭىز سۈيىدە زور بۇژغۇن كۆتىرۋېتىپ، شىددەت بىلەن يەنە سۇ ئاستىغا كىرىپ كەتتى. بېلىق تىنماي سەكرىمەكتە ئىدى. قارماق تانىسى توختىماي چۈشۈپ كېتىۋاتقان  بولسىمۇ، قېيىق يەنىلا ناھايىتى تېز يۈرەتتى.

       بوۋاي بولسا تانىنى جان-جەھلى بىلەن تارتىپ تۇرغاچقا، تانا ئۈزۈلۈپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا سۈرۈلۈپ، قېيىقنىڭ ئارقا تەرىپىگە بېرىپ قالغان بولۇپ، يۈزىنى يۇنۇس بېلىقىنىڭ گۆشىگە چاپلىغان پېتى قىمىر قىلماي تۇراتتى.

       « ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى،- دېدى ئۇ،- ئەمدى تارتماسقا ئامال يوق.»

       ئۇمۇ تانىنىڭ ئازابىنى تارتىپ باقسۇن،- دەپ ئويلايتتى بوۋاي،- جاپانىڭ تەمىنى تېتىسۇن.

       بېلىق ئەمدى سەكرەشتىن توختىغان ئىدى، شۇ تاپتا دېڭىز سۈيىنىڭ شاۋقۇنى ۋە بېلىق چۆكۈپ كېتىۋاتقان چاغدىكى سۇدىن چىققان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى. بوۋاينىڭ قارماق تانىسى قىيۋەتكەن قولى تازا ئاغرىۋاتاتتى. لېكىن ئۇ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتى، شۇڭا ئامال قىلىپ تانىنى قولىدىكى قاپارتقۇ بار يەرلەرگە توغرىلىۋالغانلىقتىن، ئالقىنى ۋە بارماقلىرىغا ئانچە زەخمە يەتمىگەن ئىدى.

       بالا بىللە بولغان بولسا، تانىنى سۇدا يۇمشىتىپ قويغان بولاتتى،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ھەي، نېمىلا بولمىسۇن، بالا بۇ يەردە بولغان بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى...

       قارماق تانىسى سۇغا قاراپ سېرىلا-سېرىلا ئەمدى ئاستىلەپ قالغان ئىدى، ئۇ تانىغا مەھكەم ئېسىلىپ تۇرغانلىقتىن، بېلىقمۇ تانىنى ھەر بىر دىيوم تارتىش ئۈچۈن خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ ، تاختايدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، يۈزىنى ھېلقى بېلىق گۆشىدىن ئاجراتتى ۋە يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ، قارماق تانىسىنى يەنىلا چىقىرىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ تىرشىپ يۈرۈپ، يۆگەلگەن تانىغا پۇتى يەتكۈدەك جايغا بېرىۋالدى. تانا خېلى كۆپ ئىدى. بېلىق سۇ ئىچىدە يېڭى قارماق تانىسنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچىرىماي قالمايتتى.

       ئۇ بايىدىن بېرى ئون نەچچە قېتىم سەكرىدى، ئۇنىڭ ئىلىكلىرى ھاۋا بىلەن توشۇپ كەتتى، ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ قالسىمۇ، مەن تارتىپ چىقرالمىغۇدەك چوڭقۇرلۇققا كىرىپ كېتەلمەيدۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇ بۇرۇلغان چاغدا مەن چوقۇم ئۇنى تىزگىنلەپ ئالالايمەن. ئۇ نېمىدىن چۆچۈپ شۇنداق تۇيۇقسىز سەكرەپ كەتتىكىن-تاڭ؟ پەمىمچە، ئۇ ئاچلىقتىن ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، يا بولمىسا كېچىدە بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتتى. بەلكىم تۇيۇقسىز قورقۇنچ ئىچىدە قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ بىردىنلا ئاشۇنداق سالماق، كۈچلۈك، قورقماس، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كېتىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش.

      « قېرى، ئەڭ ياخشسى سەنمۇ قورقما، سەندىمۇ ئىشەنچ بولسۇن،- دېدى ئۇ ئۆزىگە مەدەت بېرىپ،- تانىغا ئېسىلۋالغىنىڭ بىلەن تانىنى يىغۋالالمايسەن، بىر ئازدىن كېيىن ئۇ بۇرۇلىدۇ.»

       بوۋاي ئەمدى سول قولى ۋە گەۋدىسى بىلەن بېلىقنى تارتىپ تۇردى-دە، بېلىنى ئېگىپ ، ئوڭ قولى بىلەن بىر ئوچۇم سۇ ئېلىپ، مەڭزىگە چاپلىشىپ قالغان يۇنۇس بېلىقىنىڭ گۆشىنى يۇيۇۋەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇنۇس بېلىقىنىڭ گۆشىدىن كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇۋەتسە، ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ يۈزىنى پاكىز سىپىۋەتكەندىن كېيىن، ئوڭ قولىنى قېيىقنىڭ گىرۋىكىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ، دېڭىز سۈيىدە چايقىدى ۋە قولىنى سۇغا چىلاپ تۇرۇپ، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى تاڭ نۇرىغا سەپسالدى.

       ئۇ شەرققە قاراپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ، ئۇنىڭ چارچاپ كەتكەنلىكتىن سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇ بۇرۇلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا بىزنىڭ رەسمىي ئىشلىشىمىز باشلىنىدۇ.

       ئۇ ئوڭ قولىنىڭ سۇدا تۇرۇۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى-دە، قولىنى سۇدىن تارتىۋىلىپ تىكىلىپ قاراپ قويدى.

      -چاتاق يوق،- دېدى ئۇ،- جاپا تارتىش، ئەر كىشى ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس.

       ئۇ تاننى پەم بىلەن ئوڭ قولىغا ئالدى ۋە قولىدىكى باياتىن تانا قىسىپ كەتكەن جايلارنى ئاۋايلاپ، تانىنى يېقىن كەلتۈرمىدى. ئاندىن تاننىڭ دولىسىدىكى سالمىغىنى باشقا جايغا يەڭگۈشلەپ، سول قولىنى قېيىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۇغا يەتكۈدەك قىلۋالدى.

       « سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭ خېلى جايىدا،- دېدى ئۇ سول قولىغا،- ئەپسۇسكى بىر نۆۋەت سېنى زادىلا تاپالماي كەتتىم.

      « نېمىشقا مېنىڭ ھەر ئىككى قولۇم ئوخشاش يارالمىغان بولغىيدى؟ بەلكىم ئاشۇ قولۇمنى ئوبدان تاۋلىمغانلىقىمدىن بولسا كېرەك. بىراق، ئۇ تاۋلىنىمەن دېسە پۇرسەت كۆپقۇ ھەر ھالدا ئۇ بۈگۈن كېچە ئوبدان ئىشلەپ بەردى. بىراق بىر قېتىم ئۇنىڭ پېيىمۇ تارتىشىپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ پېيى تارتىشىپ قالىدىغان بولسا، تانىغا تازا غاجىلىتىمەن.

      ئۇ مۇشۇنداق ئويلاردا بولۇۋاتقاندا، مېڭىسىنىڭ ئانچە سەگەك ئەمەسلىكىنى سەزدى ۋە يۇنۇس بېلىقىدىن يەنە ئازراق يەۋېلىش لازىملىقىنى ھېس قىلدى. بىراق:

      « ئۇنى يەيمەن دەپ كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرۇپ كۈچۈمدىن كەتكەندىن كۆرە، بېشىم قېيىپ كېتىۋاتسىمۇ، مۇشۇنداق يۈرۈۋەرگىنىم ياخشى،- دېدى يەنە ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ،- ئەمدى يېمەي. يېگىنىم بىلەن قورسىقىمغا كىرگەندىن كېيىن بەرىبىر جىم تۇرمايدۇ، چۈنكى ھېلىلا مەڭزىمنى ئۇنىڭغا چاپلاپ تۇرغانتىم، ئۇنى مەن چىرىپ كەتكۈچە قويۇپ تۇراي، بولمىسا بىرەر جىددى ئەھۋال بولۇپ قالسا چاتاق بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن بىر نەرسە يېيىش ئارقىلىق مادار توپلاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. ھەي، قېرى، ئۆزۈڭمىزە تازا ئەخمەقكەنسەن، يەنە بىر تال ئۇچار بېلىقنى يەۋەتسەڭلا بولمىدىمۇ."

       پاكىز يۇيۇۋېتىلگەن ئۇچار بېلىق تاختاينىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ ، سول قولى بىلەن ئۇنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى ۋە بېشىدىن قۇيرۇقىغىچە قالدۇرماي ئۇشتىخانلىرىغا قەدەر يۇمشاق چايناپ يەۋەتتى.

       ئۇنىڭ قۇۋۋىتى ھەر قانداق بېلىقنىڭكىدىن كۆپ، ماڭا ئېھتىياجلىق كۈچ شۇنىڭدىن چىقىدۇ،- دەپ ئويلىدى بوۋاي،- قىلالايدىغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولدۇم. ئەمدى ئۇ بۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ ئەدىبىنى تازا بېرىپ قوياي.

       دەل كۈن چىقىۋاتقاندا بېلىق بۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ، بوۋاي دېڭىزغا چۈشكەندىن بېرى قۇياشنىڭ ئۈچىنچى قېتىم چىقىشى ئىدى.

       قىيپاش تاشلىنىپ تۇرغان تانا توسىۋالغانلىقتىن، ئۇ بېلىقنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى دەماللىققا كۆرەلمىدى. كۈن تېخى ئەتىگەن ئىدى. ئۇ، تاننىڭ سالمىغى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن يېنىك تارتىپ تۇردى. بىر ئازدىن كېيىن بۇرۇنقىدەكلا تاناپتەك چىڭىپ كەتتى -دە، گويا ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك كۆرۈندى. شۇڭا ئۇ مۈرىسى بىلەن بېشىنى تانىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تانىنى ئىككى قوللاپ غۇلاچلاپ تارتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ماغدۇرسىز ئىككى پۇتى ۋە گەۋدسى تانىنىڭ تارتىشىغا ئەگىشىپ، ئالدى-كەينىگە ۋە ئوڭ-سولغا دەلدۈگۈنۈپ تۇراتتى.

       « بۇ بىر چوڭ چەمبىرەك،- دېدى ئۇ،- بىراق ئۇ بەرىبىر بۇرۇلدى.»

        بىردەمدىن كېيىن، ھەرقانداق قىلىپمۇ تانىنى ئۈستىگە تارتالمىدى، بىراق ئۇ، تانىنى يەنىلا مەھكەم تۇتۇقلۇق ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ كۆزى كۈننىڭ نۇرىدا تانا ئۈستىدىكى سۇ تامچىلىرىنىڭ ھەر تەرەپكە چاچراۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئارقىدىن قارماق تانىسى ئۇنىڭ قولىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى. بوۋاي ھاپىلا-شاپىلا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئىلاجىسىز ھالدا ئۇنى قاپ-قاراڭغۇ سۇ ئىچىگە قويۇپ بېرىشكە باشلىدى.

       « ئۇ چوڭ چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ چۆرگىلەۋاتىدۇ"- دېدى ئۇ، ئاندىن: بار كۈچۈم بىلەن تانىغا مەھكەم ئېسىلىۋېلىشىم كېرەك. تانىنى مەھكەم تارتىپ تارالىساملا، ئۇنىڭ ئايلىنىش دائىرىسى كىچىكلەپ بارىدۇ. بىرەر سائەتتىن كېيىن ئۇنى كۆرەلىشىممۇ مۇمكىن. ھازىرچە ئۇنى ئوبدان كونتىرول قىلىپ تۇرۇپ، بىردەمدىن كېيىن جەھەننەمگە يوللىماي قويمايمەن، دەپ ئويلىدى.

       بىراق بېلىق يەنىلا ئالدىرىماي -تېنىمەي ئاستا-ئاستا چۆرگىلەۋاتاتتى. ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بوۋاينىڭ پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلدى. قاتتىق چارچىغانلىقتىن ھەتتا ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ سىرقىراپ ئاغرىماقتا ئىدى. بىراق،  شۇ تاپتا چەمبىرەك خېلىلا كىچىكلەپ قالغانلىقتىن، بوۋاي تانىنىڭ يانتۇلۇقىدىن بېلىقنىڭ بىر تەرەپتىن ئۈزۈپ، بىر تەرەپتىن ھەدەپ يۇقىرى ئۆرلەۋەتقانلىقىنى كۆردى.

       يەنە بىر سائەتتىن كېيىن، بوۋاي كۆز ئالدىدا تەۋرىنىپ تۇرغان قارا توچكىلارنى كۆردى، بېشىدىن ئاققان تەر ئۇنىڭ كۆزىنى، قاپقىدىكى ۋە پېشانىسىدىكى جاراھەتلەنگەن جاينى ئېچىشتۇرماقتا ئىدى. ئۇ، قارا توچكىلاردىن قورقمايتتى. شۇڭا تانىنى كۈچەپ تارتقاچ، قارا توچكىلارنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەمما شۇ چاغدا ئۇ ئىككى قېتىم بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، مانا بۇ ئۇنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئىش ئىدى.

       " مەن بەدىنىمنىڭ ئۆزىنى قويۇۋېتىشىگە يول قويمايمەن، بىر تال بېلىقنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتسەم قانداق بولىدۇ؟ -دېدى ئۇ،- مەن ئۇنى ئەپچىللىك بىلەن ئۈستىگە چىقىرىۋالدىم. مېنىڭ بەرداشلىق بېرىشىمنى ئاللادىن مەدەت تىلەيمەن. يۈز قېتىملاپ« بىز خۇدانىڭ بەندىسى» « خەير-ساخاۋەتلىك مەريەم» دەيمەن بىراق ھازقر دېمەيمەن.

       بۇرۇن مەن شۇنداق دېگەن،- دېدى ئۇ،- بىردەمدىن كېيىن يەنە شۇنداق دەيمەن.

       شۇ ئەسنادا، ئۇ ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تۇرغان قارماق تانىسى، گويا بىر نەرسە قاتتىق ئۇرۇلغاندەك، كۈچلۈك سىلكىندى.

        ئۇ ئۇزۇن تۇمشۇقى بىلەن سىمغا ئۈسۈۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاشۇنداق قىلماي قالمايدۇ، بىراق ئۇ بۇ قېتىم سەكرەپ چىقىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەك پىرقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ ئاشۇنداق  بىر- ئىككىنى  سەكرەپ ئىچىگە ھاۋا يىغىۋالمىسا بولمايدۇ. لېكىن ئۇ ھەر قېتىم سەكرىگەندە، ئاغزىنىڭ قارماققا ئىلىنغان يېرى كېڭىيىپ كېتىدۇ-دە، ئاخىرى بېرىپ قارماقنى ئاغزىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.

