جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشى

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-08 01:46:00

جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشى تيەن رويۇچىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن 2007-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى. ئەنگىلىيىلىك ئايال يازغۇچى دورىس لېسسىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائى...

    جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشى

         تيەن رويۇچىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن 2007-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى. ئەنگىلىيىلىك ئايال يازغۇچى دورىس لېسسىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ 10مىليون شۋېتسىيە كورۇناسى(تەخمىنەن بىر مىليون 540مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ روھىي ھالىتى مۇرەككەپ بولدى. جۇڭگولۇقلار نوبىل مۇكاپاتىنى جۇڭگولۇق ياڭ جېننىڭ، لى جىڭداۋلار نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن چۈشىنىشكە باشلىدى. ئەقىللىق جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇقلار ئەقىللىق، دېيىشتى باشقىلار، بىزمۇ شۇنداق دېيىشتۇق. جۇڭگولۇقلار نانقېپى ئەمەس، ھەممە نەرسىدە بىرىنچىلىكنى تالىشىدۇ، بۇ تەرىپى ياخشى. شۇغىنىسى مۇشۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن ئېقى كېلىشمەيدىغانداك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلار نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەك چوڭ بىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ھەر يىلى چېپىلغاقلار چىقىپ دۆلەت ئىچىدىكى ، ياكى چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇقلارنى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بار بولغان ئۇلۇغ ئەدەبىيات نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغاندەك قىلىدۇ، مەيلى مۇھاكىمە بايان ۋە چۇ بەگلىكى دەۋرىدىكى كۈيلەر، سوڭ دەۋرىنىڭ نەزمىلىرى، مىڭ، چىڭ دەۋرىنىڭ رومانلىرى بولسۇن ھەممىسى ئەدەبىيات جەھەتتە ناھايىتى شانلىق سەھىپە ياراتتى. يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىمۇ نۇرغۇن ئۇلۇغ يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. يېقىنقى يىللاردا باجىن ھايات چېغىدا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ قىزىق نامزاتى ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ يېشىنى چوڭ كۆرۈشتىمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ باجىن نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل بولالمىدى. ئەلۋەتتە، باجىنمۇ نوبىل مۇكاپاتىنى قىلچە چوڭ بىلمەيتتى.

        2000-يىلى فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان گاۋ شىڭجەن ئىسىملىك بىر جۇڭگولۇق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئىش ئەينى چاغدا جۇڭگودا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. گاۋ شىڭجەن دېگەن كىم ؟ دېيىشتى جۇڭگولۇقلار، ئۇ قانچىلىك ئەسەر يېزىپتىكەن؟ نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئۇنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ: ” ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئامىباپ قىممەت، ئىنچىكە كۈزىتىش ئىقتىدارى ۋە تىلىنىڭ موللىقى ، ئۆتكۇرلىكى بىلەن جۇڭگو يېزىقىدىكى ھېكايىچىلىق سەنئىتى ھەم چاڭچىلىگە(تىياتىرچىلىققا) يېڭىچە يول ئاچقان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: تەڭداشسىز نادىر ئەسەر دەپ تەرىپلەنگەن «لىڭشەن تېغى» ۋە جۇڭگودىكى تۇنجى كىچىك تىياتىرخانا دراممىسى دەپ تەرىپلەنگەن «مۇتلەق سىگنال» لار بار.“ دېيىلگەن باھالاش سەۋەبىگە ئاساسەن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار توردىن «لىڭشەن تېغى» نى ئىزىدىشىپ ئوقۇشتى، ئوقۇماستا ھېچگەپ يوق، ئوقۇپلا ئوشۇقى ئالچۇ قوپۇشتى، چۈنكى جۇڭگولۇقلار «لىڭشەن تېغى» نى ئوقۇپ چۈشىنەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. بەزىلەر ھەتتا مۇنداق دېيىشتى: ” پۈتۈنلەي سىياسىي باھانە ئۈچۈنلا مۇشۇنداق باھالاشقان.“ مۇشۇنىڭ تەسىرىدە ئەينى چاغدا مەن «گاۋ شىڭجەننىڭ باھانىسى» دېگەن ماقالىنى يازغان ئىدىم. بۇنى سىياسىيغا چېتىۋېلىشمۇ بىر مۇرەككەپ روھىي ھالەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشىدىن ئىبارەت ئىكەن. شۇغىنىسى مەن بىر مەسىلىنى بارا-بارا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دېگەن غەربلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان بىر خىل چۈشەنچىسى ئىكەن.

