Steve Jobs نىڭ ستانفورد ئۇنۋېرستېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-26 13:04:50

Steve Jobsنىڭ ستانفورد ئۇنۋېرستېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى Steve jobs نى بىلىدىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن Apple ، iPhone لارنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك . Steve Jobs – كومپيۇتېر پەن تېخنىكا ساھەسىنىڭ ...

     Steve Jobs  نىڭ ستانفورد  ئۇنۋېرستېتىدا سۆزلىگەن  نۇتۇقى

     

    Steve jobs نى بىلىدىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن Apple ، iPhone لارنى بىلمەيدىغانلار  ئاز بولسا كېرەك .  Steve Jobs – كومپيۇتېر پەن تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى ، Apple شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى . ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتى ، مۇۋەپپەقىيىتى بىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ . ئەڭ مۇھىمى ئۇ قۇرۇق قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئۈلگىسى .

     بۇ ئۇنىڭ سىتانفورد( Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2005-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقى . كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .

        بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۈنۋېرسىتنىڭ بىرىدىن ئوقۇش پۈتتۇرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسىڭلار بىلەن بىرگە بولغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. راستىنى ئېيتقاندا مەن ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمىگەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئەڭ يىقىنلاشقان بىر دەقىقە. مەن بۈگۈن ھايات سەپىرىمدىكى ئۈچ ھېكايىنى سۆزلىمەكچى . جىق ئەمەس ئۈچلا!

     

      بىرىنچى ھېكايە : كىچىك ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرۇش.

     

        مەن (Reed college) ئۈنۋېرستېتىدا ئالتە ئاي ئوقۇشتىن توختىدىم. تاكى مەن ئوقۇشتىن چېكىنگۈچە بولغان ئارلىقتا  18  ئاي ئۆتتى. ئۇنداقتا مەن نېمىشقا ئوقۇشتىن چېكىندىم؟ بۇنى، مېنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىمدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ ئۆز ئاپام ئەينى ۋاقىتتا تېخى توي قىلمىغان ئاسپىرانت ئىكەن. مىنى تۇغۇلۇشىمغىلا ئالى مەكتەپ سەۋىيەسى بار بىرەرسىگە بېرىۋەتمەكچى  بوپتۇ. بىر ئادۇۋكات ئەر ئايال بېقىۋېلىشنى ماقۇل كۆرۈپتۇ ، بىراق مەن تۇغۇلغاندا بولسا  ئەسلى بىر قىز بوۋاق بېقىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ يېنىۋاپتۇ . بالا بېقىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھازىرقى ئاتا-ئانام يېرىم كېچىدە بىر تېلفۇن قۇبۇل قىپتۇ:«ئويلىمىغان يەردىن بىر ئوغۇل بالا چىقىپ قالدى، سىلەر بېقىۋېلىشنى خالامسىلەر؟». ئۇلار قوشۇلۇپتۇ. كېيىن ئۆز ئاپام مېنىڭ ھازىرقى ئاپامنىڭ ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسى يوقلىقىنى ، ھازىرقى دادامنىڭ بولسا ھەتتا تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەنلىكىنى بايقاپ رەسمىيەتلەرگە قول قۇيۇشنى رەت قىپتۇ. نەچچە ئايدىن كېيىن مېنىڭ ھازىرقى ئاتا-ئانام مېنى ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئاندىن قوشۇلۇپتۇ. مېنىڭ ھاياتىم مانا مۇشۇنداق باشلانغان .

      17 يىلدىن كېيىن مەن ئالىي مەكتەپكە كىردىم. ئەينى ۋاقىتتا بىلمەي قېلىپ ئوقۇش پۇلى Stanford ئۈنىۋېرسىتېتى بىلەن ئوخشاش قىممەتتىكى بىر ئالىي مەكتەپنى تاللاپتىمەن. ئاتا-ئانامنىڭ يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۇلۇمغا كەتتى. 6 ئاي ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇنداق ئوقۇشنىڭ زادى قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمىدىم. ئۇ چاغلاردا بۇ ئۆمرۈمدە نېمە ئىشلارنى قىلىشنى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ بۇ سۇئالىمغا قانچىلىك ياردىمى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى خەجلەۋاتاتتىم. شۇڭا مەن ئوقۇشتىن توختاشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن «باشقا كەلگەندە باتۇر  » بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ قارار كېيىن قارىسام مەن چىقارغان توغرا قارارنىڭ بىرى بولۇپ چىقتى.    

     

    ئوقۇش توختاتقاندىن كېيىن مېنى قىزىقتۇرالمايدىغان دەرىسلەردىن توختاپ، ۋاقتىمنى ئۆزۈم قىزىقىدىغان دەرىسلەرنى ئاڭلاشقا سەرپ قىلدىم .

        كۈنلىرىم ئۇنچىلىك رومانتىك ئەمەس ئىدى. مىنىڭ ياتىقىم يوق بولغاچقا دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە پولدىلا ئۇخلايتتىم. كولا قۇتىسىنى يىغىپ تاپقان بەش شىللىڭ پۇلغا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ يەيتتىم. بىر ۋاق ياخشى تاماق يىيىش ئۈچۈن ھەر يەكشەنبە كەچ 7  ئىنگىلىز مىللى (تەخمىنەن 11 كېلومېتىر ) يىراقلىقتىكى ھىندىستاننىڭ Hare Krishna ئىبادەتخانىسىغا باراتتىم. ئۇ يەردىكى تاماقلارنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم. ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ۋە بىۋاستە سېزىمىغا ئاساسەن ئىگىلىگەن نۇرغۇن نەرسىلىرىم كېيىنكى كۈنلەردە قىممەتلىك بايلىقىم بولۇپ قالدى.

    مىسالغا ئالسام :

       ئەينى چاغدا Reed ئۇنۋېرسىتېتى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ياخشى دېگۈدەك ئوقۇتۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيتتى. مەكتەپنىڭ ھەربىر پارچە تام گېزىتى، تارتمىلارنىڭ ئىزاھنامىسىدىمۇ چىرايلىق قول يازمىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكتىن نورمال تەرتىپ بويىچە دەرس ئوقۇمىساممۇ بولىدىغان بولغاچقا، خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. مەن serif  ۋە san serif  خەت نۇسخىسىنى، باسمىچىلىق سەنئىتىنى سەرخىللاشتۇرغان ئوخشىمىغان ھەرپ بىرىكمىسىنىڭ ئارلىقىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگەندىم. مەن ئۇنىڭدىن پەن ئارقىلىق ھېس قىلغىلى بولمايدىغاب تارىخىي، بەدىئىي گۈزەللىكنىڭ كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم .

       بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ تۇرمۇشۇمدا قانداق ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. بىراق 10 يىلدىن كىيىن، مەن تۇنجى Macintosh كومپىيۇتېرنى لاھىيەلەۋاتقاندا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئېسىمگە ئېلىپ ئىشلەتتىم. شۇڭا Macintoshچىرايلىق نەرسىلەرنى بېسىپ چىقىرالايدىغان تۇنجى كومپىيۇتېر بۇلۇپ قالدى. ئەگەر مەن خەتتاتلىق دەرىسىگە كىرىشىپ قالمىغان بولسام ،  Mac مۇ ھەرخىل خەت نۇسخىسى ۋە نىسبەت بويىچە ئۆزگەرتىلگەن خەت شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بولاتتى. ئەگەر Windows  بۇنى Mac  دىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەن بولسا، مەن مەكتەپتىن چىكىنىپ خەتتاتلىق دەرىسىنى ئۆگەنمىگەن بولسام ئېھتىمال شەخسىي كومپىيۇتېرنىڭ ھىچقايسىسىدا ھازىرقىدەك ھەرخىل چىرايلىق خەت نۇسخىسى بولمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بۇلارنى بىر بىرىگە باغلاشتۇرۇپ ئالدىن مۆلچەرلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 10 يىلدىن كېيىنكى ئەمىلىيەت بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .

        دېمەك، سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كىچىك نۇقتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىيەلمەيسىز. پەقەت ئۆتمۈشىڭىزگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. شۇڭا ئىشىنىڭكى سىز ئۆگەنگەن ئۇششاق –چۇششەك ئىشلار ھاياتىڭىزدا بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ. ئازدۇر-كۆپتۇر بىرەر نەرسىگە ئىشىنىڭ، مەيلى بىۋاستە سىزىم، تەغدىر ياكى ھاياتلىق دېگەندەك. بۇ گەرچە سىزنى داغدام يولدىن مەھرۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ھىچ بولمىسا  ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، يولىڭىز ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ. بۇنداق قىلىش مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە قىلىپ كەلدى .

     

       مېنىڭ ئىككىنچى ھېكايەم : ياخشى كۆرۈش ۋە يۈتتۈرۈش

       ئۆزەمنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغانلىقىمنى بالدۇر بايقىغىنىمدىن ئامەتلىك دەپ چاغلايمەن. 20 ياش ۋاقتىمدا ماشىنا ئىسكىلاتىدا  Woz بىلەن بىرلىكتە Apple  كومپىيۇتېرىنىڭ ئىشلىرىنى باشلىغان ئىدۇق. جاپالىق ئەمگىكىمىز بەدىلىگە 10 يىلنىڭ ئىچىدە Apple ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئىش باشلىغان ئىككى ئادەمدىن چوڭىيىپ 2 مىليون دوللار ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە 4000 خىزمەتچىسى بار بىر چوڭ شىركەتكە ئايلاندى .

      بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتىمىز  Macintosh نى بازارغا سالدۇق. مىنىڭ يېشىممۇ 30 غا بېرىپ قالغانىدى. ئاندىن مەن ئىشتىن بوشىتىلدىم. ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئىشتىن بوشىتىلغان نەدە بار؟  ئەسلى،  Apple چوڭايغاندىن كىيىن مەن ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان بىرىنى بىز بىلەن بىرگە شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئىشلەتتۇق. باشتىكى بىر نەچچە يىلدا ئۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى. كېيىن كەلگۈسى تەرەققىيات ھەققىدە پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقماي قېلىپ، ھەرقايسىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭماقچى بولدۇق. ئويلىمىغان يەردىن باشقۇرۇش ھەيئىتىدىكىلەر ئۇنىڭ پىكرىنى قوللىغاچقا مەن ئىلاجىسىز چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. 30 ياش ۋاقتىم ئىدى. ياشلىقىمنى سەرپ قىلىپ تىكلىگەن ئىگىلىكىم مۇشۇنداقلا يوق بولدى. نېمە قىلىشنى بىلمەيلا قالدىم.

       مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە ئايمۇ ئۆتۈپ سودا ساھەسىدىكى ئۇستازلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردۈم.  HP نىڭ قۇرغۇچىسىDavid Packard بىلەن Intel  نىڭ قۇرغۇچىسى Bob Noycنى ئىزدەپ، ئىشلارنى بۇزۇپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدىم. مەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى مەغلۇبىيەتچىنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ قالغانىدىم. بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەي دەپمۇ ئويلىدىم. بىراق مەن يەنىلا بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. Apple دىكى مەغلۇبىيىتىممۇ بۇ ياقتۇرىشىمنى قىلچە ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى. گەرچە مەن ئىنكار قىلىنغان بولساممۇ  يەنىلا شۇ ئىشلارنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇڭا ھەممىنى باشتىن باشلاشنى قارار قىلدىم.

    ئەينى ۋاقىتتا بايقىماپتىكەنمەن، بىراق كېيىن بىلدىمكى Apple دىن چىكىنىپ چىققىنىم مەن بېشىمدىن كەچۈرگەن ئەڭ ياخشى ئىش ئىكەن. ھېچقانداق ئىشنى جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپ ھەممە ئىشنى يېڭىدىن باشلاش جاپا مۇشەققەتتە قالغان غەلىبە قازانغۇچى بۇلۇشقا قارىغاندا ئاسان تۇيۇلدى، ئەركىن ھالدا ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئىجادىي مەزگىللىگە قەدەم قويدۇم. كېيىنكى 5 يىلدا مەن ئارقا-ئارقىدىن  NeXT ۋە Pixar  شىركىتىنى ئاچتىم، ھازىرقى ئايالىم  Laurene بىلەن تۇنۇشتۇم.  دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم كومپىيۇتېردىلا ئىشلەنگەن كارتون فىلىمى  Toy Storyنى ئىشلەپ چىقىلدى. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كارتون فىلىمى ئىشلەش مەركىزى بۇلۇپ قالدى . كېيىن Apple  شىركىتى  NeXT نى سېتىۋالدى، مەنمۇ  Apple غا قايتتىم. بىز  NeXT  تا تەرەققى قىلدۇرغان تېخنىكا  Apple نىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىدىكى يادرو بولۇپ قالدى. كېيىن  ھازىرقى ئايالىم  بىلەن  بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىمىزنى قۇردۇق.

      جەزىملەشتۈرىمەنكى، ئەگەر Apple دىن چىقىرىۋېتىلمىگەن بولسام بۇ ياخشى ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. خۇددى كېسەلگە پايدا قىلىدىغان ئاچچىق دورىغا ئوخشاش. تۇرمۇشتا بەزىدە كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ. قىلىۋاتقان ئىشىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم مېنىڭ ئالغا بېسىشىمغا تۈرتكە بولۇۋاتقان بىردىن بىر نەرسە. سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك، خۇددى سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى تاپقاندەك چىن بولسۇن. سىز قىلىدىغان خىزمەت ھاياتىڭىزنىڭ بىر چوڭ بۆلىكى بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىز مەمنۇن بولغۇدەك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى- سىز ئۇلۇغ دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىش. شۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى تېخى بايقىمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئىزدەڭ، بوشىشىپ قالماڭ. ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ ئىزدىسىڭىز چۇقۇم تاپالايسىز. ئاندىن خۇددى باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بوشاشماي ئىزدەڭ، توختاپ قالماڭ.

     

       ئۈچىنچى ھېكايەم : ئۆلۈم

     

       17 ياش ۋاقتىمدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان ئىدىم :« ھەربىر كۈنىڭىزنى خۇددى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدەك ئۆتكۈزسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز.» بۇ سۆز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن 33 يىل مابەينىدە، ھەركۈنى ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمدىن مۇنداق سورايتتىم : « ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان بولسا، يەنە بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلارمىدىم؟ » ئەگەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن ياق دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسام، ئېنىقكى تۇرمۇشۇمغا چۇقۇم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىم كېرەك.

       ئۆزەمگە ئۆلۈمنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش چوڭ تاللاشلارنى  قارار قىلىشىمدىكى مۇھىم قۇرال بۇلۇپ كەلدى. ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا پەقەت ھەقىقىي نەرسىلا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. تاشقى دۇنيادىن كۈتكەن تەلەپ، نام ئاتاق، ئوڭايسىزلىنىشتىن ياكى مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ. دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش بىرەر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەشتىن خالىي بولۇشنىڭ مەن بىلىدىغان ياخشى چارىسى. بىز بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەن، ھەم ھېچنىمىنى بىرگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالماسلىققا ھېچقانداق سەۋەبىڭىز يوق.

      بىر يىل ئىلگىرى دوختۇرلار ماڭا راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويدى. ئەتىگەن سائەت 30 : 7 دىكى سىكانىرلاش نەتىجىسى ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئۆسمە بارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. دوختۇر ماڭا بۇنىڭ داۋالىغىلى بولمايدىغان راك ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ يەنە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە ئۆمرۈمنىڭ قالغانلىقىنى، ئۆيگە قايتىپ ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېيتتى. بۇ دوختۇرلارنىڭ مەندەك بىمارغا بېرىدىغان ئۆلچەملىك جاۋابى ئىدى. بۇ دېگەنلىك سىز كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بالىلىرىڭىزغا ئېيتماقچى بولغانلىرىڭىزنى قالغان مۇشۇ بىرنەچچە ئايدا دەپ بولۇشىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئىمكانقەدەر ئاسان بولىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز، ئاندىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىشىڭىز كېرەك. ھەر كۈنى بۇ دىئاگنوز كاللامغا كىرىۋالدى. كېيىن بىر كۈنى كەچتە تىرىك تۇقۇلما تەكشۈرتكۈزدۈم. بىر دانە ئىچىدىن كۆزىتىش ئەينىكىنى كانىيىمدىن سېلىپ ئاشقازان ئارقىلىق ئۈچەيگە كىرگۈزدى. بىر دانە يىڭنىنى ئاشقازان ئاستى بېزىگە چوقۇپ ئۆسمىدىن ئازراق ھۈجەيرە ئالدى. ماڭا تىنىچلاندۇرۇش ئوكۇلى بېرىپتۇ. كېيىن ئايالىم ماڭا دوختۇرلار ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە خوشاللىقىدىن ۋارقىرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى بۇ بىر ئوپىراتىسىيە بىلەنلا ساقىيىدىغان ئادەتتىكى ئۆسمە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوپىراتىسىيە قىلدۇردۇم. مانا ھازىر ساپساق تۇرۇپتىمەن.

      ئۇ چاغدا ئۆلۈم ماڭا يېقىنلاپلا كەلگەنىدى. ئۇ قېتىمقىسىنى كېيىنكى نەچچە ئون يىلنىڭ ئىچىدىكى ئۆلۈمگە ئەڭ يىقىنلاشقان بىر دەقىقە بۇلۇپ قالسىكەن دەيمەن. بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۆلۈمنى پەقەت بىر مەۋھۇم ئۇقۇم دەپ قارايتتىم. ھازىر جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتالايمەنكى : ھىچكىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق، ھەتتاكى جەننەتنى خىيال قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە ئۆلۈپ كىرگۈسى يوق. بىراق ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بارار جايى، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. چۈنكى ئۈلۈم ھاياتلىق ياراتقان ئەڭ ياخشى كەشپىيات. قېرىلارنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ، يېڭىلارنى كۈتۈۋالىدۇ. ھازىر سىلەر تېخى ياش، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي يىللار سىلەرنىمۇ قېرىتىپ، ئۇزىتىپ قويىدۇ. كەچۈرۈڭلار، دىراممىلاردىكى سەھنە سۆزىدەك سۆزلەپ قويدۇم، بىراق بۇ ئەمىلىيەت.

     

       ۋاقتىڭىز ئىنتايىن چەكلىك، شۇڭا ۋاقتىڭىزنى باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەن تۇرمۇشنى كەچۈرىمەن دەپ ئىسراپ قىلماڭ. بەزىبىر بىمەنە كۆز قاراشلاردىن قايمۇقۇپ قېلىش باشقىلارنىڭ تەپەككۈر نەتىجىسىنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاشتىن باشقا ئىش ئەمەس. باشقىلارنىڭ پىكىرى ئۆز يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىنى يۈتىۋەتمىسۇن. ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ بىۋاستە سېزىمىڭىزگە، يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سېلىشقا جۈرئىتىڭىز بولىشى كېرەك. پەقەت شۇلارلا سىزنىڭ زادى قانداق ئادەم بولغۇڭىز بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

     

       ياش ۋاقتىمدا ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان   The Whole Earth Catalog دەيدىغان بىر ژورنال بار ئىدى. بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان Menlo Park دېگەن يەردىكى  Stewart Brand ژۇرنالنى شېئىرى تۈسكە ئىگە قىلىپ چىقىراتتى. 1960– يىللارنىڭ ئاخىرى شەخسىي  كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر بولمىغاچقا، خەت ئۇرۇش ماشىنىسى، قايچا ۋە  Polaroid فوتو ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتەتتى. ژۇرنالنىڭ مەزمۇنى قەغەزگە بېسىلغان  Google غا ئوخشاش بۇلۇپ،  Google بارلىققا كېلىشتىن 35 يىل بۇرۇن غايىۋى، ئىلغار ئاڭ ۋە يېڭىلىق تارقىتىشتىكى ئېسىل قۇرال ئىدى. بۇ ژۇرنالدىن بىر نەچچە سان نەشىر قىلىنىپلا توختاپ قالدى. ئۇ  1970- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، مەن سىلەر دېمەتلىك ئىدىم. ئاخىرقى سانىنىڭ كېيىنكى مۇقاۋىسىدا بىر پارچە سەھرا يولىنىڭ ئەتىگەندە تارتىلغان سۈرىتى بار ئىدى. بۇنداق يولنى سىز خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تاققا ياماشقىنىڭىزدا ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن. رەسىمنىڭ ئاستىدا مۇنۇ خەتلەر بار ئىدى : « بىلىمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا »  .  بۇ ئۇلارنىڭ ئېيتماقچى بولغان ئاخىرقى سۆزلىرى ئىدى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇنى ئۆزۈمدىن تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ھازىر سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يېڭى بىر باشلىنىشتا تۇرۇۋاتىسىلەر، ئەمدى بۇنى سىلەرگە قالدۇرماقچىمەن: .

        « بىلىمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا! »

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.