       " بولدى سەكرىمە بېلىق،- دېدى ئۇ،- بولدى سەكرىمە!"

       بېلىق، توم سىمغا يەنە بىر نەچچە قېتىم ئۈستى، ھەر قېتىم ئۈسۈگەندە، بوۋاي دەلدۈگۈنۈپ قارماق تانىسىنى ئازراق قويۇۋەتتى.

       مەن چوقۇم ئۇنىڭ جېنىنى قىيناپ باشقا جايغا ماڭغۇزمايمەن. مېنىڭ ئازابلىنىشىمنىڭ كارى چاغلىق. مەن بەرىبىر بەېداشلىق بېرەلەيمەن. بىراق ئۇنى ئاشۇنداق قىيناۋېرىپ ساراڭ قىلماي قويمايمەن.

        ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بېلىق، توم سىم بىلەن ھەپىلىشىشىتىن توختاپ، ئاستا-ئاستا ئايلىنىشقا چۈشتى. بوۋاي بولسا ھەدەپ قارماق تانىسىنى يىغاتتى، شۇ تاپتا ئۇ بېشىنىڭ قېيىۋاتقانلىقىنى سەزدى-دە، سول ئالقىنى بىلەن دېڭىزدىن سۇ ئېلىپ پېشانىسىگە چاچتى ۋە ھۆل قولى بىلەن بوينىنى سۈرتتى.

       « مېنىڭ پېيىم تارتقىنى يوق،- دېدى ئۇ،-دېدى ئۇ،- ئۇ ھازىرلا سۇ يۈزىگە چىقىدۇ، مەن ئۇنى تارتىپ تۇرالايمەن. تارتىپ تۇرمىساممۇ بولمايدۇ، بولدى بۇ گەپنى قويۇپ قوياي. »

       ئۇ، قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە يۆلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، بۇرۇنقىدەكلا قارماق تانىسىنى دولىسىغا ئېلۋالدى ۋە: بېلىق ئايلىنىپ يۈرگەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئازراق ئارام ئېلىۋالاي، ئۇ سۇ يۈزىگە چىققاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرساممۇ بولار، دېگەن قارارغا كەلدى.

    بېلىقنى ئۆز مەيلىچە ئايلىنىشقا قويۇۋېتىپ، تانىنىمۇ يىغماي قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش ئەلۋەتتە بىر كۆڭۈللۈك ئىش. بۇنداقتا، بېلىق قېيىق تەرەپكە كەلمەكچى بولغان چاغدا، بوۋاي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تانىنى ئىككى قوللاپ بىراقلا يىغىۋالاليدۇ.

       « مەن ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك چارچاپ كەتتىم. مانا ئەمدى موسسۇن شامىلى چىقىشقا باشلىدى. موسسۇن شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى تارتىپ يېنىمغا ئەكىلىۋالساممۇ ئەجەپ ئەمەس. شۇ تاپتا قالتىس تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتىمەن.

       " كېيىن ئۇ ئايلانغان چاغدا يەنە ئازراق ئارام ئېلىۋالاي،- دېدى ئۇ،- شۇ تاپتا خېلى ئوبدانلا تۇرۇپتىمەن. ئۇ يەنە ئىككى ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنى تۇتۇۋالىمەن.»

       بېلىقنىڭ تولغىنىشى بىلەن قارماق تانىسى سىلكىنگەنلىكتىن، بوۋاي دەلدۈگۈنۈپ قېيىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ قالدى، چىغ قالپىقىمۇ دولىسىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

       ھەي، بېلىق، تانىنى تارتالىغىنىڭچە تارت. سەن ئايلىنىشىڭ بىلەنلا سېنى تۇتۇۋالىمەن.

       دېڭىز سۈيى خېلىلا ئۆرلىگەن ئىدى. بىراق شۇ تاپتا ھاۋا ئوچۇق بولغان كۈنلەردە چىقىدىغان مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، بوۋاي، قېيىقىنى ھەيدەپ قايتقان ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مەيىن شامالنىڭ چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

        « ئەمدى قېيىقنى غەربىي جەنۇب تەرەپكە بۇرىمىسام بولمىدى،- دېدى ئۇ،- يالغۇز ئادەم دېڭىزدا ئېزىپ قالسا بولمايدۇ.

       بېلىق ئۈچىنچى قېتىم ئايلىنىپ سۇ يۈزىگە چىققاندىلا، بوۋاي ئۇنى كۆرەلىدى.

       ئۇ ئالدى بىلەن قاپ-قاراڭغۇ بىر كۆلەڭگىنى كۆردى، كۆلەڭگە بىر ھازادىن كېيىن، قېيىقنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بوۋاي كۆلەڭگىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

       " ناتايىن،- دېدى ئۇ،- ئۇ بېلىق ئۇنچە چوڭ بولۇشى ناتايىن.

       دەرۋەقە بېلىق ھەقىقەتەن چوڭ ئىدى. ئۇ، بۇ قېتىم بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، 30 مېتىر يىراقلىقتىكى سۇ يۈزىدە پەيدا بولدى. بوۋاي ئۇنىڭ سۇ يۈزىدە تۇرغان قۇيرۇقىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆپ-كۆك سۇدا كۆرۈنگەن سۇس سۆسۈن رەڭلىك قۇيرۇقى ئەڭ كاتتا ئورغاقتىنمۇ چوڭراق ئىدى. بېلىق قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ سۇ يۈزىدە ئۈزگەن چاغدا، بوۋاي ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك تېنى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى ئپراپ تۇرغان سۆسۈن رەڭلىك سىزىقچىلارنى كۆردى. ئۇنىڭ دۈمبە ئۈزگۈچ قانىتى تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، كۆكرىكى ناھايىتى كەڭ ئىدى.

       بۇ قېتىم بېلىق ئايلانغان چاغدا، بوۋاي ئۇنىڭ كۆزىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئىككى تال كۈرەڭ تىرنىنى كۆردى، تىرنىلار بەزىدە چوڭ بېلىققا يېقىن چاپلىشىپ ئۈزەتتى، بەزىدە بولسا تۇيۇقسىز نېرى كېتىپ قالاتتى، يەنە بەزىدە  چوڭ بېلىقنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۇياق-بۇياق چېپىشاتتى. تىرنىلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچ فۇت ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ناھايىتى تېز ئۈزگەن چاغلىرىدا يىلان بېلىقلىرىدەك پۈتۈن بەدىنى ھەرىكەتكە كېلەتتى.

       مانا ئەمدى بوۋاي تەرلەشكە باشلىدى، بىراق بۇ تەرلەرنىڭ چىقىشى قۇياش تەپتىنىڭ ئىسسسقلىقىدىن ئەمەس ئىدى. بېلىق ھەر قېتىم بەخرامان ئايلانغاندا، ئۇ قارماق تانىسىنى ئاز-تولا يىغىۋالاتتى. بېلىق يەنە ئىككى قېتىم ئايلانسا، ئۇنىڭ بەدىنىگە، ئارا تىقىش مەزگىلى يېتىپ كېلەتتى.

      مەن ئۇنى ئۆزۈمگە بەكرەك يېقىنلاشتۇراي، بەكرەك يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ بېشىغا ئەمەس، بەدىنىگە سالاي.

       -قېرى، سالماق، بول، بەرقەس بول-دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە مەدەت بېرىپ، بېلىق يەنە بىر ئاز ئايلانغاندىن كېيىن دۈمبىسى كۆرۈندى، بىراق ئۇ قېيىقتىن يەنىلا يىراقتا ئىدى، ئۇ يەنە بىر ئاز ئايلانغاندىن كېيىن، گەرچە قېيىققا يېقىنلاشمىغان بولسىمۇ، سۇ يۈزىگە چوخچىيىپ چىقتى. بوۋاي ئەمدى قارماق تانىسىنى ئاز-تولا يىغىدىغانلار بولسا، ئۇنى قېيىقنىڭ يېنىغا تارتىپ ئەكىلىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

       ئۇ، بېلىق سانچىيدىغان ئارىنى خېلى بۇرۇنلا تەييارلاپ قويغان بولۇپ، ئارا سېپىدىكى بىر يۆگەم يۇمشاق تانىنى يۇمۇلاق سېۋەت ئىچىگە سېلىپ، تانىنىڭ بىر ئۇچىنى قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىكى دىقماق قوزۇققا چىگىپ قويغان ئىدى.

       شۇ تاپتا قېيىققا يېققىنلىشىپ قالغان بېلىق، يوغان قۇيرۇقىنى پۇلاڭلىتىپ بىمالال تۇراتتى. قارىماققا تەمكىن، تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى. بوۋاي ئۇنى كۈچەپ تارتىپ، قېيىققا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئويىدا بولدى. بىردەمدىن كېيىن بېلىق قېيىق تەرەپكە سەل-پەل سىلجىغاندەك قىلدى-يۇ، بىراق يەنە سوزۇلۇپ ئايلىنىشقا باشلىدى.

      « ئۇنى مەن ھەرىكەتكە كەلتۈردۈم،- دېدى بوۋاي،- ئۇنى مەن ھەرىكەتكە كەلتۈردۈم.»

       بوۋاينىڭ بېشى يەنە ئايلىنىۋاتقاندەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئاشۇ چوڭ بېلىقنى تارتماقتا ئىدى.

       ئۇنى مەن ھەرىكەتكە كۆلتۈردۈم. بەلكىم بڭ قېتىم ئۇنى تارتىپ ئالدىمغا ئەكىلىشىم مۇمكىن. تارت، قولۇم، تارت، چىڭ تۇر پۇتۇم! مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپمۇ بولسا چىڭراق تۇرغىن بېشىم، بەرداشلىق بەرگىن، ئايلىنىپ كەتسەڭ بولمايدۇ! مەن بۇ قېتىم ئۇنى تارتىپ قېشىمغا ئەكىلىمەن.

       بوۋاي بۇ قېتىم پۈتكۈل زېھنى كۈچىنى ئىشلىتىپ، تەييارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى جايىدا ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، بېلىقنى جېنىنىڭ بېرىچە تارتتى، بېلىق ئازراق قىيسايغاندەك بولدى-يۇ، يەنە ئۆزىنى ئوڭلاپ ئۈزۈپ كېتىپ قالدى.

      « ھەي بېلىق،- دېدى بوۋاي،- سەن بەرىبىر ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايسەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە مېنى ھالاك قىلىشنى خىيال قىلۋاتامسەن؟

      بۇنداق كېتىۋەرسە ھېچ ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

       شۇ تاپتا ئۇنىڭ كالپۇكلىرى قۇرۇپ، سۆز قىلالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەمدى دېڭىزدىن سۇ ئالمىدى.

       بۇ نۆۋەت مەن ئۇنى چوقۇم يېنىمغا ئەكەلمىسەم بولمايدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ ئايلىنىپ يۈرۈشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن.

      « ئەمما، سەن ئەبەدىل-ئەبەت ھالاك بولمايسەن،-دېدى ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ.

       بېلىق يەنە بىر ئايلانغان ئەسنادا، بوۋاي بېلىقنى تاتىپ ئۆز يېنىغا ئەكىلىشكە ئاز قېلىۋىدى، بېلىق قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، ئاستا-ئاستا ئۈزۈپ يىراقلىشىۋالدى.

       ھەي، بېلىق، مېنى ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتامسەن؟ راستنى ئېيتقاندا، سەندە شۇنداق ھوقۇق بار، قېرىنداش مەن ئەزەلدىن سەندىن ئۆتە چوڭ، سەندىن ئۆتە گۈزەل، سەندىن ئۆتە سالماق، سەندىن ئۆتە ئالىيجاناب نەرسىنى كۆرگەن ئەمەسمەن. كەل، مېنى ھالاك قىلمامسەن! قېنى كىمنىڭ كىمنى ھالاك قىلىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى...

       ھەي قېرى، ھازىر سېنىڭ كاللاڭ ئېلىشىپ قالدى. كاللاڭنى بىر ئاز سەگەكلەشتۈرسەڭلا، قانداق بەرداشلىق بېرىش لازىملىقىنى بىلەلەيسەن. بىر ئەر كىشىگە ئوخشاش ئىش قىلىشڭ كېرەك بولمىسا بىر تال بېلىقچىلىك بولۇشۇڭ كېرەك.

    « كاللام، ئازراق سەگەكلەشكىن!- ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ گەپلەر ھەتتا ئۆزىمۇ ئاڭلىمىغۇدەك دەرىجىدە ئاجىز ئىدى،- كاللام، ئازراق سەگەكلەشكىن.»

       بېلىق يەنە ئىككى قېتىم ئايلانغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقى جايىدىن يېقىنلىمىدى.

       ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن،- ئۇ ھەر قېتىم خىيال قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ يىقىلىپ كېتەي دەپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى،- ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقىنىنى بىلەمەيۋاتساممۇ، بىراق يەنە سىناپ كۆرەي.

       دەرۋەقە، ئۇ سىناپ كۆرۈپ، بېلىقنى ئۆز تەرىپىگە بۇراپ تارتاي دەپ تۇرغىنىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. بېلىق بولسا قايتىدىن ئۆزىنى رۇسلاپ، ئاستا-ئاستا ئۈزۈپ يىراقلاپ كەتتى. ئۇنىڭ چوڭ قۇيرۇقى يەنىلا بوشلۇقتتا پۇلاڭلايتتى.

       شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىككى بېلىگى تېلىپ كېتىۋاتاتتى، لېكىن ئۇ... ۋال-ۋۇل چېقىلغان چاقماققا قاراپ قايتىدىن غەيرەتكە كەلدى-دە، بېلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەپىلىشىپ كۆرمەكچى بولدى.

       ئۇ يەنە بىر نۆۋەت سەناپ كۆرمەكچى بولسىمۇ، بۇرۇنقىدەكلا ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى، بەلكى تانىنى تارتا-تارتماستىنلا قولىنىڭ كېرەككە كەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى،" بۇدا يەنە بىر نۆۋەت سىناپ  كۆرەي."

       ئۇ ھەر قانداق ئازابلىنىشقا چىداپ، ئەينى ۋاقىتلاردىكى جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋۇجۇدىدا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بېلىقنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى جان تالىشىشىغا تاقابىل تۇردى. بېلىق شۇ تاپتا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، قېيىقنىڭ تاختىيىغا ئۈسەي دەپلا قالغان ئىدى. ئۇ دەسلەپتە، قېيىقنىڭ يان تەرىپىدىن ئۆتتى. سۆسۈن رەڭ بوغۇملار بىلەن ئورالغان شۇنچە ئۇزۇن، شۇنچە ئېگىز، شۇنچە بەستلىك كەلگەن بۇ بېلىق كۈمۈشتەك پارقىرايتتى.

       بوۋاي قارماق تانىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ، بېلىق سانچىيدىغان ئارىنى بولۇشىچە ئېگىز كۆتۈردى-دە، باياتىن بېلىقنى تارتىپ يېنىغا ئەكىلىدىغان چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچ توپلاپ، ئارىنى بېلىقنىڭ ئۈزگۈچ قانىتىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بېلىگە قاتتىق سانچىدى، بېلىقنىڭ ئۈزگۈچ قانىتى تىك كۆتۈرۈلدى. بوۋاي تۆمۈر ئارىنىڭ بېلىق تېنىگە كىرگەنلىكىنى، شۇڭا ئارىنى يەنە نىقتاپ بېلىققا چوڭقۇرراق سانچىش لازىملىقىنى ھېس قىلدى ۋە بەدىنىنىڭ سالمىقى بىلەن ئارىنى تېخىمۇ چوڭقۇر سانچىدى.

       بېلىق ئۆلۈم ئالدىدا تېپچەكلەپ بىر ھازا جان تالاشتى. ئۇ جان ئاچچىقىدا سۇدىن سەكرەپ چىققاندا، ئۇنىڭ چولۇقى، بەستى، قۇدىرىتى ۋە گۈزەللىكى باشقىدىن نامايەن بولدى. بېلىق شۇ تاپتا ئۆزىنى ھاۋاغا ئېسىپ قويغاندەك ھېس قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ، قاتتىق ئىڭرىغان پېتى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ سۇغا چۈشۈشىدىن ھاسىل بولغان دولقۇن ئۇچقۇنلىرى بوۋايغا ۋە قېيىققا قاتتىق چاچىرىدى.

       بوۋاينىڭ بېشى قېيىپ، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، ھېچنەرسىنى ئېنىق كۆرەلمىدى. ئۇ ئارىنىڭ سېپىگە چىگىلگەن تانىنى يەشتى، تانا ئۇنىڭ تىتما -تالاڭ بولۇپ كەتكەن قولىدىن ئاستا-ئاستا سېرىلىپ قېيىققا چۈشتى، ئۇ كۆزى روشەنلەشكەندىن كېيىن، كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان قورسىقىنى پوسكايتقان ھالدا ئاسمانغا قاراپ ياتقان بېلىقنى كۆردى. قېيىقنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرغان ئارا سېپى بىلەن بېلىقنىڭ گەۋدىسى ئارىسىدا بۇلۇڭ ھاسىل بولغان ئىدى. بېلىقنىڭ تېنىدىن چىققان قان دېڭىز سۈيىگە قوشۇلۇپ سۇس قىزغۇچ رەڭ ھاسىل قىلغانىدى، بۇ رەڭ دەسلەپتە، بىر ئېنگىلىز مىلى چوڭقۇرلۇقتىكى زۇمرەتتەك دېڭىز سۈيىدە قاپ-قارا دوغاپتەك كۆرۈندى، كېيىن بۇ دوغاپ بۇلۇتلارغا ئوخشاش ھەر تەرەپكە تارىلىشقا باشلىدى.

       بوۋاي چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۆلۈك ياتقان بېلىققا قاراپ قويۇپ، ئارا سېپىدىكى تانىنى قېيىقنىڭ بېشىدىكى دىقماق قوزۇققا ئورىدى ۋە بېشىغا ئىككى قوللاپ ئاستا ئۇرغىلى تۇردى.

       « كاللامنى سەگىتمىسەم بولمىدى،- دېدى ئۇ، قېيىقنىڭ بېشى تەرىپىتىكى گىرۋەككە يۆلىنىپ تۇرۇپ،- مەن ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن قېرى بولساممۇ، بۇ قېرىنداش بېلىقنى جەھەننەمگە يوللىدىم، مانا ئەمدى جاپالىق ئىشنى قىلىشقا تەييارلانمىسام بولمىدى. »

       ئەمدى سالما بىلەن ئارغامچا تەييارلاپ، بېلىقنى قېيىقنىڭ يېنىغا باغلاپ قويۇشۇم كېرەك،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- بۇ يەردە مەن بىلەن بېلىقتىن باشقا جانلىق يوق. ئۇنى قېيىققا ئالىمەن دەپ قېيىقنىڭ ئىچىنى سۇغا توشقۇزۇۋەتسەم، يەنە سۇنى چىقىرىۋېتىمەن دەپ ئاۋارە بولىدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بېلىق قېيىققىمۇ پاتمايدۇ. مەن ھەممە ئىشلارنى تەق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ئالدىمغىراق ئەكىلىپ، مەھكەم باغلىسام، ئاندىن ئۇنى ماچتنى تىكەلپ، يەلكەننى چىقىرىپ، قېيىقنى ھەيدەپ كەتسەملا بولدى.

       ئۇ، تانىنى بېلىقنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى قېيىقنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاش مەقسىتىدە، ئالدىغا تارتىشقا كىرىشتى.

       ئۇنى كۆرۈپ باققۇم، نوقۇپ باققۇم، سىلاپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۇ مېنىڭ مۈلكۈم-دە، -دەپ ئويلىدى ئۇ،- باياتىن ئارىنى ئۇنىڭ تېنىگە ئىككىنچى قېتىم نىقتىغان چېغىمدا ئارا يۈرىكىگە تاقاشقان ئىدى. ئەمدى ئۇنى يېقىنراق ئەكىلىپ، ئوبدان باغلاي، بىر تال تانا بىلەن قۇيرۇقىدىن باغلاپ، يەنە بىر تال تانا بىلەن بېلىدىن باغلاپ، قېيىقنىڭ يېنىغا مەھكەم تېڭىۋېتەي.

       « قېنى ئىشقا كىرىشكىن قېرى،- دېدى ئۇ ئۆزىگگ ۋە ئازراق سۇ ئىچىۋالدى،- جەڭ ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، تېخى قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن جاپالىق ئىشلار بار.»

       ئۇ ھاۋاغا بىر قۇر سەپسېلىپ چىققاندىن كېيىن، بېلىققا قاراپ قويدى، ئاندىن قۇياشنى كۆڭۈل قويۇپ ئۇزىتىپ چىقتى.

       كۈنمۇ پېشىن بولۇپ قاپتۇ، موسسۇن شامىلى چىقىشقا باشلىدى. ئەمدى بۇ قارماق تانىلىرىنىڭ رولى قالمىدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بالا بىلەن بىرلىكتە بۇ تانىلارنى ئوبدان رەتلەپ قوياي.»

       « كېلە بېلىق» -دېدى ئۇ. بىراق قېرىشقاندەك بېلىق ئۇنىڭ يېنىغا كەلمەستىن، بەلكى بوۋاي، قېيىقنى ھەيدەپ، سۇ ئىچىدە جانسىز تېپچەكلەۋاتقان بېلىققا يېقىنلىشىشىقا مەجبۇر بولدى.

       ئۇ بېلىققا يېقىنلىشىپ قېيىقنىڭ بېشىنى بېلىقنىڭ بېشىغا توغرىلىغانغا قەدەر، بېلىقنىڭ شۇنچىلىك چولۇققىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلاپمۇ كۆرمىگەن ئىدى. ئارقىدىن ئۇ : ئارىنىڭ سېپىدىكى تتانىنى قېيىقنىڭ بېشىدىكى دىقماق قوزۇقتىن يېشىۋېلىپ، ئۇنى بېلىقنىڭ ساقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاغزىدىن چىقاردى.

       ئاندىن تۇمشۇق تەرىپىدىن ئايلاندۇرۇپ، يەنە بىر ساقىغىدىن ئۆتكۈزگەندە، ئىككى تال تانىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، قېيىقنىڭ بېشىدىكى دىقماق قوزۇققا چىگىپ قويدى. ئارقىدىن، ئاشقان تانىنى كېسىۋېلىپ، قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا بېرىپ، بېلىقنىڭ قۇيرۇقىنى قېيىققا باغلىدى، بېلىق ئەسلىدىكى سۆسۈن ئارىلاش كۈمۈش رەڭدىن پۈتۈنلەي كۈمۈش رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، تېنىدىكى بوغۇمچىلار قۇيرۇقىغا ئوخشاش سۇس سۆسۈن رەڭدە ئىدى. بوغۇمچىلار بەش بارمىقى يېيىلىپ تۇرغان ئالقاندىنمۇ كەڭرەك ئىدى. بېلىقنىڭ كۆزى خۇددى دۇربۇننىڭ كۆزىدەك پولتىيىپ چىقىپ تۇراتتى.

      « ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ چارىلەر كېرەك» -دېدى بوۋاي ۋە سۆسۈن سۇدىن ئازراق ئىچكەندىن كېيىن، ئۆزىنى خېلى جانلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىدىن كېتىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسى ھېلھەم خېلى سەگەك ئىدى.

       ئۇنىڭ تۇرقىدىن قارىغاندا، 1500 قاداق كېلىغانلىقىدا گەپ يوق. ئۇنىڭدىن ئېغىر بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇبادا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ساپ گۆش بولۇپ چىققاندىمۇ، بىر قادىغىنى ئۈچ موچەندىن ساتسام، قانچە پۇل بولار-ھە!

       بىرەر تال قېرىنداش بولغىنىدىمۇ ھېسابلاپ كۆرەتتىم. ئەپسۇسكى ھازىر سەل-پەل خارامۇش تۇرىمەن. نېمىلا بولمىسۇن، مەن بۈگۈنكى بۇ ئىشىم بىلەن ماجئو ئالدىدا ماختىنىشىم مۇمكىن. مېنىڭ پۇتۇمدا قاداق يوق. بىراق، قولۇم بىلەن دولام تازا ئازاب چەكتى-دە! ... قاداقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. پۇت-قوللىرىمدا قاداق بولسىمۇ بىلمەي يۈرەمدىمەنكىن-تاڭ!

       ئۇ بېلىقنى باغلىغان تانىنى قېيىقنىڭ قۇيرۇقى، تۇمشۇقىغا ۋە قېيىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شالغا مەھكەم چىگىۋەتتى. بېلىق ھەقىقەتەن كارامەت چوڭ بولۇپ، گويا بىر قېيىقنىڭ يېنىغا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق يەنە بىر قېيىقنى چېتىپ قويغاندەكلا كۆرۈنەتتى. بوۋاي، بېلىقنىڭ ئاغزى ھىم تۇرسۇن ئۈچۈن . ئېشپ قالغان بىر تال تانا بىلەن ئۇنىڭ تۆۋەنكى زاڭغىنى تۇمشۇقى بىلەن قوشۇپ تېڭىپ، قېيىقنى ئىككى ياققا قىمىرلىماس قىلىۋەتتى، ئاندىن ماچتىنى تىكلەپ، قارماق تانىسنى لەيلىتىپ تۇرىدىغان بادرا ۋە تەڭشەكلەرنى تېڭىۋېتىپ، كونا يەلكەننى چىقاردى-دە، قېيىقنىڭ تەرىپىدە پۇتىنى سوزۇپ گىرۋەككە يۆلەنگەن ھالدا غەربىي جەنۇب تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.

    ئۇنىڭغا غەربىي جەنۇب تەرەپنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كومپاسمۇ ھاجەت ئەمەس ئىدى. پەقەت موسسۇن شامىلى بىلەن يەلكەننىڭ يول باشلىشى بىلەنلا ماڭاتتى.

       مانا بىرەر كىچىكرەك قارماقتىن بىرەرسى بولغان بولسا دېڭىزغا سېلىۋەتسەم، ئازراق بىر نەرسە تۇتۇپ چىقسا، يېسەم خېلى ھۇزۇرلىنىپ قالاتتىم. بىراق ئۇنىڭدا سارتىن بېلىقلىرىمۇ سېسىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، قېيىق ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، ئارا بىلەن بىر پارچە ساغۇچ قىلسىمان يۇسۇننى سۈزۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئوندىن ئارتۇق كىچىك راكنى قېيىققا چۈشۈرۈۋالدى. ئارقىدىن ئۇ، پۇتى ئاستىدا ئۇياق-بۇياققا سەكرىشىپ يۈرگەن راكلارنىڭ بېشىنى ئۈزۈۋېتىپ ئاغزىغا سالىغىنىچە قاسرىق ۋە قۇيرۇقى بىلەن قوشۇپ يەۋەتتى. بىچارە راكلار تولىمۇ كىچىك بولسىمۇ، لېكىن يۇمران ۋە تەملىك ئىدى. بوۋاي بۇنى ئەزەلدىن ياخشى بىلەتتى.

       ھازىر بوۋاينىڭ بوتۇلكىسىدا ئاخىرقى ئىككى ئوتلام سۇ قالغان ئىدى، ئۇ راكلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن، بوتۇلكىدىكى سۇدىن يېرىم ئوتلام ئىچىۋالدى. گەرچە قېيىقنىڭ قېيىقنىڭ يېنىغا باغلانغان ھېلقى بېلىق، قېيىققا خېلى ئېغىر يۈك بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، بوۋاي قېيىقنىڭ تۇتقۇچىنى بىلىكىگە قىستۇرۋېلىپ قېيىقنى ئوبدان باشقۇرۋاتقانلىقتىن، ئۇدۇل كېتىپ باراتتى. ئۇ بېلىققا پات-پاتلا قاراپ قوياتتى ۋە قوللىرىغا سەپسېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، دۈمبىسىنى قېيىقنىڭ تۇمۇشۇقىغا ئۇرۇپ قوياتتى. شۇ مىنۇتلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنىڭ شېرىن چۈش بولماستىن، بەلكى كەم-كۇتسىز رېئاللىق ئىكەنلىكىنى، بېلىقنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى ھەمدە ئىككى قولى بىلەن ئۇمۇرتقىلىرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ ئىدى.

       نېمىلا بولمىسۇن، ئالقىنىمدىكى قانلار قۇرۇپ بولدى، تۇز سۈيى قولۇمنى ساقايتالايدۇ،-دەپ ئويلىدى ئۇ،- ھەققىي دېڭىز قولتۇغىدىكى قاپ-قارا دېڭىز سۈيى ئەمىلىيەتتە ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى مەن كاللامنى سەگەكرەك تۇتساملا بولدى. قولۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ بولدى. قېيىقمۇ ئوبدان كېتىپ بارىدۇ. بېلىق ئاغزىنى يۇمۇۋاپتۇ. قۇيرۇقىنى بىر كۆتىرىتىپ، بىر چۈشۈرۈپ دىڭگايتىپ كېتىۋاتىدۇ، بىز ئىككىمىز پايانسىز دېڭىزدا خۇددى ھەققىي قېرىنداشلاردەك كېتىپ بارىمىز. شۇ تاپتا بوۋاينىڭ كاللىسى بىر ئاز خارامۇش ئىدى. ئۇ مېنى باشلاپ كېتىۋاتامدۇ ياكى مەن ئۇنى باشلاپ كېتىۋاتامدىمەن؟ ئەگەر مەن ئۇنى قېيىقنىڭ ئارقىسىغا سۆرىتىپ ئېلىپ ماڭغان بولساممۇ بۇ توغرىلىق سۆزلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى ياكى بولمىسا ئۇنى قېيىققا بېسىپ ئېلىپ ئېلىپ ماڭغان بولساممۇ ئۇنىڭ كارامىتى يوققا چىقاتتى-دە، بۇ توغرىلىق سۆزلەش تېخىمۇ ھاجەتسىز ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىر مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا كېتىۋاتىمەن. ئۇنىڭغا يول باشلاتقۇزسام، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. بىراق مېنىڭ چارە -تەدبىرىم ئۇنىڭدىن داناراق-دە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ماڭا قارىتا يامان نىيىتى بار -يوقلۇقىنى نەدىن بىلەي.

       ئۇلار دېڭىزدا ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق كېتىپ باراتتى. بوۋاي كاللىسىنى سەگىتىش ئۈچۈن قولىنى ئۈچۈن تۇزلۇق دېڭىز سۈيىگە تىقۋالغان ئىدى. ئۇ ئاسماننىڭ قەرىدە تۇرغان توپ-توپ بۇلۇتلار ۋە لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ، كېچىچە سالقىن شامال چىقىدىغانلىقىنى پەزەر قىلدى. ئۇ قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى سېزىۋېلىش ئويىدا، بېلىققا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى. بۇ چاغ تۇنجى قېتىمقى لەھەڭنىڭ بېلىققا قاراپ ئېتىلىپ كېلىشىدىن بىر سائەت بۇرۇنقى ئىش ئىدى.

        لەھەڭ تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالمىدى. چوڭ بىر پارچە قارامتۇل قان بىر ئىنگىلىز مىلى چوڭقۇرلۇقتىكى سۇغا چۆكۈپ ئەتراپقا تارالغان چاغدا، چوڭقۇر سۇ ئىچىدە تۇرغان لەھەڭ ھېچنىمىگە قارىماستىن، ناھايىتى تېز ئۈزۈپ زۇمررەتتەك سۇ يۈزىگە كۆتىرىلىپ چىقتى-دە، كۈننىڭ نۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، يەنە سۇ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ پۇراپ ئىز قوغلاپ قېيىق كېتىۋاتقان يۆلۈنۈشكە قاراپ ئوقتەك ئېتىلدى. بەزىدە ئۇ، بېلىق پۇرىغى كېلىۋاتقان يۆلۈنۈشنى يوقتىپ قوياتتى. بىراق، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا يەنە پۇراپ تېپىپ ياكى شۇ تەرەپنى مۆلچەرلىۋېلىپ، قېيىق يۈرۈۋاتقان يۆلۈنۈشتىن ئايرىلماي ئۈزۈپ كېلەتتى.

       ئۇ ناھايىتى چوڭ لەھەڭ بولۇپ، ئەڭ تېز ئۈزىدىغان بېلىقلاردىنمۇ تېز ئۈزەتتى.ئۇنىڭ تاڭلىيىدىن باشقا يېرى ئىنتايىن كۆركەم ئىدى. دۈمبىسى يەلكەن بېلىقنىڭكىگە ئوخشاش كۆكۈش، قورسىقى كۈمۈش رەڭ، پوستى پارقىراق، چىرايلىق ئىدى.تۇرقى يەلكەن بېلىققا ئوخشىسىمۇ، چوڭ ئىككى تاڭلىيى ئوخشىمايتتى. تېز ئۈزگەن چاغلىرىدا ئىككى تاڭلىيى تاناپتەك تارتىشىپ كېتەتتى. سۇ ئاستىدا ئۈزگەندە، ئۇنىڭ ئېگىز كۆتىرىلىپ تتۇرغان دۈمبە ئۈزگۈچ قانىتى، خۇددى پىچاقتەك، مىدىر-سىدىر قىلماستىن سۇغا قادىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قىيپاش كەلگەن ئۈچ قاتار چىشلىرى كۆپ ئۇچرايدىغان لەھەڭلەرنىڭكىگە ئوخشاش پىرامىدا شەكىللىك بولماستىن، قۇشلارنىڭ تىرنىغا ئوخشايتتى ۋە بىر يەرگە يىغىلغان چاغدا، ئۇنىڭ شەكلى خۇددى ئادەمنىڭ بارماقلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى. چىشلىرى بوۋاينىڭ بارماقلىرىچىلىك ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئىككى يېنى ئۈستۈنرەك ئۆتكۈر ئىدى. لەھەڭلەر تۇغۇلۇپلا دېڭىزدىكى بېلىقلارنى يەپ چوڭ بولاتتى. ئىنتايىن تېز ئۈزەلەيدىغان، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە چوڭ-چوڭ بېلىقلارمۇ ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيتتى. شۇ تاپتا بۇ لەھەڭ، قېيىققا چېتىلغان بېلىقنىڭ پۇرىغىنى يېڭىۋاشتىن ھىدلاپ، بۇرۇنقىدىنمۇ تېز ئۈزۈپ، كۆك رەڭلىك دۈمبە ئۈزگۈچ قانىتى بىلەن سۇنى يېرىپ كېلىشكە باشلىدى.

       بوۋاي لەھەڭنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ھېچنىمىدىن قورقماي، خالىغىنىنى قىلىدىغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا ئۇ بېلىق سانچىيدىغان ئارىغا تانا چىگىپ تەييارلاپ قويۇپ، ئېتىلىپ كېلىۋاتقان لەھەڭگە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى.

    شۇ مىنۇتلاردا بوۋاينىڭ مېڭىسى سەگەك، روھىي كەيپىياتى نورمال، ئىرادىسى قاتتىق ئىدى، بىراق ئۈمىدى زور ئەمەس ئىدى. ئۇ: بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار بولسام بەك ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايتتى. ئۇ لەھەڭنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۆلۈك ياتقان چوڭ بېلىققا قاراپ قويدى.

       بۇمۇ بەلكىم چۈشۈمدۇ. ئۇنىڭ كېلىپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشنى توساپ قالالمىغۇدەك ئەمەسمەن، بەلكىم ئۇنى تۇتۇۋېلىشىممۇ مۇمكىن. ھوي ئاناڭنى... دېنتۇسو.(بىر خىل ئەشەددىي لەھەڭلەرنىڭ ئىسمى)

       لەھەڭ ھايت-ھۇيت دېگىچە قېيىقنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ قالدى ۋە ھېلقى ئۆلۈك بېلىقنى قاساشقا باشلىدى. بوۋاي، لەھەڭنىڭ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، چىشلىرىنى قارسىدىلىتىپ، ئادەم چۆچۈگىدەك كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ، بېلىقنىڭ قۇيرۇقى تەرەپتىن باشلاپ يەۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. لەھەڭنىڭ بېشى سۇ ئۈستىدە ئىدى، دۈمبىسىمۇ سۇ يۈزىگە كۆتىرىلىپ چىقىۋاتاتتى. بۇ چاغدا بوۋاي، ئارىسىنى دەللەپ ئاپىرىپ لەھەڭنىڭ بېشىغا سانچىدى، ئارىنىڭ نەشتىرى لەھەڭنىڭ قاسىرىقىنى تېشىپ ئۆتۈپ گۆشىگە پاتتى. ئۇنىڭ ئارىسى، لەھەڭنىڭ ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى سىزىق بىلەن بۇرۇن كۆمۈچىگىنىڭ تۇتاشقان جايىغا يېقىن سانجىلغان بولسىمۇ، لېكىن، ئىككى تال سىزىقنىڭ كېلىشكەن يېرىگە دەل سانجىلمىغان ئىدى. شۇڭا، لەھەڭنىڭ ئۇچلۇق كەلگەن كۆكۈش يوغان بېشى، كۆزى ۋە بېلىقنى كارسىلىدىتىپ يەيدىغان چىشلىرى، ئۇزۇن سوزۇلغان تۇمشۇقى، يەمنى يالماپ ئالىدىغان ئىككى تاڭلىيى شۇ پېتىچە تۇراتتى. بوۋاي، ئارىسىنى يۇلۇۋېلىپ يەنە بىرنى سانچىدى ۋە پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، قانغا بويىلىپ كەتكەن قولى بىلەن ئۆتكۈر ئارىسىنى ھەدەپ نىقتاشقا باشلىدى. ئۇ، لەھەڭنىڭ بېشىغا ئارا سانچىۋاتقان چاغدا ھېچنەرسىنى ئارزۇ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا بىر خىل قەتئىي ئىرادە ۋە لەھەڭگە بولغان ئىچ-ئىچىدىن قايناپ چىققان ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان ئىدى.

       لەھەڭ سۇ ئىچىدە تولغىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆز قارىچۇغىسىمۇ نۇرسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئەسنادا لەھەڭ بىرلا تولغىنىپ تانىنى بەدىنىگە چىرمىۋالدى. بوۋاي لەھەڭنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەرەز قىلدى. بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ جان تالاشماقتا ئىدى. بىردەمدىن كېيىن، لەھەڭ سۇدا ئوڭدىسىغا يېتىپ، قۇيرۇقىنى ھەدەپ سۇغا ئۇرۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ تاڭلىيى خۇددى موتۇرلۇق كېمە سۇ يېرىپ كېتىۋاتقاندەك ئاۋاز چىقىراتتى. ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن دېڭىز سۈيى داۋالغۇپ ھەر تەرەپكە چاچرايتتى. بىر ئازدىن كېيىن تانا چىڭ تارتىلىپ، لەھەڭنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمى سۇ يۈزىگە چىققاندا، تانا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كەتتى. لەھەڭ مىدىر-سىدىر قىلماي بىردەم ياتقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا چۆكۈپ كەتتى.

      « بېلىقىمدىن ئاران 40 قاداقچىلىكلا يېيەلەپتۇ» - دېدى بوۋاي خۇشال بولۇپ.

       مانا ئەمدى تانا بىلەن ئارامنى قوشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلىقىمنىڭ دۈمبىسىگە قان ئېقىپ قاپتۇ، يەنە باشقا لەھەڭلەرمۇ كېلىپ قالامدۇ-تېخى.

       بوۋاي ئىچى سىرىلغان ھالدا، قاسساپ كەمتۈك قىلىپ قويغان بېلىقىغا قاراپ قويدى، چۈنكى لەھەڭ بېلىقنى يەۋاتقاندا، ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز گۆشىنى يەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلغان ئىدى.

       « نېمىلا بولمىسۇن بېلىقمغا چاڭ سالغان لەھەڭنىڭ جېنىنى ئالدىم. ئەزەلدىن بۇنداق چوڭ دېنتۇسنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. كىم بىلىدۇ، مەن كۆرمىگەن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ لەھەڭلەر بارمۇ تېخى. يەنە بىر ئاز چىداشلىق بېرەلىسەم بەك ياخشى بولاتتى. چۈشۈمدە مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرەلىسەم تازا ھۇزۇرلىناتتىم. بۇنداق چوڭ بېلىقنى تۇتالمىغان بولسام، تەنھا ئۆزەم گېزىت سېلىنغان كارۋىتىمنىڭ ئۈستىدە شېرىن چۈشلەرنى كۆرۈپ ياتقان بولاتتىم.

      « بىر ئادەم ھەرگىزمۇ يېڭىلىش ئۈچۈنلا تۇغۇلمايدۇ، سەن ئۇنى ئامال قىلىپ يوقاتمىغان بولساڭ، ئۇنى يېڭەلمىگەن بولاتتىڭ»-دېدى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا.

       « ئىشقىلىپ بۇ بېلىقنى ئۆلتۈردۈم، ئۇنىڭغا يۈز كېلەلەيمەن. مانا ئەمدى پالاكەت باسىدىغان چاغلار يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارامدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. دېنتۇسۇ دېگەن بۇ ئەبلەخ رەھىمسىز، قابىل، كۈچلۈك، زېرەك، ئۇنداق دېسەممۇ بولماس. ھېچ بولمىغاندا، مەندە ئۇنىڭدا يوق قورال بار -دە.

       « بۇ ئىشلارنى خىيال قىلمايلا قوي قېرى،- دېدى ئۇ ئاۋازىنى چىقىرىپ،- قېيىقىڭنى ھەيدەپ مېڭىۋەر، بېشىڭغا كەلگەننى كۆرمەمسەن.»

       بىراق بۇ ئىشلارنى يەنە ئويلايمەن. ماڭا ئويلاشتىن باشقا نېمە چارە بار ؟ بۇ ئىشلاردىن باشقا، يەنە لېيچۇرنى ئويلايمەن. ماجئونىڭ، ئارىنى لەھەڭنىڭ كاللىسىغا سانچىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت چارەمنى ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغانلىغىمدىن ئىبارەت خەۋەرسىزمەن.ئۇ ھېچقانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسقۇ. ئۇنچىلىك ئىشنى ھەممە ئادەم قىلالايدۇ. بىراق، سەن، قولۇمنىڭ ماڭا كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقى بىلەن ئوخشاش دەپ قارامسەن-قانداق؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. مېنىڭ تاپىنىم ئەزەلدىن پېششكەللىككە ئۇچراپ باققىنى يوق. راسىت، بىر قېتىم سۇ ئۈزۈۋېتىپ بىر بېلىقنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ سېلىشىم بىلەن تاپىنىمنى تىتىۋەتكەنلىكتىن، جېنىم چىققۇدەك ئاغرىپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى، ئۇ چاغدا پاقالچىقىم تارتىشىپ قاپتىكەن...ھەي ، كۆڭۈللۈك ئىشلارنى خىيال قىلغىن قېرى.

       ۋاقىت بىر بىرلەپ ئۆتمەكتە. بوۋاي بارغانسېرى ئۆيىگە يېقىنلسشماقتا ئىدى. 40 قاداق بېلىق گۆشىدىن ئايرىلىپ قالغان  بۇ قېيىق تېخىمۇ لەرزان ھالدا ئالغا قاراپ يۈرەتتى.

       قېيىق دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا قانداق ئويۇن چىقىدىغانلىقى بوۋايغا بەش قولدەك ئايان ئىدى، ئەمما شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ھېچقانداق چارە قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

      " ھە، چارە تاپتىم،- دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا،-پىچىقىمنى بىر تال پالاقنىڭ ئۇچىغا باغلىۋالسام بولىدىغۇ."

      -ئەمدى ئەپلەشتى،- دېدى ئۇ،- مېنىڭ بۇ قېرى جېنىم ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمدى قۇرۇق قول ئەمەسمەن.

      بۇ چاغدا، شامال بىر ئاز كۈچىيىپ قالغان بولۇپ، قېيىق شامالدا، خېلى تېز كېتىپ باراتتى. ئۇ، بېلىقنىڭ باش تەرىپىگە قاراپ چىقىپ، خېلى ئۈمىدلەنگەندەك بولدى.

       ئۈمىدسىزلىنىش، ئەخمەقنىڭ ئىشى. ئەمما ھازىرقى ئىشلىرىمنى بىر خىل جىنايەت ھېس قىلۋاتىمەن، جىنايەت دېگەن گەپنى قويۇپ تۇراي، جىنايەت دەپ ئولتۇرغىنىم بىلەن، ئىشلار كەينى-كەينىدىن كېتىۋاتامدۇ. جىنايەت دەپ ئولتۇرغىنىم بىلەن، ئىشلار كەينى- كەينىدىن كېتىۋاتامدۇ. جىنايەت دېگەن بىلەن مېنىڭ نېمە چاتىغىم. بۇنداق ئىشلارنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىغا بەكمۇ ئىشنىپ كەتمەيمەن. ئەمما بىر دانە بېلىقنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئۆزى جىنايەت بولسا كېرەك. گەرچە مېنىڭ بېلىقنى ئۆلتۈرۈشۈم ئۆزۈمنى ۋە بىر مۇنچە كىشلەرنى بېقىش ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن ئويلاپ باقسام، چوقۇم جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن. بۇنداق قارىلىدىغان بولسا، قىلغانلا ئىشنىڭ ھەممىسى جىنايەت ھېسابلانغۇدەك، بولدىلا، جىنايەت دېگەن خىيال قىلمايلا قوياي. ئەمدى ئويلىسام ئۇمۇ بەك بوشلۇق قىپتۇ. بەزى كىشلەرغۇ كەچكىچە جىنايەتچىلەرنىڭ ئىشنىلا ئويلايدۇ. بۇنداق ئىشلارنى شۇنداق ئادەملەر ئويلىسۇن، خۇددى بېلىق تۇغۇلىشىدىنلا بېلىق بولغىنىدەك، مەنمۇ ئەزەلدىن بېلىقچى تۇرسام، ساك، پىترومۇ ماجئونىڭ دادىسىغا ئوخشاش بېلىقچىغۇ.

    ئۇ ھەمىشە ئۆزى بىلەن ئالاقىدار بولغان ھەممە ئىشلارنى ئويلاشنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ياكى كۆرىدىغان گېزىت-ژۇرنالى، رادىيوسى بولمىغاچقا، ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى ئويلايتتى. بولۇپمۇ جىنايەت ئىشنى بەكرەك ئويلايتتى.

       سېنىڭ بېلىقنى ئۆلتۈرۈشتىن مەقسىدىڭ ئۆزۈڭنى باشقۇرۇشتىن باشقا، ئۇنىڭ گۆشىنى سېتىپ باشقا نەرسىلەرنى ئېلىش. بېلىقچى بولغىنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن شەرەپ ھېس قىلىسەن. ئۇ تىرىك ۋاقتىدا سەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن. ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىسەن، ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشىنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن شەرەپ ھېس قىلىسەن. ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ " يەنە ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىق جىنايەت ھېساپلانمامدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئىش جىنايەت ھېسابلىناتتى.»

        « نېمانچە كۆپ ئىشلارغا باش قاتۇرىسەن، قېرى»- دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا.

       سەن ئۇ لەھەڭنى ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇمۇ ساڭا ئوخشاشلا تىرىك بېلىقلارنى يەپ جان بېقىدۇ. ئۇ چىرىپ قالغان نەرسىلەرنى يەيدىغان ھايۋان ئەمەس. بەزى لەھەڭلەرگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ نەپىسى، ئاشۇنداق تىرىككە ئامراق. ئۇ گۈزەل، ئالىيجاناب ھېچنەرسىدىن قورقمايدۇ.

      « مېنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈم ئۆزۈم ئۈچۈن،- دېدى ئۇ خۇشال بولغان ھالدا،- ئۇنى بەكمۇ ئەپچىل جايلىدىم.»

        تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، سەن ئۇنى يوقاتمىساڭ، ئۇ سېنى يوقتىدۇ. بېلىق بىر تەرەپتىن، مېنى باقسا، يەنە بىر تەرەپتىن مېنى ھالاك قىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنى ھەددىن ئارتۇق ئالدىماسلىقىم كېرەك.

       ئۇ قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ، ئۆلۈك بېلىقنىڭ تېنىدىكى لەھەڭ قاساپ كەتكەن جايدىن، بىر پارچە گۆش ئۇنىڭغا خۇددى ھايۋاناتلارنىڭ گۆشىدەك تەملىك تۇيۇلدى. گۆش چىڭ ھەم سۇلۇق بولۇپ، ئانچە قىزىل ئەمەس ئىدى. گۆشتە سىڭىرلار ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، بوۋاينىڭ ئۇنى يۇقىرى باھادا ساتالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى.

       توختىماي چىقىۋاتقان شامال، شەرقىي شىىمال تەرەپكە سەل-پەل بۇرۇلغان ئىدى. ئۇ شامالنى توسىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇ تاپتا ئۇ، ئالدى تەرەپكە نەزەر سالغان ئىدى، ئالدى تەرەپتىن يا بىرەر يەلكەن، يا بىر قېيىق، ھەتتا قېيىقتىن چىقىۋاتقان تۈتۈنلەرمۇ كۆرۈنمىدى. پەقەت ئۇچار بېلىقلار بىر نەرسىدىن ئەندىشە قىلغاندەك، ئىككى تەرەپكە سەپسېلىپ ئۇچۇپ كېتىپ باراتتى. سارغۇچ، قىلسىمان يۇسۇنلار يەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا بىرەر يېرىم قۇشمۇ كۆرۈنمەيتتى.

       ئۇنىڭ قايتىپ كېلىۋاتقىنىغا ئىككى سائەت بولغان ئىدى. بوۋاي ئوبدانراق ئارام ئېلىپ ئۆزىگە كۈچ توپلاش ئۈچۈن، قېيىقنىڭ تۇمشۇق تەرىپىدە ئارام ئالغاچ ساقاڭقۇر بېلىقنىڭ گۆشىدىن ئازراق يۇلۇۋېلىپ چايناپ ئولتۇرغىنىدا، ئىككى دانە لەھەڭنىڭ بىرىنى كۆردى-دە:

       " ئاپلا!» -دەپ توۋلىۋەتتى. ئۇ شۇنداق قاتتىق توۋلىدىكى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئاۋاز بىراۋنىڭ قولىنى ياغاچتا مىخلىغان چاغدا ئىختىيارسىز ۋايساپ چىقىدىغان ئاۋازغا بەكمۇ ئوخشايتتى.

      « مانازو!﹝لەھەڭلەرنىڭ بىر تۈرى﹞-دېدى ئۇ قاتتىق ئاۋازدا. ئۇ دەسلەپ لەھەڭلەرنىڭ ئۈزگۈچ قانىتىنى كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك قوڭۇر رەڭ ئۈزگۈچ قانىتى بىلەن پۇلاڭلاپ تۇرغان قۇيرۇقىغا قاراپ، بۇ ئىككى لەھەڭنىڭ ساپان باش لەھەڭلەردىن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەسلىدە بىر ئىككى لەھەڭ ئاچلىقتىن ھاڭۋېقىپ يۈرگىنىدە، بېلىق پۇرىقىنى سېزىپ قىن-قىنىغا پاتماي كەتكەن، ئارىدا يۆلۈنۈشتىن سەل ئادىشىپ قېلىپ، كېيىن يەنە نىشاننى بايقىغان، مانا ئەمدى قېيىق تەرەپكە قاراپ ھەدەپ ئېتىلىپ كېلىۋاتاتتى.

        بوۋاي، يەلكەننىڭ ئاستە تەرىپىدىكى تانىنى چىگىپ قويۇپ قېيىقنىڭ تۇتقۇچىنى مەھكەم چىڭتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇچىغا پىچاق باغلانغان پالاقنى ئېلىپ ئاستا ئېگىز كۆتەردى، چۈنكى ئۇنىڭ قولى بەك ئاغرىۋاتقاچقا تازا كارغا كەلمەيۋاتاتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ قولىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنىغا چىداپ، پالاقنى مەھكەم سىقىپ تۇتقىنىچە لەھەڭنىڭ كېلىشىنى دىققەت بىلەن كۈتۈپ تۇردى. ئۇ، لەھەڭلەرنىڭ كەپكۈرگە ئوخشاش يوغان ۋە ياپىلاق بېشىنى ھەمدە ئاق رەڭلىك ئۇچلۇق ئۈزگۈچ قانىتىنى كۆردى. ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان سېسىق پۇراقلىق بۇ لەھەڭلەر، ياۋايى ۋە قانخور بولۇپ ئېچىرقاپ كەتكەن چاغلىرىدا پالاقنى، ھەتتا قېيىقنىڭ رولىنىمۇ غاجايتتى. دېڭىز تاشپاقىلىرى دېڭىز ئۈستىدە ئۇخلاپ قالغاندا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يەپ قاچاتتى. ئادەمنىڭ بەدىنىدە بېلىق پۇرىقى ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېپى كەلگەندە سۇ ئۈزۈپ يۈرگەن ئادەملەرنىمۇ چىشلەيتتى.

       «ھىم! ...-دېدى بوۋاي لېۋىنى يىمىرىپ،- مانازو، كېلە، مانازو»

       لەھەڭلەر يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرسى قېيىقنىڭ ئاستىدىكە كۆرگىلى بولمايدىغان جايغا كىرۋېلىپ، ئۆلۈك بېلىقنى قاساشقا باشلىدى. بوۋاي ئەھۋالنى ئۇقماي، قېيىق داۋالغۇۋاتسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلدى، يەنە بىرسى بولسا، سېرىق كۆزلىرى بىلەن بوۋايغا قاراپ قويۇپ، قېيىقنىڭ يېىغا ئۇچقاندەك ئېتىلىپ باردى-دە، يېرىم چەمبىرەك شەكىللىك يوغان ئېغىزىنى ئېچىپ، ئۆلۈك بېلىقنىڭ ئالدىنقى لەھەڭ يەپ كەتكەن يېرىنى غاجاشقا باشلىدى. شۇ تاپتا، ئۇنىڭ قوڭۇر رەڭ بېشى، پاتىڭى ۋە مېڭىسى بىلەن يۇلۇنى تۇتاشقان جايلاردا ناھايىتى روشەن سىزىقچىلار پەيدا بولغان ئىدى. بوۋاي، پىچاق باغلانغان پالاقنى دەسلەپ ئۇنىڭ مېڭىسى بىلەن يۇلۇنى تۇتاشقان جايغا، كېيىن مۈشۈكنىڭكىگە ئوخشاش سېرىق كۆزىگە سانجىدى.

       لەھەڭ، بېلىقنى غاجاشتىن توختاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن سېرىلىپ چۈشتى ۋە جان ئۈزۈش ئارىلىغىدا چايناۋاتقان بېلىق گۆشىنى يۇتۇۋەتتى.

       يەنە بىر لەھەڭ تېخخچە ئۆلۈك بېلىق ھەپىلىشىۋاتقانلىقىدىن، قېيىق ھەلھەم داۋالغۇماقتا ئىدى، شۇڭا بوۋاي، يەلكەننىڭ تۆۋەن تەرەپتىكى تانىسىنى بوشتىۋېتىپ، لەھەڭنى قېيىقنىڭ ئاستىدىن چىقىرىش مەقسىتىدە قېيىقنى بىر تەرەپكە قىيساتتى. لەھەڭ كۆرۈنگەندىن كېيىن، بوۋاي قېيىقنىڭ گىرۋىكىدىن ئېگىلىپ تۇرۇپ، پىچاق باغلانغان پالاقنى لەھەڭگە سانچىدى. لەھەڭنىڭ تېرىسى يىرىك بولغاچقا، پىچاق ناھايىتى تەسلىكتە سانچىلدى. شۇڭا، بوۋاينىڭ قولىلا ئەمەس، بەلكى گەۋدىسىمۇ قاتتىق ئاغرىدى. ئارقىدىن لەھەڭ بېشىنى شاپپىدە كۆتۈرۈپ، ئۆلۈك بېلىققا  يېقىنلىشۋاتقان چاغدا، بوۋاي، پىچاقنى ئۇنىڭ ياپىلاق بېشىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا كۆزلەپ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ھانچىدى، لېكىن لەھەڭ ھامان بېشىنى كۆتەرمەستىن بېلىقنى قاسماقتا ئىدى، بوۋاي ئۇنىڭ سول كۆزىگە يەنە سازچىغان بولسىمۇ، لەھەڭ ئۆلۈك بېلىقنى يەنىلا قويۇۋەتمىدى.

       « نېمە بولۇۋاتىدۇ» -دېدى بوۋاي ۋە پىچاقنى لەھەڭنىڭ ئۇمۇرتقىسى بىلەن بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا غەزەپ بىلەن ئۇردى. بۇ نۆۋەت پىچاق ئوڭايلا كىردى: لەھەڭنىڭ كۆمۈرچىگى ئۈزۈلدى بولغاي، دەپ ئويلىدى بوۋاي ۋە پىچاقنى لەھەڭنىڭ ئىككى تاڭلىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەڭلەپ ئۇرۇپ ئاغزىنى يىرتىۋەتمەكچى بولۇۋېدى، لېكىن لەھەڭ بىر شۇڭغۇپلا سۇغا كىرىپ كەتتى.

       " كېتە، كېتە، مانازو. بىر ئېنگىلىز مىلى چوڭقۇرلۇققا كىرىپ كەت. بېرىپ دوستۇڭ بىلەن كۆرۈش. ئۇ دوستۇڭ ئاناڭدۇ بەلكىم »-دېدى بوۋاي شاتلىنىپ.

       ئۇ پىچىغىنى سۇغۇرۋېتىپ پالاقنى قويۇپ قويدى ۋە ئاستى تەرەپتىكى تانىنى چىگىپ ، يەلكەننى تارتىپ، قېيىقنى بۇرۇنقى يۆلۈنۈش بويىچە ھەيدەپ ماڭدى.

       بۇ لەھەڭلەر بېلىقمنىڭ تۆتتىن بىرىنى يەپ كەتتى، يەنە كېلىپ تازا ياخشى يەرلىرىنى يەۋالدى،- دېدى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا،- مەن بۇنىڭ بىر شېرىن چۈش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۇنى قېيىققا ئېلۋالسام بوپتىكەن. ھەي بېلىق، مەن بۇنداق ئىشقا تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن، باشتىلا خاتا قىلغانمەن-دە.

       -بوۋاي، سۆزىنى توختاتتى-يۇ، لېكىن بېلىققا قاراشنى خالىمىدى. بېلىقنىڭ تېنىدىكى قانلار ئېقىپ بولغان ئىدى. بوۋاي، بېلىقنىڭ ئەينەكتەك پارقىراۋاتقان كۈمۈش رەڭگىگە قاراپ قويدى. ئۇنىڭ تېنىدىكى سىزىقچىلار بۇرۇنقىدەكلا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

       -ھە بېلىىق، قېيىقنى، ئۇنچە ئۇزۇن يەرگە ھەيدەپ بارمىسام بوپتىكەن،- دېدى ئۇ يەنە مۇراجىئەت قىلىپ، -شۇنچە يىراققا بېرىشىم سېنى كۆزلىگەنلىگىمدىنمۇ ياكى ئۆزۈمنى كۆزلىگەنلىگىمىدىنمۇ ئەمەس، مانا ئەمدى قايتماق تازا ھار كېلىۋاتىدۇ-دە! ھەي، بوپتىلا،- بوۋاي پىچاقنى تاڭغان تانسىغا ساقمىكىن دەپ قاراپ قويدى،- ئەمدى قولۇمنى ئوبدانراق ئاسراي، تېخىمۇ باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار يەنە چىقىشى مۇمكىن. پىچاقنى تاشقا بىلۋالىغان بولسام ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە! بىرەر پارچە تاش ئېلىۋالسام بوپتىكەن. ئېلىپ كېلىشكە تېگىشلىك بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئېپكەلمەيسەن قېرى. ھازىر يوق نەرسىلەرنى خىيال قىلىدىغان چاغ ئەمەس. يېنىڭدا بار نەرسىلەر بىلەن قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى خىيال قىل، دەپ ئويلىدى ۋە قېيىقنىڭ تۇتقۇچىنى جەينىگىنىڭ ئارىسىغا قىسۋېلىپ ئىككى قولىنى سۇغا چىلىغان پېتى كېتىۋاتقان قېيىققا بىر پەس قاراپ تۇردى.

        - كېيىنكى لەھەڭنىڭ بېلىقىمنىڭ قانچىلىك يېرىنى يەپ كەتكەنلىگىنى خۇدا بىلىدۇ، ئىشقىلىپ ، قېيىق ھازىر خېلى يەڭگىللەپ قالدى،- بوۋاي، كەمتۈك بولۇپ قالغان بېلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنى خالىمايتتى ۋە لەھەڭلەر ھەر قېتىم ئېتىلىپ كەلگەندە بېلىقتىن بىر مۇنچە يۇنۇپ قاچىدىغانلىغىنى، شۇ تاپتا ئۆلۈك بېلىقنىڭ دېڭىز يۈزىدىكى داغدام يولغا ئوخشاش، بارلىق لەھەڭلەر قوغلايدىغان بىر يولغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

        -بۇ بېلىق بىر ئادەمنىڭ بىر قىش يېيىشىگە پېتىدۇ،- بوۋاي يەنە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى،- ھەي، ئەخمەق خام خىيال قىلما، ئۇندىن كۆرە. ئاراق ئارام ئېلىپ قولۇڭنى ئوڭشاپ ئاشقان بېلىق گۆشىنى ئوبدان ساقلا... سۇدىكى شۇنچە كۆپ پۇراق ئالدىدا مېنىڭ قولۇمدىن چىققان قاننىڭ پۇرىققى ھېچ گەپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولۇمدىن ئۇنچە كۆپ قان ئاقمىدى. قولۇمنىڭ ئانچە-مۇنچە تىتىلىپ كېتىشىنىڭ كارى چاغلىق. قولۇمدىن قان چىقسا سول قولۇمنىڭ پېيى تارتمايدۇ. ئەمدى مەن نېمە ئىشلارنى ئويلىشىم كېرەك؟ ئويلايدىغان ھېچ ئىش يوق. ئۆلۈك بېلىقنى ئويلىماي، لەھەڭنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراي. مەن راستىنلا بۇنىڭ بىر چۈش بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  كىم بىلىدۇ، نەتىجە تېخى ناھايىتى ياخشى بولۇپ چىقامدۇ.

       - ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر دانە ساپان باشلىق لەھەڭ كەلدى. بۇ لەھەڭ ئەينى ئوقۇرغا يۈگۈرگەن چوشقىدەكلا ئېتىلىپ كەلدى. ئەگەر چوشقىنىڭ ئاغزى ئەگەر بۇ لەھەڭنىڭكىدەك چوڭ بولىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئادەمنىڭ بېشىمۇ بىمالال كىرىپ كەتكەن بولاتتى. بوۋاي دەسلەپتە لەھەڭنىڭ بېلىقنى يېيىشىگە سەل يول قويدى-دە، ئاندىن پىچاق باغلانغان پالاقنى ئۇنىڭ كاللىسىغا سانچىدى. ئەپسۇسكى، لەھەڭنىڭ بىرلا تولغىنىپ ئۆزىنى ئارقىسىغا ئېتىشى بىلەن بوۋاي پىچاق " قارس" قىلىپ سۇنۇپ كەتتى.

       -بوۋاي ئىلاجقىسىزلىقتىن رول بىلەنلا بولۇپ، بۇ يوغان لەھەڭگە قاراپمۇ قويمىدى. لەھەڭ بولسا ئاستا-ئاستا سۇغا چۆكۈپ كەتتى.

       -« مېنىڭ يەنە قارمىقىم بار،- دېدى ئۇ،- بىراق ئەمدى ئۇ ئەسقاتمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر جۈپ پالىقىم، بىر دانە رول تۇتقۇچۇم ۋە بىر تال قىسقا كالتىگىم بار.»

       ئۇلار بۇ قېتىم مەندىن غالىپ كەلدى. مەن ياشىنىپ قالغان ئادەم، لەھەڭنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈدەك ئەھۋالىم يوق. لېكىن شۇنداقتىمۇ پالىقىم، كالتىگىم ۋە رول تۇتقۇچۇملا بولىدىكەن، ئامال قىلىپ جەزمەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالىمەن!

       بوۋاي ئولتۇرۇپ قولىنى يەنە سۇغا چىلىدى، ئاستا- ئاستا گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىدى. ئەمدى دېڭىز بىلەن ئاسماندىن باشقا ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. شامال ئاۋۋالقىدىن كۈچىيىپ قالغان ئىدى. بوۋاي قۇرۇقلۇقنى تېزرەك كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

      « سەن ھېرىپ كەتتىڭ، قېرى،-دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە،- پۈتۈن بەدىنىڭ چارچىدى.»

       بىردەمدىن كريىن يەنە ئىككى لەھەڭ ئېتىلىپ كەلدى. ئۇلار بىر-بىرىگە يانداش ھالدا قېيىققا قاراپ ئۈزۈپ كېلىۋاتاتتى.

       بوۋاي رولنى بۇراپ چىگىۋېتىپ، قېيىقنىڭ تۇمشۇق تەرىپىدىكى كالتەكنى ئوڭ قولىغا ئالدى. بۇ كالتەك سۇنۇپ كەتكەن پالاقنىڭ سېپى بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يېرىم پۇت ئۇزۇنلۇقتا ئىدى. سېپىدا تۇتقۇچى بار ئىدى. لەھەڭنىڭ ھەر ئىككسى مانازو ئىدى.

       ئاۋۋال بىرىنچى لەھەڭ، ئۆلۈك بېلىققا چاپلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇرنىغا ياكى كاللىسىغا كېلىشتۈرۈپ سالاي، دەپ ئويلىدى بوۋاي.

       لەھەڭلەر تەڭلا كېلىپ، بىرسى ئالدى بىلەن ئۆلۈك بېلىقنىڭ كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان قورسىقىغا ئېتىلدى. بوۋاي كالتەكنى بولۇشىغا ئېگىز كۆتۈرۈپ، لەھەڭنىڭ يوغان بېشىغا جېنىنىڭ بېرىچە ياكى تۆمۈردەك ئۇستىخانغا ئۇرغاندەك ھېس قىلدى. لەھەڭ، بېلىقنىڭ ئۈستىدىن سېرىلىپ چۈشۈۋاتقاندا، بوۋاي يەنە ئۇنىڭ بۇرنىغا بار كۈچى بىلەن بىرنى سالدى.

        بىر كۆرۈنۈپ، بىر غايىپ بولۇپ تۇرغان ئىككىنچى لەھەڭ شۇ ئەسنادا پەيدا بولۇپ، ئاغزىنى يوغان ئاچقىنىچە ئېتىلىپ كەلدى، ئۇ، ئۆلۈك بېلىقنى چىشلەپ كۈچەپ تارتىۋاتقاندا، بوۋاينىڭ كۆزى ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ بۇرجىكىدىن چىقىپ تۇرغان ئاپپاق بېلىق گۆشىگە چۈشتى. بوۋاي كۆزلەپ تۇرۇپ لەھەڭنىڭ بېشىغا كالتەك بىلەن بىرنى سالدى. لەھەڭ بوۋايغا بىر قاراپ قويۇپ ئاغزىغا قاپلىۋالغان بېلىق گۆشىنى يۇلۇپ چىقتى ۋە گۆشىنى چىشلىگەن پېتى قاچاي دەپ تۇرۇشىغا بوۋاي، كالتەك بىلەن يەنە بىرنى سالدى. بىراق بۇ قېتىم كالتەك، لەھەڭنىڭ رېزىنكىگە ئوخشاش سېمىز ۋە چىڭ يېرىگە تەگدى.

       « كېلە مانازو،- دېدى بوۋاي،- يەنە كېلە.»

       لەھەڭ يەنە يېنىپ كېلىپ ئاغزىنى ئېچىشىغا بوۋايدىن كالتەك يېدى. بۇ قېتىم ئۇ كالتەكنى تازا ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەپلەپ تۇرۇپ، لەھەڭنىڭ كاللىسىغا كەينى-كەينىدىن نەچچىنى سالدى. لەھەڭ بىر پارچە گۆشنى يۇلۇۋېلىپلا تىكىۋەتتى.

       بوۋاي لەھەڭلەر يەنە كەينىگە يېنىپ كېلەمدۇ -يوق، دەپ زەڭ قويۇپ قاراپ تۇردى، لېكىن ئۇلار ئەمدى قايتىپ كەلمىدى. بىردەمدىن كېيىن بوۋاي ئۇلاردىن بىرىنىڭ سۇدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ئۈزگۈچ قانىتى يوقلۇقىنى كۆردى.

        مەن لەھەڭلەرنى ئۆلتۈرۈشتىن ئۈمىد قىلمىدىم،- دەپ خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ئۇ،- بۇرۇنقىدەك ياش بولغان بولسامغۇ ئۇ نەرسىلەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىغان بولاتتىم. بىراق، نېمىلا بولمىسۇن قاتتىق جاراھەتلەندۈردۈم، ئەمدى ئۇنىڭ بىرسىمۇ ئوبدان كۈن كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر مەندە لېيچۇر ئوينايدىغان كالتەكلەردىن بىرەرسى بولىدىغان بولسا، ئىككى قوللاپ تۇتۇپ بىرنى سالسام، بىرىنچى لەھەڭ گەپ-سۆزسىز جەھەننەمگە يول ئالاتتى. ھەي، ھازىر شۇنداق كالتىگىم بولغان بولسا-ھە!

       ئۇ ئەمدى بېلىقنىڭ يېرىمى دېگۈدەك لەھەڭلەرگە يەم بولۇپ كەتكىنىنى بىلەتتى.

       « ھازىرلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ،- دېدى ئۇ،- ئەمدى بىردەمدىن كېيىن ھاۋانىڭ چىراقلىرى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر شەرق تەرەپكە تېخىمۇ ئۇزۇنراق ماڭغان بولسام دېڭىز ساھىلىدىن چاقنىغان چىراق نۇرلىرىنى كۆرەلىگەن بولاتتىم.»

        ھازىر پورتقا ئۇزۇن قالمىغان بولسا كېرەك. مەن خەقلەرنىڭ مەندىن ئەندىشە قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. دەرۋەقە، ھېلقى بالا ئەندىشە قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. بىر مۇنچە بېلىقچى قېرىلارمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. مەندىن ئەندىشە قىلىدىغان يەنە بىر مۇنچە ئادەملەر بار. مېنىڭ قوشنىلىرىم ھەقىقەتەن ياخشى كىشلەر.

        ئۇنىڭ چوڭ بېلىقى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالەتكە گىرىپتار بولغانلىقتىن، بوۋاي ئەمدى ئۇنىڭغا گەپ قىلمايتتى.

        شۇ ئەسنادا توساتتىن ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئىش كەلدى.

       « ھەي يېرىم بېلىق،- دېدى ئۇ،- سەن ئەسلى پۈتۈن ئىدىڭ، ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، بەك يىراققا كېتىپ قاپتىمەن.»

       بۇ ئىش ساڭىمۇ، ماڭىمۇ زىيان بولدى. بىراق ئىككىمىز بىر مۇنچە لەھەڭلەرنىڭ جېنىنى ئالدۇق. بىر مۇنچىسىنى تازا ئەپلىدۇق. ھەي بېلىق، ھەن زادى قانچىلىك تىرنىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانسەن؟ سېنىڭ تۇمشۇقىڭ بىكارغا ئۆسمىگەن -دە! بۇ ھامان ئۆلگەن بېلىق ئۈستىدە، مۇبادا ئۇ بىمالال ئۈزۈپ يۈرەلىگەن بولسا، قانداق قىلىپ بىر لەھەڭگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ئۈستىدە سۈرۈشكە قىزىقاتتى.

       ئۇنىڭ تۇمشۇقىنى كېسىۋېلىپ، لەھەڭ بىلەن ئېلىشقاندا ئۇنى ئىشلەتسەم بوپتىكەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ئەپسۇسكى، قېيىقتا پالتا يوق، ئۇنى ئاز دەپ پىچاقتىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. مەن باشتىلا ئۇنىڭ تۇمشۇقىنى كېسىۋېلىپ، پالاقنىڭ ئۇچىغا باغلىۋالغان بولسام تازا ئەپچىل قورال بولاتتى. ئۇنداقتا لەھەڭ بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە ئېلىشقان بولاتتۇق. لەھەڭلەر ئەمدى كېچىدە كېلىپ قالسا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇنىڭغا نېمە چارە؟

        « ئۇلار بىلەن ئېلىشىش كېرەك!- دېدى ئۇ،- بۇ نەرسىلەرنىڭ جېنى چىققىچە ئېلىشىمەن. »

        ئەمدى ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق باسقان بولۇپ، ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. چىراق نۇرلىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. شامال چىقىۋاتقانلىقتىن، يەلكەن گۈرۈلدەپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنى ئېھتىمال ئۆلگەن بولسام كېرەك، دەپ ئويلىدى ۋە ئالقىنىنى سىلاپ كۆرۈپ، ئىككى قولىنى يۇمۇۋالدى. ئۇنىڭ ئىككى قولى ئۆلمىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ ئىككى قولىنى يۇمۇپ ۋە ئېچىپ باققاندىن كېيىن قولىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاخرىدا قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا يۆلەنگەندىن كېيىنلا، ئۆزىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى بىلدى. ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئىككى گەجكىسى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرغان ئىدى.

       مۇشۇ بېلىقنى تۇتۇۋالسام،  جەزمەن بارلىق دۇئا- تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىم باشتىن-ئاخىر  ئوقۇپ چىقىمەن، دەپ ۋەدە قىلغانتىم. بىراق ھازىر چارچاپ گەپ قىلغۇدەك مادارىم قالمىدى. ئەمدى تاغارنى دولامغا تاشلاپ ئارام ئالغىنىم تۈزۈك، دەپ ئويلىدى. ئۇ قېيىقنىڭ تۇمشۇقىغا يېتىپ، رولىنى باشقۇرغاچ ئۇپۇقتىن قىزىل نۇرنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە سەپسېلىپ تۇردى ۋە : يەنە يېرىم بېلىقىم بار. ھەر نېمە بولسا تەلىيىم بار ئىكەن، بېلىقنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى ئېلىپ قايتىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلىدى.

       « ئەسلى مېنىڭ تەلىيىم بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى، بىراق بۇ دورەم دېگەندەك تەلىيىم كەلمىدى،- دېدى ئۇ،- بەك يىراققا بارىمەن دەپ تەلىيىمگە توپا سالدىم... قالايمىقان ق؟جۆيلۈمە، سەگەك ئولتۇرۇپ رولىنى ئوبدان باشقۇر، ساڭا يەنە ئامەت كېلەمدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيسەن... ئەگەر تەلەي ساتىدىغان يەر بولسا، ئاز تولا سېتىۋالغان بولاتتىم... بىراق تەلەينى نېمىگە ئالىمەن؟ ئۇنى يوقتىپ قويغان ئارىغا، سۇندۇرۇپ قويغان پىچاققا، جاراھەتلەنگەن ئىككى قولۇمغا سېتىۋالغىلى بولامدۇ؟ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. سەن دېڭىزدا يۈرگەن 84 كۈنگە تەلەي سېتىۋالماقچى بولغانتىڭ، مانا بۇ 84 كۈن، تەلەينى ساڭا بەردى...»

      كەلسە-كەلمەس خىياللارنى قىلماي، تەلەي دېگەن ھەر تۈرلۈك تۇرسا، كىم ئۇنى تونۇيالايدىكەن؟ ئىشقىلىپ ، قايسى خىلدىكى تەلەي بولمىسۇن، ماڭا ئاز-تولا لازىم، ئۇنىڭغا نېمە كېرەك بولسا، مەن شۇنى بېرىمەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ،-مەن چىراق نۇرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن ئارزۇ قىلۋاتقان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بىراق دەل ھازىر ئارزۇ قىلۋاتقىنىم چىراق نۇرىنى كۆرۈش.

       ئۇ شېرىن خىياللارنى سۈرگگنىدە، رولنى ئوبدابراق باشقۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ بەدىنى سىقىراپ ئاغرىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى بىلەتتى.

       ئۇ تەخمىنەن كېچە سائەت 10 لار ئەتراپىدا شەھەردىكى چىراق نۇرىنىڭ ئاسمانغا بالقىغان قىزىل نۇرلىرىنى كۆرەلىدى. دەسلەپتە ئۇ نۇرلارنىڭ، ئاي چىقىش ئالدىدىكى ئاسماندا پەيدا بولغان نۇرلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئارقىدىن، ئاستا-ئاستا كۈچىيىپ كېتىۋاتقان دېڭىز شامىلىدىن دولقۇنلار ئۆركەشلەۋاتقان چاغدا، چىراق نۇرلىرىنى روشەن كۆرەلىدى. شۇ تاپتا ئۇ، دېڭىزغا چېچىلغان قىزىل نۇر ئىچىدە كېتىپ باراتتى ۋە مانا ئەمدى ئۇزۇن قالماي دېڭىزنىڭ چېتىگە يېتىمەن، دەپ ئويلەيتتى.

    ئەمدى ھەممە خېيىم- خەتەر ئۆتۈپ كەتتى. بىراق ئۇلارنى يەنە ئېتىلىپ كەلمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار يەنە كېلىپ قالسا، بۇ قاراڭغۇ كېچىدە قولۇمدا ھېچنەرسە بولمىسا، تەنھا ئۆزۈم قانداقمۇ تەڭ كېلەلەرمەن؟ دەپ ئويلىدى ئۇ،

       شۇ تاپتا ئۇنىڭ بەدىنى ئاغرىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بەك توڭلاپ كەتكەن ئىدى. بادىنىدىكى جاراھەت ۋە بەك كۈچەپ كەتكەن جايلار، سوغاق دەستىدىن ئۇنى قاتتىق ئازابقا سېلىۋاتاتتى. مەن ئەمدى لەھەڭلەر بىلەن يەنە ئېلىشمايمەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن. ۇ تاپتا مەن ئۇلار بىلەن ئېلىشماسلىقنى قانچىلىك ئارزۇ قىلۋاتىمەن-ھە!

       بىراق يېرىم كېچە بولغاندا، ئۇ يەنە لەھەڭلەر بىلەن ئېلىششىقا توغرا كەلدى. بۇ نۆۋەت ئۇ لەھەڭلەرنى يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. چۈنكى، لەھەڭلەر توپلىشىپ كەلگەن ئىدى. ھاۋامۇ قاراڭغۇ بولغانلىقتىن ئۇ پەقەت لەھەڭلەرنىڭ ئۈزگۈچ قانىتىدىن سۇ يۈزىدە پەيدا بولغان يولنى ۋە لەھەڭلەر ئېتىلىپ كېلىپ ئۆلۈك بېلىققا چاپلاشقان چاغدا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن تارالغان فوسفور نۇرىنىلا كۆرەلىدى. بوۋاي لەھەڭلەرنىڭ كاللىسىغا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئىشقىلىپ، ئۇ، لەھەڭلەرنىڭ كۆزىگە چېلىققان، كالتەككە پۇتلاشقان يەرلىرىگە ئالدى-كەينىگە قارىماي ئۇرۇۋەردى. شۇ ئەسنادا، ئۇنىڭ قولىدىكى كالتەككە بىر نەرسە ئېسىلغاندەك بولدى-دە، كالتەك قولىدىن چۈشۈپ كەتتى.

       بوۋاي، قېيىقنىڭ تۇتقۇچىنى رولدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئىككى قوللاپ مەھكەم تۇتۇپ، لەھەڭلەرنى يەنە دۇمبالاشقا باشلىدى. بىراق لەھەڭلەر قېيىقنىڭ باش تەرىپىگە بېرىۋېلىپ، تەرسالىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىدى. بىرى بىر چىشلەپ قاچسا، يەنە بىرى ئېتىلىپ كېلەتتى. ئۇلار ئاخىرقى قېتىم بېلىققا ئېتىلىپ كەلدىدە، پارقىراپ تۇرغان بېلىقنى قويماي غاجاپ قېچىشتى.

       ئاخىرىدا، بىر دانە لەھەڭ، ئۆلۈك بېلىقنىڭ بېشىغا قاراپ ئېتىلدى. شۇ چاغدا بوۋاي ھەممىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى بىلىپ، لەھەڭنىڭ بېشىغا رول تۇتقۇچى بىلەن كېلىشتۈرۈپ سالدى. ئۆلۈك بېلىقنىڭ بېشى لەھەڭنىڭ تاڭلىيىغا قاپلىشىپ قالغاچقا، ئۇ قانچە كۈچەپمۇ بېلىقنىڭ گۆشىنى يۇلۇۋالالمايۋاتاتتى. بوۋاي، لەھەڭنى كەينى-كەينىدىن تازا دۇمبالاۋاتقاندا، رول تۇتقۇچنىڭ سۇنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بوۋاي ئەمدى يېرىلىپ كەتكەن پالاقنىڭ سېپىنى قولىغا ئېلىپ، لەھەڭنىڭ تېنىگە كىرگەنلىكىنى سېزىپ، بارغانسېرى كۈچەپ تىقتى. چۈنكى ئۇ سۇنۇپ كەتكەن پالاق سېپىنىڭ ناھايىتى ئۇچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇ ئەسنادا لەھەڭ، بېلىقنىڭ بېشىنى قويۇۋېتىپ، بىر شۇڭغۇپلا سۇغا كىرىپ كەتتى. بۇ ھېلقى بىر توپ لەھەڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئەمدى ئۆلۈك بېلىقنىڭ لەھەڭ يېگۈدەك يېرى قالمىغان ئىدى.

       بوۋاي دېمى سىقىلىپ ، ئاغزىدىن غەلىتە بىر خىل پۇراق چىقىۋاتقانلىقىنى سەزدى، بۇ خىل پۇراق خۇددى  مىس پۇرىغىغا ئوخشاش بولۇپ، مەززىلىك ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئەندىشە پەيدا بولدى، بىراق بۇ خىل پۇراق ئۇنچە قويۇق ئەمەس ئىدى، « يەيدىغىنىڭنى يېدىڭ، مانازورلار ، ئەمدى بېرىپ چۈش كۆرۈش، چۈشۈڭدە بىر ئادەمنى نابۇت قىلغىنىڭنى كۆرۈش! »- دېدى بوۋاي نەپرەت بىلەن دېڭىزغا بىرنى تۈكۈرۈپ.

       ئۇ، ئاخىرقى ھېسابتا يېڭىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا، زىيانىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئاندىن قېيىقنىڭ تۇمشۇق تەرىپىگە بېرىپ، رول تۇتقۇچىنىڭ سۇنۇپ كەتكەن قىسىمىنى، يەنى ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى-دە، ئۇنى رولغا سېلىپ قېيىقنى باشقۇرغاچ تاغارنى دولىسىغا ئارتىپ، ئەسلىدىكى يولى بويىچە قېيىقنى ھەيدەپ ماڭدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ قېيىقى ناھايىتى يېنىكلەپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەمدى ھېچنەرسىنى ئويلىمايتتى ۋە ھېس قىلمايتتى. بڭلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بولۇپ بولغان ئىدى، ئەمدىكى ئىش ئامال بار قېيىقنى ئەپچىللىك بىلەن ھەيدەپ پورتقا قايتىشلا بولدى. ئەگەر لەھەڭلەر يەنە كېلىپ ئۆلۈك بېلىقنىڭ ئۇستىخانىلىرىنى غاجىسا، خۇددى بىرسى تاناق شىرەسىدە چېچىلىپ قالغان بولكا ئۇۋاقلىرىنى تېرىپ يېگەندەك ئىش بولاتتى، خالاس. بوۋاي ئەمدى لەھەڭلەرنىڭ كېلىشىدىن خەۋپسىرىمەيتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ رولىنى باشقۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى يوق ئىدى.

       ئۇ قېيىقنىڭ شۇنچە يېنىك ۋە توسالغۇسىز كېتۋاتقىنىغا دىققەت قىلاتتى. چۈنكى، قېيىقنى ئارقىسىغا تارتىپ ئۇنى ھاردۇرىدىغان نەرسىدىن ئەمدى ئۇ خالىي بولغان ئىدى.

       ئاشۇ رول تۇتقۇچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قېيىغىم قىلچە زەخمە يېمەي ئوبدانلا تۇرۇپتۇ، بىرمۇ كەمتۈك يېرى يوق رول تۇتقۇچنى ئورنىغا كەلتۈرۈۋېلىش دېگەن ئاسان گەپ ، دەپ ئويلىدى ئۇ.

       ئۇ ئۆزىنىڭ دېڭىز ئېقىنى ئىچىدە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە دېڭىز ساھىلىگە جايلاشقان ئاھالىلەر رايونىدىن چاقنىغان چىراق نۇرىنى كۆردى.

       شامال ھامان بىزنىڭ دوستىمىز،- دەپ خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ئۇ،- بۇندىن باشقا دېڭىزمۇ بار. دېڭىزدا بىزنىڭ دوستلىرىمىز بار، دۈشمەنلىرىمىزمۇ بار. ئۇنداقتا كارىۋاتچۇ؟ كارۋات مېنىڭ دوستۇم، شۇنداق بولمايچۇ، كارۋار ھەقىقەتەن بىر قالتىس نەرسە-دە، ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈن يېڭىلىپ قالغانلىقىمۇ ئانچە ئۆكۈنۈپ كەتمەيمەن. مەن ئىشنىڭ مۇنداق ئاسانغا چۈشىدىغانلىقىنى زادىلا بىلمەپتىمەن. ئەپسۇسكى، مېنىڭ يېڭىلىپ كېتىشىمگە نېمە سەۋەب بولدى؟

      « ھېچنەرسە سەۋەب بولمىدى،- دېدى ئۇ ئاۋازىنى كۆتىرىپ،- ئۆزۈم بەك يىراققا كەتكەن-دە~!»

       ئۇ قېيىقنى ھەيدەپ كىچىك پورتقا يېتىپ كەلگەن چاغدا، دېڭىز ساھىلدىكى مەيخانىنىڭ چىراقلىرىمۇ ئۆچكەن ئىدى، بۇنداق چاغدا كىشلەر ئاللىقاچان كارىۋاتلىرىدا ئۇخلاۋاتقان بولاتتى. بارغانسېسرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان دېڭىز شامىلى تېخىمۇ ئەدەپ، پورتنىڭ ئىچى سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، قېيىقنى قورام تاشنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىكى سايازلىققىچە ھەيدەپ باردى ۋە بىر ئامال قىلىپ قىرغاققا توختىدى. ئاندىن ئۆزى قىزغاققا چىقتىدە، قېيىقنى قورام تاشنىڭ يېنىغا باغلاپ قويدى.

       ئۇ ماچتىنى چۈشۈرۈپ، يەلكەننى يۆگەپ تېڭىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى دولىسىغا ئالغىنىچە قىر بويلاپ يۇقىرى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ نەقەدەر چارچاپ كەتكەنلىكىنى ھەققىي ھېس قىلدى ۋە يېرىم يولدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختاپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى، ئۇ، كوچا چىراقلىرىنىڭ سۇ يۈزىدە ئەكس ئەتكەن نۇرىدا ئۆلۈك بېلىقنىڭ يوغان قۇيرۇقىنىڭ قېيىقنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ تۇرغانلىقىنى، بېلىقنىڭ ئۇستىخانلىرىدىكى ئاقۇش يىپچىلارنى، بېلىقنىڭ بېشىنى، سوزۇلۇپ تۇرغان تۇمشۇقىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق پارقىراق قىسىملىرىنى كۆردى.

       بوۋاي يەنە يولىنى داۋام قىلىپ، قىزنىڭ چوققىسىغا يېتەي دېگەندە يىقىلىپ چۈشتى ۋە ماچتىنى دولىسىغا توغرىسىغا قويۇپ، شۇ يەردە بىردەم ياتتى. ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ  باقسىمۇ تۇرالمىغاچقا، يول تەرەپكە قارىغاچ، ماچتىنى دولىسىغا ئېلىپ ئولتۇردى. شۇ ئەسنادا تەمتىرەپ يۈرگەن ئاللىقانداق بىر مۈشۈك يىراقتىن چېپىپ كەلدى. بوۋاي ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن، دىققىتىنى يەنە چوڭ يول تەرەپكە يۆتكىدى.

       بىر ئازدىن كېيىن، ماچتىنى يەردە قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ماچتىنى كۆتۈرۈپ دولىسىغا ئالدى-دە، يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا قومۇش كەپىسىگە يېتىپ بارغىچە بەش قېتىم ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقا توغرا كەلدى.

       بوۋاي قومۇش كەپىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ماچتىنى تامغا يۆلەپ قويدى، قاراڭغۇدا سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ بىر دانە سۇ بوتۇلكىسىنى تاپتىدە، سۇدىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋېلىپلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى ۋە ئەدىيالنى ئۈستىگە يېپىپ، قوللىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ گېزىت ئۈستىدە دۈم ياتاتتى.

       ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، بوۋاي تازا قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا، بالا كەپە ئالدىغا كېلىپ ئىچىگە قاراپ باقتى.

       بۈگۈن شامال قاتتىق بولۇپ، قېيىقنى دېڭىزغا ھەيدەپ چۈشكىلى بولمىغانلىقتىن، بالا قانغىچە ئۇخلىغان ۋە ئورنىدىن تۇرۇپلا كۈندىكى ئادىتى بويىچە بوۋاينى يوقلاپ كەلگەن ئىدى. بالا بوۋاينىڭ قوللىرىنى كۆرۈپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. لېكىن ئۇنى ئويغاتماستىن ئارقىسىغا قاراپ ماڭدى ۋە يول بويى يىغىدىن توختىمىدى.

       بىر مۇنچە بېلىقچىلار بوۋاينىڭ قېيىقىنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىۋېلىپ، قېيىقنىڭ يېنىغا باغلاقلىق نەرسىگە قاراپ تۇرۇشاتتى. بىرەيلەن شىمنىڭ پۇشىقىنى تۈرۈۋېتىپ سۇغا كىرىپ، ئۇزۇن تانا بىلەن ئۆلۈك بېلىقنىڭ ئۇستىخىنىنى ئۆلچەۋاتاتتى.

       بالا تۆۋەنگە چۈشمىدى، چۈنكى ئۇ ئەتىگەن ئۇ يەرگە بارغاندا، بوۋاينىڭ قېيىقىغا بىر بېلىقچىنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى.

       -ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟- دەپ سورىدى ھېلقى بېلىقچىلاردىن بىرسى ئۈنلۈك ئاۋازدا.

       -ئۇخلاۋېتىپتۇ،- دەپ جاۋاب بەردى بالا. ئۇ يىغلاۋاتقانلىقىنى كىشلەردىن يوشۇرمىدى،- ھېچقايسىڭلار ئۇنى ئويغىتىۋەتمەڭلار.

       - بۇ بېلىق بۇرنىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە بەش يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەن،- دېدى بېلىقنى ئۆلچەپ كۆرگەن ھېلقى كىشى.

      بالا:

      -مەن شۇنداقلىغىغا ئىشىنىمەن،- دېدى ئاندىن دېڭىز ساھىلدىكى مەيخانىغا بېرىپ، بىر قاپاق قەھۋە سېتىۋالدى،- قىزىق شورپىدىن ئالىمەن، شېكەر سالغان سۈتتىن كۆپرەك قۇيۇڭ،- دېدى ئۇ يەنە.

       -يەنە نېمە لازىم؟

       -باشقا نەرسە لازىم ئەمەس. بىردەمدىن كېيىن كېلىپ باقارمەن. ئۇ يەنە نېمە يەيدىكىن.

       -نېمە دېگەن چوڭ بېلىق ئۇ،- دېدى مەيخانىنىڭ خوجايىنى،- مەن ئەزەلدىن ئۇنداق چوڭ بېلىقنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ھەن تۈنۈگۈن تۇتقان ئىككى بېلىقمۇ ناھايىتى ئوبدانكەن.

       - مېنىڭ بېلىقىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار،- بالا مۇشۇ گەپنى قىلۋېتىپ يەنە يىغلاپ كەتتى.

       -سەن بىر نەرسە ئىچەمسەن؟- دەپ سورىدى خوجايىن.

       -ياق،- دېدى بالا،- ئاۋۇلارغا ساندىياگ بوۋاينى ئارام ئالغىلى قويۇڭلار دەپ قويۇڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن.

      -ئۇنىڭغا دەپ قويغىن، مەن ئۇنى بەك سېغىندىم.

       بالا بىر قاپاق ئىسىسق قەھۋەنى كۆتەرگىنىچە بوۋاينىڭ كەپىسىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئويغىنىشنى كۈتۈپ ئولتۇردى.

       بوۋاي ئارىدا بىر قېتىم ئويغىنىدىغاندەك قىلىپ، يەنە ئۆلۈكتەك ئۇيقۇغا كەتتى. بالا ئاخىرى چوڭ يول تەرەپكە بېرىپ ئازراق ئوتۇن ئارىيەت ئېلىپ كېلىپ، قەھۋەنى قايتىدىن ئىسسىتتى.

       خېلىدىن كېيىن بوۋاي ئويغاندى.

       -قوزغالماڭ، ماۋۇ قەھۋەنى ئىچىۋېلىڭ،- دېدى بالا ۋە قەھۋەنى ئەينەك ئىستاكانغا قۇيۇپ بەردى.

    بوۋاي قەھۋەنى قولىغا ئېلىپلا گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى.

       -بالام ماننورېن، ئۇلار مېنى مەغلۇب قىلدى،-دېدى بوۋاي،- ئۇلار راسىتنلا مېنى مەغلۇب قىلدى.

       -ئۇ سىزنى مەغلۇب قىلالمىدى. ئۇ بېلىق ھەرگىز سىزنى مەغلۇب قىلالمىدى.

       -شۇنداق، ھەقىقەتەن شۇنداق، بىراق ئاخىرى لەھەڭلەر مېنى مەغلۇب قىلدى.

        -پىترىك قېيىقىڭىزنى ۋە قېيىق ئۈستىدىكى نەرسە- كېرەكلىرىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ. ھېلقى بېلىقنىڭ بېشىنى قانداق قىلىمىز؟

       -پىتىرىك ئۇنى پارچىلاپ بېلىق يېمى قىلىۋالسۇن.

       -تۇمۇشۇقىنىچۇ؟

       -ساڭا لازىم بولسا، سەن ئىشلەتكىن.

       -ماڭا لازىم،- دېدى بالا،- ئەمدى بىز باشقا ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرايلى.

       -ئۇلار مېنىڭ ئىز-دېرىگىمنى قىلمىدىمۇ؟

       -ئەلۋەتتە قىلدى، سۇ ساقچىلىرىمۇ سىزنى ئىزلىدى، ئايىرۇپىلارنلارمۇ  ئىزلىدى.

       -دېڭىز چوڭ، قېيىق كىچىك بولغاندىكىن، ئوڭاي كۆرگىلى بولمايدۇ،- دېدى بوۋاي شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلايدىغان ئادەم بار ئىدى، ئۆزىگە ئۆزى گەپ قىلىپ ئولتۇرمايتتى. دېڭىزغا گەپ قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغان ئىدى،- مەن سېنى تازا سېغىندىم، سەن قانچە بېلىق تۇتتۇڭ؟

       -بىرىنچى كۈنى بىرنى، ئىككىنچى كۈنى يەنە بىرنى، ئۈچىنچى كۈنى ئىككىنى تۇتتۇم.

       -ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.

       -ئەمدى يەنە ئىككىمىز بىرلىكتە بېلىق تۇتقىلى چىقىمىز.

       -ياق، مەندىن ئامەت قاچتى، ماڭا ئەمدى قايتىلاپ ئامەت كەلمەيدۇ.

       -ئامەت دېگەن نېمە ئۇ،- دېدى بالا قەتئىي ھالدا،- ئامەت دېگەننى ئۆزۈم تاپىمەن.

       -ئۇنداقتا سېنىڭ ئائىلەڭدىكىلەر نېمە دەر؟

       -ئائىلىدىكىلەر بىلەن مېنىڭ نېمە چاتىغىم. تۈنۈگۈن ئىككى بېلىق تۇتتۇم، بۇندىن كېيىن چوقۇم ئىككىمىز بىرلىكتە بېلىق تۇتايلى، چۈنكى مېنىڭ سىزدىن ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىم بار.

       - بىز جەزمەن بېلىقلارنى سانچىپ ئۆلتۈرەلەيدىغان نەيزىدىن بىرەرنى تەييارلاپ ھەمىشە قېيىقتىن ئايرىمايلى. سەن كونا ماشىنىلاردىكى پولات تاختاينىڭ پارچىلىرىدىن بىرەر تال تېپىپ كەل، ئۇنى بىلەپ، ئۇچىنى چىقىرىپ نەيزە قىلايلى، ئۇچى تازا ئۆتكۈر بولسۇن، ئوبدانراق تاۋلايلى، بولمىسا سۇنۇپ كېتىدۇ.

       -مەن پولات تاختاينى بىلەپ كەلگەچ، يەنە بىر دانە پىچاق تېپىپ كېلەي،- دېدى بالا ۋە سەل تۇرۇۋېلىپ سورىدى،- شامال قانچە كۈن چىقار؟

       -ئۈچ كۈن چىقىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق چىقامدۇ تېخى، كىم بىلىدۇ.

       -ئۇنداقتا مەن ھەممە ئىشلارنى جايى-جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي،- دېدى بالا مېڭىشقا تەمشىلىپ،- بوۋا، سىزمۇ قولىڭىزنى ئوبدان ساقايتىۋېلىڭ.

       -قولۇمنى قانداق ئاسراشنى بىلىمەن. كېچە غەلىتە بىر نەرسىلەرنى قۇستۇم، مەيدەمنىڭ بىر يېرى يىرتىلىپ كەتتىمىكىن دەيمەن.

       -ئۇنداقتا شۇ يەرگىمۇ ئوبدانراق دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك،- دېدى بالا،- يېتىڭ، بوۋا، مەن بېرىپ سىزگە بىر دانە پاكىز كۆينەك ۋە يەيدىغان نەرسىلەرنى تېتىپ كېلەي.

       -مەن ئۆيدە بولمىغان كۈنلەردىكى گېزىتلەرنىڭ ھەر كۈنلۈكى سانىدىن بىردىن ئالغاچ كەل،- دېدى بوۋاي.

       -سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز تېزرەك ئەسلىگە كەلسە بولاتتى، چۈنكى شۇ چاغدىلا مەن سىزدىن نۇرغۇن ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىۋالغان بولاتتىم، بىلىدىغانلىرىڭىنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئۆگىتىپ قوياتتىڭىز، سىز قانچىلىك جاپا چەكتىڭىز؟

       - بىرەر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادە قىلغىلى بولمايدۇ،- دېدى بوۋاي.

       -مەن بېرىپ گېزىت بىلەن يەيدىغان نەرسە تېپىپ كېلەي، سىز ياخشىراق ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ بوۋا، دورىخانىدىن قولىڭىزغا سۈركەيدىغان دورىمۇ ئالغاچ كېلەي.

       -يادىمدا ئۇنتۇپ قالمايمەن.

       بالا ئۆيدىن چىقتى-دە، ئېگىز-پەس مارجان تاشلىق يولدا كېتىۋېتىپ يەنە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

       شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىغا بىر توپ ساياھەتچىلەر كەلگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال، دېڭىزغا نەزەر تاشلاپ، پىۋا قاچلايدىغان بىر دۆۋە ئىدىشلار ۋە ئۆلۈك بېلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئۇزۇن ھەم يوغان بىر تال ئاپپاق ئۇستىخاننى ، كارامەت چوڭ بىر تال بېلىق قۇيرۇقىنى كۆردى. شەرق شامىلى پورتتىكى پىرىستانغا تۇتاشقان دېڭىز سۈيىنى چالغىتىپ، دولقۇن ھاسىل قىلغان چاغدا، ئاشۇ قۇيرۇق دولقۇن ئىچىدە تەۋرەپ تۇراتتى.

       -نېمە ئۇ،-ئايال يېنىدىكى كۈتكۈچىگە ھېلقى ئاپپاق ئۇستىخاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىدى.

      -تىبۇرۇن( ئىسپان تىلى بولۇپ لەھەڭ دېگەن مەنىدى)، ئىسخارىك( كۇبالىقلار لەھەڭنى ئېنگىلىزچە ئاتىغان چاغدىكى توغرا تەلەپپۇز قىلىنمىغان سۆز،- دەپ جاۋاب بەردى كۈتكۈچى ۋە ئايالغا ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرىشكە ھازىرلاندى.

       -مەن ئۇنداق چىرايلىق لەھەڭلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ شۇنچە كۆركەم بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

       -مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن،- دېدى ئۇنىڭ ئەر دوستى.

       بوۋاي يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كەپىدە بۇرۇنقىدەكلا دۈم يېتىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى، بالا بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى، بوۋاي بۇ چاغدا چۈشىدە شىرلارنى كۆرۈۋاتاتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.