        بۇ ئەنئەنە، تىل، مەدەنىيەت، كۆز قاراش، مۇھىت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر خىل كۈزىتىشتۇر. گەرچە تەرجىمە ۋاستىسى قوللىنىلسىمۇ، مېنىڭ قارىشىمچە بەزى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلتۇر ئەنگىلىيىگە بارغاندا بىر ئۇلۇغ شائىرنىڭ تۇرالغۇسىنى زىيارەت قىلدۇق، ھەمدە ئۇنىڭ بىرمۇنچە ئۇلۇغ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەلۋەتتە ھەممىسى تەرجىمە نۇسخىسى ئىدى. ئوقۇغاندىن كېيىن مەندە قىلچىمۇ ھاياجانلىنىش كۆرۈلمىدى، مۇشۇنداق ئەسەرنىمۇ ئۇلۇغ دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ تىل مۇھىتىدىكى مەسىلىمىدۇ؟ ئەكسىچە ئېيتقاندا، بەزى غەربكلىكلەردە تاڭ نەزمىلىرنى ئوقۇپ ھېچقاندق ھېسسىيات پەيدا بولمىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، تىل مۇھىتى پەقەتلا بىر ئامىلدىن ئىبارەت خالاس. ئەلۋەتتە يەنە باشقا ئامىللارمۇ بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىنى پىششىق چۈشىنەلىشى بىر مۈشكۈل ئىش. ئەلۋەتتە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىدىمۇ ئاتالمىش جۇڭگوشۇناسلار باركەن، ئەمما بۇ كىشلىەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى، ئانتروپولوگىيىلىك ئادەتلىرى بىلەن بەك چوڭ ياكى بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، دىققەت قىلدىمكى بۇ ئەمەلىيەتتە غەربلىكلەرنىڭ شەرقلىقلەرگە بولغان قارىشىكەن. ئاختۇرۇپ باقسام، يېقىنقى 22 يىلدىن بېرى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياۋروپا-ئامېرىكىلىق يازغۇچىلاركەن، شەرقلىقلەردىن گاۋ شىڭجەندىن باشقا ياپونىيىلىك چوڭ يازغۇچى جاڭجەن سەنلاڭ 1994-يىلى ئېرىشىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرەر-ئىككى ئافرىقىلىق يازغۇچى باركەن.

        بۇ غەربلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتقا باھا بېرىشتە ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شەرقلىق ياكى ئافرىقىلىق يازغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ باھالىغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا تاللاش ئۆلچىمى يەنىلا غەربلىكلەرنىڭ ھېسسىياتىغا يېقىن ياكى شۇلارنىڭ ھېسسىياتى بويىچە شەرھىلەنگەن ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن گاۋ شىڭجەننىڭ «لىڭشەن تېغى» دېگەن ئەسىرىنى ئالساق ئۇ ئەسلا جۇڭگولۇقلارنىڭ مەدەنىيەت ئادىتى بويىچە يېزىلمىغان بولىشى مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قارىشىم ناھايىتى ئېنىق – بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى بۇ مۇكاپات جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەمەس، جۇڭگو مەدىنىيىتىگىمۇ تەئەللۇق ئەمەس. بۇ مۇكاپات باشقا ھەراقانداق رىقابەت تۈسىدىكى تەنتەربىيە مۇكاپاتىغا ئوخشىمايدۇ. بەلكى بەدئىي گىمناستىكىغا ئوخشايدۇ، يەنى ئۇنىڭغا ئادەم نومۇر قويىدۇ، بىر يۇقىرى نومۇر، بىر تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئوتتۇرىدىكى كىشىلەر بولسا سىزگە غەلىتە نەزەر بىلەن تىكىلىپ تۇرۇشىدۇ. شۇنداق تۇرسا سىز غەلىبە قىلالايتتىڭىزمۇ؟ ئەمما جۇڭگولۇقلار يەنىلا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشىنى كۆرۈۋېرىۋاتىدۇ. يېقىندىن بېرى باشقلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان جۇڭگو يازغۇچىلىرىنى قىياس قىلىشىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلار قىياس قىلغانلاردىن : جاپىڭۋا، مويەن، يۈخۇا، بېي داۋ، يەن ليەنكې، سەن شۆ قاتارلىقلار بار. چۈش كۆرۈش ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى، ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ. ئەمما ئۇيقىدىن ئويغاندىن كېيىن ئادەم سەگەك بولىشى كېرەك، چۈنكى كۈن چىقتى، سېسىق ئوسۇرۇپ يېتىۋەرگىلى بولمايدۇ. ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزغا مېڭىشىمىز كېرەك. 天若有情 ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ۋېنجۇلۇقلار بىلوگى تورىغا يوللانغان، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق